查看完整版本: [-- كۈز شامىلىدا تۆكۈلگەن يوپۇرماق --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ھىكايە پوۋىسىتلار -> كۈز شامىلىدا تۆكۈلگەن يوپۇرماق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

sayram888 2010-10-10 20:53
كۈز شامىلىدا تۆكۈلگەن يوپۇرماق
 
كۈزپەسلىنىڭ دەسلەپكى شاماللرى كىشى ھۇجۇدىغا ناھايىتى ۋەھىمىلىك ھېسلارنى سالسىمۇ،بىراق ئوتتۇر مەزگىللگە كەلگەندە دەرەخ ئۈستىدىكى سارغايغان يوپۇرماقلارنى لەرزان لەيلىتىپ يەرگە چۈشۈرۈپ تەبىئەتكە ئاجايىپ تۈس قوشاتتى،ئەنە شۇ گۈزەل مەنزىرىلەرگە ھۆسۈن قوشقان تەبىئەتنىڭ ئەڭ كىچىك زەرىچىلىرىدىن بىرى بولغان  يوپۇرماقنىڭ يەرگە چۈشكەندىكى سەزگۈرەشتىلىرىمۇ ئاجايىپ.
 
مانا بۇ يوپۇرماق تولۇق سارغايغان ھەم يوغان ھەم كەڭ بولۇپ يىنىك شامالدا لەرزان تەۋرىنىپ تۇراتتى. كىشىلەر ئۇنىڭغا قارىشاتتى يۇ، بىراق ھەرخىل خىياللارنى قىلىشىپ پەقەت ئۇنىڭغا قىزىقىش نەزىرىدە قاراپ قويۇپ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتۈپ كېتەتتى.
 
توۋا، بۇ يىگىت يوپۇرماق يىغىش ھەۋەسكارىمۇ ياكى تەبىئەتشۇناسمۇ؟ مەن ئادەتتە قىزلارنى يوپۇرماق يىغىدۇ دەپ ئاڭلىغان بىراق بۇ بالا........بوپتىلا ئاقىۋىتىنى كۆرەي. ئۇ يوپۇرماقنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئاۋايلاپ ئىلىۋاتاتتى،ئۇ ئىككى قوللاپ تۇتۇپ خۇددى ئۆز بەختىنى تاپقاندەك خۇش بولۇپ كەتكەن ئىدى. توۋا بۇ بالا ساراڭمۇ يا ؟ بوپتىلا يەنە ئاخىرىنى كۆرەي.
 
بالا بۇ يوپۇرماققا ئۆز خاتېرىسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى ۋاراقلىرىدىن ئورۇن بەردى، دەل شۇ ۋاقىتتا شامال كۈچىيىشكە باشلاپ باشقا يوپۇرماقلارنى يول ياقىسىغا ئۇرۇشقا باشلىدى، خاتېرە ئىچىدىكى يوپۇرماق بولسا  بۇ بالىدىن كۆپ مىننەتتار ئېدى.ئۇ ئۆز-ئۆزىگە «مەن باشقا يوپۇرماقلارغا ئوخشاش ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ يۈرمەيدىغان بولدۇم،قىشتىنمۇ ساق-سالامەت ئۆتەلەيمەن» دەپ ئۆزىنىڭ ياپيېشىل ياشىرىپ تۇرغان ۋاقتىدىنمۇ بەك كۆرەڭلەپ كەتتى.
 
بالا بۇ يوپۇرماقنى جىنىدىنمۇ ئەزىز كۆردىغاندەك قىلاتتى،يوپۇرماققا ھەركۈنى،ھەرسائەت قاراپ تۇراتتى.بالا ئۇنىڭغا خۇمار بولدىمۇ قانداق قارىمايدىغان كۈنى يوق ئېدى.«ئاھ خۇدا بۇبالا يوپۇرماقنى سۇندۇرۇپ قويمىسا بولاتتىغۇ»دەپ ئويلاتتىم مەن. ئەنە شۇ قاراشلار بىلەن بىرمۇنچە ئايلار ئۆتۈپ ياز پەسلىمۇ يېتىپ كەلدى. ياز پەسلى ئىسسىق بولغاچقىمۇ يوپۇرماق تېخىمۇ قۇرۇپ چۆرىلىرى ئازىراق بۇزۇلۇشقا باشلىدى، بىراق كېرەك يوق،بالا يوپۇرماققا خېلىلا كۆيۈنىدىغاندەك قىلاتتى. بىر كۈنى بالا كىچىك قايچىدىن بىرنى ئېلىپ ئۇنىڭ چۈرىلىرىنى كىسىپ چىرايلىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى،يوپۇرماقنىڭ بۇ ھالىتىنى بالا بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرۈدىغاندەك قىلاتتى.ئۇ ئەمدى يوپۇرماققا تېخىمۇ قىزىقىشقا باشلىدى.... يوپۇرماقنىڭ بۇگۈزەل ھالىتىمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى.بىر نەچچە ۋاقىت ئۆتۈپ يەنە بۇزۇلۇشقا باشلىدى.بالا ئېرىنمەي ئۇنى يەنە كەستى، بۇ قىتىم يوپۇرماق تېخىمۇ كىچىك تېخىمۇ ئوماق بولۇپ كەتتى. «توۋۋا.. شۇ چاغدىلا نېمىشكە كىچىكىنى ئالمىغانمەن»دەيتتى ئۆز-ئۆزىگە..
 
مانا شۇ قىزىقىشلار،شۇ كېسىشلەر بىلەن ئالتۇن كۈز پەسلىمۇ يېتىپ كەلدى.
 
بالا ئالدىراقسانلىق بىلەن كىرىپلا دەپتەرنى ئاچتى. ئاپلا ! يوپۇرماق دەپتەردىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى ،بالا ئىتتك يەرگە ئېڭىشتى بىراق ئاللى بۇرۇن يوپۇرماقنىڭ بېشى سۇنۇپ كەتكەن ئېدى. بالا تېرىكىشكە باشلىدى.تېرىككىندىن سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،«خەپ» دېدىدە يەنە ئېڭىشتى.«شۇنچە قىلساممۇ يەنە سۇندۇڭمۇ»دېگەندەك قىلىپ ئالقانلىرىنى كىرىشتۇرۈپ يەردىن ئالغان پېتى دېرىزىدىن سىرتقا تاشلىۋەتتى.يوپۇرماقنىڭ بۇرۇنقى دەرەختىن چۈشكەندىكى لەرزان ھالىتىدىن ئەسەرمۇ يوقتى.بۇ قېتىم ئۇ ھەرتەرەپ ھەريانغا چۈشكەن ئېدى .نەدىندۇر پەيدا بولغان بىر ئايال چىلەك،سۈپۈرگىلىرىنى كۆتۈرۈپ كەلدىدەھېچقانداق قىينالماي باشقا يوپۇرماقلارغا قېتىپ ھىلىقى يوپۇراقنىمۇ ئەخلەت چىلىكىگە سېلىۋەتتى.
 
توۋۋا...ئويلاپ قالدىم،گەرچە ئەخلەت ساندۇقى بولسىمۇ سەنمۇ باشقا يوپۇرماقلارغا ئوخشاش مەزمۇت كىرىپ كەتكەن بولساڭ بولماسمىدى ياكى تەجرىبە ئۈسىتىلىدە پارچىلىنىپ كەتكەن بولساڭمۇ ئېنسانىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بولاتتىڭ، بىراق ھازىر شۇ چىلەكتىكى يوپۇرماقلار ئۈستىدە نېمە ئىش قىلغانلىقى توغۇرلۇق مۇنازىرە بولۇشقان بولسا سەن نېمىمۇ دەرسەن ........
 
سايرام خاتىرىلىرىدىن .....   
 
 
 
  

turditohti 2010-10-10 21:56
ئەسەردىن شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيەتىنىڭ بۇزۇلغاندا ئۇنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىش قىلىشتەك پەلىسىپىۋى قاراشنى چۈشىنىشكە بولدىكەن.مۇشۇنداق تەربىيەۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك تىمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

otukan 2010-10-11 18:52
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.

sayram888 2010-10-23 19:10
خەت شەكلىنى چوڭ قىلىپ تەھرىرىلەپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن

gvlnazar 2010-10-28 12:36
ئەي ئۆكتەبىر،غېرىپ ئۆكتەبىر،

خامسۇف 2011-04-23 10:00
ياخشى يىزىپسىز  ئاللاھىم ساقلىسۇ ن شۇنىڭدىن ھەممىمىزنى !!!!!!!!!!!

deyarem 2011-08-16 14:49
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر

sayram888 2011-10-17 06:50
مۇمكىن بولسا خەتلەرنى چوڭراق قىلىپ قايتا تەھرىرلەپ قويغان بولساڭلار ...
رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- كۈز شامىلىدا تۆكۈلگەن يوپۇرماق --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.044122 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us