查看完整版本: [-- قاتتىق ساقلىنىڭلار(ھەمزە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> قاتتىق ساقلىنىڭلار(ھەمزە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

ھەمزە 2010-10-27 21:48
                                       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

ئارىمىزدا ئىنتايىن كەڭ تارقىلىۋاتقان، مۇسۇلمانلارنى ھالاكەت يۇلىغا باشلايدىغان، قېرىنداشلىرىمىز بىلىپ - بىلمەي ماڭغان يۇلىدىن ئېزىپ كىتىۋاتقان بىر ئىش بار ئىكەن. ئۇ بولسىمۇ تېلفۇن، رادىئو،تېلۋېزور  قاتارلىقلاردا ئۇزى ياخشى كۆرگەن كىشىلىرى ئۇچۇن ناخشا تەلەپ قىلىش ئىكەن.
ئۆتكەندە تاكسىغا چۇشۇپ بىر يەرگە ماڭدىم. شوپۇر ماشنىنىڭ رادىئوسىنى چىقىرىپ قۇيۇغلۇق ئىكەن. تۇساتتىن قۇلۇقۇمغا بىر <ۋاپادار> ئۇغۇلنىڭ ئانىسىنىڭ كىسىلىنىڭ تىزراق ساقىيىشىنى ئۇمىت قىلىپ ئابدۇللا ئابدۇرەھىمنىڭ ئەسلەرسەنمۇ دىگەن ناخشىسىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئاڭلاندى. يەنە بىرسى يۇرۇڭقاش دەرياسىدا قاشتېشى ئىزدەۋاتقان دوسلىرىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلىشىنى ئۇمىت قىلىپ شۇ ناخشىنى تەلەپ قىلىپتۇ. مەن بۇلارنى ئاڭلاپ ھەيرانلا قالدىم. ئۇنىڭدىن كىيىنكى مەزمۇنىغىمۇ دىققەت قىلىپ  ماڭدىم. بەزىلەر قىز دوستىنىڭ ئۈزىنى كەچۇرۋېتىشىنى ئۇمىت قىلىپ، يەنە بەزىلەر سودىسىنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن، يەنە بەزىلەر بارلىق ئاشىقلار ئۇچۇن.........
مەن بۇلار  ئاڭلاپ بەكلا ھەيران قالدىم. ئۇلار مۇسۇلمان تۇرۇپ  قۇلىدىن   ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ناخشىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھاجىتىنى تىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ ئىنتايىن بىئارام بولدۇم.
مەن كىچىك ۋاخلىرىمدا قوشنىمىزنىڭ ئۇيىگە كىرىپ تېلۋىزور كۇرەتتىم .  ئۇ چاغلاردىمۇ تەلەپ ۋە تەقدىم دەپ مەخسۇس پىروگراممىسى  بار ئىدى. چوڭلار ئۇنى شۇنچىلىك تەقەززالىق بىلەن كۇتۇپ ئۇنىڭ ۋاقتىنى قولدىن بەرمەي كۇرەتتى. مەنمۇ قاراپ ئولتۇراتتىم. ئىسىمدە قېلىشىچە شۇ چاغدىمۇ ناخشا تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئۇزىنىڭ ئارزۇ - تىلەكلىرىنى تىلەۋەتقانلىقى ئىسىمدە. ھازىر تېلۋىزوردا ئۇ پىروگرامما بارمۇ يوق ئۇنى ئۇقمايمەن.
يەنە بەزىلەر تېلفۇندا تەلەپ قىلىشىدىكەن. قانداق ئۇسۇلدا بولمىسۇن ۋەسىلە قىلىش پەقەت ئاللاھتىنلا بۇلىدۇ. ۋەسىلە قىلغاندا قىلغان ياخشى ئەمەللەر بىلەن بۇلىدۇ.
قېرىنداشلار ئىھتىيات قىلىڭلار . سىلەر ئاددىي سانايدىغان بەزى ئىشلار ئادەمنىڭ ئىمانىنى ھالاك قىلۋېتىدۇ. ئاللاھقا  شىرىك كەلتۇرۇشكە سەۋەپ بۇلىدۇ. ئاللاھقا  كىچىككىنە بىر ئىش بىلەن شىرىك كەلتۇرۇپ تۇرۇپ قىلغان بارلىق ياخشى ئەمەللەر بىكارچى بۇپ كىتىدۇ.
قارىماققا بۇ  ئىش  شۇنچە ئاددىيدەكلا. ئەمما ئىنتايىن خەتەرلىك!
بەزى ئەخمەقلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئاللاھتىن تىلەيدىغان ھاجىتىنى مەخلۇقتىن يەنە كىلىپ قۇلىدىن  ھېچقانداق ئىش كەلمەيدىغان جانسىز بىر نەرسىدىن ياردەم تىلەۋاتقانلىقى نىمە دىگەن يامان !!!!!!!!!!!
بۇنداق قىلىش بۇتتىن ياردەم سورىغانغا ئوخشاشلا  بىر ئىشقۇ.
بۇت دىگەنغۇ جىسمى بار . ئەمما ناخشىنىڭچۇ؟ ئىسمى بار ئۈزى يوق. ئۇنى كۆرگىلى يا تۇتقىلى بولمايدۇ.  ناخشا ئارقىلىق ھاجەت سۇرايدىغانلار نىمە دىگەن ئەقىلسىز نىمە دىگەن ئەخمەق؟؟؟!!!!!
 بۇت دىگەن پەقەتلا ئادەم شەكىلدە ياسالغان جىسىملار بولمايدۇ. ئىنساننى ئۆزىگە قاراتقان، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىن غاپىل قالدۇرۇپ ئىنساننىڭ كۆڭلىنى ئۈزى تەرەپكە تارتقان. يادەرم تەلەپ قىلىش . بىر نەرسە سۇراش. قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە يادرولۇق رول ئوينايدىغان ،ئىنسانلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئاللاھتىنمۇ بەكرەك ئۇزىدىن قورقۇتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بۇت. ئۇ قانداق شەكىلدە بولمىسۇن يەنىلا بۇت.
بىز كۇنلۇكى سۇرە پاتىھەنى نەچچە قېتىم ئۇقۇيمىز. ئۇنىڭدىكى {ياردەمنى پەقەت سەندىنلا تىلەيمىز. ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز} دىگەن مەزمۇننى ئۇقۇپ تۇرۇپ يەنە ياردەمنى ئاللاھتىن باشقا نەرسىلەردىن تىلىسەك ھالىمىز نىمە بۇلۇپ كىتەر؟
كىسەللەرگە پەقەتلا ئاللاھلا   شىپالىق بىرەلەيدۇ. دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئاللاھقا مۇھتاجتۇر. ئاللاھ  ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر. مۇسۇلمانلىق دىگەن پەقەت ئېغىزدا قىلغان قۇرۇق داۋاغىلا ئەمەس،ئەمەلگە،ئىخلاسقا قارايدۇ. سىز  ھەرقانچە كاتتا داموللامنىڭ بالىسى ياكى ئۇزى بۇپ كەتسىڭىز مۇ ئاللاھقا كىچىككىنە شىرىك كەلتۇرۇپ قويسىڭىز ۋە شۇھالىتىڭىزدە ئۈلۈپ كەتسىڭىز بارىدىغان يىرىڭىز دەۋزەخ. دەۋزەخ نىمە دىگەن يامان  جاي !!!!!!!
ئاللا شىرىكنى قەتئىي كەچۈرمەيدۇ.
خەير مۇشۇنچىلىك بولسۇن. ۋاڭبادا ئىدىم ۋاقتىم تۇشاي دەپ قالدى. كەڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ ،ۇشۇ ئىشتىن قاتتىق ساقلىنىشىڭلارنى ئۇمىت قىلىمەن. ھەم مۇشۇ تىمىنى تورغا چىقىدىغان بارلىق شىنجاڭ دىيارىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈپ قۇيشىڭلارنى سۇرايمەن. ھەقنى يەتكۇزۇش ئەڭ ساۋاپلىق ئىش.
ئاپتۇر_ قېرىندىشىڭلار ھەمزە

zero903 2010-10-27 22:05
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.....راسلا بۇ بەكلا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىگەن ئەمەسمۇ....

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەمزە قېرىندىشىم..........ناھايىتتى سەزگۈر مەسىلىنى بايقىۋاپسىز

pusat 2010-10-27 22:16
توغرا   دايسىز    ئاللادىن  باشقا      بىرسىدىن     ياخشىلىق   .يامانلىق  تىلەش      شىرىڭ  
   ئاللا   باشقا    گۇنادىن  ئوتسە  ئۇتىدۇ     شىرىكتىن  ئوتمەيدۇ     ناھايتى  ياخشى   يىزىپسىز
  رەخمەت  سىزگە

تاھىربەگ 2010-10-27 22:22
ۋەئەلەيكۇم_ئەسسالام   ،  سۇبھانەللا ، تەۋھىد توغرىسىدا ، شىرىك توغرىسىدا ئىزدەنگىلى خىلى بولدى ، ئەجەپ بايقىماپتىمەن بۇنى ....  ئاللا تائالا بۈگۈن بىلۋىلشىمنى ئىرادە قىلىپتۇ ...  ئاللا رەخمەت قىلسۇن ھەمزە .....

tugrul525 2010-10-27 22:30
پالانى يەردە ئولتۇرۇشلۇق پۇستانچى، ئاپىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەپ << ھەيلالو>> دىگەن ناخشىنى تەلەپ قىلدى. دىگەندەكمۇ؟
مىنىڭ دىگىنىم غەيۋەتكە يېتىپ قالدى. لىكىن سىزنىڭ غەيۋەت ئەمەس. سىزنىڭ غەيۋىتىڭىز ئىلمى تۇرسا، ئىلمى غەيۋەت دىسەك بۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز دىگەن قېرىنداشلارنىڭ قىيامىتى ئۈچۈن كىچە-كۈندۈز باش قاتتۇرۋاتقان تۇرسىڭىز؟؟؟ ھەق يولغا باشلاپ، شېرىك ئىشلاردىن توسوپ دىگەندەك. تېمىڭىزنى ئۆزىڭىز نادىرلىۋالدىڭىزمۇ؟؟؟يارايسىز. ئوغۇل بالا ئەركەك!!!!!

تاھىربەگ 2010-10-27 22:35
                      

zero903 2010-10-27 22:36
ئىشلىتىش
引用第4楼tugrul525于2010-10-27 22:30发表的  :
پالانى يەردە ئولتۇرۇشلۇق پۇستانچى، ئاپىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەپ << ھەيلالو>> دىگەن ناخشىنى تەلەپ قىلدى. دىگەندەكمۇ؟
مىنىڭ دىگىنىم غەيۋەتكە يېتىپ قالدى. لىكىن سىزنىڭ غەيۋەت ئەمەس. سىزنىڭ غەيۋىتىڭىز ئىلمى تۇرسا، ئىلمى غەيۋەت دىسەك بۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز دىگەن قېرىنداشلارنىڭ قىيامىتى ئۈچۈن كىچە-كۈندۈز باش قاتتۇرۋاتقان تۇرسىڭىز؟؟؟ ھەق يولغا باشلاپ، شېرىك ئىشلاردىن توسوپ دىگەندەك. تېمىڭىزنى ئۆزىڭىز نادىرلىۋالدىڭىزمۇ؟؟؟يارايسىز. ئوغۇل بالا ئەركەك!!!!!



ساقتۇھە!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!تۇۋا

tvnlirikisi 2010-10-27 22:50
مىنىڭچە بۇنى،( ناخشىدىن ھاجىتىنى تىلىدى) دېمەي، (شۇ ناخشىنىڭ تېكىستى، ياكى مۇزىكىسى ئارقىلىق شۇ ئەزىزلىرىگە بولغان كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى) دەپ چۈشەنسەك بولامدىكىن.
ئازراق ئىلمىلىققا باغلاپ تەھلىل قىلايلى قېرىنداشلار... تەھلىللىرىمىزدە مەنتىقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پىكىرلەرنى بايان قىلمايلى...

باشقىچە پىكىر بولسا سەمىمىي ئەسكەرتىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

fatih204 2010-10-27 23:21
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؛
ھەمزە بارمۇ يا !!      توغرا تىلەكنى پەقەت ئاللاھتىن تىلەيمىز ، كىشى ناخشا تەلەپ قىلىپ شۇنداق كوڭلىگە تىلەكللىرىنى ناخشىدىن تىلەيدىغان پىكىر كىلىپ قالسا  ، راسلا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش بوپ قالىدۇ
    ئويلايمەن   شۇ ناخشىنى سوۋغا سۇپىتىدە يوللىسا  بۇلىشى مۇمكىن(ناخشا مەزمۇنى ساغلام بۇلۇش شەرتى بىلەن) ،  يانا بىرى ناخشا  يوللىغۇچى شۇ كىشىگە ئوز تىلىكىنى بىلدۇرۇش مەقسىتىدە يوللىسىچۇ ، ھەي بۇنى ناخشا يوللىغۇچى ئوزى قاراپ تاللىۋالسا بولغۇدەك  ،     باشتىكىگە چۇشۇپ كەتسە خەتەر ، لىكىن كىيىنكىلىرى بولسا باشقا گەپتە

esma0999 2010-10-27 23:36
ھەمزە قىرىندىشىم، دىندىن خىلى خەۋىرى بار بىر دوستۇمنىڭ دىيىشىچە مەلۇم ئىشلارغا  ئالدىراپ پەتىۋا بەرگۈچى ئالدى بىلەن ئۆزىگە دوزاقتىن بىر كىشىلىك ئورۇن راسلاپ قۇيۇپ ئاندىن پەتىۋا بەرسە بولغۇدەك.
ناخشا تەلەپ قىلىش ئىشىنى ئاللا شىرىك كەلتۈرۈش دەپ تۇنۇش تازا توغرا ئەمەسمىكىن دەيمەن. ھازىرقى جەمىيەتتە ئىقىم(مودىغا)ئەگىشىدىغان ئىشلار كۆپ. بۈگەۈن بىر مودا چىقسا ئەتە بىرسى چىقىۋاتىدۇ. توغرا نەرسىلەر باشقىلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنسا ، خاتا نەرسىلەر خۇددى چاقىرغۇ ئاپاراتى مودىدىن قالغاندەك يوقاپ كىتىۋاتىدۇ. ئۇنىمۇ گۇنا دىسەك، بۇنىمۇ گۇنا دىسەك زادى نىمە توغرا سىز دەپ بىرەلەمسىز؟

puxaymansiz 2010-10-27 23:52
ھىچ بولمىغاندا بىرمۇنچە ئاقچىنىڭ بىشىنى قايرىيدىغان گەپ،بۇ ئىسراپخورلىق ئەمەسما؟
ئىشىق-مۇھاببەتنى كۈيلەيدىغان ناخشىلارنى تەلەپ قىلسا نۇرغۇن ئادەم ئاڭلايدۇ،بۇ ئۇلارنى گۇنەھقا سۆرىگەنلىك ئەمەسمە؟

maslakdax 2010-10-28 11:10
ۋاڭبانى تورخانا دەپ ئالارسىز قېرىندىشىم.

uyguriya 2010-10-28 12:06
ياخشى تىمىكەن .
قىرنداشلار دىققەت قىلايلى

sameme.ahmak 2010-10-30 09:41
ئىشلىتىش
引用第7楼tvnlirikisi于2010-10-27 22:50发表的 :
مىنىڭچە بۇنى،( ناخشىدىن ھاجىتىنى تىلىدى) دېمەي، (شۇ ناخشىنىڭ تېكىستى، ياكى مۇزىكىسى ئارقىلىق شۇ ئەزىزلىرىگە بولغان كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى) دەپ چۈشەنسەك بولامدىكىن.
ئازراق ئىلمىلىققا باغلاپ تەھلىل قىلايلى قېرىنداشلار... تەھلىللىرىمىزدە مەنتىقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پىكىرلەرنى بايان قىلمايلى...

باشقىچە پىكىر بولسا سەمىمىي ئەسكەرتىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

قوللايمەن لىكىن مەزمۇنىغا قارىمايلا تەلەپ قىلىپ ئاشۇرۋىتىدۇ بەزىلەر

amanxa 2010-10-30 23:40
ھەي ، دىققەي قىلىشقا تىگىشلىك  ، ئويلاپ بىقىڭلا ، دىمىسىمۇ شۇ ناخشىنىڭ قولىدىن نىمە كەلمەكچى، ھازىرقىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە قانچىلىك ئادەم رادىئو ئاڭلا...

111 2010-10-31 09:45
ئاللاھ بىزنى كۆزى كورلۇقـىن ساقلىسۇن

http://www.elyurt.com/bbs/read.php?tid=194&u=2

غـــېــرىـبـانــە جـەسـسـەت (ھىكايە)

yawgul 2010-10-31 14:33
ئەمدى قۇسۇر ئىزدىمىگەن رادىئۇ قالدىما ئۇ دىگەن ياخشى كۆگەن ناخشىلارنى ھەدىيە سۇۋغا قىلىشقا كىرىدۇ . ئەزىزلىرىم

abdul 2010-10-31 15:01
توغرا   دايسىز    ئاللادىن  باشقا      بىرسىدىن     ياخشىلىق   .يامانلىق  تىلەش      شىرىڭ  
   ئاللا   باشقا    گۇنادىن  ئوتسە  ئۇتىدۇ     شىرىكتىن  ئوتمەيدۇ     ناھايتى  ياخشى   يىزىپسىز
  رەخمەت  سىزگە

yasawul 2010-10-31 15:14
ئىشلىتىش
引用第10楼esma0999于2010-10-27 23:36发表的 :
ھەمزە قىرىندىشىم، دىندىن خىلى خەۋىرى بار بىر دوستۇمنىڭ دىيىشىچە مەلۇم ئىشلارغا  ئالدىراپ پەتىۋا بەرگۈچى ئالدى بىلەن ئۆزىگە دوزاقتىن بىر كىشىلىك ئورۇن راسلاپ قۇيۇپ ئاندىن پەتىۋا بەرسە بولغۇدەك.
ناخشا تەلەپ قىلىش ئىشىنى ئاللا شىرىك كەلتۈرۈش دەپ تۇنۇش تازا توغرا ئەمەسمىكىن دەيمەن. ھازىرقى جەمىيەتتە ئىقىم(مودىغا)ئەگىشىدىغان ئىشلار كۆپ. بۈگەۈن بىر مودا چىقسا ئەتە بىرسى چىقىۋاتىدۇ. توغرا نەرسىلەر باشقىلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنسا ، خاتا نەرسىلەر خۇددى چاقىرغۇ ئاپاراتى مودىدىن قالغاندەك يوقاپ كىتىۋاتىدۇ. ئۇنىمۇ گۇنا دىسەك، بۇنىمۇ گۇنا دىسەك زادى نىمە توغرا سىز دەپ بىرەلەمسىز؟


بۇ پىكىرگە قېتىلىمەن ، پەتىۋا دىگەننى كاتتا دىننى ئالىم - ئۆلىمالار بىرلىشىپ چىقىرىدىغان ، ھازىر كەڭسايدا خالىغانچە پەتىۋا چىقىرىدىغانلار بەكمۇ كۆپ .

ediqut 2010-10-31 15:26
رەسۇلۇللاھ ھەدىستە:"ئالىم قالمىغاندا كىشلەر نادان كىشلەرنى مەسئۇل قىلىۋالىدۇ.ئۇلار سوئال سورالسا، بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىپ ئۆزىمۇ ئازىدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ"دېگەن.بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

پەتىۋا بېرىشنىڭ پرىنسىپى

1.مۇتىئەسسىپ ۋە تەقلىدچىلىكتىن ئازات بولۇش.

2.ئاسانلاشتۇرۇش ۋە تەسلەشتۈرمەسلىك.

3.كىشلەرنىڭ ئەقلى قابىلىيىتگە قارىتا خىتاب قىلىش.

4.كىشلەرگە پايدىسىز ئىشلارنى سۆزلەپ يۈرمەسلىك.

5.پەتىۋادا بوشاڭلىق قىلماسلىق ۋە بەكمۇ چىڭىتىۋالماسلىق.

6.پەتىۋانىڭ( شەرھىلەش) ھەققىنى بېرىش.

شۇڭا ئالدىراپ بىر ئىشلاردىن پەتىۋا چىقارمىساق قىرىنداشلار .

rabiya 2010-11-03 08:31
ھەمزە قېرندىىشم ياخشى پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز رەھمەت، شۇ ناخشىدىن ،يىقىملىق كۈيلەردىن ئاخىرتىنى كۆزلەيدىغانلار  يىراق تۇرغىنى ياخشى  ئۇ مۇسۇلمانلارغا  ئەس  قاتمايدۇ..... ئاللاھ ئازغۇنلار قاتارىدىن قىلمىسۇن ....

ئەلى 2010-11-03 11:10
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم ....
بۇنى  پەتىۋا  دەپ  چۈشىنىۋالماي،بىر قېرىندىشىمىزنىڭ سەمىمىي ئەسكەرتىشى  دەپ  چۈشەنسەڭلار  بولىدىغۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەرمۇ بىلەرسىلەر ئاشۇ ناخشىنى ئاڭلاتقاندا نېمە  دەيدۇ؟90%نى ئۇنىڭ سالامەت بولۇشىنى،
كۈنلىرىنىڭ خوشال ئۆتىشىنى......تىلەپ  دەيدىغۇ؟؟؟؟  شۇ  بۇيەردە  تىلەپ  سۆزىنى  باشقىچە  چۈشىنىش ئىنكانىيىتى
يوق دەپ قارايمەن.بەك  تەبرىكلىگۈسى  كەلسە،شۇ پۇلغا تېلىفۇن قىلىپ ھال-ئەۋال سورىسۇن.بىر نەرسە  ئېلىپ  بەرسۇن.
بىر  نېمىنى  دەپ  بولغۇچە ،پەتىۋاچى  دەپ  تۇرىۋالمايلى،تېما ئىسمىدىمۇ  تۇرمامدۇ،داقلىنايلى  دەپ.دىققەت  قىلساق  شۇ
كۇپايە.

fatih204 2010-11-03 13:23
ئەسسالامۇئەلەيكۇم؛
ھورمەتلىك باشقۇرغۇچى بىزدە ئىملا خاتالىقى كۆپ بولسا مەيلى ، لېكىن سىزدە كۆپ بولمىسۇن ،  مۇشۇ ئىككى كۈن ياقى بەك ئالدىراشمۇ ئىشقىلىپ ئىملا خاتالىقى كۆپ بولۇپ قالدىغۇ ئۆزلىرىنىڭ ، داقلىنايلى ئەمەس ، ساقلىنايلى ،مەنغۇ چۈشەندىم  بىكا خەققە كۈلكە بوپ بەرمىسۇن دەيمىنا ،،   سۆزىڭىزگە كەلسەك ھەقىقەتەن ئىھتىياتچان بولسا ياخشى ، لىكىن ھەممىنى شىرىك دەپ ھەيدىۋىتىشكە بولمايدۇ ، تەبرىكلىسە(ئەلۋەتتە دىنغا مۇۋاپىق ئىشلارنى ،مەسەلەن توي قاتارلىق) ، كوڭول ئىزھارى سۇپىتىدە يوللىسا شىرىككە كىرمەيدۇ  دەپ ئويلايمەن.

fatih204 2010-11-03 13:24
ئىنكاسنى يوللاپ بوپ كۇلۇپ كەتتىم ،ئوزەمنىڭمۇ خاتا بوپ قاپتۇ ،  بولدى سوزۇمنى قايتۇرۋالدىم ، ھەممىمىز دىققەت قىلايلى

lohman0999 2010-11-03 13:32
ناھايىتى توغرا دەپىسز قىرىندىشىم . بىز ئامان -ئىسەنلىكنى پەقەت ۋە پەقەت پۇتۈن كائىناتنىڭ ئىگىسى بولغان بۈيۈك ئاللاھتىن تىلەيمىز ھەرگىزمۇ بىر ناخشچىنىڭ ناخشىسىدىن تىلمەيمىز .
بولىدۇ دىگەن قىرىنداشلار كاللاڭلارنى سىلكىۋىتىپ ئوبدان تەپەككۇر قىلىڭلار .

ئەلى 2010-11-05 15:39
بۇندىن  كېيىن  دەھشەت  دىققەت  قىلاي~~~
نىمە  بولدىكىن  ،گەپلىرىم  خاتالا  يېزىلىۋاتىدىغۇ  تاڭ~~~~
مەنمۇ  شۇ  باشقىلار  دېسە  ئاندىن  كۆرۈپتىمەن  خاتا  يازغىنىمنى،ھازىرمۇ  ئاران  قالدىم  كۈلۈپ.
ھېلىقى  23-ئاينى  سىزمۇ  كۆرىۋاپسىز  دە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

bislik 2010-11-06 22:13
ھەمزە بۇرادەر سىزگەئاللا رەخمەت قىلسۇن ، ئاللا ھەممىمىزنى ،ھەرقانداق ئشلارنىڭ توغرا تەرپىنى ئويلاپ يىتىشكە ئەقىل بەرسۇن ،،ئاللا ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن ،ئامىن !!!!

end 2010-11-08 20:07
بېز نېڭ ھەربىرئىشھەركەت سۇزلىرىمىز نى خاتىرلەپتۇرىدىغان پەرىشتىلەربار  شۇڭابەزەن بىر   اللاھ قا شىرىككەلتۇرىدىغان سوزلەرمۇ ئىماندىن چېقېرىۋى تىشى مۇمكىن  شۇڭادېققەت قىلايلى    ھەمزە ئەجىرىڭىزنى اللاھ بەرسۇن .

ھەمزە 2010-11-09 21:30
بۇرادەرلەر مەيلى خاتا چۇشىنىڭلار مەيلى توغرا چۇشۇنىڭلار5 مەن بىلگىنىمنى يەتكۈزدۈم. ئەمەل قىلىش ياكى قىلماسلىق   ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشى

ahmad786 2010-11-12 16:22
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەمزە قېرىندىشىم

ablajan5 2010-11-16 13:11
[quote]引用第27楼end于2010-11-08 20:07发表的 :
بېز نېڭ ھەربىرئىشھەركەت سۇزلىرىمىز نى خاتىرلەپتۇرىدىغان پەرىشتىلەربار  شۇڭابەزەن بىر   اللاھ قا شىرىككەلتۇرىدىغان سوزلەرمۇ ئىماندىن چېقېرىۋى تىشى مۇمكىن  شۇڭادېققەت قىلايلى    ھەمزە ئەجىرىڭىزنى اللاھ بەرسۇن .  
<ئى> ھەرپى كېلىدىغان يەرگە< ئې> ھەرپى ئىشلەتسە قانداق بوپ كېتەر؟
  

izdan 2010-11-17 14:06
{ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز  سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز )        ھەمزە قېرندىشىم  ، ئايەتنىىڭ ئورنى ئالمىشىپ قاپتۇ ،   اللە  ھەممىمىزنى  چوڭ-كىچىك شىرىكتىن ساقلىسۇن    ئامىن ئامىن ئامىن

payda 2010-11-21 19:45
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

izdan 2010-11-23 15:02
ئىشلىتىش
引用第20楼rabiya于2010-11-03 08:31发表的 :
ھەمزە قېرندىىشم ياخشى پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز رەھمەت، شۇ ناخشىدىن ،يىقىملىق كۈيلەردىن ئاخىرتىنى كۆزلەيدىغانلار  يىراق تۇرغىنى ياخشى  ئۇ مۇسۇلمانلارغا  ئەس  قاتمايدۇ..... ئاللاھ ئازغۇنلار قاتارىدىن قىلمىسۇن ....

 ياخشى  ئىنكاس ،   اللە  رەھمەت  قىلسۇن 

kuwruk 2010-12-01 22:06
ئۇقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى،،ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋتى بىلەن ئۇقۇتقۇچۇمدىن،،ياكى بارلىق ئانىلارغا سالام يۇللاپ ناخشا تەلەپ قىلسام <ئىمانسىز>بۇلوپ كىتەرمەنمۇ؟؟؟؟مىنىڭچە بەزى ئىشلارنى ئاشۇرۋتىشكە،،تىتىقسىزلىشقا بۇلمايدۇ،،لىكىن سالام يۇللاپ،كۇڭۇل ئىزھار قىلىپ ناخشا تەلەپ قىلىشى ئۇنچىلا گۇناھ ئىشى ئەمەس دەپ قارايمەن،،قالغىننى ئاللا بىلىدۇ!

xahida 2010-12-05 23:11
شۇنداق ياخشى تىما بولۇپتۇ
ھەر  كىمدە ھەر خىيال دەپ بۇ تىمىنىمۇ ھەر چۈشۈنۈپ سىلەر قىرىنداشلار
ھەمزە قىرىندىشىمىز دىنىمىز ئۈچۈن زور تۆھپە قوشىۋاتىدۇ .
ئۇنى قوللاپ بەرسەك ياخشى بولاتتى
دىمسىمۇ شۇنداق بىز  ھەممە ئىشلىرىمىزنى مىھرىبان اللە دىن تىلەيمىز

mug 2010-12-09 12:50
ئە سسللامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشم ، بىزگە بىر قېرنداش ھەقنى ئىزدىنىپ يەتكۇزۋاتسا  بىزمۇ ئىزدەنمەي تۇرۇپ ھۇكۇم چىقامايلى،
ھەممە نەرسە نىيەتكە باغلىق .بىزنڭ ئىچمزدىمۇ ھەقىقەتەن نۇرغۇن نەرسنى ئاللا قا باغلماي نەرسىىگە باغلاپ قۇيىمىز ئەمەسمۇ ،
بىز شۇڭا ھەر قانداق ئىش قلمايلى ،چۇقۇم ئويلىنپ تۇرۇپ نىمنېڭ ئاللاغا شېرك ئىكنلىكنى بىلىپ قىلايلى .ئاللاھ  ھەممزگە ئەجىر ئاتا قىلسۇن.

musapirjan 2010-12-09 16:53
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىداشلار
ھەمزە قېرىندىشىم ئاللاھ سىز دىن رازى بولسۇن يوللىغان تېمىڭىز ناھايىتى ياخشى ئىكەن .
بىز بىر ئاددىى مۇسۇلمان بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن جەمىيەتتكى ئىشلارغا ئۆز ئىجتىھادىمىز بىلەن پەتىۋا بېرەلمەيمىز.
ئەمما ئويلاپ باقساق :          
بىرىنچى : بۇ ئىش ئىنساننى ئاللاھنى ئەسلەشتىن  غاپىل قالدۇرىدىدۇ ،ئاللاھنى ئەسلەشتىن  غاپىل قالدۇرىدىغان ھەر قانداق ئىش ھارام ھېسابلىنىدۇ چۈنكى ئىنسان بۇ دۇنياغا پەقەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا يارىتىلغان.
ئىككىنجى :بۇ ئىشنىڭ ئىنسانلارغا ھېچقانداق ماددى ۋە ياكى مەنىۋى پايدىسى بولمايدۇ .بۇنى پەقەت ۋاقىتنى ئىسراب قىلىش دىسەكمۇ خاتا كەتمەيدۇ.
شۇڭا بەزى ئەزالار  بۇ ئىشقا    ئۆز تەپسىرى بۇيىچە شۇند\ق چىرايلىق ناملارنى بېرىپتۇ .چۈنكى ئۇلارنىڭ نەپسى ئۇلارغا بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتكەن .
گەپنىڭ ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشنى بىر ەر ئالىمدىن  سوراپ بېقىشىمىز كېرەك ، ۋە شۇنىمۇ ئېسىمىز دە چىڭ ساقلىۋالايلكى بىز بۇ ئىشقا بولىدۇ دەپ پەتىۋا تاپالمايمىز
ئاللاھ ھەممىمىز نى ھېدايەت قىلسۇن

wukumran 2010-12-11 21:08
قايسى بىر كىنودا بىر 8ياشلىق بالىنىڭ كومپىيوتىردا ھاۋارايى خەرىتىسىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ، بۈگۈن كەچتە تەيفىڭ بورىنى چىقىپ چوڭ ئاپەت بولىدىغىنىنى بايقاپ قېلىپ ،دادىسىغا تېلىفۇن بىرىپ ئەھۋالنى شۇنچە چۈشەندۇرگەن بولسىمۇ،ئەمما دادىسى قەتئى ئىشەنمەيدۇ.شۇ چاغدا بۇ بالا <-مەن ئېنىشتېيىن بولغان بولسام ماڭا ئىشىنەمتىڭ!!!> دەپلا تېلىفۇننى قويىۋېتىدۇ.شۇ كۈنى راستىنلا چوڭ ئاپەت يۈز بېرىدۇ. بالىغا ئېشەنمەي ئالدىن مۇداپىيەدە تۇرمىغاچقا ، دادىسى ھەم باشقىلار ....
ھەمزە ئەپەندىم تېخى ئالىم بولمىغاچقىلا سۆزلىرى ئاساسسىز بولامدۇ قېرىنداشلىرىم ؟!...بۇ يەرگە بىر ئالىم كىلىپ بۇ ئىشلارنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ قويمىسا چۈشۈنەممەمدۇق؟! خاتالىق پەرقىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئالىملىرىمىز دىنمۇ كۆپرەك تەلىم ئېلىپ تۇرىشىمىز كېرەك .ئەمما .....ھەې......
<مېنىڭچە> دىگەن گەپنى دىنغا كەلگەندە ئامال بار ئىشلەتمەيلى قېرىنداشلار.....ئازماس ئاللاھ ھەممىمىز نى ھېدايەت قىلسۇن...

nuruz 2010-12-22 13:37
دىققەت قىلشقا تىگىشلىك ئشلار  بۇ!!

amin786 2010-12-26 20:48
ئىشلىتىش
引用第7楼tvnlirikisi于2010-10-27 22:50发表的 :
مىنىڭچە بۇنى،( ناخشىدىن ھاجىتىنى تىلىدى) دېمەي، (شۇ ناخشىنىڭ تېكىستى، ياكى مۇزىكىسى ئارقىلىق شۇ ئەزىزلىرىگە بولغان كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى) دەپ چۈشەنسەك بولامدىكىن.
ئازراق ئىلمىلىققا باغلاپ تەھلىل قىلايلى قېرىنداشلار... تەھلىللىرىمىزدە مەنتىقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پىكىرلەرنى بايان قىلمايلى...

باشقىچە پىكىر بولسا سەمىمىي ئەسكەرتىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

بۇتقا چوقۇندئىغانلامۇ  ئاللاھ نىڭ بارلىقنى بىلدۇ .پەقەت مۇشۇ چوقۇنغان بۇت ۋاستە بولدۇ دەپ ئىزپ كەتكەن .

zarbidar 2011-01-02 22:11
ياخشى تىما يوللاپسىز رەھمەت

kukbura 2011-01-03 04:34
مىنىڭچە بۇ مەسلىگە نەقلى دەلىل بىھاجەت، ئەقلى دەلىلدىن پايدىلنىڭلار.
  
    ئويلاپ كۆرۈڭلارچۇ؟ ناخشا، ئۇسۇل دىگەنلەرگە ئىسلام يول قويامدۇ؟

paris 2011-01-27 20:56
  

dawanqi 2011-01-30 21:02
ئەپسۇس،بۇرادەرلەرنىڭ كۆپچىلىكى بۇ پىكىرنى قوللاپتۇ،مەن ئويلايمەن!ياخشى نىيەت بىلەن بىر كىشىگە كۆڭلىنى بىلدۇرۇش بىلەن ئاللادىن تېلەك تىلەشنىڭ پەرقى باردۇ ھە......

hikmet 2011-01-31 14:55
   تىلەك تىلىمەي سوۋغا قىلدىم دىسە بولمامدۇ  ئەمسە  شىرىك بۇلىدىغان گەپلەرنى قىلماي. خاتالىق دىگەننى ھەر قانچە كۇنۇپ كەتكەن بولساقمۇ تاشلاش كىرەك...

arzuyum 2011-02-10 14:13
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم قېرىندىشىم مۇشۇنداق مەنپەئەتلىك تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن !تېمىڭىزدا ئېيتىلغان مەسلىگە دىققەت قىلشىمىزكىرەك .
اللاھ ئەجىر ئاتا قىلغاي !

faruk007 2011-02-10 23:06
اللە   ھەممىمىزنى  ۋاستىلىق ۋە  ۋاستىسىز   بارلىق   شىرىكتىن ساقلىسۇن،،،   ئامىن

شاش520 2011-03-06 18:15
ئاللا  سىز  گە  كوپرەخمەتكىل سۇن  بەكياخشىيېزىپسىز

تېۋپېك 2011-05-27 13:15
BASH  AHIRINI  OYLASHMAY
CHIKARGHAN BU TEMIDIN KORA
TEMIGHA CHUSHKAN  KOP  INKASLAR
KISHINI  HURSAN KILIDU  MENINGCHA  
MUNBARGA  TEMA YOLLASH HAM  ENKAS
YEZISH UCHUN YAZMAKCHI BOLGHAN  TEMA
WA ENKASLAR  USTIDA  OBDAN OYLINISH  LAZIM


查看完整版本: [-- قاتتىق ساقلىنىڭلار(ھەمزە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.133444 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us