ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چىكاگو شەھرىدە بىر تۈركۈم ئىنژېنىرلار بىر ئاپتوموبىلنى شوپۇرسىز كونترول قىلغىلى بولىدىغان كومپيۇتېر پروگراممىسى لايىھىلەپ چىقتى.
شوپۇرسىز ئاپتوموبىل كالىفورنىيە ئشىتاتىدىكى سىناقتا 224 كىلومېتىر مۇساپە باستى.
ئاپتوموبىلغا باشقا ئاپتوموبىللارنى پەرق ئېتىش ئۈچۈن ۋە ئاپتوماتىك مەشغۇلات قىلىش ئۈچۈن 12مىلىيۇن دوللار قىممىتىدە كامېرا، رادارنى پەرق ئېتىش ئۈسكۈنىسى ۋە لازېر مۇساپىلىك تەڭشۈگۈچلەر ئورنىتىلدى.
سان فىرانسىسكونىڭ ئوڭغۇل – دوڭغۇل يوللىرىدا ، قىستاڭ ۋە تەرتىپسىز شەھەر يوللىرىدا سىناق قىلىنغان ئاپتوموبىل، قاتناش چىراقلىرىدا باشقا ئاپتوموبىللارغا يېنىك سوقۇلۇپ كەتكەندىن باشقا ھادىسە پەيدا قىلمىدى.
سىناق قىلىنىش جەريانىدا، ئاپتوموبىل ئىچىدە تەدبىر مەقسىتىدە تەجرىبىلىك بىر شوپۇر بىلەن بىر كومپيۇتېر پروگرامما لايىھىلىگۈچىسى قوللىرىنى يانچۇقىغا سېلىپ ئولتۇردى.
ئالاقىدار مەسئۇللار، بۇ سىناقتىكى بەزى تېخنىكىلارنى ئائىلە ئاپتومو بىللىرىغا كېڭەيتكەندە ئاپتومۇبىلنىڭ ھادىسە چىقىرىش سانىنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەمدىلا باشلانغان، سىناق باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان لايىھە كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىد بېرىدۇ .