ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ ساي ئەھلى ھەممىڭلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇك بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن . . كەڭ ساي تورى كۈندىن - كۈنگە تەرەققىي قېلىپ ، ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ئالدى بولۇپ قالدى . تېمىلىرى سەر خىل ئىنكاسلىرى ھەم سەرخىل ، قاچانلا تورغا چىقسام ، ئاۋۋل چىقىدىغىنىم مۇشۇ كەڭ ساي تورى . ئۆتكەندە ھەمزە قېرىندىشىم ئەرەپچىدىن ، بىر ئوبدان دەرىس بېرىۋاتقان ئېدى . ئاخىرىنى داۋام ئەتمەي توختىتىپ قويدى . باياتىن ئولتۇرۇپ ئاساسى جەھەتتىن ھەممە سەھىپە تولۇق ئىكەن . لىكىن تىل ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشتىن ئىبارەت ، بىرلا سەھىپە كەم قاپتۇ دېگەننى ئويلاپ قاپتىمەن . دەرىسىڭ بىر بولسۇن ، تەكرارىڭ مىڭ بولسۇن دېيىلگىنىدەك ، بولسا جىق ئەمەس ئۇيغۇرچە - ئەرەپچە ، ئۇيغۇرچە - خەنزۇچىدىن كۈنىگە بىر جۈملىدىن ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرى سەھىپىسىنى يولغا قويغىلى بولامۇ دېگەن ئۈمۈتتىمەن . سىلەرچە قانداق بولار ئويلىشىپ باقساڭلار ؟؟