كۈز شامىلىدا تۆكۈلگەن يوپۇرماق
كۈزپەسلىنىڭ دەسلەپكى شاماللرى كىشى ھۇجۇدىغا ناھايىتى ۋەھىمىلىك ھېسلارنى سالسىمۇ،بىراق ئوتتۇر مەزگىللگە كەلگەندە دەرەخ ئۈستىدىكى سارغايغان يوپۇرماقلارنى لەرزان لەيلىتىپ يەرگە چۈشۈرۈپ تەبىئەتكە ئاجايىپ تۈس قوشاتتى،ئەنە شۇ گۈزەل مەنزىرىلەرگە ھۆسۈن قوشقان تەبىئەتنىڭ ئەڭ كىچىك زەرىچىلىرىدىن بىرى بولغان يوپۇرماقنىڭ يەرگە چۈشكەندىكى سەزگۈرەشتىلىرىمۇ ئاجايىپ.
مانا بۇ يوپۇرماق تولۇق سارغايغان ھەم يوغان ھەم كەڭ بولۇپ يىنىك شامالدا لەرزان تەۋرىنىپ تۇراتتى. كىشىلەر ئۇنىڭغا قارىشاتتى يۇ، بىراق ھەرخىل خىياللارنى قىلىشىپ پەقەت ئۇنىڭغا قىزىقىش نەزىرىدە قاراپ قويۇپ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتۈپ كېتەتتى.
توۋا، بۇ يىگىت يوپۇرماق يىغىش ھەۋەسكارىمۇ ياكى تەبىئەتشۇناسمۇ؟ مەن ئادەتتە قىزلارنى يوپۇرماق يىغىدۇ دەپ ئاڭلىغان بىراق بۇ بالا........بوپتىلا ئاقىۋىتىنى كۆرەي. ئۇ يوپۇرماقنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئاۋايلاپ ئىلىۋاتاتتى،ئۇ ئىككى قوللاپ تۇتۇپ خۇددى ئۆز بەختىنى تاپقاندەك خۇش بولۇپ كەتكەن ئىدى. توۋا بۇ بالا ساراڭمۇ يا ؟ بوپتىلا يەنە ئاخىرىنى كۆرەي.
بالا بۇ يوپۇرماققا ئۆز خاتېرىسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى ۋاراقلىرىدىن ئورۇن بەردى، دەل شۇ ۋاقىتتا شامال كۈچىيىشكە باشلاپ باشقا يوپۇرماقلارنى يول ياقىسىغا ئۇرۇشقا باشلىدى، خاتېرە ئىچىدىكى يوپۇرماق بولسا بۇ بالىدىن كۆپ مىننەتتار ئېدى.ئۇ ئۆز-ئۆزىگە «مەن باشقا يوپۇرماقلارغا ئوخشاش ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ يۈرمەيدىغان بولدۇم،قىشتىنمۇ ساق-سالامەت ئۆتەلەيمەن» دەپ ئۆزىنىڭ ياپيېشىل ياشىرىپ تۇرغان ۋاقتىدىنمۇ بەك كۆرەڭلەپ كەتتى.
بالا بۇ يوپۇرماقنى جىنىدىنمۇ ئەزىز كۆردىغاندەك قىلاتتى،يوپۇرماققا ھەركۈنى،ھەرسائەت قاراپ تۇراتتى.بالا ئۇنىڭغا خۇمار بولدىمۇ قانداق قارىمايدىغان كۈنى يوق ئېدى.«ئاھ خۇدا بۇبالا يوپۇرماقنى سۇندۇرۇپ قويمىسا بولاتتىغۇ»دەپ ئويلاتتىم مەن. ئەنە شۇ قاراشلار بىلەن بىرمۇنچە ئايلار ئۆتۈپ ياز پەسلىمۇ يېتىپ كەلدى. ياز پەسلى ئىسسىق بولغاچقىمۇ يوپۇرماق تېخىمۇ قۇرۇپ چۆرىلىرى ئازىراق بۇزۇلۇشقا باشلىدى، بىراق كېرەك يوق،بالا يوپۇرماققا خېلىلا كۆيۈنىدىغاندەك قىلاتتى. بىر كۈنى بالا كىچىك قايچىدىن بىرنى ئېلىپ ئۇنىڭ چۈرىلىرىنى كىسىپ چىرايلىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى،يوپۇرماقنىڭ بۇ ھالىتىنى بالا بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرۈدىغاندەك قىلاتتى.ئۇ ئەمدى يوپۇرماققا تېخىمۇ قىزىقىشقا باشلىدى.... يوپۇرماقنىڭ بۇگۈزەل ھالىتىمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى.بىر نەچچە ۋاقىت ئۆتۈپ يەنە بۇزۇلۇشقا باشلىدى.بالا ئېرىنمەي ئۇنى يەنە كەستى، بۇ قىتىم يوپۇرماق تېخىمۇ كىچىك تېخىمۇ ئوماق بولۇپ كەتتى. «توۋۋا.. شۇ چاغدىلا نېمىشكە كىچىكىنى ئالمىغانمەن»دەيتتى ئۆز-ئۆزىگە..
مانا شۇ قىزىقىشلار،شۇ كېسىشلەر بىلەن ئالتۇن كۈز پەسلىمۇ يېتىپ كەلدى.
بالا ئالدىراقسانلىق بىلەن كىرىپلا دەپتەرنى ئاچتى. ئاپلا ! يوپۇرماق دەپتەردىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى ،بالا ئىتتك يەرگە ئېڭىشتى بىراق ئاللى بۇرۇن يوپۇرماقنىڭ بېشى سۇنۇپ كەتكەن ئېدى. بالا تېرىكىشكە باشلىدى.تېرىككىندىن سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،«خەپ» دېدىدە يەنە ئېڭىشتى.«شۇنچە قىلساممۇ يەنە سۇندۇڭمۇ»دېگەندەك قىلىپ ئالقانلىرىنى كىرىشتۇرۈپ يەردىن ئالغان پېتى دېرىزىدىن سىرتقا تاشلىۋەتتى.يوپۇرماقنىڭ بۇرۇنقى دەرەختىن چۈشكەندىكى لەرزان ھالىتىدىن ئەسەرمۇ يوقتى.بۇ قېتىم ئۇ ھەرتەرەپ ھەريانغا چۈشكەن ئېدى .نەدىندۇر پەيدا بولغان بىر ئايال چىلەك،سۈپۈرگىلىرىنى كۆتۈرۈپ كەلدىدەھېچقانداق قىينالماي باشقا يوپۇرماقلارغا قېتىپ ھىلىقى يوپۇراقنىمۇ ئەخلەت چىلىكىگە سېلىۋەتتى.
توۋۋا...ئويلاپ قالدىم،گەرچە ئەخلەت ساندۇقى بولسىمۇ سەنمۇ باشقا يوپۇرماقلارغا ئوخشاش مەزمۇت كىرىپ كەتكەن بولساڭ بولماسمىدى ياكى تەجرىبە ئۈسىتىلىدە پارچىلىنىپ كەتكەن بولساڭمۇ ئېنسانىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بولاتتىڭ، بىراق ھازىر شۇ چىلەكتىكى يوپۇرماقلار ئۈستىدە نېمە ئىش قىلغانلىقى توغۇرلۇق مۇنازىرە بولۇشقان بولسا سەن نېمىمۇ دەرسەن ........
سايرام خاتىرىلىرىدىن .....