ئۇ ئۆزىنى پەقەت يۈز دىنارنى ئېلىپ كەلگەنلەرگىلاتاپشۇرىدىغان ئىنتايىن گۈزەل ۋە جەلىپكاربىرپاھىشە ئايال.كۈنلەرنىڭ
بىرىدە بۇ ئايال بىر ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاندا بۇ يەردە اللە ئىبادىتى بىلەنلا مەشغۇ بۇلىدىغان ،شۇ
نەپسىگىچە ياراتقۇچىسىغا ھىچ بىر ئاسىيلىق قىلىپ باقمىغان بىر ئىبادەتكار بەندە ئۇ ئايالغا قاراپ ھەيرانە ھەسلىككە چۆمىدۇ،
شەيتان قاپقىنىغا چۈشىدۇ.
<<
دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن قورقۇڭلار>>دىگەن مۇبارەك سۆزنى قىلغان اللەنىڭ رەسۇلى (ئۇنىڭغاسالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن)ھەقىقەتەنمۇ راست سۆزلىگۈچىدۇر.
ھېلىقى ئىبادەتكار(ئابىد)نىڭ گىپىگەقايتساق ،ئۇ يولدىن تېيىلىدۇ.ئايالدىن ئۆزى بىلەن بىرگە بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.يۈزدىنارلىق بۇئايال قۇرۇق قول كەلگەن بۇ كىشىنى رەت قىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ،ئارتۇق پۇلى تۇرماق،جېنىنى ئاران جان ئېتىپ كىتىۋاتقان بۇ ئابىديۈز دىنار كۇيىدا ئىبادەتخانىنى تاشلاپ ،ئۆزىنى رىيازەت كوچىسىغا باشلاپ ،مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەتتە يۈز دىنارنى يانچۇققا توملاپ ،پاھىشە ئايالنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى
ئالدىدا ئىشىك چىكىدۇ.ئايالغا تۇنۇشلۇق بىرىپ ،يۈزدىنارنى ساق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلەن سۆز تىشىدۇ.ئايال ئۇنى قەسىرگە
باشلاپ ئالتۇن يالىتىپ تۇلىمۇ كۆركەم زىننەتلەنگەن كارۋىتىغا جىلۋە بىلەن تەكلىپ قىلغاندا ،ئۇكىشى ئولتۇرۇپ قالسا بۇلىدۇ.
<<
ئەجەبا،سىز بىلەن چوقۇم بىرگە بۇلىمەن دەۋاتمامتىڭىز ؟ئەمدى ئولتۇرۇپ قالدىڭىزغۇ؟>>دەپ سورايدۇ ئۇ ئايال.
ئۇكىشى:{
اللە تائالا ئەززەۋە جەللىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا يۈزلىنىدىغانلىقىم خىيالىمدىن كىچىۋىدى،تىنىم جېنىمنى كۆتىرەلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم}دىگەن جاۋابنى بېرىۋىدى،ئۇئايالنىڭ ھەم قەلبى تىتىرەپ ،تەنلىرى جۇغۇلداپ ،قورقۇپ كىتىدۇ ۋە
<<مەن بىلەن توي قىلماي تۇرۇپ بۇ ئۆيدىن چىقمايسىز،>>دەپ تۇرۋالدى.
<<اللە بىلەن قەسەمكى مەن سىز بىلەن توي قىلمايمەن ،بۇدىنارلارنى ئېلىڭ ،مىنى قۇيۇپ بېرىڭ ،مەن چىقىۋالاي>>دەپ
يالۋۇرىدۇ ئىبادەتكار.
ئەممائايال ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش تەلىپىدە يەنىلا چىڭ تۇرۋالدى.
ئۇكىشى زىنا ئۈچۈن پۇل تاپىمەن دەپ ئىبادەتنى تەرك ئىتىپ ،گۇناھ پاتقىقىغا پېتىپ يۈرگىنىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىپ ،
بۇ پاھىشە ئايالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ،مىنىڭ يۇرتۇم پالانى يەردە ئەگەر سىز تەۋبە قىلغان ھالەتتە كەلسىڭىز ،سىز بىلەن
توي قىلىشىم مۈمكىن ،-دەپ ئۇئايالدىن يىراقلاشتى.
خۇددى مۇشۇ قىسىدە بايان قىلغىنىمىزدەك ،بۈگۈنىمىزدىكى بىر قىسىم ياشلىرىمىزمۇ شۇنداق قىلماقتا.ئۇلار پۇل توپلاپ اللە تائالاغا
ئاسىيلىق قىلش ئۈچۈن بۇزۇقچىلىققا ئېچىۋېتىلگەن شەھەرلەرگە بېرىشىدۇ.................................
ئاندىن ئۇلار ھىچ ئىش بولمىغاندەك قايتىپ كىلىشىدۇ.گۇيا ھەممىدىن ئىززەتلىك ،ئۈستۈن ،پاك ۋە بارلىق ھەمدۇ-سانا ماختاشلار
ئۆزىگە خاس بولغان يۈكسەك كۈچ قۇدرەت ئىگىسى اللە ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئۇلارنى ئۆز شەھەرلىرىدىن باشقا شەھەرلەردە
كۈزىتىپ تۇرمايدىغاندەك.........
اللە ئۇلارغا ھىدايەت قىلسۇن!!!
ئەلقىسسە،،شۇنىڭدىن كىيىن ،ئۇ ئايالنى پاھىشىنىڭ قەبىھلىكى چۆچۈتىدۇ،ئەشەددى گۇناھتا ھەددىدىن ئاشقانلىق ئىچ باغرىنى
ئۆرتەيدۇ. بۇ پاھىشە ئايال ئاخىرى ياراتقۇچىسىغا قايتىپ اللەقا سەمىمى تەۋبە قىلىدۇ،ۋە بۇ تەۋبىگە سەۋەب بولغان كىشىنى
سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ تاپىدۇ.
ئايال ئۇ ئىبادەتكار نىڭ ئىشىكىنى قاقىدۇ،ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان پاھىشىنى كۆرگەن ھېلىقى كىشى ھېلىقى چاغنى ئەسلەپ
ئۆزىنى يۇقىتىدۇ- دە ، دەھشەتلىك بىر پەرياد ئۇرۇپ جان تەسلىم قىلىدۇ.
ئۇ ئايال بۇ ئىشتىن كىيىن ،قاتتىق قايغۇرىدۇ،بۇ كىشىگە بولغان ھۆرمەت -مۇھەببەت يۈزىسىدىن ئۇنىڭ بىرەر تۇغقىنى بىلەن
بولسىمۇ توي قىلىمەن دىگەن نىيەتكە كىلىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن ھېلىقى ئىبادەتكار سالىھ (توغرايول تۇتقۇچى)
كىشىنىڭ ئاق كۆڭۈل ،تەقۋا بىر كەمبەغەل بىر قېرىندىشى بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ.
پەرۋەردىگارى ئالەم (ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى)نىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۇرۇغىدىن يەتتە نەپەر دىندار ،
ئىبادەتكار ،ئىتائەتمەن ،تەقۋادار پەزەنت يېتىشىپ چىقىدۇ.
[ aykutتەرىپىدىن2010-06-18 14:13قايتا تەھرىرلەندى ]