باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 10426 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ناچار دىمەڭ مىللەتنى(تەۋىسيە)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 461
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 387 %
مۇنبەر پۇلى: 499 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-28
ئاخىرقى: 2012-01-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-12 19:58

ناچار دىمەڭ مىللەتنى(تەۋىسيە)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-10-12)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قېرىنداشلار . مەن بۇ مۇنبەردىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ كۆپلىكى سەۋەپلىك ،مۇنبەرگە ئەسەر يوللىمىغىنىمغا بەك ئۇزۇن بولغان ئىدى ، بېرەر ئەسەرنى يوللاي دەيمەنۇ ،بېرەرسىڭلارنىڭ تىللاپ سېلىشىڭلاردىن قورقۇپ يوللايالمايتىم . بۆگۈن مۇنبەرگە كىرىپ كەڭساي ئەپەندىنىڭ "قىزلاردا نىمە گۇناھ" ناملىق تېمىسىنى ئۇقۇپ چىقتىم ، ئۇ تېمىدىكى مەزمۇن شۇنداق ياخشىكەن، ئەسلىدە تىمىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان مەسىللىلەر ھەر بىرىمىزنىڭ ئويلىنىشىغا تىگىشلىك مەسىلىلەر بولسىمۇ ،  بىراق تىما ئاستىدىكى بىر قىسىم  ئىنكاسلارنى كۆرۈپ  كۆڭلۈم بىر ئاز يېرىم بولدى .
ئەمدى قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ،قالغىنىنى تۆۋەندىكى شېئىرىم ئارقىلىق سۆزلەي !بۇ قېتىم ھەر قانداق يامان گەپلەرگە تەييارلىقىم بار . يەنە قالاينىقان سۆزلەيدىغانلار بولسا تارتىنماي  سۆزلەۋېرىڭلار ! گەپلىرىم ئېغىر كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلارسىلەر !

(سەمىمى ئەسكەرتىش :مەن بۇ شېئىرنى مىللىتىمىزنىڭ بارلىق ئۇتۇقلىرىنى كۆرمەيۋاتقان ،كۆز ئالدىغا پەقەت ناچارلىقلارلا كېلىدىغان ، ئۆز مىللىتىنى ئۆزى«ناچار» دەيدىغانلارنىڭ سۆزىگە قارتا يازدىم ، مۇنبەردىكى يامان ئىللەتلەرنى باتۇرلۇق بىلەن قامچىلاۋاتقان قامچىكەش دوسلىرىمغا تېگىپ كەتمەسلىكىنى ئۆمىد قىلىمەن . ياقتۇرۇپ ئۇقۇشىڭلارنى ،شۇنداقلا قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى ئايىماسلىقىڭلارنى سورايمەن . )


ناچار دىمەڭ مىللەتنى

يۇقتۇرۋېلىپ يامان،ناچار ئىللەتنى ،
ھەمراھ قىلىپ قاملاشمىغان ئۈلپەتنى،
ئاڭقىرالماي شۇنچە ئېسىل خىسلەتنى ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

يىقىلسىڭىز ئۆزىڭىزدىن كۆرمەستىن ،
مىللەت ئۈچۈن ھىچ ھالال تەر تۆكمەستىن ،
ھىچبىر شەرەپ ،ھىچبىر تۆھپە بەرمەستىن ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

بىر كۈن دەيسىز «ئويغۇر دىگەن ھەسەتخور»،
بىر كۈن دەيسىز «ئويغۇر دىگەن غەيۋەتخور»،
نەدە يوقكەن بىر يا ئىككى پىتنىخور ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

سىز ياشىغان ئاشۇ ئەخلەت كوچىدا ،
ئۇچىرامتى سىز ئۈچۈن بىر جان پىدا ،
ياشاپ بېقىڭ سىزمۇ ئەل-يۇرىت ئىشقىدا ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

باشقا مىللەت بولسىمۇ گەر ھەيۋەتلىك ،
ئىلىم-پەندە بولسىمۇ گەر شۆھرەتلىك ،
ئويغۇرۇم سىز ئۇنتۇپ قالماڭ مىھنەتلىك ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

باشقا مىللەت ئىچىدىمۇ ئىللەت بار ،
بىزدىمۇ ھەم نۇرغۇن،تۈمەن خىسلەت بار ،
ئالەمشۇمۇل چاقنايدىغان نۇسىرەت بار ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

تۆت-بەش ناچار ۋەكىل ئەمەس مىللەتكە ،
ھىچكىم چېتىق ئەمەس ھەرگىز ئىللەتكە ،
مىللەت ئۈچۈن ئاتلانغايسىز مىھنەتكە ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

بىزدىمۇ بار تۈرلۈك-تۈمەن ئوغلانلار ،
ھەر ساھەدە ئەلگە تۇنۇش بولغانلار ،
بارغۇ يەنە ئەل ئىشقىدا يانغانلار ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

مىللەت ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاياڭ ،
كەلگۈسىگە ئۆمىد بىلەن تىك قاراڭ ،
ئۆزنى تىللاپ ئاتالماڭ ھەم سىز«ساراڭ» ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

مىللەت بولغاچ مەۋجۇت بولغان ئۆزىڭىز ،
مىللەت ئۈچۈن تامسۇن ھەسەل سۆزىڭىز ،
مىللەتنى دەپ بېسىڭ قەدەم ئىزىڭىز ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

ناچارلارنى كۆرسىڭىز گەر قامچىلاڭ ،
ئىللەت تېشى ئۇچىرسا گەر پارچىلاڭ ،
مىللەت ئۈچۈن بۇلاق كەبى تامچىلاڭ ،
كۆزنى يۇمۇپ «ناچار» دىمەڭ مىللەتنى .

مەنبە: ئىجادى ئەسەر
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+5(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 467
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 232
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە232دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 2522 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-29
    ئاخىرقى: 2012-01-09
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-16 23:08

    ئاھ !  نېمىدىگەن ئېسىل  تېما  بۇ،  مەن مۇشۇنداك تېمىنى كۆرۈشنى  ئۇزۇندىن  بۇيان  ئۈمىد   قىلىپ  كەلگەنىدىم .
    مەن  مىللىتىمنى  سۆيىمەن  ، مىللىتىمدىن  پەخىرلىنىمەن !  بىزدىن  نى نى  ئالىملار ،  جاھاننى  تاڭ  قالدۇرغۇدەك ئىشلارمۇ  چىققان،  سىز  شېئىرىڭىزدا قەيىت  قىلغاندەك   بىر  ئىككى  چۈپرەندى  ، پەس ، ناچارلارنىڭ  مىللىتىمىزنى  ئۇچى  بۇچى  ، بىز  ئۇيغۇر  دېگەن  ئۇنداق خەق ، باشقىلار  بولسا  مۇنداق ، دەپ  جۆيىلىگىنى ھېچقانداق  ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك  قىلالمايدۇ ،خالاس!
    شۇنداقلارغا دەيمەنكى  «بۆرە ئۆز  ئۇۋىسىغا  قاراپ  ھۇۋلىسا  قوتۇر  بۇلۇر»  _ ئۇيغۇر  خەلق ماقال  تەمسىلى
    شىنجاڭ  مەدەنىيىتى  شۇرنىلى غا  ئەۋەتكەن بولسىڭىز  بولاركەن.  رەخمەت  سىزگە.
    توشقاندەك مىڭ يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا...!
        ـــــــــــ  ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرىدىن تاللانما