باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2128 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: چاشقان ھەققىدە يېڭى رىۋايەت
سېنىڭ نىيىتىڭ شۇ بولسا كۆردىغىنىڭ ئالدىڭدا !..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 883
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 340 %
مۇنبەر پۇلى: 1195 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-07
ئاخىرقى: 2011-08-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-13 18:56

چاشقان ھەققىدە يېڭى رىۋايەت

چاشقان ھەققىدە يېڭى رىۋايەت
 
دۇنيا يارالغاندىن بىرى ھېچكىممۇ سېنى نەزىرىگە ئىلىپ قويمىدى . ھېچ يەردە ھەيكىلىڭمۇ تۇرغۇزۇلمىدى.سەن ئەزەلدىن شۇملۇقنىڭ،چېرىكلىكنىڭ، مەككار ياۋۇزلۇقنىڭ سىمۇلى قىلنىپ كەلدىڭ.سەن كۆرىنگەنلا يەردە ئۇرۇپ-سوقۇلۈپ قوغلاندىڭ،ياكى ھەرە چىشلىرىڭنى كىرىشتۇرۇپ قاپ- قارا كۆزۇڭنى بىر نۇقتىغا تىككنىڭچە بۇ رەھىمسىز دۇنيادىن ۋاقىتسىزلا خۇشلاشتىڭ ! قىسقىسى سېنى يىمەيدىغان، بۇزەك ئەتمەيدىغان ھايۋان يۇق ،ئاسماندا ئۇچىدىغاندىن تارتىپ يەردە ئوملەيدىغانغىچە ھەممىسى سېنىڭ كۆشەندەڭ!...
پەن- تېخنىكا خادىملىرى سېنى تۇرلەرگە ئايرىپ سېنىڭ 150خىلدىن ئاشىدىغانلىغىڭنى زىكىر قىلىشىدۇ . سېنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۇرتاقلىقى بار دىيىشىدۇ..شۇنىڭ ئۇچۇن ھەر قانداق دۇرا ۋاكسىنسىنى ئاۋال ساڭا ئۇرۇپ سىناپ ئاندىن ئىنسانلارغا ئىشلىتىدۇ . تەجىربىخانىلاردا ئەينەك كۆمزەك  ئىچىدە ئىسسىق، سۇغاققا قانچىىلك دەرىجىدە بەرداشلىق بىرەلەيدىغىنىڭنى ئەڭ يۇقىرى ياكى ئەڭ تۇۋەن تىمپۇراتۇرىدا كۇزتىدۇ . بۇ چاغدا سېنىڭ قانچىلىك قىينالغانلىغىڭغا بىرلا تەڭرى گۇۋاھ ! ئەڭ ئېچىنىشلىقى بىر قىسىم كەپسىز بالىلارنىڭ سېنىڭ قۇيرۇقىڭغا ئۇت يىقىپ قۇيۋىتىشىچۇ ؟سەن تاكى بەدنىڭدە سىزىم يۇقالغىچە ئاخىرقى تىنىقىڭغىچە  چىقىراپ ئۇزەڭنى ئۇچىرغانلا نەرسىگە ئۇرۇپ تۇلىمۇ ئىچىنىشلىق كۇيۇپ جان بىرىسەن  ،سېنىڭ تاماشاڭنى كۆرۇپ تۇرغۇچىلار ئۇچەيلىرى ئۇزۇلگىچە كۇلۇپ ئىچ پۇشقىنى چىقىرشىدۇ.ھەي بىچارە !.
سەن ئىنسانلار نەزىرىدىكى ئەڭ چۇڭ زىيانداشسەن ،سەن پەيدا بولغان ئويلەردە نە –نەلەردىن ئىزدەپ تېپىپ مۇشۈك بېقىلىدۇ.سىنى يۇقۇتۇش ئۇچۇن ئۇلار تىنىم تاپماي پىلان تۇزىدۇ. يولۇڭغا قاپقان قۇرۇپ بەل، پۇتلىرىڭدىن ئۇزىۋىتىدۇ . ھەر خىل دارلارنى سەن يىمەككە ئىنتىلغان نەرسىلەرگە خۇپىيانە تۆكۇپ سېنى زەھەرلەيدۇ . ھەتتا ئۇۋاڭنى كولاپ ھەر تەرەپتىن ئۇت يېقىپ سېنى ھەم سېنىڭ ئۇماق باللىرىڭنى ئاچچىق ئىس بىلەن تۇنجۇقتۇرۇپ ئولتىرىدۇ . قۇللىرىغا ئۇزۇن تاياقلارنى ئېلىۋىلىپ كەينىڭدىن قوغلاپ چالا ئۇلۇك جىسمىڭنى  ئۇرۇپ تۇكۇڭنى تۇزتىۋىتىدۇ .  سەن ھەم سىنىڭ دۇنياغا ئەمدىلا كۆز ئاچقان ئۇماق باللىرىڭ كۇشەندىلىرىڭنىڭ  مىزلىك ئۇزۇقى بولۇپ كەلدى .ساماۋى كىتاپلاردىكى كورگەنلا يەردە ئۇلتىرىۋىتىشكە بۇيرىغان يەتتە ھايۋانىڭ ئىچىدە سەن بىرىنجى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدىڭ .ئەمما 12مۇچەلنىڭ بىشىدىمۇ سەن ئالدىنقى قاتاردا ،بەلكىم بۇ سىنىڭ باشقا ھايۋانلارغا قارغاندا پاراسەتلىك ھەم چاققان بەدىنىڭنىڭ  بولغانلىغىدىندۇر، ئېھ !ناتىۋان جانۋار گەرچە سېنڭ شۇنچە كۆپ دۇشمەنلىرىڭ تۇرۇپمۇ ئۇلار سېنىڭ تۇخۇمىڭنى قۇرتالمىدى .شۇ قاباھەتلىك  كۇلپەتلەر ئىچىدىمۇ  سەن ئوز مەۋجۇتلىغىڭنى ساخلاپ كەلدىڭ، ھاياتتىن ئۈمۇد ئۇزمەي ياشاش ئۇچۇن تىنىمسىز كۇرەش قىلدىڭ . كۇشەندىلىرىڭ بىلەن قەيسەرلىك بىلەن ئىلىشتىڭ،ھاياتقا ، مۇشاققاتكە  جەڭ ئىلان قىلدىڭ .تۆۋا دەيمەن! دىنىزاۋۇردەك شۇنچە يۇغان بەستىلىك ھايۋاننىڭ  نەسلى قۇرۇپ ، سېنىڭ ھايات قالغىنىڭغا ؟ سەن تەبىئەتنىڭ شاللاش، شاللىنىش دىگەن بۇيۇك  قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ تەبىئەتكە ماسلاشتىڭ ، ئەمما ماسلىشالمىغانلىرى ،قىسقىسى سېنى دۇريالمىغانلىرى قىرلىپ تۇخۇمى قۇردى. ياكى نەسلى قۇرۇش ئالدىدا ؟ نىمىلا بۇلسۇن سېنىڭ نازۇك ، يۇمران تىنىڭگە ئىچم كويىدۇ .. سەن ياشاش جەريانىدا ئۇزەڭگە خاس مەدىنىيەت ياراتتىڭ؟ باشقىلار سېنى نېمىلا دىسۇن بىراق سەن مېنىڭ نەزىرىمدە يەنىلا  جەلىپكار ،ئۇلۇغسەن!.. .ھىلىمۇ يادىمدىن چىقمايدۇ . كىچىك ۋاقلىرىمدا سىنىڭ ئېغىلدا ئۇغۇرلۇق قىلغىنىڭ ھازىرقىدەكلام يادىمدا ،سەن ئاۋال تۇت              ئەتراپىڭغاھۇشيارلىق بىلەن قاراپ چىقتىڭ                                                                 
 ئاندىن بۇلۇڭدىكى توخۇ ئۇۋىسىغا يىقىنلىشىپ شۇنداق چەبدەسلىك بىلەن ئۇستىگە چىقىپ  بىر  تال تۇخۇمنى دۇملاتتڭ،ئاندىن يەردە تۆت پۇتۇڭنى ئاسمانغا قىلىپ ئوڭداڭدا ياتتىڭ ،نەدىن پەيدا بولدى ئىككى ھەمرىيىڭ چاقماقتەك يىنىڭدا پەيدا بولدى دە ،تۇخۇمنى يولەپ قۇسقۇڭغا ئالىدى. ئاندىن قۇيرۇقۇڭدىن تارتىپ كونا ئوقۇر ئاستىدىكى  ئۇۋاڭغا سۇراپ ئەكرىپ كەتتى.شۇ چاغدىكى ھەركىتىڭ ،چەبدەسلىكىڭ مىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرغانتى .سەن ئىككىنچى قېتىم ئۇۋاڭدىن چىقىپ يەنە شۇ ئۇۋىغا يىقىنلاشماقچى بولدۇڭ دە، جايىڭدا تۇرۇپلا قالدىڭ، دىمەك سەن مىنىڭ شەپەمنى سىزىپ قالغانتىڭ ، ساڭا ئېتىش ئۇچۇن سالغان بىر پاي  ئايىقىم ھاۋادا لەيلەپ قالدى .سەن ئاللىمۇقاچان كۆز ئالدىمدىن غايىپ بۇلغانتىڭ . ئەي ! ھۇشيار جانۋار مەن ساقلاپ تۇرۇشنڭ ئۇرۇنسىز ئىكەنلىگىنى بىلپ ئاستا ئېغىلدىن يىنىپ چىقتىم .بىراق ئەتىسى ئۇۋىدا بەش تۇخۇمنىڭ يوقلىقىنى ئانام كايىغىنچە زارلىنىپ دىدى . شۇچاغدا مەن ئانامغا سېنىڭ قانداق ئۇسۇلدا ئوغىرلىق قىلدىغانلىغىڭنى ئاغزى –ئاغزىمغا تەگمەي  سۇزلەپ بەرگەنتىم .مەن نىمە دىگەن تەلەيلىك ھە ! چۇنكى دۇنيادا شۇ كورنىشنى كۆرەلىگەن ئادەمدىن قانچىسى باردۇ ؟ ئىھ ! پاراكەندە جانۋار.. قۇربان تۇڭغۇت چۆلىنىڭ ئىنسان ئايغى تەگمىگەن  ئاتەش قۇملىقىدا نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئۇزۇڭگە خاس ھايات مىلۇدىيىسىنى ياڭرىتىپ ھايات كەچۇرىشىڭ تېخمۇ سىرلىق ھەم ئوزگىچە .سىرلىق قۇم بارخانلىرىنىڭ تەسكەيلىرىدە سەن ياساپ چىققان يىلان باغرى ئەگەشمە يوللار سېنىڭ قەۋمىڭ بىلەن ئوز ئارا بېرش- كېلىش قىلىشتىكى ئوزۇق-تۇلۇك غەملەشتىكى بىردىن- بىر لىنىيەرىڭ ئەمەسمۇ ؟ مەن سەن توغۇرلۇق  بىر نەرسە يېزىش ئىستىگى پەيدا بولغاندىن تارتىپ سەن ياراتقان مەدىنىيەت ئۇستىدە پىكىر يۇرگۇزدۇم . گەرچە پىكىرىم چولتا بولسىمۇ ئىزدىنىشكە تىرىشتىم . سەن تۇغۇرلۇق يېزىلغان توم-توم رىسالىلەرنى،ھەر خىل كارتۇن فىلىملەرنى كۆردىم .خەلىق ئېغىز ئەپسانىلىرىنى ئاڭلىدىم. بىنەملەردە ياكى مىس رەڭ قۇملۇقلاردا سېنى يۇشۇرۇن كۇزەتتىم. بەلكىم بۇ ئىشم نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ كۇلكىسىنى قىستار ،يازىدىغان نەرسە تىپىلمىغاندەك مۇشۇنىمۇ يېزىپتۇ دەپ مازاق قىلار ؟ تۇۋا دەيمەن ! سېنىڭ ئاشلىق ساخلايدىغان ئىسكىلاتىڭ ئايرىم ،نەسىل قالدۇردىغان تۇغۇت ئۇيۇڭ ئايرىم ، سۇيۇملۇك مەشۇقىڭنى نەچچە بالاڭنىڭ غەمگۇزارىنى قانماي قۇچاقلاپ ياتىدىغان ھۇجىراڭ ئايرىم ، بۇيەرلىرىڭنىڭ ئىنسانلاردىن نىمە پەرقى ؟ گەرچە سەن  مىڭلاپ، مىليۇنلاپ ياشىساڭمۇ  بىراق تالادا بىرمۇ  ئولۇكىڭنى ئۇچراتقىلى بۇلمايدۇ .(ئەلۋەتتە باشقىللار تەرپىدىن ئۇرۇپ، بۇغۇپ ، ئوت قۇيۇپ، ئىستا تۇنجۇقتۇرۇپ ئولتىرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا )چۇنكى سەن ئاتا- ئاناڭغا خۇددى ئىنسانلاردەكلا مېھرىۋانسەن .ئۇلار قېرىپ كۇچىدىن قالغاندا ئايرىم خانىدا ئۇلارنىڭ ئۇزۇق تۇلۇگىنى ۋاختىدا يەتكۇزۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ،تاكى ئەجەل يەتكەنگە قەدەر ھالدىن خەۋەر ئالىسەن ، ناۋادا ئۇلار كوز يۇمسا شۇ ھۇجىرغا دەپنە قىلىسەن، لاي ئېتىپ تام سۇۋايسەن ،بۇ يەرلىرىڭ  ئىلىنىڭ ئومۇر بۇيى لايچىلىقتىن قۇتىلالماي ئومرى ئوتكەن دىھقانلىرىغا نەقەدەر ئۇخشايدۇ ھە ! سىنىڭ ئىڭىزلىقتا بۇغداي باشلىرىنى يۇتكەپ مېڭىشىڭ تىخىمۇ قىززىقتە، بۇ چاغدا سەن يەنىلا تۆت پۇتۇڭنى ئاسمانغا قارتىپ ياتىسەن، ھەمرالىرىڭ دۇۋلەپ قويغان بۇغداي بىشىنى خۇددى ساڭا پاخال باسقاندەك باسىدۇ، ئۇلار ئىشنى  شۇنچىلىك ئەپلىك  پۇختا  قىلۇدىكى ئەيھانناس خۇددى دىھقانلارنىڭ ھارۋۇغا پاخال بېسىشىنىڭ ئوزىلا؟ سېنىڭ نەزىرىڭدە ئاسمان پەلەك بىسىلغان بۇغداي بېشىنى قۇيرۇقىڭدىن سورەپ ئۇۋاڭغا ئەكىرىپ ئۇنى چەشلەپ، ئاشلىق ئامبىرىڭغا توكۇشىڭ قەددىمدىن ئاتا بۇۋاڭ ياراتقان مەدىنىيەت بۇلماي نىمە ؟
كىچىكىمىزدە ھۇيلىمىزدىكى  چۇڭقۇر ئۇرەككە ياڭيۇ ،سەۋزە ،پىياز، چامغۇر دىگەندەك سەي كۇكتاتلانى كۇمۇپ ساخلاپ يەيتۇق، مەن نۇرغۇن كۇكتاتلارنىڭ يىلتىز تارتىپ ئۇنۇپ كەتكىنىنى  كۆرگەن ،بىراق سېنىڭ زەي ئۇۋاڭدا بۇغداي، قوناقلارنىڭ ئۇنۈپ زەمبۇرۈغ بولۈپ كەتمىگىنگە ھەيران قالاتتىم .بىراق سەن ئەقىللىق جانۋار ئاتا بوۋىلىرىڭنىڭ ئۇزۇقلۇق ساقلاش رىستىپلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شۇنداق ئەپلىك ساقلايتىڭ گازىرنى ئېرىنمەي چىقىپ مىغىزىننڭ ئىنچىك تەرەپ بىلەن كەينى چوڭ تەرەپنى چاپلاپ ساقلايسەن .بۇغداي قوناقنىمۇ ھەم شۇنداق ساقلايسەن . مۇشىنداق ساقلىغاندا بۇ ئاشلىقلا كۆكىرىپ كۆكلەپ زەمبۇرۇغلىشىپ كەتمەيدىغىنىنى  ئوبدان بىلىسەن ئەمما بىر قىسىم ئاق نانچى،بىكار
 ، تەلەپ گىزەندە، پىيەنچۇكلەر روچىۋىندەك  ئۇچۇپ يازىچە خان لەيلۇننى تۇۋلاپ ، ئىتىز- ئېرىق ئىشلىرى بىلەن كارى بۇلمايدۇ. ئەمما كۇز كەلگەندە گۇرجەك ،كەتمەنلىرىنى كوتىرىپ سېنىڭ ئۇۋاڭنى كولىغىلى بارىدۇ .بۇ چاغدا ئۇلار شۇنچىلىك ئەسەبىلىشىپ كىتىدۇكى خۇددى سەن پۇتكۈل بايلىقنى غەزىنەڭگە يۇشىرىۋالغاندەك،پۇتكۇل ئاشلىقنى ئىسكىلاتىڭغا بىسىۋالغاندەك ،ئۇلار بەسلىشىپ ئاشۇ كىچىكىنە بۇرۇتۇڭ بىلەن تەڭ ئۇۋاڭنىڭ ئاغزىنى غاردەك ئاچىدۇ .
ۋاي مىيەدە بىر چاشقان باركەن،
ئەنە يەنە بېرى...
 قاشتى...تۇتە..تۇت...
ئۇرە تاش بىلەن ،
 بىشىغا ئۇر ،
 يەنجىۋەت !.
تاكى ئاشلىق ئامبىرىڭنى تاپقانغا قەدەر ھېرىپ ھالدىن كەتكىنىگە قارماي كۇن   ئولتاغىچە كولىشىدۇ . ئەمما بۇ ئىشلارغا قاراپ تۇرۇش سەن ئۇچۇن نەقەددەر ئازاپ ھە! ئۇلارنىڭ خۇشاللىق كۇلكىلىرى سىنىڭ يۇرىكىڭگە نەشتەر بولۇپ سانجىلىدۇ . .ئۇلار ئۇۋاڭنىڭ تەكتىگە يەتكەندە چۇقۇرشىپ بىر -بىرىگە تەنتەنە قىلشىدۇ .
ۋاي مەن بەش تاغا بۇغداي يىغىپتىمەن ..
ۋاي مەن ئۇچ تاغا قۇناق ئالدىم .
 ۋاي مەن بىر خالتا گازىر مېغىزى يىغىپتىمەن ...
ئاھ ! بۇ سۇزلەر سەن ئۇچۇن نەقەددەر ئازاپ ھە ! ئەپسۇس سەن كىچىككەنتىڭ كىچىكمىگەن تەغدىردىمۇ سۇكۇت قىلماي ئامالىڭ يوق ،چۇنكى سېنىڭ ئاشۇ يۇمران تىنىڭ ئۇلارنىڭ كۇچلۇك بىلەكلىرى ، كەتمەن، گۇرجەكلىرى  ئالدىدا ھىچنىمە ئەمەس ئەي بەخىتسىز جانۋار !..،
  بۇ چاغدا سەن  تاجاۋۇزچىلەر تەرپىدىن بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنغان ئۇۋاڭغا قاراپ ، ساينىڭ تىشىدەك ئۇرۇپ ئولتىرۋتىلگەن ئۇرۇق- تۇھقانلىرىڭغا قەۋمىڭگە  قاراپ شۇنداق ئاچچىق چىقىرايسەن، ياشلىرىڭ كۇزۇڭدىن مۇلدۇرلەپ قۇيۇلۇپ خۇددى قاباھەتلىك چۇش كۇرگەندەك بۇ رىياللىقنى قۇبۇل قىلالمايسەن ، ،ئوزەڭنى شاخ - شۇمبۇيغا ئۇرۇپ بۈزلايسەن ، تەقدىردىن زارلىنىسەن ،ئاچچىق  ھەسرەتتىن بوغۇلۇپ، ھېرىپ ھالىڭ قالمىغاندا  ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىسەن، يەنى ھايات قالغان قىرىنداشلىرىڭنى يىغىپ تۇپلىشىپ  ئۇلىۋىلىش قارارىغا كېلىسەن. يىقىن ئەتراپتىكى يۇلغۇن ،سوكسۆك شاخلىرىغا قۇيرۇقىڭنى يۇگەپ شەپەرەڭدەك باشچىلاپ ساڭگىلاپ بۇ بىۋاپا دۇنيا بىلەن مەڭگۇلۇككە خوشلىشىسەن . ئەتىسى يولدىن ئوتكەن - كەچكەن  يولۇچىلار، كىپەن ئوغۇرلىرى، بايلىق ئىزدەپ يۇرگەن نەپسى بالا سەيياھلار ، ياكى مەلۇم مۇددا ، غەرەزلەر بىلەن بىنەمگە چىققان  ئىشلەمچىلەر ، دىھقانلار ھەيران بولۇپ سېنىڭ بۇ سىرلىق ئولۇمىڭنىڭ تەكتىگە يىتەلمەي،سېنىڭ ئىچىڭنىڭ بۇنداق كۇچلۈك ئىكەنلىگىنى چۇشەنمەي ھەيران بۇلۇپ ھاڭۋىقىپ قاراپ قالىدۇ. ياكى ياقىسىنى چىشلىگىنىچە كىتىپ قالىدۇ. يەنە ھاياتلىق داۋاملىشىۋىرىدۇ. ئوۋچىنىڭ ئوقىياسى بولسا ، ئاھۇنىڭ خۇداسى يۇقمۇ ؟ دىگەندەك ....
 
قۇربان تۇڭغۇت قۇملۇقىدا يېزىلدى .
سېنىڭ نىيىتىڭ شۇ بولسا كۆردىغىنىڭ ئالدىڭدا !..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 883
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 340 %
مۇنبەر پۇلى: 1195 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-07
ئاخىرقى: 2011-08-29

نىمە دەپ ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىدىڭلارمۇ ئەزىزلەر  !.ئونمىڭدىن ئارتۇق ئادەم كۇرۇپتىيۇ بىرمۇ ئىنكاس يوق !يا مىنى تىللاڭلار ،يا ماختاڭلار ئىش قىلىپ بىر نەسە دەڭلار !...