باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1923 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بولارمىش (تۈن لىرىكىسى)
ئۈمىد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇلۇمنى...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 39
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 714
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە714دانە
ئۆسۈش: 1870 %
مۇنبەر پۇلى: 5868 سوم
تۆھپىسى: 85 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-30
ئاخىرقى: 2011-08-18
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-16 14:53

بولارمىش (تۈن لىرىكىسى)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما aykut تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-06-16)
بولارمىش
 
نىيازئەلى ئادىل(تۈن لىرىكىسى)
ئاشسىزغا ئاش بەرسە ساۋاپ بولارمىش،
يوقسۇلغا زاغرى نان كاۋاپ بولارمىش.
توققۇزى تەل تۇرۇپ يوقسۇلغا بەرمەي،
بەزىلەر ھەجىنى تاۋاپ قىلارمىش.
 
بولمىغۇر ئىللەتلەر مودا بولارمىش،
ۋىجداننىڭ ئۈستىدە سودا بولارمىش.
ئەقلىدىن ئاداشقان نا ئىنساپ ئۈچۈن،
ئەل سۆزى شىپالىق دورا بولارمىش.
 
يالغۇزلۇق ھەممىدىن يامان بولارمىش،
يىتىمنىڭ چىرايى سامان بولارمىش.
كىمىكى سېلىسا ئۇنىڭ بېشىنى،
ئۇ دۇنيا، بۇ دۇنيا ئامان بولارمىش.
 
بەگ ئۆلسە مالايغا ئارام بولارمىش،
دوغىنىڭ ئۆلىمى بايرام بولارمىش.
يوقسۇلنىڭ ئۆيىدە قوي ئۆلسە ئەگەر،
قايغۇرۇپ كۆز يېشى سايرام بولارمىش.
 
شەرىئەت ھۆكىمى ئادىل بولارمىش،
خۇدايىم ھەممىگە قادىر بولارمىش.
بىر ئۆمۈر ئەل-يۇرتنىڭ غېمىدا ئۆتسە،
ئۆلگەندە جەننەتكە نائىل بولارمىش.
 
2008-يىلى 20-فېۋىرال چارشەنبە
ئالتاي قابا ناھىيسى
 
ئەسكەرتىش: ئەسەرلىرىمنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ!
[ tvnlirikisiتەرىپىدىن2010-06-16 17:09قايتا تەھرىرلە ]
ئاھ،ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت،
بىز بەزمىدە ئاتالدۇق يىگىت.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 156
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: 2 %
مۇنبەر پۇلى: 13 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-05
ئاخىرقى: 2010-07-12
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-07-11 08:42

شىئىرىڭىز ھەقىقەتەن بەك ياخشى چىقىپتۇ، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.