باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 13581 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاتتىق ساقلىنىڭلار(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1683
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1683دانە
ئۆسۈش: 5165 %
مۇنبەر پۇلى: 19362 سوم
تۆھپىسى: 29 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-27 21:48

قاتتىق ساقلىنىڭلار(ھەمزە)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ھەمزە تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-10-27)
                                       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

ئارىمىزدا ئىنتايىن كەڭ تارقىلىۋاتقان، مۇسۇلمانلارنى ھالاكەت يۇلىغا باشلايدىغان، قېرىنداشلىرىمىز بىلىپ - بىلمەي ماڭغان يۇلىدىن ئېزىپ كىتىۋاتقان بىر ئىش بار ئىكەن. ئۇ بولسىمۇ تېلفۇن، رادىئو،تېلۋېزور  قاتارلىقلاردا ئۇزى ياخشى كۆرگەن كىشىلىرى ئۇچۇن ناخشا تەلەپ قىلىش ئىكەن.
ئۆتكەندە تاكسىغا چۇشۇپ بىر يەرگە ماڭدىم. شوپۇر ماشنىنىڭ رادىئوسىنى چىقىرىپ قۇيۇغلۇق ئىكەن. تۇساتتىن قۇلۇقۇمغا بىر <ۋاپادار> ئۇغۇلنىڭ ئانىسىنىڭ كىسىلىنىڭ تىزراق ساقىيىشىنى ئۇمىت قىلىپ ئابدۇللا ئابدۇرەھىمنىڭ ئەسلەرسەنمۇ دىگەن ناخشىسىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئاڭلاندى. يەنە بىرسى يۇرۇڭقاش دەرياسىدا قاشتېشى ئىزدەۋاتقان دوسلىرىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلىشىنى ئۇمىت قىلىپ شۇ ناخشىنى تەلەپ قىلىپتۇ. مەن بۇلارنى ئاڭلاپ ھەيرانلا قالدىم. ئۇنىڭدىن كىيىنكى مەزمۇنىغىمۇ دىققەت قىلىپ  ماڭدىم. بەزىلەر قىز دوستىنىڭ ئۈزىنى كەچۇرۋېتىشىنى ئۇمىت قىلىپ، يەنە بەزىلەر سودىسىنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن، يەنە بەزىلەر بارلىق ئاشىقلار ئۇچۇن.........
مەن بۇلار  ئاڭلاپ بەكلا ھەيران قالدىم. ئۇلار مۇسۇلمان تۇرۇپ  قۇلىدىن   ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ناخشىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھاجىتىنى تىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ ئىنتايىن بىئارام بولدۇم.
مەن كىچىك ۋاخلىرىمدا قوشنىمىزنىڭ ئۇيىگە كىرىپ تېلۋىزور كۇرەتتىم .  ئۇ چاغلاردىمۇ تەلەپ ۋە تەقدىم دەپ مەخسۇس پىروگراممىسى  بار ئىدى. چوڭلار ئۇنى شۇنچىلىك تەقەززالىق بىلەن كۇتۇپ ئۇنىڭ ۋاقتىنى قولدىن بەرمەي كۇرەتتى. مەنمۇ قاراپ ئولتۇراتتىم. ئىسىمدە قېلىشىچە شۇ چاغدىمۇ ناخشا تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئۇزىنىڭ ئارزۇ - تىلەكلىرىنى تىلەۋەتقانلىقى ئىسىمدە. ھازىر تېلۋىزوردا ئۇ پىروگرامما بارمۇ يوق ئۇنى ئۇقمايمەن.
يەنە بەزىلەر تېلفۇندا تەلەپ قىلىشىدىكەن. قانداق ئۇسۇلدا بولمىسۇن ۋەسىلە قىلىش پەقەت ئاللاھتىنلا بۇلىدۇ. ۋەسىلە قىلغاندا قىلغان ياخشى ئەمەللەر بىلەن بۇلىدۇ.
قېرىنداشلار ئىھتىيات قىلىڭلار . سىلەر ئاددىي سانايدىغان بەزى ئىشلار ئادەمنىڭ ئىمانىنى ھالاك قىلۋېتىدۇ. ئاللاھقا  شىرىك كەلتۇرۇشكە سەۋەپ بۇلىدۇ. ئاللاھقا  كىچىككىنە بىر ئىش بىلەن شىرىك كەلتۇرۇپ تۇرۇپ قىلغان بارلىق ياخشى ئەمەللەر بىكارچى بۇپ كىتىدۇ.
قارىماققا بۇ  ئىش  شۇنچە ئاددىيدەكلا. ئەمما ئىنتايىن خەتەرلىك!
بەزى ئەخمەقلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئاللاھتىن تىلەيدىغان ھاجىتىنى مەخلۇقتىن يەنە كىلىپ قۇلىدىن  ھېچقانداق ئىش كەلمەيدىغان جانسىز بىر نەرسىدىن ياردەم تىلەۋاتقانلىقى نىمە دىگەن يامان !!!!!!!!!!!
بۇنداق قىلىش بۇتتىن ياردەم سورىغانغا ئوخشاشلا  بىر ئىشقۇ.
بۇت دىگەنغۇ جىسمى بار . ئەمما ناخشىنىڭچۇ؟ ئىسمى بار ئۈزى يوق. ئۇنى كۆرگىلى يا تۇتقىلى بولمايدۇ.  ناخشا ئارقىلىق ھاجەت سۇرايدىغانلار نىمە دىگەن ئەقىلسىز نىمە دىگەن ئەخمەق؟؟؟!!!!!
 بۇت دىگەن پەقەتلا ئادەم شەكىلدە ياسالغان جىسىملار بولمايدۇ. ئىنساننى ئۆزىگە قاراتقان، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىن غاپىل قالدۇرۇپ ئىنساننىڭ كۆڭلىنى ئۈزى تەرەپكە تارتقان. يادەرم تەلەپ قىلىش . بىر نەرسە سۇراش. قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە يادرولۇق رول ئوينايدىغان ،ئىنسانلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئاللاھتىنمۇ بەكرەك ئۇزىدىن قورقۇتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بۇت. ئۇ قانداق شەكىلدە بولمىسۇن يەنىلا بۇت.
بىز كۇنلۇكى سۇرە پاتىھەنى نەچچە قېتىم ئۇقۇيمىز. ئۇنىڭدىكى {ياردەمنى پەقەت سەندىنلا تىلەيمىز. ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز} دىگەن مەزمۇننى ئۇقۇپ تۇرۇپ يەنە ياردەمنى ئاللاھتىن باشقا نەرسىلەردىن تىلىسەك ھالىمىز نىمە بۇلۇپ كىتەر؟
كىسەللەرگە پەقەتلا ئاللاھلا   شىپالىق بىرەلەيدۇ. دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئاللاھقا مۇھتاجتۇر. ئاللاھ  ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر. مۇسۇلمانلىق دىگەن پەقەت ئېغىزدا قىلغان قۇرۇق داۋاغىلا ئەمەس،ئەمەلگە،ئىخلاسقا قارايدۇ. سىز  ھەرقانچە كاتتا داموللامنىڭ بالىسى ياكى ئۇزى بۇپ كەتسىڭىز مۇ ئاللاھقا كىچىككىنە شىرىك كەلتۇرۇپ قويسىڭىز ۋە شۇھالىتىڭىزدە ئۈلۈپ كەتسىڭىز بارىدىغان يىرىڭىز دەۋزەخ. دەۋزەخ نىمە دىگەن يامان  جاي !!!!!!!
ئاللا شىرىكنى قەتئىي كەچۈرمەيدۇ.
خەير مۇشۇنچىلىك بولسۇن. ۋاڭبادا ئىدىم ۋاقتىم تۇشاي دەپ قالدى. كەڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ ،ۇشۇ ئىشتىن قاتتىق ساقلىنىشىڭلارنى ئۇمىت قىلىمەن. ھەم مۇشۇ تىمىنى تورغا چىقىدىغان بارلىق شىنجاڭ دىيارىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈپ قۇيشىڭلارنى سۇرايمەن. ھەقنى يەتكۇزۇش ئەڭ ساۋاپلىق ئىش.
ئاپتۇر_ قېرىندىشىڭلار ھەمزە
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1310
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1310دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 13938 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2011-10-21
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-27 23:21

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؛
ھەمزە بارمۇ يا !!      توغرا تىلەكنى پەقەت ئاللاھتىن تىلەيمىز ، كىشى ناخشا تەلەپ قىلىپ شۇنداق كوڭلىگە تىلەكللىرىنى ناخشىدىن تىلەيدىغان پىكىر كىلىپ قالسا  ، راسلا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش بوپ قالىدۇ
    ئويلايمەن   شۇ ناخشىنى سوۋغا سۇپىتىدە يوللىسا  بۇلىشى مۇمكىن(ناخشا مەزمۇنى ساغلام بۇلۇش شەرتى بىلەن) ،  يانا بىرى ناخشا  يوللىغۇچى شۇ كىشىگە ئوز تىلىكىنى بىلدۇرۇش مەقسىتىدە يوللىسىچۇ ، ھەي بۇنى ناخشا يوللىغۇچى ئوزى قاراپ تاللىۋالسا بولغۇدەك  ،     باشتىكىگە چۇشۇپ كەتسە خەتەر ، لىكىن كىيىنكىلىرى بولسا باشقا گەپتە
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1310
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1310دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 13938 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2011-10-21
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-03 13:23

ئەسسالامۇئەلەيكۇم؛
ھورمەتلىك باشقۇرغۇچى بىزدە ئىملا خاتالىقى كۆپ بولسا مەيلى ، لېكىن سىزدە كۆپ بولمىسۇن ،  مۇشۇ ئىككى كۈن ياقى بەك ئالدىراشمۇ ئىشقىلىپ ئىملا خاتالىقى كۆپ بولۇپ قالدىغۇ ئۆزلىرىنىڭ ، داقلىنايلى ئەمەس ، ساقلىنايلى ،مەنغۇ چۈشەندىم  بىكا خەققە كۈلكە بوپ بەرمىسۇن دەيمىنا ،،   سۆزىڭىزگە كەلسەك ھەقىقەتەن ئىھتىياتچان بولسا ياخشى ، لىكىن ھەممىنى شىرىك دەپ ھەيدىۋىتىشكە بولمايدۇ ، تەبرىكلىسە(ئەلۋەتتە دىنغا مۇۋاپىق ئىشلارنى ،مەسەلەن توي قاتارلىق) ، كوڭول ئىزھارى سۇپىتىدە يوللىسا شىرىككە كىرمەيدۇ  دەپ ئويلايمەن.
[ ئەلىتەرىپىدىن2010-11-05 15:37قايتا تەھرىرلەندى ]
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1310
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1310دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 13938 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2011-10-21
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-03 13:24

ئىنكاسنى يوللاپ بوپ كۇلۇپ كەتتىم ،ئوزەمنىڭمۇ خاتا بوپ قاپتۇ ،  بولدى سوزۇمنى قايتۇرۋالدىم ، ھەممىمىز دىققەت قىلايلى