引用第6楼yawayi于2010-10-10 18:07发表的 :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۇرادەر ھەمزە ! بۇ تېمىنى كۆرۈپ-- سىزنىڭ تور ساھەسىدىن چېكىنمەكچى بولغىنىڭىزنى بىلىپ بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم .مەن ئىزچىل ھالدا سىزنىڭ ھەقنى تەۋسىيە قىلىدىغان ، كىشىلەرنى ھىداتەتكە باشلايدىغان يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ بىلمىگەننى بىلىپ ئىمانىمنىڭ كەمتۈك يەرلىرىنى تولۇقلاپ كەلگەن ئىدىم . بۇ جەرياندا كېچە -كېچىلەپ مۇشۇ سوغۇق كونۇپكا تاختىسى ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرغىنىڭىزنى بىلىمەن .سىزنىڭ دىنىي بىلىمىڭىزگە ، كىشىلىك ئەخلاقىڭىزغا قايىل ئىدىم . بەزى تورداشلار بىلىپ بىلمەي كۆڭلىڭىزنى رەنجىتكەن بولسا كەڭ قوساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىۋېتىشىڭىزنى ، توردىن ، بىزلەردىن ئايرلماسلىقىڭىزنى سەمىمى ئۈمىت قىلىمەن !!