باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8750 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بەش ئاساس
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2927
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 271 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2010-11-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-14 00:35

بەش ئاساس

ئەسكەرتىش: بۇ يازما xahla91 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-10-14)
بەش ئاساس
ئاپتۇرى: كۆكيار
ھەق تائالا ئاتا قىلمىش بىزلەرگە ھەق دىن،
ئول دىن كى بىلسەڭ دوستۇم ھەققۇلمۇبىن.
 
ئول دىندا بىلسەڭ ئەگەر بار بەش ئاساس،
بىلىپ قالغاي بۇلارنى ھەر مۇسۇلمان ئامۇخاس.
 
ئول ئاساسنى بايان قىلدى بىزلەرگە رەسۇل،
ئەقلى بار ھەر بىر مۇسۇلمان قىلغاي ئۇنى قوبۇل.
 
ئول بەش ئاساسنىڭ بىرىنجىسى شاھادەت ئېرۇر،
تىل ۋە دىلىدا شاھادەت كەلتۈرگەن مۇسۇلمان بولۇر.
 
ئول شاھادەت كى جەننەت ئۇنىڭ شەرىپى بىلەن ئاچىلۇر،
شاھادەت كەلتۈرمەي قىلغان ئىبادىتىڭ يەلگە تەڭ بولۇر.
 
ھەق تائالا بىر ۋە بار، ھەر شەيئنى ئۆزى ياراتتى،
ھەق يولنى كۆرسەتسۇن دەپ پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتى.
 
ئول پەيغەمبەرلەر ئىمامى مۇھەممەد مۇستاپا،
ھەق ئەمىر قىلدى قىلماڭلار ئۇنى ھەرگىز خاپا.
 
بايان قىلدى بىزلەرگە پەيغەمبىرى ئاخىر زامان،
ناماز ئوقۇماي ھەرگىز تاپالمايسەن جاھاندا ئامان.
 
دېمەك ئول بەش ئاساسنىڭ ئىككىنجىسى ناماز ئېرۇر،
نامازنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلغان ئەھلى جەننەتتىن بولۇر.
 
قىيامەتتە سۇئال سوراق باشلىنىدۇ ناماز بىلەن،
نامازنى ئادا قىلمىغان جازالىنۇر تاياق، توقماق بىلەن.
 
ئول نامازنىڭ دىن تۈۋرىكى بولغانلىقىنى قىلاي بايان،
ھەر بىر مۇسۇلمانغا بولسۇن بۇ ھەقىقەت ئوچۇق ۋە ئايان.
 
گەر بىر مۇسۇلمان بىلىپ تۇرۇپ قىلسا نامازنى ئىنكار،
بولۇر ئول كىشى ئىككى جاھاندا كاپىر ۋە بى ئېتىبار.
 
ئۈچىنجىسى ئول بەش ئاساسنىڭ زاكات ئېرۇر،
زاكاتنىڭ پەرزلىقىنى ھەر بىر مۇسۇلمان بىلۇر.
 
ئول زاكات كى قىلۇر سىنىڭ مالىڭنى پاك،
زاكات بەرمىسەڭ يۈرىكىڭ يىرىلۇر چاك-چاك.
 
زاكات بەرمىگەن كىشىنىڭ ماللىرى بولۇرمىش يىلان،
بوينىغا يۆگىشىۋىلىپ قىينارمىش ئۇنى ھەر زامان.
 
تۆتىنجىسى ئول بەش ئاساسنىڭ روزا ئېرۇر،
يىلدا بىر ئاي كۈندۈزى تائام ۋە شاراپ چەكلىنۇر.
 
تاڭ يورىماستا روزىغا قىلغايسەن نىيەت،
كۈن پاتقۇچە تائام يېمە بولما بەدنىيەت.
 
روزا تۇتقان بابۇررەيياندىن جەننەتكە كېرۇر،
جەننەتتە ئول كىشىگە ھەر نازۇ نېمەت بېرىلۇر.
 
بەشىنجىسى ئول بەش ئاساسنىڭ ھەج دەپ بىل،
ئۆمرۈڭدە بىر قېتىم  بولسىمۇ بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىل.
 
ھەج قىلغان كىشى ئانىدىن تۇغما پاك بولۇر،
تىلىگەن كىشىگە ھەق ھەج قىلىشنى نەسىپ قىلۇر.
 
بايان قىلدىم رىزاڭ ئۈچۈن دىن ئاساسلىرىنى پەردەردىگار،
بىھۆرمەتى مۇستاپا قىلغىن ماڭا جەننەتۇلفىردەۋسنى يار.
 
ئەپۇ ئەيلە ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ گۇناھىنى ئەي پەرۋەردىگار،
يوقتۇر ھېچ بىر بەندىگە سەندىن ئۆزگە قۇدرەتلىك بىر مەدەتكار.
 
قىلمىغىن مىنى ئۆزۈڭدىن باشقىغا مۇھتاج يا رەپ،
قىلغان ياخشىلىقلىرىمنى سەن قوبۇل ئەيلە يا رەپ.
 
ياش تۆكىدۇ رىزاڭ ئىزلەپ قۇلۇڭ كۆكيار،
قىلمىغىن ئول قۇلۇڭنى ئۆزۈڭدىن ئۆزگىگە خار.
21-09-2010
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(alxirxahzada) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2927
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 19
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
    ئۆسۈش: 200 %
    مۇنبەر پۇلى: 271 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-13
    ئاخىرقى: 2010-11-03
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-14 12:39

    ئىشلىتىش
    引用第1楼xahla91于2010-10-14 10:16发表的 :
    پاھ بىر نادىرلىۋەتتىم ئەمسە ، پىكىر يوقتۇ؟

    نادىرلىۋەتسىڭىز...رەھمەت دەيمەن شۇ.................