باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 9558 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپىىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر
ھەق ئىگىلەر سۇنماس
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2482
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 195
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە195دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 1427 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-29
ئاخىرقى: 2012-01-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-19 15:43

نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپىىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-01-04)
نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپىىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر
 
نەچچە كۈندىن بۇيان مائارىپ توغرىسىدىكى ماقاللىلارنى ۋە تور يۈزىدىكى تالاش-تارتىشلارنى كۆرۈ مېنىڭمۇ ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقىم كەلدى. مېنىڭ تۆۋەندە سۇنماقچى بولغىنىم ئاساسىي قاتلاملاردىكى بىر قىسىم مەكتەپلەردە ساقلىنىۋاتقان، تېزدىن تۈزۈتۈشكە تېگىشلىك رېئال مەسىلىلەر بولۇپ تورداشلارنىڭ مۇنازىرە قىلىپ بېقىشىنى سورايمەن.
1-ئاساسىي قاتلاملاردىكى بىر قىسىم مەكتەپلەردە مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ياخشى تاللانمىدى. ئونۋېرسال ساپاسى ۋە كەسپىي ساپاسى يۇقىرى ئەمەس. باشقۇرۇش سەۋىيىسى قالاق ياكى تۆۋەن. ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە دېگەننىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغانلار ئازمۇ ئەمەس.
2-ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلمىدى، ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلۈنمىدى. گەپنىڭ قىسقىسى ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئىقتىدارلىق، قابىلىيەتلىكلەر مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىگە ياكى ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىكىگە كىرگۈزۈلمىدى ياكى كىرگۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ پەقەت ئارخىپچىلىق ۋەزىپىسى يۈكلەندى، رولى جارى قىلدۇرۇلمىدى.
3-ئوقۇتۇش تەتقىقات گورۇپپىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت زۇ ئەزالىرىنى يوقلىما قىلىش، سەت خەتلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلىقىغا تەستىق سېلىش بىلەنلا چەكلەندى. ئوقۇتۇش توغرىسىدىكى ئىلمىي مۇنازىرىلەرگە سەل قارالدى. نەتىجىدە ئوقۇتۇش تەتقىقات گورۇپپىلىرى غەيۋەتخانىغا ئايلىنىپ قالدى.
4-مەكتەپنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلمىدى. ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى چىڭ تۇتۇلمىدى. نەتىجىدە بەزى ئوقۇتقۇچىلار قىمارسورۇنلىرىدىن چىقالمايدىغان، كۈندە ساق ۋاقتى بىلەن مەست ۋاقتىنى ئايرىغىلى بولمايدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ تەسىرى يامان بولدى. ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرغىلى بولمىدى.
5-بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرى ھە دېسىلا ئوقۇتقۇچىلارغا تېرە تاراقشىتىش يىغىنى ئېچىپ ھەتتا چوڭ يىغىندا ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويۇپ تىللايدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس.
6-مۇئاش تۇتۇش ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنىپ قالدى. كىچىككىنە ئىشلار بولسىلا مۇئاش تۇتۇۋاتقان، ئۆچ ئېلىۋاتقان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس. كېچە-كۈندۈز مەكتەپ ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقانلارغا ھېچنىمە يوق، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ يېقىنلىرى، شورپىسىنىڭ شورپىسى دېگەندەك ئۇرۇق-تەققانلىرى يىل ئاخىرىدا مۇنەۋۋەر بولىدىغان، زاپاس كادىرلىققا كۆرسىتىلىدىغان، ھەتتا خېلى ئىشلارنى چىقارسا گەپ قىلماي بېسىقتۇرۇۋىتىپ باشقىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس.
7-«ئالدى ئىشىكتىن يىڭنە پاتمايدۇ، ئارقا ئىشىكتىن پويىز قاتنايدۇ» دېگەندەك ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ ئاغرىپ قېلىپ بىرەر سائەت رۇخسەت سورىسا مۇئاشىنى تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ يېقىنلىرى كېچىلەپ ھاراق ئىچىپ، رەڭلىك سورۇنلادا ھەمدەم بولۇشۇپ بەرسە ئۇلارنىڭ مۇئاشى تۇتۇلمايدۇ، ئەكسىچە ئەڭ چوڭ ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ.
8-ئۈنىۋان باھالاشلاردا ئۇدا نەچچە قېتىم ئۈنىۋانغا ئىمتىھان بىرىپ ياكى جەدىۋەل تولدۇرۇپ ئاخىرىدا ئۈنىۋان ئالالمىغانلارغا تاكى شۇ كىشىلەر ئۈنىۋان ئېلىپ ئوقتۇرۇش قولىغا تەككۈچە باشقىلارنىڭ ئۈنىۋان ئېلىشىغا بولمايدۇ، ھەتتا چېلىشتا يىقىلغان پالۋانلار نەچچە يىل ئۈنىۋانغا يول مېڭىپ بولغۇچە باشقىلار ئۆچرەت ساقلايدۇ. ئۈنىۋان پۇرسىتىنى بىر قېتىم بەرسە پۇرسەتنى كەتكۈزۈۋەتكەندىكىن كېيىنكى قېتىملىق ساننى باشقا بىرسىگە بىرەيلى، ئۇ مەلۇم مەزگىل ساقلىسۇن، ئەگەر ئىككىنچى قېتىم يەنە پۇرسەتنى كەتكۈزۈۋەتسە بىر قانچە يىل ساقلىسۇن، چۈنكى ئۈنىۋانغا شەرتى توشۇۋاتقانلار قاتارلىشىپ تۇرۇۋاتىدۇ دېگەننى ھېچكىم يۈرەكلىك دېيەلمىگەن. گەپنىڭ توچكىسى شۇكى: مەكتەپ باشلىقلىرىدىن ياكى ئۈنۋان ئالماقچى بولغان بەزى ئۆكتەملەردىن ھەم ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى تېرەك لەردىن قورقۇشتى. بىرىنسىپ بويىچە ئۈنىۋانغا قاتتىق ئۆلچەم بېكىتىلمىگەن.
9-رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەر ئۆزئارا ھۇقۇق تالىشىپ گوروھۋازلىق قىلدى، زىيان ئوقۇغۇچىلارغا بولدى. بەنزە ئەزالىرى كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ھەتتا مەكتەپتىلا بىر-بىرى بىلەن ياقا سىقىپ مۇشتلىشىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ئويۇن قويۇپ بەردىغۇ.
10-مەكتەپتىكى ئاتالمىش ئايال باشلىقلارغا ھەر قېتىم مەكتەپ بويىچە ئۇچۇق دەرس ئۆتۈش ۋاقتى ياكى دەرس تەستىقلاش ۋاقتى كەلگەندە  ئۆزىڭىز كېيىۋاتقان مۇدا كىيملەردىن ئاياغ ياكى كۆڭلەك ھېچبولمىسا پايپاق دېگەندەك نەرسىلەرنى سەدىقە قىلمىسىڭىز دەرسىڭىز ياخشى باھالانمايدۇ ياكى سىزنى ئۇچۇق دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ئۇسال قىلىدۇ. دەرس تەييارلىقىڭىزنى قەستەن تەستىقلاپ بەرمەيدۇ، نەتىجىدە تەستىقسىز دەرسكە كىرىپ قالىسىز-دە، مۇئاش تۇتقاندىن باشقا، سىزنى سازايى قىلىپ سېسىتىۋىتىدۇ. 
11-ھەر يىلى يۇقىرىدىن مەكتەپ باشلىقلىرىنى باھالاپ لاياقەتلىك، لاياقەتسىزنى ئايرىيدىغان ۋاقىت كېلەي دەپ قالغاندا سىز مەكتەپ باشلىقىڭىزنىڭ پوزىتسىيەسىگە دىققەت قىلىپ بېقىڭ.
ئادەتتە سىز بىلەن سالاملاشمايدىغان باشلىقلىرىڭىز شۇ مەزگىللەردە پىلە قۇرۇتىدەك يۇمشاپ كېتىدۇ. سىناپ تەكشۈرۈش جەدىۋىلىگە بەلگە قۇيۇشتىن بۇرۇن خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆزلىشىپ بىر-بىرىڭلارنى قويغان بەلگىنى ئۆز-ئارا نازارەت قىلىشقا شەخسىي رازۋېتچىك قىلىپ قويىدۇ. ھەتتا تەشكىلات بۆلۈمى مەكتىپىڭىزغا چىقىپ پىكىر ئېلىشتىن بۇرۇن سۆھبەتلىشىش ئوبىكتىلىرىنى باشلىقلىرىڭىز ئۆزى تىزىدۇ دە تىزىملىك بويىچە كىرگۈزىدۇ، ھەق گەپ قىلىدىغانلارنى ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ كىرگۈزمەسلىككە تىرىشىدۇ.بۇ خىزمەت تۈگىگەندىن كېيىن ھەممە بۇرۇنقىدەك شۇ «ئاتام ئېيىتقان بايىقى».........ھھھھھھەي!
12-مائارىپ ئىدارىسىدىن شەنبە-يەكشەنبە كۈنى ئىشلەيسىلەر دەپ ئۇقتۇرۇش چىقارمىسىمۇ مەكتەپ باشلىقلىرىڭىز ئۆز ئالدىغىلا "باھالاش كېلىدۇ" دەپ شەنبە-يەكشەنبە كۈنى ئارام ئېلىش بەرمەيدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا شۇ مەكتەپتىكى يېرىم سائەت، بىر سائەت بۇرۇن يوقلىما قىلىدىغان يوقلىمىچىلاردىن قورقۇپ،  ھاياتىدىن ئايرىلغانلارمۇ يوق ئەمەس.(ئۇندىن باشقا، چاقىرىدىغان مىھمانلارنى چاقىرالمايسىز، توي-تۆكۈنلەرگە بارالمايسىز، باللىرىڭىزنىڭ، ياشانغان ئاتا-ئانىلىرىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايسىز. ئەگەر ئايال كىشى بولسىڭىز يولدىشىڭىزنىڭ ياكى قېيىنئاپىلىرىڭىزنىڭ تەنقىد، تىل-دەشناملىرىغا ئۇچىرايسىز، ھەتتا بەخىتلىك ئائىلىڭىزدىن بوران ئۇچىدىغان ھالەتكە يېتىشىمۇ مۇمكىم). 
13-ئاپتۇنۇم رايۇن ئىچىدە ياكى ئىچكىردە «قوش تىللىق» مائارىپ بويىچە بىر-ئىككى يىللىق تەربىلەشكە سان كەلسە ئەڭ ئاۋال ئۆز يېقىنلىرىنى يوللايدۇ، تېخى يوللىغانلارنىڭ بەزىلىرى كىچىكىدىن خەنزۇچە ئوقۇغانلار ياكى تەنتەربىيە، مۇزىكا كەسپىنى پۈتتۈگەنلەر بولۇپ بارغانلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئاساسىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئەمەس ياكى كەسپىي ئىقتىدار ۋە مەلۇم دەرىجىدە خەنزۇچە ئاساسقا ئىگە بولمىغاچقا بىكار يۈرۈپ، ئۆگىنىش قىلماي، ياكى بىر-ئىككى يىل ئىچكىرلەردە ھەقسىز ئوقۇپ كېلىپ، بىرەر سائەتمۇ قوش تىل بويىچە دەرس ئۆتۈپ بەرمەي، مەكتەپتە لاغايلاپ يۈرۈۋاتمامدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شۇ بارغان يېرىدە قىنىدا يۈرمەي، ھەرخىل، ھەر ياڭزا يەرلەردە يۈرۈپ، قوغلاندى بولغانلارمۇ قايتىپ كېلىپ خىجىلمۇ بولماي يەنە مەكتەپتە ئاۋالقىدەكلا يۈرۈۋىرىدۇ. كەسپىي ئىقتىدارى ۋە خەنزۇچە ئاساسىي ياخشى، شەرتكە چۈشىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بۇ پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەن.
14-مەكتەپتە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىغاندا ئۇششاق-چۈشەك باشلىقلار كۆپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلماي ھەممە ئىشقا كاتىپ ياللاپ كۆنۈپ قالغاچقا ئەمەلىي ئىش ئاقماي، ئاخىرىدا يۈكنىڭ ئېغىرى يەنىلا ئوقۇتقۇچىلارغا چۈشكەن.
15-ئىش ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپلىك بولمىغاچقا ھەممە ئىشلار ئوماچ بولۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تاشلىنىپ قالغان. مەسىلەن: ئىلمىي بۆلۈمنىڭ ئىشىنى سىياسىي بۆلۈمگە (ئەسلىدە ئەخلاق-تەربىيە بۆلۈمى دېسەك توغرا بولاتتى، سىياسىي بۆلۈمى دېگەن قانۇن، ھەربى تارماقلاردا بولاتتى، ھازىر مەكتەپتىكىنىمۇ سىياسىي بۆلۈم دەپ ئاتىۋالدۇق)، سىياسىي بۆلۈمنىڭ ئىشىنى مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتىتىغا ئورۇنلاشتۇرغاندىكىن تەۋەلىكتىن ھالقىغان ئىشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ-دە.
16-قالايمىقان مۇئاش تۇتۇش ئەڭ ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئەمگەك قانۇنىنى بەزى مەكتەپلەر تېخى ئاڭلاپمۇ باقمىغان (ئازراق ئەمەل قىلسىمۇ مەيلىغۇ). ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇئاشتىن باشقا كىرىم مەنبەئەسى يوق. ياكى بىرەر ئادەمنىڭ ئىشلىرىنى پۈتتۇرۈپ بىرىمەن دەپ تاپان ھەققى ئالالمايدۇ ھەم بۇنداق ئىشنىمۇ قاملاشتۇرالمايدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇئاشىنى قالايمىقان تۇتىۋەرسە ئوقۇتقۇچى ئۆيىنى نېمە بىلەن قامدايدۇ؟ باللىرىنى نېمە بىلەن باقىدۇ؟ ئۇنىڭ باشقا چىقىملىرى يوقمۇ. ئەگەر ئۇ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن باشقا يامان يوللارغا مېڭىپ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزسە مەكتەپنىڭ ئوبرازىغىمۇ ياخشى ئەمەس.
مەكتەپنىڭ مالىيە خادىملىرى ھەر ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاش جەدىۋىلىنى تولۇق ئېلان قىلمايدۇ. سەۋەپسىز مۇئاش تۇتۇلسا ياكى ئوقۇتقۇچىلار بۇنى سۈرۈشتۈرسە بەزى مۇدىرلار ياكى مالىيە خادىملىرى خۇددى ئەزرائىل جان سوراۋاتقاندەك قىلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس.
17-ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئوقۇتقۇچىلار بىكار قېلىۋاتقاندەك ئۇلارنى ئېتىزلىققا ئاپىرىپ ئىشلىتىپ، ئۇلارغا «ئۇھ!» دېگۈدەك پۇرسەتمۇ بېرىلمىسە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقى بولامدۇ؟ ئوقۇغۇچىلارغا قانداقمۇ ئەمەلىي نەپ بېرەلىسۇن؟ ئالىي مەكتەپكە، ئىچكىردىكى ۋە رايۇن ئىچىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتى بولسا مۇھىمنىڭ مۇھىمى ئىدى ئەسلىدە.
ھۆرمەتلىك تورداشلار، يۇقىرقىدەك مەسىلىلەر تۈزەلمىگىچە مائارىپ، ئوقۇتۇش سۈپەت توغرىسىدا بىر-بىرىمىز بىلەن مۇنازىرلىشىپ، ھە دېگەندىلا چەتئەللەرنىڭ مائارىپ ئەندىزلىرى توغرىسىدا دەبىدەبىلىك سۆزلەۋەرسەك جىق ئاۋارە بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىمىز. شۇڭا بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلسە، بىر مەكتەپكە باشلىق بولغانلار ئۇدا يىگىرمە يىل ھەتتا ئوتتۇز يىل بىرلا ئورۇندا باشلىق بولىدىغان ئىشلارغا بارا-بارا خاتىمە بېرىش لازىم. چۈنكى بۇنداق بولغاندا بەزى قائىدە-تۈزۈملەر ئەمەلىيلەشمەيدىغان، ھەتتا مەكتەپنى ئۆزىنىڭ ئۆيىنى باشقۇرغاندەك خالىغانچە باشقۇرىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ-دە، تەسىرىمۇ ياخشى بولمايدۇ. مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ياخشى تاللانسا باشقا مەسىلىلەرنى بارا-بارا تۈزەتكىلى، ھەتتا زىدىيئەتلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈگىلى بولىدۇ.
يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىرى مەن يۈزەكى ھېس قىلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرقىسىمى. بۇ مەسىلىلەر نۇقۇل ھالدا بىرەر مەكتەپ ياكى شەخىسكە ياكى بىرەر جايغا قارىتىلغان بولماستىن نۆۋەتتىكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەزىبىر مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر. بۇ مەسىلىلەرنى تورداشلارغا سۇنۇشتا باشقا مەقسەت يوق. مەكتەپلەردە نەتىجە ۋە ياخشى تەرەپ يەنىلا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەممە مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى بولغاندەك ياخشى تەرەپ بىلەن يامان تەرەپ ھامان بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق بولىدۇ. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىپ، سالماق بوزىتسىيىدە مۇنازىرە قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئەگەر ۋاقتىڭلار بولسا ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ياكى مائارىپتىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىڭلار بىلەنمۇ ھال-مۇڭ قىلىپ باققايسىلەر.
گەپنىڭ خۇلاسىسىغا كەلسەك، دەرۋەقە ئۇيغۇر مائارىپى جۇڭگۇ گۇڭچەنداڭىنىڭ شانلىق نۇرى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، مىللىي مائارىپ تەرەققىي قىلدى. خەلقىمىز ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىنى يۈرگۈدى. دۆلەت ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
 ئۇيغۇر خەلقىمۇ خەنزۇ، تىبەت، مۇڭغۇل، چاۋشىيەن قاتارلىق باشقا 55 مىللەت بىلەن بابباراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ، ئۆز ئانا تىل يېزىقىنى قوللىنىپ، سوتسىيالىسىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشماقتا.
پارتىيە مەركىزى كومېتىتى، گوۋۇيۈەن دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.
 مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى چاقىرىلغاندىن كېيىن مائارىپ مىنىستېرلىكىمۇ شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى قوللاش توغرىسىدا مۇھىم يىغىن چاقىردى.
دۆلەت كومىسسارىي لىيۇ يەندۇڭ خانىم شىنجاڭنىڭ مائارىپىنى قوللاش توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇقلارنى بەردى ۋە مەخسۇس شىنجاڭغا كېلىپ ئاساسىي مائارىپ خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 
ئىشىنىمىزكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكى ۋە يولداش جاڭ شۇجىنىڭ قۇماندانلىقىدا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئىشقا ئاشىدۇ. شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى چۇقۇم  زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
ئەمدى قالغان گەپ ئۆزىمىزدە، بىز ئۆزىمىزنىڭ ساپايىمىزنى ئۆستۈرمىسەك، ئىدىيدە ئازاد بولمىساق بولمايدۇ. قۇرۇق شۇئار توۋلاپ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا رىئايە قىلمىساق تېخىمۇ بولمايدۇ. 
ھەممە ئىشتا تەشكىلدىن ياكى ئۇنىڭ بۇنىڭدىن زارلانساق، مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى رەھبەرلىككە ياكى ئاتا-ئانىلارغا، جەمئىيەتكە ئىتتىرىپ قويساق تېخىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا ھەممىمىزدە ئۆزىمىزنى ئوپراتسىيە قىلىدىغان ئىدىيە بولۇشى كېرەك.
ئەمەلىي ئىش قىلمىساق، گوروھۋازلىق قىلساق، ئوقۇتقۇچىلارنى كۈندە نەچچە قېتىم يىغىۋېلىپ، ئاچسىمۇ بولىدىغان، ئاچمىسىمۇ بولىدىغان يىغىنلارنى ئېچىپ قۇرۇق گەپ ساتساق، بۇ ماركىسىزمغىمۇ، ئىلمىي تەرەققىياتقىمۇ زېت. ھەم نۆۋەتتىكى سىياسەتكىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشىيەن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا «... ئەمەلىي ئىش قىلىمەن، قۇرۇق گەپ ساتمايمەن، گوروھۋازلىق قىلمايمەن، پۈتۈن نىيىتىم بىلەن شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن ئىشلەيمەن...» دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى. دېگەندەك ئەمەلىي ئىشلارنى، خەلىققە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ دېگىنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىۋاتىدىغۇ! يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىمىز كېچە-كۈندۈز خەلقنىڭ غېمىنى يەۋاتسا، مۇشۇ ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرى دەل ئەكسىچە ئىش قىلماي، ئەمەلىي ئىشلەپ ئىدىيسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كېرەك.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن: كامران
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى
 
 
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4855
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-15
ئاخىرقى: 2012-03-28
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-25 16:15

ئۇيغۇر خەنزۇ مەكتەپلەر بىرلەشيتۈرىلىپ<قوش تىلىق> بولغاندا بۇ دەردىڭلار تۈگەپ كۆڭلۈڭلەردىكىدەك بۇلىدۇ.