كەڭ ساي تورىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىم،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەخمىتۇللاھى ۋەبارەكاتىھۇ !
مەقسەتكە كەلسەك: تۆنۆگۈن بىر قېرىندىشىمىز شۇنچە ئۇزۇن ئولتۇرۇپ
ماتېرىيال تەييارلاپ يوللاپتىكەن، ئەپسۇس بىزگە يېتىپ كېلەلمىدى.
شۇنىڭ بىلەن نەچچە سائەتلىك ئەجرى بىكار بولدى.
بۇنداق ئىشنىڭ يەنە قايتا سادىر بولۇپ قالماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،
يازغان يازمىڭىزنى چوقۇم 复制يەنى ئېھتىيات ئۈچۈن كۆپەيتىپ كۆچۈرىۋېلىشنى
ئۇنتۇپ قالماڭ. بۇنداق ساقلىۋالغىنىڭىزدا كومپىيۇتېر ئالدىدا قانچىلىك
ئولتۇرۇپ مەشغۇلات قىلسىڭىزمۇ يازمىڭىز يوقاپ كەتكەن ئەھۋالدىمۇ،
كۆپەيتىپ ساقلىۋالغىنىڭىزنى قايتىدىن چاپلاپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.
شۇنىڭدا سىزدىمۇ ئاچچىقلىنىش بولمايدۇ.
"K8qmggTq يەنە بىر مەسىلە ئەسەر تېمىسىنى بەك ئۇزۇن يېزىۋەتمىسەڭلار؟
مۇشۇمۇ ئەسەرنىڭ يوللىنىشىغا تەسىر قىلىدۇ.
قىسقىراق قىلىپ، ئاندىن ئاستىغا يازمىڭىزنى باشلاشتىن بۇرۇن
تېمىسىنى تۇلۇق يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
تېما بەك ئۇزۇن يېزىلسا باشقىلار تېمىڭىزغا ئىنكاس يازغان تەقدىردىمۇ
ئىنكاس كۆرۈنمەيدۇ.....قارىماققا ھىچ كىم ئىنكاس قايتۇرمىغاندەك........
[ aykutتەرىپىدىن2010-06-17 09:43قايتا تەھرىرلەندى ]