查看完整版本: [-- بولارمىش (تۈن لىرىكىسى) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كەڭ ساي مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى -> بولارمىش (تۈن لىرىكىسى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tvnlirikisi 2010-06-16 14:53
بولارمىش
 
نىيازئەلى ئادىل(تۈن لىرىكىسى)
ئاشسىزغا ئاش بەرسە ساۋاپ بولارمىش،
يوقسۇلغا زاغرى نان كاۋاپ بولارمىش.
توققۇزى تەل تۇرۇپ يوقسۇلغا بەرمەي،
بەزىلەر ھەجىنى تاۋاپ قىلارمىش.
 
بولمىغۇر ئىللەتلەر مودا بولارمىش،
ۋىجداننىڭ ئۈستىدە سودا بولارمىش.
ئەقلىدىن ئاداشقان نا ئىنساپ ئۈچۈن،
ئەل سۆزى شىپالىق دورا بولارمىش.
 
يالغۇزلۇق ھەممىدىن يامان بولارمىش،
يىتىمنىڭ چىرايى سامان بولارمىش.
كىمىكى سېلىسا ئۇنىڭ بېشىنى،
ئۇ دۇنيا، بۇ دۇنيا ئامان بولارمىش.
 
بەگ ئۆلسە مالايغا ئارام بولارمىش،
دوغىنىڭ ئۆلىمى بايرام بولارمىش.
يوقسۇلنىڭ ئۆيىدە قوي ئۆلسە ئەگەر،
قايغۇرۇپ كۆز يېشى سايرام بولارمىش.
 
شەرىئەت ھۆكىمى ئادىل بولارمىش،
خۇدايىم ھەممىگە قادىر بولارمىش.
بىر ئۆمۈر ئەل-يۇرتنىڭ غېمىدا ئۆتسە،
ئۆلگەندە جەننەتكە نائىل بولارمىش.
 
2008-يىلى 20-فېۋىرال چارشەنبە
ئالتاي قابا ناھىيسى
 
ئەسكەرتىش: ئەسەرلىرىمنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ!

aykut 2010-06-16 15:27
تىل دېگەنگە بايغۇ سىز...  ماڭا ئاز  تولا ئۆگىتىپ قويىڭە ؟  

akkvngl 2010-06-16 17:07
سىز باشقا ئەسەر يازماي ، لىرىك نەسىر يازسىڭىز بولغىدەك .

tatlik0997 2010-06-22 15:22
شۇنداى ياخشى چىقىپتۇ .

0999nazuk 2010-07-11 08:42
شىئىرىڭىز ھەقىقەتەن بەك ياخشى چىقىپتۇ، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

oglan 2010-07-11 09:11
شېئىرنى شۇنداق ياخشى يىزىپلتۇ ، ئىشلىرڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن دوستۇم.

xukran 2010-11-15 10:07
نەنىلا بۇ موھورنى ئۇنتۇپسىز [attachment=4501]


查看完整版本: [-- بولارمىش (تۈن لىرىكىسى) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.048014 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us