ئەسسىلامۇ ئەلەيكوم، 
خەيرىلىك سەھەر كەڭسايچىلار ،سىلەرگە ئامانلىق يار بولسۇن ! 
كەڭ ساي ئەپەندىنىڭ قارارى تولىمۇ دانا بوپتۇ ، كەڭ ساي ئەپەندىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالمىغىنىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن ،يىقىندىن بۇيان مۇنبەردە ئۆز مەجبۇرىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلالمىدىم ، كەچۈرۈڭلار ! 
كەڭ ساي تورىنى ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ئارىسىدا يىڭىلىق يارىتىپ ئۆز خاسلىقى بىلەن ئالدىنقى قاتاردا ئورۇن ئالغان تورداشلارنىڭ ئۇنۋىرسال بىلىم ئىلىش ئارزۇسىغا ماسلاشقان دادىل بىكەت دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ ئەلۋەتتە ، 
كەڭ ساينىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتىغا ئاسساسلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىنى ياخشى تاللاش تولىمۇ نازۇك بىر مەسىلە ، 
مۇنبەرداشلارنىڭ ياخشى ئويلۇنۇپ دادىل پىكىر بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ، 
مىنىڭ قارىشىمچە ھەر قانداق بىكەت باشقۇرغۇچىسىغا قويىلىدىغان ئالدىنقى شەرىت،بىكەتكە چوڭقۇر مىھرى بۇلىشى كېرەك ، 
باشقا مۇنبەرلەرگە باشقۇرغۇچى بولمىغان ۋاقتى ۋە زېھنىنى كەڭسايغا بېرەلىشى كېرەك ، 
ھەر بىر تېما ئىنكاسلارغا بىجانىدىللىق بىلەن دىققەت قىلىشى ، ھەر بىر ئەزانىڭ  مىجەز خارەكتىرىنى توغرا بايقىيالايدىغان بولىشى كېرەك ، 
بىكەت كەيپىياتىنى ئەۋجىگە چىقىرالايدىغان ئۇنۋىرسال ساپاسى بولىشى كېرەك ، 
ئەزالارغا باشلامچى ئۇلگە بولالايدىغان بولىشى كېرەك ، 
شەخسەن ئۆزەمنىڭ كەڭساي ئەپەندىگە ياراملىق ياردەمچى بولۇش خىيالىم بولسىمۇ ، بىراق ئۆز قىزىقىشىم بۇيۇنچە قۇرغان خانىم قىزلار مۇنبىرى پۇتۇپ قالغاچقا ئامالسىزمەن ، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنبەرداشلاردىن يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈم سورايمەن . 
كۆزىتىشىمچە
hurxidi   سەگەك ،ئۆتكۈر پىكىرلىك ، سالماق ئىنكاسلىق ئەزا ، مۇنبەرنى ئىلمىي ئەھمىيەتلىك مۇنازىرە سورىنىغا ئايلاندۇرالايدۇ دەپ قارايمەن ،
xaxatuxكۆتىرەڭگۈ روھلۇق،قىزىقىش دائىرىسى كەڭ ،دادىل پىكىرلىك ئەزا ، مۇنبەرنىڭ ئۇلۇك بۇلۇقتۇرما كەيپىياتلىق بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ ، كىچىكىنە سوغاق قان بولسىلا ، 
كەڭ سايچىلارنىڭ ئويلىشىپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ، 
رەخمەت ،
[ xahla91تەرىپىدىن2010-10-24 09:47قايتا تەھرىرلەندى ]