باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8353 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدۇم.؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2972
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 59
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە59دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 610 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2011-04-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-22 10:44

مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدۇم.؟

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-10-22)
مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدۇم.؟

ئسىرلاۋدېر برونتون ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،ئەنگىلىيىدە مەشھۇر دۆلەت ئەربابى بولغان ۋە ئەدەبىي ماھارىتى بىلەن شۆھرەت قازانغان بىر ئېنگلىز ئالىمىدۇر. تۆۋەندە ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى توغرىلىق قىسسىسى بېرىلىدۇ:
       مېنىڭ قانداق قىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىم توغرىسىدا ھېكايە قىلىشىم ئۈچۈن بۇ پۇرسەتنىڭ بېرىلگەنلىكىگە ناھايىتى خوشالمەن. مەن خىرىستىان ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يېتىلدىم. كىچىكىمدىن باشلاپلا خىرىستىئان دىنىنىڭ تەلىماتلىرىنى ئوقۇشقا ۋە ئۈگىنىشكە كىرىشتىم. ئىنگلىز چىركوۋلىرىغا باغلاندىم، خىرىستىئان دىنىغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدىم. بىرقانچە يىلدىن بېرى ئۆزگەرگەن خىرىستىئان دىنىنىڭ تۈپ ئاساسى بولغان »ئىسانى ئاللاھنىڭ ئوغلى ۋە ئۇ ئۆزىنى ئىنسانىيەتنىڭ خاتالىقلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن پىدا قىلغان دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلاردىن باشقا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ئازاپقا دۇچار بولىدۇ« دەيدىغان ئەقىسىدىگە ھەيرانلىقىم بىلەن قارايتتىم، توغرىسى بۇ ئەقىدىگە شەك قىلاتتىم. شۇنداق تەسەۋۋۇرلارنى قىلاتتىمكى، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن ياراتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئالدىن بۇرۇن بىلىدىغان بىر كاتتا ئىلاھ تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئوغلى ئىسانى قۇربان قىلماستىنمۇ كەچۈرۈم قىلالمامدۇ؟ ئىسانىڭ ئۆلىمى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ئىسانى ئاللاھ تائالانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ئازاپقا قالىدۇ دېيىلىدۇ؟ بۇ ئاشكارە زىتلىق ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئىلاھ خىرىستىئانلار تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئىلاھ بولىدىغان بولسا، ئۇ ئادالەتلىك ئىلاھ ئەمەس، ئۇ بەندىلىرىگە شەپقەتلىك ئىلاھ ئەمەس، ئۇ ئادەتتىكى ئىنسانلاردىنمۇ ئەقىلسىز ئىلاھتۇر. شۇنداق تەسەۋۋۇرلاردا بولساممۇ، لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا بولغان ئەقىدەم چىن ئېدى. ئەمما خىرىستىئان دىنىنىڭ ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش (يەنى ئاللاھ تائالا، ئىسا، مۇقەددەس روھ ئۈچى بىر ئىلاھتۇر دېيىش)ئېتىقادىنى قوبۇل قىلمىدىم. بۇ ھەقتە دىنلار تارىخىدىن ۋە دىنلار تەتقىقاتىدىن كۆپلىگەن ماتېرىئاللارنى ئوقۇدۇم. بۇلاردىنمۇ قانائەت ھاسىل قىلالمىدىم. مەن ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقى توغرا دىنىنى بىلىش ئۈچۈن قاتتىق بەل باغلاپ، چىن ئىرادە تىكلىدىم. كىشىلەر خىرىستىئان دىنىنىڭ ئېتىقادلىرى ئىنجىلغا يۆلىنىدۇ، دېيىشىدۇ. لېكىن مەن بۇ ئىنجىللارنى قايتا- قايتا ئوقۇدۇم. ئاخىرى بۇ ئىنجىللارنىڭ ھېچبىرىگە ئىشەنچ قىلالمىدىم. ئىساغا ئاللاھ تائالادىن كەلگەن بىرلا ئىنجىل بار دەپ ئاڭلايمىز، لېكىن ھازىر خىرىستىئانلارنىڭ قولىدا ئىنجىل مەتتا، ئىنجىل لوقا، ئىنجىل ماركۇس ۋە ئىنجىل يۇھەننا دەپ تۆت ئىنجىل بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر- بىرىگە زىت كىتابلار، ئىسانىڭ ئىنجىلى قايسى؟ ئۇنى كىم بىلىدۇ؟ خىرىستىئانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىنجىلنى ئۆزگەرتىپ، بۇزغاندىن كېيىن خىرىستىئان پوپلىرى تەرىپىدىن بۇ تۆت ئىنجىل يېزىلغان. بۇ ئىنجىللارنىڭ ھېچبىرى ئاللاھ تائالانىڭ ياكى ئىسانىڭ سۆزى ئەمەس. بەلكى بۇلار، بۇ ئىنجىللار مەنسۇپ قىلىنغان مەتتا، لوقا، ماركۇس، يۇھەننا دېگەن ئادەملەرنىڭ كىتابلىرىدۇر. بۇ ئادەملەر ئىسانىڭ ئۆلۈمىدىن بىر قانچە ئەسىر كېيىن دۇنياغا كەلگەن ئادەملەردۇر. شۇڭا بۇ ئىنجىللارنىڭ ھېچبىرى ئەسلى ئىنجىل بولۇشقا ئەرزىمەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيدۇرما ئىنجىللاردۇر. مەن ئىنجىللارنى ئوقۇپ، ئۆزەمگە قانائەت ھاسىل قىلالمىغاندىن كېيىن، باشقا دىنلار ھەققىدە تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم. كۆڭلۈمدە ”ھەقىقىي ئىلاھ بار بولىدىغان بولسا، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى خالىسا تەۋبىسىز، خالىسا تەۋبىسى بىلەن ئەپۇ قىلىدىغان رەھىم- شەپقەتلىك، ئېسىل ئىلاھ بولىدۇ“، دەپ ھېس قىلدىم. بۇ ھەقتە چوقۇم بىر نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم. پۈتۈن ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ، ئىسلام دىنى توغرىلىق ئىزدىنىشكە باشلىدىم. ئىسلام دىنىدا مەن ئىزدىگەن ۋە ئارزۇ قىلغان ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تاپتىم، كۆڭلۈم راھەتلەندى، ئاللاھ تائالانىڭ ئوغلى يوقلىقىنى، ئاللاھ تائالانىڭ شىرىكسىز يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بۇ دىندا تونۇدۇم. ئۇنىڭ بەندىلىرىگە ناھايتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئىكەنلىكىنى ۋە بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى خالىسا تەۋبىسىز، خالىسا تەۋبىسى بىلەن كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخىنى ئۈگىنىشكە كىرىشتىم، بۇ زاتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت – سائادەتلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىدىن ئازراق بىر قىسمىنى ئۈگىنىپلا، شۇنداق قانائەتلەندىمكى، خىرىستىئانلارنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىقىشقا ۋە ئۇنى ئېتراپ قىلماسلىقتا قارغۇلارچە دىنىي تەئەسسۇبلۇقى بىلەن تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنى ئىزدىنىپ ئۈگەندىم. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن بۇ دىننىڭ ھەقلىقىدە ھېچقانداق شەك- شۈبھە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدىم ۋە دۇنيادا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىنكار قىلىشتىن ئېغىر چوڭ گۇناھ بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇتقا چوقۇنىدىغان، بىر- بىرىنى ئۆلتۈرىشىدىغان، قىز تۇغۇلغان بالىلىرىنى تىرىك كۆمۈدىغان، مەدەنىيەت، ئەخلاق ۋە ئىلىمدىن ھېچنەرسە بىلمەيدىغان، قالاق ۋە جاھىل ئەرەبلەرنىڭ ئارىسىدىن جىقىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى. پۈتۈن دۇنياغا ئادالەت، راستچىللىق، ھەقىقەتپەرۋەرلىك، رەھىم- شەپقەت، ئىلىم- مەرىپەت، ئەدەت- ئەخلاقنىڭ ئۇرۇغىنى چاچتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن ئۇلۇغۋار خىزمەتلىرىنى ساناپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق بىر ياخشى زاتنىڭ شەنىگە خىرىستىئانلارنىڭ داغ قوندۇرماقچى بولۇشلىرى ھەقسىزلىك ئەمەسمۇ؟ مەن شۇنداق ئوي- پىكىر ۋە خىياللاردا بولغان بىر كۈنى مېنى ھىندىستانلىق بىر دوستۇم ميان ئەمرىدىن زىيارەت قىلىشقا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن خىرىستىئان ۋە ئىسلام دىنلىرى توغرىلىق ئوچۇق بىر مۇنازىرە ئېلىپ باردۇق. ئاخىرىدا مەن ھەقىقىي مەنىدە چىن مۇسۇلمان بولۇپ، ئۆزەمنى ئېلان قىلدىم. چۈنكى ئىسلام دىنى ھەقىقەت، راستچىللىق، ئوڭايلىق، مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق دىنى ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمنى ئىسلام دىنىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بېغىشلايدىغانلىقمغا قەسەم بېرىمەن.
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30

ھەقىقەت ھامان ھازىردۇر.ھەقتائالا ھەممەيلەنگە ھەقىقەت ھارارىتىنى  ھارارەتلەندۇرسۇن. ھەقىقەتتىن ھېيىققانلار ھامان ھازازۇلنىڭ ھەقەمسايىلىرۇدۇر.
مەن پەقەت ئۆزۈم ۋە پەرزەنتلىرىمگىلا مەسئۇل!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 393
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە393دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-23
ئاخىرقى: 2012-01-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-22 12:43

خالىغانلار شۇنداق قىلسۇن ، خالىمىغانلار نېمە بولسا مەيلى !
xahida
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1204
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 108
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە108دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 1225 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-02-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-22 12:46

بۇ ئسلام دېنىمىز ھەقىقەتەن مۇكەممەل بىر دېن،
ھەقىقى مۇسۇلمانلار بۇ دىندىن ھوزۇرلىنالايدۇ ھەم بەخىتىنى تاپالايدۇ
ئەركەتۈرۈك
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 556
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە556دانە
ئۆسۈش: 6390 %
مۇنبەر پۇلى: 10943 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2012-02-25
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-22 13:51

بىلمەمسىلەركى ، ئاللا ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى ( يەنە سىلەرنىڭ پايدىلنىشىڭلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ  بەردى)  ، سىلەرگە ئاشكارە ۋە يۇشۇرۇن ( يەنى ماددى ۋە مەنىۋى ) نىممەتلەرنى كامالەتكە يەتكۇزۇپ بەردى بەزى كىشىلەر ھىچقانداق ئىلىمسىز ، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتاپسىز ھالدا ئاللا بارىسىدا  جىدەللىشىدۇ(20)

سۇرە لوقمان
ئەسسالام قېرىنداش يولۇڭ تۈز بولسۇن ،
ياخشى ئىش ئىزلىرىڭ ئىبرەت بوپ قالسۇن .
باشلىغىن دوسلارنى ياخشى يوللارغا ،
بۇنىڭدىن دوسلارمۇ ھەق يولنى تاپسۇن.
دوستلىشىش
maslakdax
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1430
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 360
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە360دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 4301 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-05-09
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-22 16:48

ئىشلىتىش
引用第1楼ھەمزە于2010-10-22 11:46发表的 :
ھەقىقەت ھامان ھازىردۇر.ھەقتائالا ھەممەيلەنگە ھەقىقەت ھارارىتىنى  ھارارەتلەندۇرسۇن. ھەقىقەتتىن ھېيىققانلار ھامان ھازازۇلنىڭ ھەقەمسايىلىرۇدۇر.

ھەمزە ھەزرىتى ھازىر ھەقىقەتەن ھاياجانلىنىپتۇ.
بويۇم ئىدى ئوقتەك،كۆڭلۈم ئىدى يا،
كۆڭلۈمنى ئوق قىلغۇچە بويۇم بولدى يا.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1486
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 395 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-03
ئاخىرقى: 2012-05-01
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-23 19:22

اسسالامۇ الەيكۇم ھەمزا قېرىندىشىم تېل نۇمىرىڭىزنى ېيتىپ بىرالاسىزمۇ سىزدىن سورايدىغان مەسلە بارېدى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4097
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2010-11-30
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-30 00:03

بۇ ئسلام دېنىمىز ھەقىقەتەن مۇكەممەل بىر دىن،
ھەقىقى مۇسۇلمانلار بۇ دىندىن ھوزۇرلىنالايدۇ ھەم بەخىتىنى تاپالايدۇ.ھەممىگە قادىر اللاھ ئىگەم ئىسلام دىنى ئۈچۈن ئىزدەنگەنلەرنىڭ ئەجرىنى بەرسۇن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2578
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 80
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە80دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 475 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-02
ئاخىرقى: 2012-05-08
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 00:33

بۇ ئسلام دېنىمىز ھەقىقەتەن مۇكەممەل بىر دىن،
Just believe in allah
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4736
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 504
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە504دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 3211 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-05-08
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 17:34

ئۇ كىشى  بەكلا  تەلەيلىككەن،  ئاللاھنى تۇنۇش ،پەيغەمبرنى تۇنۇش ھەق يولغا  كىرىشتىنمۇ ئارتۇق بەخىت بامۇ؟
ئاللاھ پاكتۇر.
بۇ دۇنيا ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىپادىسى.
ئاخىرەت ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى نۇرنىڭ ئالامىتى--ئوسمان رادىيەللاھۇ ئەنھۇ.