مــــــۇكــــــــاپـــــــاتـــــــــلــــىــــق ئــــــــەســـــــەر يــــــــــولــــــــلاش پـــــــائـــــــالىـيـىــــــتى بـــــاشـــــلانــــــدى !!
ئەسسالام كەڭ ساي تور بىكىتىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى كەلگەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا !
نۆۋەتتە ئىچكىرى بىلەن بولغان تور ئالاقە ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن بۇيان ئىچكىردىكى ۋە دىيارىمىزدىكى
دوستلارنىڭ تورغا چىقىش ، ئالاقىلىشش ، دوستلىشش يەنىمۇ قۇيۇقلاشتى ، نۇرغۇن دوستلار دىدارلىشش پۇرسىتىگە ئېرىشتى .
خــــــــــــــوش !
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەڭ ساي تور بىكىتىنى قوللاپ كەلگەن تورداشلارغا يەنىمۇ ئىلھام بىرىش ، ۋە باشقا تورداشلارغا
تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى تەمىنلەش ئۇلارغا مەنىۋى ئۇزۇق بىرىشنى ئۆز بۇرچىمىز دەپ قاراپ تورداشلار ئارا مەخسۇس
مۇكاپاتلىق ئەسەر يوللاش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولىۋاتىمىز .
پائالىيەت ئورنى : مەزكۇر
كەڭ ساي تور بىكىتى دە ؛
پائالىيەت ۋاختى : 2010- يىلى 5- ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 2010 - يىلى7 - ئاينىڭ 1- كۈنى گىچە بولىدۇ .
2010- يىلى 7 - ئاينىڭ 1- كۈنى ئەسەرلەرنى باھالاپ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ .
مۇكاپات ئەڭ كىچىككەندىمۇ 1- چېسلادىن 15 - چېسلاغىچە ئومۇميۈزلۈك نەقلەشتۈرۈلىدۇ .
پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر بىكىتىمىز بارلىق سەۋىپىسىدىكى تۈرلە بويىچە بۇلۇپ مەزمۇنى ساغلام ،
ئىجادىي ئەسەرلەر ئالدىن قارشى ئېلىنىدۇ .
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. باشقا تور بېكەتتە ياكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى كېرەك .
2. چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ تېمىسى بولۇشى كېرەك
(تەرجىمىدىن باشقىلىرى..) ، توردىكى كۈچۈرۈلگەن خەۋەر ، ماقالىلار ، ئايرىم ناخشا مۇزىكىلار ... بۇ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر تۈرىگە تەۋە ئەمەس .
3. ئىملاغا، كەسپىي ئاتالغۇلارغا، لوگىكىغا دىققەت قىلىنغان بولۇشى كېرەك .
مۇكاپات سوممىسى تۆۋەندىكىچە :
1- دەرىجىلىك مۇكاپات 1 (مۇكاپات سوممىسى 500 يۈەن خەلىق پۇلى)
2- دەرىجىلىك 2 (مۇكاپات سوممىسى 300 يۈەن خەلىق پۇلى)
3- دەرىجىلىك 3 (مۇكاپات سوممىسى 150 يۈەن خەلىق پۇلى)
پائالىيەت مەزگىلدە مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرگە ئايرىم سەھىپە ئاجىرتىلىپ
باش بەتتە ئېلان قىلىنىدۇ .
بۇ پائالىيەتكە يوللانغان ماقالە ئەسەرلەر بىردەك مۇنبىرىمىزدىكى ماقالە ئەسەرلەر سەۋىپىسىدىكى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتى تۈرىگە يوللىنىشى ، كىرەك... چۈشەنمىگەن ئورۇنلار بولسا بىكىتىمىز بىلەن QQ دا ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ..
QQ:1245851217
ياكى بولمىسا مۇنبەردە سۆزقالدۇرسىڭىز بولىدۇ...
[wmv=314,256,0] [/wmv]