بارچە مىللەت ئۆم - ئىناق، قان - قېرىنداش ئەزەلدىن،
كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرت - ۋەتەنداش ئەزەلدىن.
قان - تەر تۆكۈپ بىرلىكتە چۆلنى بوستان ئەيلىگەن،
ئىشچان شۇنچە بىلەكلەر غول - تومۇرداش ئەزەلدىن.
بۇزالمىغان ھېچبىر كۈچ قېرىنداشلىق مېھرىنى،
كۈرەشلەردە ھەم بولغان چىڭ قارارداش ئەزەلدىن.
تارمار قىلىپ دۈشمەننى، يەر - جاھاننى تەۋرەتكەن،
زەپەر مارشى ھەيۋەتلىك، جۆر ئاھاڭداش ئەزەلدىن.
يېقىن ئۆتكەن سىردىشىپ ئورتاقلىشىپ ھەممىدە،
قەلب كۈيى تۇتاشقان ئوي - پاراڭداش ئەزەلدىن.
غەم - قايغۇ ھەم شادلىقتا ئايرىلمىغان ھېچقاچان،
رىشتى مەھكەم باغلانغان تىن - نەپەسداش ئەزەلدىن.
كۈن چۈشكەندە بېشىغا سېنىڭ - مېنىڭ دېمىگەن،
تاپقىنىنى تەڭ يېگەن نان - تائامداش ئەزەلدىن.
بىر ئائىلە ھەممەيلەن خۇددى ئاچا - سىڭىلدەك،
ئايرالمايدۇ ھېچبىر كۈچ، تەڭ سەپەرداش ئەزەلدىن.
مەنبە:قەلەم