查看完整版本: [-- بەش ئاساس --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> بەش ئاساس [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kukyar 2010-10-14 00:35
بەش ئاساس
ئاپتۇرى: كۆكيار
ھەق تائالا ئاتا قىلمىش بىزلەرگە ھەق دىن،
ئول دىن كى بىلسەڭ دوستۇم ھەققۇلمۇبىن.
 
ئول دىندا بىلسەڭ ئەگەر بار بەش ئاساس،
بىلىپ قالغاي بۇلارنى ھەر مۇسۇلمان ئامۇخاس.
 
ئول ئاساسنى بايان قىلدى بىزلەرگە رەسۇل،
ئەقلى بار ھەر بىر مۇسۇلمان قىلغاي ئۇنى قوبۇل.
 
ئول بەش ئاساسنىڭ بىرىنجىسى شاھادەت ئېرۇر،
تىل ۋە دىلىدا شاھادەت كەلتۈرگەن مۇسۇلمان بولۇر.
 
ئول شاھادەت كى جەننەت ئۇنىڭ شەرىپى بىلەن ئاچىلۇر،
شاھادەت كەلتۈرمەي قىلغان ئىبادىتىڭ يەلگە تەڭ بولۇر.
 
ھەق تائالا بىر ۋە بار، ھەر شەيئنى ئۆزى ياراتتى،
ھەق يولنى كۆرسەتسۇن دەپ پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتى.
 
ئول پەيغەمبەرلەر ئىمامى مۇھەممەد مۇستاپا،
ھەق ئەمىر قىلدى قىلماڭلار ئۇنى ھەرگىز خاپا.
 
بايان قىلدى بىزلەرگە پەيغەمبىرى ئاخىر زامان،
ناماز ئوقۇماي ھەرگىز تاپالمايسەن جاھاندا ئامان.
 
دېمەك ئول بەش ئاساسنىڭ ئىككىنجىسى ناماز ئېرۇر،
نامازنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلغان ئەھلى جەننەتتىن بولۇر.
 
قىيامەتتە سۇئال سوراق باشلىنىدۇ ناماز بىلەن،
نامازنى ئادا قىلمىغان جازالىنۇر تاياق، توقماق بىلەن.
 
ئول نامازنىڭ دىن تۈۋرىكى بولغانلىقىنى قىلاي بايان،
ھەر بىر مۇسۇلمانغا بولسۇن بۇ ھەقىقەت ئوچۇق ۋە ئايان.
 
گەر بىر مۇسۇلمان بىلىپ تۇرۇپ قىلسا نامازنى ئىنكار،
بولۇر ئول كىشى ئىككى جاھاندا كاپىر ۋە بى ئېتىبار.
 
ئۈچىنجىسى ئول بەش ئاساسنىڭ زاكات ئېرۇر،
زاكاتنىڭ پەرزلىقىنى ھەر بىر مۇسۇلمان بىلۇر.
 
ئول زاكات كى قىلۇر سىنىڭ مالىڭنى پاك،
زاكات بەرمىسەڭ يۈرىكىڭ يىرىلۇر چاك-چاك.
 
زاكات بەرمىگەن كىشىنىڭ ماللىرى بولۇرمىش يىلان،
بوينىغا يۆگىشىۋىلىپ قىينارمىش ئۇنى ھەر زامان.
 
تۆتىنجىسى ئول بەش ئاساسنىڭ روزا ئېرۇر،
يىلدا بىر ئاي كۈندۈزى تائام ۋە شاراپ چەكلىنۇر.
 
تاڭ يورىماستا روزىغا قىلغايسەن نىيەت،
كۈن پاتقۇچە تائام يېمە بولما بەدنىيەت.
 
روزا تۇتقان بابۇررەيياندىن جەننەتكە كېرۇر،
جەننەتتە ئول كىشىگە ھەر نازۇ نېمەت بېرىلۇر.
 
بەشىنجىسى ئول بەش ئاساسنىڭ ھەج دەپ بىل،
ئۆمرۈڭدە بىر قېتىم  بولسىمۇ بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىل.
 
ھەج قىلغان كىشى ئانىدىن تۇغما پاك بولۇر،
تىلىگەن كىشىگە ھەق ھەج قىلىشنى نەسىپ قىلۇر.
 
بايان قىلدىم رىزاڭ ئۈچۈن دىن ئاساسلىرىنى پەردەردىگار،
بىھۆرمەتى مۇستاپا قىلغىن ماڭا جەننەتۇلفىردەۋسنى يار.
 
ئەپۇ ئەيلە ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ گۇناھىنى ئەي پەرۋەردىگار،
يوقتۇر ھېچ بىر بەندىگە سەندىن ئۆزگە قۇدرەتلىك بىر مەدەتكار.
 
قىلمىغىن مىنى ئۆزۈڭدىن باشقىغا مۇھتاج يا رەپ،
قىلغان ياخشىلىقلىرىمنى سەن قوبۇل ئەيلە يا رەپ.
 
ياش تۆكىدۇ رىزاڭ ئىزلەپ قۇلۇڭ كۆكيار،
قىلمىغىن ئول قۇلۇڭنى ئۆزۈڭدىن ئۆزگىگە خار.
21-09-2010

xahla91 2010-10-14 10:16
پاھ بىر نادىرلىۋەتتىم ئەمسە ، پىكىر يوقتۇ؟

kukbura 2010-10-14 11:59
     نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم. ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز.

    ئەپۇ ئەيلە ھەربىر  مۇسۇلماننىڭ گۇناھىنى ھەي، پەرۋەردىگار
    يوقتۇر ھىچ بىر بەندىگە سەندىن ئۆزگە قۇدرەتلىك بىر مەدەتكار!

                                                                                                                  ئامىن!

kukyar 2010-10-14 12:39
ئىشلىتىش
引用第1楼xahla91于2010-10-14 10:16发表的 :
پاھ بىر نادىرلىۋەتتىم ئەمسە ، پىكىر يوقتۇ؟

نادىرلىۋەتسىڭىز...رەھمەت دەيمەن شۇ.................

rukuya 2010-10-14 14:11
ياخشى يېزىپسىز.

fatih204 2010-10-14 18:56
مۇشۇ كەڭساي تورىدىن دەيمەن ،،،   بەك سۆيىنىمەن   ،،،،
سىنىڭ يولۇڭ ئوگەتتى ماڭا ھايا ۋە ئەدەپ،
ماڭا پەقەت بىر ئۆزۈڭ پاناھ سەن يا رەب،

zawayir 2010-10-14 22:29
ئىنشااللاھ  كۇپ  رەخمەت

rayhan 2010-10-15 10:35
ئىشلىتىش
引用第2楼kukbura于2010-10-14 11:59发表的 :
     نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم. ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز.

    ئەپۇ ئەيلە ھەربىر  مۇسۇلماننىڭ گۇناھىنى ھەي، پەرۋەردىگار
    يوقتۇر ھىچ بىر بەندىگە سەندىن ئۆزگە قۇدرەتلىك بىر مەدەتكار!

.......
مەنمۇ مۇشۇ ئىنكاسقا ئەگەشتىم ....

basturuk 2010-10-16 20:27
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

yarxari 2010-10-21 13:44
بارىكاللا  ئىسلامنىڭ  ئىسمى چىقسا  ئادەم   ھوزورلۇنۇپ كېتىدىكەن  بەك   ياخشى يېزىپسىز

uran0999 2010-10-27 17:38
ئاللا  سىزگە رەھمەت قىلسۇن

hikimat 2010-11-04 18:13
اللا ھ  سېزگە ھېدايەت اتا كېلسۇن  كوك يار قېرندېشم.     ھەر قانداق بېر ەزېزنې  وزگېلەرگە خار قېلمېغاي.

xukran 2010-11-11 18:00
كەڭرى جاھانلاردا ئۇچۇرۇشۇپ قالدۇق. كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلالا كۆكيار ئەپەندى.

nurdin 2010-11-19 21:46
شۇ ئىسىمىزدەبۇلسۇنكى بەش ئاساسنىڭمۇ ئاساسى ئاللاغا ئەقلىي ئىمان كەلتۇرىشتۇر.
ئاللاغا ئىمان كەلتۇرمەي تۇرۇپ بەش ئاساسقا  يۇزلەنگەن ئىنسان نىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ قەتئىي پايدىسى يۇق.
چۇنكى  ئوينىڭ  ئۇلى بولمىسا ئۇلسىز قالغان ئۈي شامالدا ئورىلىپ كىتىدۇ.

paris 2011-01-30 16:13
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.ھەر -بىر نەرسىنىڭ ئالەمىتى باردۇر ،ئىيماننىڭ ئالامىتى بەش ۋاخ نامازدۇر.

samanyoli 2011-01-30 16:43
ھەقىقەتەن ياخشىكەن ....

dulbarqin310 2011-02-12 17:44
بەك ،بەك ، بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. راست ئىشلار ئىكەن ، كۆڭلۈم باشقىچىلا يورۇپ قالدى دىسە ، رەھمەت سىزگە !

شاش520 2011-03-04 20:44
پاھ   بۇ  تېمىنىبەك ياخشىيېزىپسېز ھە  

ahmad 2011-06-27 22:11
ئەجەپ قۇتاتغۇبىلىكتەكلا يىزىپسىز ،شىئىر تۈزۈلمىسىنى دەيمەن.

abduwali123 2011-06-27 22:57
ھەققەتەن نادىرلىگۈدەك تېما ئىكەن ئاللاھ ئەجىرڭىزنى زىيادە قىلسۇن ئامىن

arslantikin 2011-09-07 01:02
باركەللاھ ياخشى يېزپسىز رەھمەت ،ئاللاھ قۇلىڭزغا دەت بەرمسۇن


查看完整版本: [-- بەش ئاساس --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.045628 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us