كامران ئەپەندىمنىڭ ئەجرىگە رەھمەت،كۆپ ئىزدىنىپسىز .مەنمۇ بۇ ھەقتە دائىم پىكىر يۇرگۈزىمەن ،بىراق سىزدەك سېستىمىلىق قىلىپ 17تۈرلۈك يېتەرسىزلىكنى بىراقلا تىزىپ چىقالمىغان ئىدىم .مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ مىللىي مائارىپنى باشقۇرۇش جەھەتلىرىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەردۇر.ئۇندىن باشقا ئوقۇشتۇشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولغان ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى تەرەپتىمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت .مېنىڭچە ،بىزنىڭ مىللىي مائارىپىمىزنىڭ 60يىلدىن بىرى ئۈزۈلۈپ قالماي ،تەرەقىي قىلىپ مۇشۇ كۈنگە كېلەلىشىدە ،ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان ،جاپالىق ئىزدىنىۋاتقان ،ئۆزىنىڭ بارلىغىنى بالىلارغا مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بېغىشلاۋاتقان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بار بولغانلىغىدىن دەپ قارايمەن.مانا شۇلار مەكتەپلەردە يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۇرۇپ ،قابىليەتسىز باشلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەم تاۋاقلىرى پالەش قىلىپ قويغان مائارىپنى ،زېرىكمەي تۈزەپ ،يولىغا سېلىپ ،ئۇلارنىڭ يۈكىنى بۆلۈشۈپ كۆتۇرۇپ ،قوربان بېرىپ كېلىۋاتقان باغۋەنلەردۇر .مانا شۇلار بولمىغان بولسا مىللىي مائارىپىمىز خېلى بۇرۇنلا تاقىلىپ قالغان بولاتتى . ئەگەر شەرەپ گۈلى تاقاشقا توغرا كەلسە ،دەل شۇلارغا تاقاش كېرەك ئىدى.ئەپسۇس شۇ گۈللەرمۇ مۇشۇ جاپاكەش مىھنەتكەشلەرگە تەگمەيۋاتىدۇ. بۇنداق سورۇنلار بايىقى مەن ئىيتقان ئۆز يۈكىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇپ قىلچىمۇ نومۇس ھېس قىلمايدىغان ،ھوقوقدار بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغانلاردىن ئاشمايدۇ.مىللىي مائارىپ قوشۇنىمىزدا بايىقى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىزغا قوشۇلۇپ يەنە مۇنەۋۋەر مۇدىر ۋە باشقۇرغۇچىلىرىمىزمۇ بولغان بولسىدى ،مىللىي مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن زور ئۈمۈتلەرنى كۈتكەن بولاتتۇق ،ئەپسۇس كۆپ سانلىق مۇدىرلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل «ئىدىيەسى» يوق ،مائارىپنىڭ قونۇنيەتلىرىنى چۈشەنمەيدۇ .ئۇلار ئۈچۈن مودىرلىق ئورنى پەقەت بىر سىياسى سەھنە ،يەنىمۇ يوقۇرىغا يامىشىشنىڭ بىر بالدىقى خالاس. ئۇلار مەملكەت بويىچە داڭلىق مەكتەپلەردىن «ياڭسى» ،«دۇلاڭكوۋ»....لارنىڭ مۇدىرلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ بەرسىڭىز ،ئۇلارنى ئاخماقكەن دەپ ياراتمايدۇ .چۈنكى ئۇلار ئاشۇ مۇدىرلاردەك جاپالىق يول ئېچىپ ئىلگىرلەشنى بىر خىل بىمەنىلىك دەپ قارايدۇ .سەۋەبى ،بىزدە مۇدىرلار مەيلى توھپىسى بولسۇن ياكى بولمىسۇن ،پەقەت سىياسى جەھەتتىن لاياقەتلىك بولسىلا نورمال يوقۇرىغا ئۆسىۋىرىدۇ ..........مېنىڭچە مەكتەپلەردە مەمۇرى ئورگانلارنىڭ ھوقۇق دەرىجە تۈزۈمىنى ئىشلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغىچە مەكتەپلەر تۈزەلمەيدۇ .