قېينىمىغىن دىلبىرىم مېنى
مېنى بۈنچە قېينىما جېنىم،
يارە قىلىپ مېسكىن يۈرەكنى.
دېگەنتىڭغۇ سۆيمەيمەن ھەرگىز،
كۆڭۇل بېرىپ سەندىن بۆلەكنى.
سۈرىتىڭگە قارايمەن ھەر كۈن،
سۆيگۇ ئىزدەپ شەھلا كۆزۇڭدىن،
خەۋرىڭنى ئالالمىدىم ھېچ،
يېنىۋالما قىلغان سۆزۇڭدىن.
ئۈنتالمىدىم پەقەتلا سېنى،
ئۇخلىساممۇ چۈشلىرىمدە سەن.
ئاشىقلىقتا بولدۇم سەۋدايى،
تەلمۇرىمەن يولۇڭغا ھەر دەم.
ئەۋەتىپسەن ئىللىق شامالنى،
ھېدلىرىڭنى سۆيسۇن دېدىڭمۇ؟
ھېجرانلاردا ياكى ئوت بولۇپ،
ئازاپلاردا كۈيسۇن دېدىڭمۇ؟
قېينىمىغىن دېلبىرىم مېنى،
قايتىپ كەلگىن قېشىمغا ئەمدى.
پاك سۆيگۇمنى بېرەي ساڭىلا،
زارىقىشتا كۈتىمەن سېنى.
مەنبە:قەلەم