ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ھۆرمەتلىك كەڭ ساي ئەھلى كەمىنە ئوغۇزخان كەڭ سايغا كېلىپ پاناھلانغاندىن بۇيان قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىدە ئاز بولمىغان بىلىمگە ئېگە بولدۇم . مۇشۇ پۇرسەتتە بىزگە مۇشۇنداق ئازادە سورۇننى تەمىن ئەتكەن كەڭ ساي ئەپەندى ، مېھنەتكەش باشقۇرغۇچى ، ھەقنى سۆزلىگۈچى بۇرادەر ۋە يارقىن پىكىرلىرى بىلەن ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بېرىۋاتقان بارلىق مۇنبەرداشلارغا كۆپتىن - كۆپ تەشەككۈرىمنى ئىزھار قىلىمەن ، سەمىمىي سالىمىمنى يوللايمەن ، ھارمىغايسىلەر !
كەڭ سايغا قەدەم باسقىنىمغا ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ پەقەت ئىنكاس يېزىش بىلەنلا بولۇپ دوستلار ھوزۇرىغا بېرەر تېما يوللىماپتىمەن . چۈنكى كەڭ سايدا ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ سۆيگۈسىنى قوزغايدىغان ئېسىل تېمىلارنى سۇنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئاز ئەمەس ئىدى . بىراق پەقەت ئىنكاسلا يېزىش ، تېما يوللىماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئۇسۇل كەڭ سايغا ۋە ئېسىل قېرىنداشلارغا بولغان بىھۆرمەتلىك ئىكەنلىكىنى ئاستا - ئاستا ھېس قىلماقتىمەن . چۈنكى تۇيۇقسىز كەڭ سايدا << سىز كىم >> ، << نەگە بارىسىز >> دېگەندەك ئىككى تال خەتمۇ تېما بولۇپ كەتتى ، يەنە بەزىبىر تەپەككۈرچىلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئادەمنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈرىدۇ . شۇ ۋەجىدىن گەرچە مەن بىر يازغۇچى بولمىساممۇ سىلەرگە ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيەتلىرىمدىن << ئېشەكنىڭ ساياھىتى >> نى تەغدىم ئەتمەكچى . ئەسەرنىڭ ژانىرى ماڭا ئېنىق ئەمەس ، قاملاشمىغان بولسا تەنقىدى پىكرىڭلارغا كۆمىۋېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئېشەكنىڭ ساياھىتى
ئەلقىسسە ، بۇ ئېشەك تۇغۇلغىنىدا ئۆزىنى ناھايىتى باياشات بىر ئائىلىدە كۆردى . ئۇنىڭ نە يەم خەشەكتىن ، نە كېيىم - كېچەكتىن غېمى يوق ئىدى . ئايىغى چىقىپلا ئەجدادى قېرىنداشلىرىنى ئالداپ ئىگىلىۋالغان قورۇقتا ئەركىن نەپەس ئېلىپ يايلاپ يۈردى . ئۇ يا ئەمگەك قىلمايتتى ۋە ياكى ئىش ئەمگەكتىن ھېرىپ - چارچاپ كەلگەن قېرىنداشلىرىغا سالام قىلمايتتى . ئۇنىڭ تەبىئىتىدىكى كىچىكىدە تەدرىجى شەكىللەنگەن كىبىر ئۇنىڭغا بىر خىل ئۆزىچىلىك ئېشەك يوقتەك تۇيغۇ بېرەتتى . ئۇ بالىلىق دەۋرىگە قەدەم قويغىنىدا بولسا ، ئىش ئەمگەك خوشياقمىغان ، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ مۇشۇ قورۇققا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانلىقىنى پەملىگەن بىر قانچە دۆت ئېشەك ئەتىدىن كەچكىچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىقماي خوشامەتچىلىك دېپىنى تاراڭشىتىشقا باشلىدى . شۇچاغدىن باشلاپ ئۇ ئۆزىنى << ھەقىقى ئاتامان >> دەك ھېس قىلىشقا باشلىدى .
غەم قايغۇسىز كۈنلەر ئاخىرلىشىپ ئېشەك ئەجدادىدىن ۋاقىتسىز خوشلاشتى . دەپنە ئىشلىرى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ئېشەكلەر ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك يۈز بېرىپ ئەجدادى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلغان خەزىنىدار ئېشەك مال - مۈلۈكنىڭ 90 پرسەنتى بىلەن قوشۇپ نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلەرنى باشلاپ ئۆزى ئالدىن پىلانلاپ قويغان بويىچە يۇرتىغا قايتىپ قورۇقنىڭ ۋەيران بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
نە ئامال ، ئېشەك ئۆز ئەقلى بويىچە تەپەككۈر قىلىشقا باشلىدى . قولدىن كەتكەنلەرنى قايتۇرۋالمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى . قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئۇ قورۇق ئىچىدە ئۇيان ئايلىنىپ بۇيان ئايلىنىپ ئاخىرى بىر بۇلۇڭدا تېخىچە تازلانماي قالغان ئەجدادىنىڭ نىجاسىتىنى كۆرۈپ ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوشال بولۇپ كەتتى . يۈگۈرۈپ بارغىنىچە ئالدى ئىككى پۇتى بىلەن تىزلىنىپ نىجاسەتنى پۇراشقا باشلىدى ، شۇ پۇراشتا بىھۇش بولۇپ يىقىلىپ چۈشتى . ھۇشىغا كەلگەندە بولسا بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاسمانغا تىكىلگىنىچە كالپۇكلىرىنى پۇشقۇرتىپ ئاز تولا ئىش قىلمىسا ، تىرىشمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى .
ئېشەك ئەتىسى ئىشنى قورۇق ئەتراپىدىكى دۆت ئېشەكلەرنى قايىل قىلىشتىن باشلاش مەقسىتىدە قورۇق ئەتراپىدىكى تۆت كوچىغا كېلىپ كىچىكىدە ئەجدادىدىن ئۆگىنىۋالغىنى بويىچە ھاڭراشقا باشلىدى .....
كۈنلەر ئۆتمەكتە ...... ئېشەكلەر ئۇنىڭ ئەجدادىغا بولغان ئېتىقادىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىنمۇ ياكى ئۇنىڭ ئاۋازىدا ئۆزلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل ئۆزگىچىلىك بار دەپ ھېس قىلدىمۇ ياكى بولمىسا كىچىكىدە ئۇنىڭ ئاز - تولا تەمىناتىغا ئېرىشكەنلىكىدىمۇ ئەيتاۋۇر بىر - بىرلەپ ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىشقا باشلىدى .
پىلانىنىڭ ئۇنچە كۈچىمەيلا يۈرۈشۈپ كەتكىنىدىن مەمنۇن بولغان ئېشەك دائىرىسىنى كېڭەيتىش پىلانى تۈزۈشكە باشلىدى . قانداق قىلىش كېرەك ؟ دېگەن ئوي - پىكىر ئۇنى ئازاپلىماقتا ئىدى . ئۇ قايتا - قايتا تەپەككۈر قىلىپ باشقا جايدىكىلەرنىڭ ئۆزىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ، بىلسىمۇ پەرۋا قىلمايۋاتقانلىقىنى ، پەقەتلا ئۆزىنى تونۇتقاندىلا تېخىمۇ كۆپ ئېشەكلەرنى ئەتراپىغا توپلاش مەقسىدىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى پەملەپ باشقا يۇرتلارغا يول ئېلىپ سىناپ كۆرمەكچى بولدى .
ئېشەك قورۇق ئىشلىرىنى بىر قۇر ئورۇنلاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن ، ساياھىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان ئېلى يايلاقلىرىغا قاراپ يول ئالدى . كىچىكىدىن ئۆيىدىن ئايرىلىپ باقمىغان ، جەبرى - جاپانىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغان بولسىمۇ ئاخىرقى مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بەل قويىۋەتمىدى . بىراق جاپا - مۇشەققەتنىڭ دەھشىتىگە << تەلكە >> داۋىنىغا كەلگەندە قەتئى بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئېشەك << چىقىرىۋەتتى >> ۋە ھالسىزلىنىپ نىجاسەت قېشىدا يېتىپ قالدى . بىر ھازا ئۆتكەندە بولسا تۇياقلارنىڭ دۈپۈرلىگەن ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ بۇ قىسمەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى دالدىغا ئالغاچ ئىگىز بىر دۆڭگە چىقىۋېلىپ ئەھۋالنى كۈزەتتى .
ئازراق ۋاقىت ئۆتۈپ ئۇنىڭغا بىر قانچە تۇنۇش چىراينىڭ ئىز بېسىپ كېلىۋاتقانلىقى چېلىقىتى ، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ساقلاپ تۇردى .
كېلىۋاتقانلار دەل ئۇنىڭغا ئەگەشكەن دۆت ئېشەكلەر ئىدى . << ئاتامانى >> نىڭ ساياھەت جەريانىدا باشقا يۇرتتىكىلەرنى قايىل قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرىگەن 7-8 دۆت ئېشەك ئۇنىڭ ئىزىدىن بېسىپ كەلگەن ئىدى . ئۇلار ئېشەك چىقىرىپ قويغان نىجاسەتكە يېقىنلاشقانچە بىر خىل خۇش ھېدنى سەزگەندەك بولدى . نىجاسەتنى كۆرگەندە بولسا چىۋېن پوققا يامرىغاندەك ئېتىلدى . ئۆز نىجاسىتىنىڭ بۇنچە ئۈنۈم پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى كۆرگەن ئېشەك جايىدا تۇرۇپ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ھاڭراشقا باشلىدى . ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دۆت ئېشەكلەرمۇ ھاڭراپ كەتتى . پۈتۈن << تەلكە >> نى ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازى بىر ئالدى .
ھاياتلىق ۋە ياخشىلىق ئىزدەپ يۇرتلىرىدىن سەپەرگە چىققان كىشىلەر بۇ جايدىن ئۆتۈشكىنىدە بولسا ئېشەكلەرگە قامچىسىنى شىلتىپ باقتى ، بىراق ئېشەكلەر ھاڭراشتىن توختايدىغاندەك ئەمەس . پەرۋا قىلمايدىغانلار بولسا ئەگىپ ئۆتۈپ كەتتى .
ئۈلۈشكۈن غۇلجىدىن بىر بۇرادىرىم مېنى يوقلاپ كەپتىكەن ، ھېلىقى ئېشەكلەر يەنە << تەلكە >> داۋىنىدا ھاڭرىماقتىكەن ......
[ oghuzhanتەرىپىدىن2010-10-21 17:18قايتا تەھرىرلەندى ]