سىنى كۆرۈپ ئوت تۇتاشتى يۈرەكىمگە.
سەن گويا قەلبىمدىكى بىر پەرىشتە.
ئۇيقۇ يوقتۇر كۆزلەرىمگە شۇندىن بۇيان،
يەتسەم دەيمەن بىر كۈنلەردە ۋىسالىڭگە.
ئاھ،پەرىشتەم سەنمۇ مىنى ئويلارسەنمۇ؟
تۈنلەر بىدار چۈشلەرىڭگەكىرەرمەنمۇ؟
نىسىپ قىلسا اللا بىر كۈن ۋىسال پەيتى،
لەۋلىرىڭگە قىنىپ-قىنىپ سۆيەرمەنمۇ؟
قاچانىكى كۆردۈم سىنى ئەي پەرىشتەم،
ئاشىقلىق يولۇمدىكى تۇنجى نىشانەم.
سىنى ئىزدەپ يۈرۈيمەن بىربىچارىمەن،
مەيلى سەن ئۈچۈن مىڭ ئۆلۈپ،مىڭ تىرىلسەم.
باشقىلار دەيدىكەنغۇ ئاشىقلار ساراڭ،
ئىشەنمەيىتتىم نىمىشقا ئاشىقلار ساراڭ.
پەرھار -شىرىن ،تاھىر -زۆھرە،لەيلى-مەجنۇن،
شۇلارمۇ داستانلاردا ئەمەسقۇ ساراڭ.
ئاھ،رازىمەن سەن ئۈچۈن ساراڭ بولۇشقا،
پەرھات كەبى تاغلاردىن سۇلار ئىچىشقا.
ۋەسلىڭگە يىتىش ئۈچۈن كىچەرمەن جاندىن،
يىتەلمىسەم دۇنيادىن كىتەرمەن تەنھا.
سىنى ئۇچراتقان جايغا كىلەرمەن كۈندە،
سىنى ئويلاپ ئۇيقۇ يوق كۈندۈز ھەم تۈندە.
كۈنلىرىم ئۆتمەكتىغۇ سەنسىز ۋىسالسىز،
باشقىغا چۈشمەس كۆڭۈل،خىيالىم سەندە.
قاچانمۇ كۆرۈشارمەن جانان سەن بىلەن،
گۈلدىن -گۈزەل ،گۈزەلىم پەرشتەم بىلەن.
ۋىسالغا يىتىش ئۈچۈن كىزەرمەن جاھان،
مەن كۆيگەندەك -كۆيمىگەن ھىچقانداق ئىنسان.
مەن اللا دىن تىلەيمەن بەختىمنى ھامان،
نىسىپ بولسا بەختىمىز كىلەرسەن ھامان.
جاپا چەكمەي ئاشىىققا - مەشۇق نەدىكەن،
كۆرۈشەرمىز بىر كۈنى بولساق تىچ-ئامان.
تۇنجى ئەسىرىم،تورداشلارنىڭ تەنقىدى پىكىرنى قوبۇل قىلىمەن....