ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تۆۋەندىكى ماقالامنى مەن تور ئىتىك ۋاقىتتا مىسرانىم تورىغا يازغان .ئىنتىرنېت تورى ۋە كومپىتورنىڭ كىشىلىك ئەخلاققا ئەكەلگەن زىيىنى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق مۇداپىلىنىش ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئىنتايىن ئاز مۇنازىرە قىلىندىغان ۋە تەتقىق قىلىندىغان بىر مەزمون .ئادەتتە بۇھەقتىكى ماقالىلارنى كۆپ ئۇچىراتمايمەن .مېنىڭ بۇ ئاددى يازمامدىن سىز مەلۇم نەرسىنى بايقىۋالىشىڭىز مۇمكىن .مەن كەسپىي يازغۇچى ئەمەس بەلكى ئىچىمگە پاتمىغاننى <چىدىماسلارچە> يېزىپ قويدىغانلاردىن شۇڭا سۆز ئىشلىتىشتە قاملاشمىغان يەرلەر بولسا تۈزۈتۈپ ئوقارسىز.
ھۆرمەت بىلەن ___________ئاگاھ
<نومۇس ئېلىپ كەلگەن كۆتبەل پادىچىلار ئىشتىنى> ،<روك موزىكىسى ۋە شەيتان دىنى > دىن كېيىن مەن خېلى جىمىپ قالدىم .چۈنكى دائىم جەمىيەتتىكى بەزى ئىشلار ئۈچۈن كۆڭلۈمنى پەرىشان قىلىپ يۈرىۋېرىپ بەدەندە پەيدا بولغان زەھەرلەر جىگىرىمنى ئاجىزلاشتۈرۈپ قويغان ئىدى .تىللىرىم يېرىلىپ ،ئاغزىمغا ئاپپاق ياللۇغ چىقىپ مېنى خېلى قىينىدى ئەمۋاينىڭ ئوزۇقلۇق مۇتەخىسسىگە كۆرۈنسەم، دىققەت قىلىشىمنى باشقىلارنىڭ خاتالىقى بىلەن ئۆزەمنى جازالىماسلىقنى قىسقىسى ئاچچىقلىنىش جىلە بولۇش ،ياكى جەمىيەتتىكى ئىشلار ئۈچۈن ئۆزەمنى چارچىتىپ قويماسلىقىمنى تاپىلاپ ۋىتامىن س بىلەن ۋىتامىن ب نى بەردى .ئىشقىلىپ ئويلاپ باقسام يەنە ئاخىرى زىيان تاتقۇچى يەنىلا مەن بولدۇم .جەمىيەتكە قارىسام كۆتبەل ئىشتانلار يەنىلا ھەممە يەردە بار ،دىسكو موزىكىسى تىڭشايدىغانلار ھەتتا بۇرۇنقىدىن جىقلاپ كەتكەندەك .بەلكىم ئۇلار ھەقىقەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيۋاتقان بولىشى كىرەك دەپ تەسەللى بىرىدىغان بولۇپ قالدىم ئۆزەمگە .
مەن شۇنچە ئۆزەمنى تۇتىۋالساممۇ لېكىن <يېزىش خۇمارىم> نى ئانچە كونتىرول قىلالمايدىغان بولۇپ قاپتىمەن .تور دىگەن بۇ قوش بىسلىق خەنجەرنىڭ مېنى ئاللىقاچان ئۆزىگە <پىيەنچۇك >قىلىپ قويغىنىنى ئەمدى ھىس قىلدىم .ھەي ئىشىقى دە ئىشىق .
شۇنداق قىلىپ روك موزىكىسى ۋە شەيتان دىنى تېمىسىدىن كېيىن مەن بىر مەزگىل جىمىپ كەتكەنتىم .لېكىن يېقىندا بولغان بىر ۋەقە ماڭا تەسىر قىلىپ ۋىتامىن ب دىن ئوننى يىمىسەم (ۋىتامىن ب جىگەرنى ياخشىلايدۇ )بولمايدىغان ھالەتكە ئاپىرىپ قويدى .
قۇربان ھېيىتتا تۇققانلار ئۆيۈمگە پەتىلەپ كەلدى. مېنىڭ كۆڭلۈم شۇنچە خوشال .تۇققانلار بىزنىڭ ئۆيگە كەلسە نىمىشقىكىن ناھايىتى قىزغىن سۆھبەتلەر بولۇپ تۇرۇدۇ .ئۆزەمنىڭ تۇغما قابىلىيىتىمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ باشقىلار بىلەن پاراڭ قىلىشتا ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاشقا خېلى ئىپىم بار .
نەۋرە ئاچامنىڭ 14 ياشقا كىرگەن ئوغلى بار .راس گەپنى قىلسام بۇ ئۇكامنى مەن ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن .چۈنكى بۇ بالا نىمىشقىكىن بارغانسېرى شەيتانىۋى قىياپەتكە ئۆزگىرىپ كىتىۋاتاتتى .مەكتەپنىمۇ تۈزۈك ئوقىمىدى .دائىم ۋاڭبالاردا تۈنىدى .چاچلىرىنى چەتئەل كىنولىرىدا كۆرىنىدىغان ھەمجىنىسلاردەك ياسىۋالىدىغان بولدى .ئۇنىڭدىن سورىسام مۇشۇنداق قالايمىقان چاچ ياساش مودىمىش .ئىشقىلىپ بۇ بالىدىن ئەركەكلەرگە خاسلىق بارغانسېرى يوقىۋاتاتتى .
ئۇ بۈگۈن ماڭا كومپىتورنى ئېچىپ بىرىشمنى ئۆتۈندى .مەن ئانچە خالاپ كەتمىسەممۇ لېكىن نەۋرە ئاچامنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ئېچىپ بەردىم .ئەگەر ئېچىپ بەرمىسەم بەلكىم ئۇ سىرىتتىكى ۋاڭبالارغا قېچىشى ئېنىقتە . ,
بۈگۈنكى ئۆيىمىزدىكى ھېيىتلىق پەتىلەش شۇنچە كۆڭۈللۈك داۋاملىشىۋاتاتتى .دائىم بۇرۇختۇمىلىقتا يۈرۈيدىغان مەن بۈگۈن ئالاھىدە خوشال ئىدىم .تۇيۇقسىز يان ئويدىن ئالا تاغىل توڭ پوڭ قىلغان ئاۋازلار ئاڭلاندى مەن دەسلەپتا بولدىلا دەپ پاراڭنى داۋاملاشتۇرۇدۇم .لېكىن ئۇ ئاۋاز بارغانسېرى كۈچۈيۈپ نېرۋامنى توختىماي غىدىقلاۋاتاتتى .مەن ئاستا ياندىكى ئۆيگە چىقتىم .قارىسام نەۋرە ئاچامنىڭ بالىسى تور ئويىنى ئويناۋاتاتتى .مەن بېرىپ ياڭراتقۇنىڭ ئاۋازىنى ئاستا قىلىپ قويۇپ چىقىپ كەتمەك بولدۇم ئىىتىيارسىز كومپىتورغا قاراپ ساپتىمەن نىمە كۆردۈم دىمەمسىلەر ئۇ تور ئوينىنىڭ بىر ئۆتكىلىدىن <غەلبە بىلەن > ئۆتكەن ئىكەن شۇ ھامان بىر كارتون قىز سەكرەپ چىقىپ پۈتۈن كىيمىنى سېلىشقا باشلىدى ئاخىرى <ئۈچ بۈرجەك > رايوننىڭ ياپقۇچىلا قالدى .بۇ كارتون قىزنى شۇنچىلىك شەھۋانى قىلىپ سىزغان بولۇپ كۆكسىلىرى ئادەتتىن تاشقىرى يوغان قىلىپ سىزىلغان ئىدى . قىز چىقارغان ئاۋازمۇ ئىنتايىن شەھۋانى ئىدى . سۇبھانىللاھ دىدىم ئىچىمدە .كۆز زىناسىدىن ئاللاھ ئۆزەڭ ساقلىغايسەن دەپ دۇئا قىلدىم .مەن ئاستا بېرىپلا كومپىتورنى ئۆچەردىم .لېكىن ئۇ ئانچە رازى ئەمەستەك شۇمشىيىشكە باشلىدى .مەن كومپىتورنى ئۆچىرىپ بولغاندىن كېيىن ...
--ئۇكام راس گىپىڭىزنى قىلىڭە ،سىز دائىم ۋاڭبادا مۇشۇنداق ئويۇنلارنى ئوينامسىز ؟ دەپ سورىدىم –ئاكا راس گەپنى قىلسام بۇنداق ئويۇنلار <شىياۋ يىسى > جۇمۇ بىز ۋاڭبادا ئوينايدىغان ئويۇنلارنىڭ ئالدىدا .ئۇ تەپ تاپماي سۆزلەۋاتاتتى .
--بۇ ئويۇننىڭ كەينى نىمە ؟ دەپ سورىدىم
--نىمە بولاتتى شۇ كىيمىنى سالىدۇ ،< تو يى ۋۇ > ئوينايدۇ .ئاڭ يوقىرى دەرىجىسىگە يەتسەك ئۇنىڭ بىلەن كارۋاتقا چىقىدىغان ئىشلار بار .دىدى .
مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بوغۇزۇم تىقىلىپ قالدى .ئاچچىغىمدىن بەدەنلىرىم تىتىرەپ كىتىۋاتاتتى .
لېكىن ئۇنى نىمىمۇ قىلالايمەن .ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ يەنە ئۆزەمنىڭ بىۋاستە تۇققىنىمۇ ئەمەس .ئايالىمنىڭ نەۋرە ئاچىسى ئوغلىنى مۇشۇنداق ئەركە نايناق قېلىپسىز چوڭ قىلىپ قويغاندىكىن ماڭا نىمە ئامال دەيسىز ؟ئەگەر نەۋرە ئاكامنىڭ ياكى ئاچامنىڭ بالىسى بولغان بولسا مەن خېلا تەربىيە قىلاتتىم .
شۇ كۈنى راس گەپنى قىلسام كۈنۈم پەرىشان ئۆتتى .كۆز ئالدىمغا شەھەر ئىچىدە چوڭ بولىۋاتقان ئويغۇر ياشلارنىڭ كۆكسىلىرىنى پولتايتىپ شەھۋانى ئاۋاز چىقىرىپ تۇرغان كارتون قىزلارنىڭ ئالدىدا شۆلگىيىنى ئېقىتىپ ئولتاغان ھالىتى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى .
تۇققانلار كەتكەندىن كېيىن مەن ئاستا بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ شەھىرىمىزدىكى ئەڭ ئاۋات ۋاڭباغا كىردىم .بۈگۈن ھېيىتلىق پۇلنى ئېلىپلا ۋاڭباغا چاپقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ۋاڭبادا ئالاھىدە جىق بولۇپ ئۆچرەتتە تۇرىۋاتقانلارمۇ خېلى كۆپ ئىدى. ۋاڭبا خوجايىنى خۇددى بۈگۈن ئالاھىدە كۈندەك قۇرامىغا يەتمىگەن ياشلارنىمۇ كىرگۈزىۋېرىۋاتاتتى .مەن ئاستا بېرىپ ئۇلار ئويناۋاتقان ئويۇنلارغا سەپ سالدىم .بۇرۇن تور ئويۇنلىرىغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەپتىمەن ،بۈگۈن تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ئىنتايىن چوچۇدۇم .چۇنكى شەيتانلار ئاللىقاچان بۇ ئويۇنلارغا سېسىق ھاسسىنى سۇنۇپ بوپتۇ ئەمەسمۇ .مەقسەت ياشلارنىڭ ئەخلاقىنى تېخىمۇ چىرىتىپ قەلبىدىكى ئىماننى سۇسلاشتۇرۇپ ئاللاھ ئالدىدا رەسۋا قىلىش .
بۇ ئويۇنلانىڭ ر ئاساسىي مەزمونى مەلۇم بىر نەرسىنى تالىشىش ياكى بېسىۋېلىش ئۈچۈن قان تۆكۈش ئىكەن .ئويۇنلاردىكى ئايال پىرسۇناشلار ئالاھىدە شەھۋانى سۈپەت سىزىلغان .ئادەتتە ئۇيغۇر ئەخلاقىدا ھايا قىز ئاياللىرىمىزدىلا بولۇپلا قالماي بەلكى يىگىتلىرىمىزدىمۇ شۇنچىلىك پاقىراپ تۇراتتى .ئىلگىرى سىڭىللىرىمىز كىيىنىشتە ئازراق دىققەت قىلمىسا بىز نەسىھەت قىلىپ قوياتتۇق .تېلىۋىزوردا شەھۋانىغا يېقىن كۆرۈنۈشلەر چىقسا كۆزلىرىمىزنى يۇمىۋالاتتۇق .ياكى باشقا ئۆيگە چىقىپ كىتەتتۇق .لېكىن ھازىر ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن ئىدى .ئالدىمدىكى 16 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ئۇكام بىر ئويۇن ئويناۋاتاتتى بۇ ئويۇن شۇنچىلىك شەھۋانى بولۇپ تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە قادىر ئەمەسمەن .ئۇ ئويۇنغا بېشىچىلاپلا كىرىپ كەتكەن ئىدى .ھەر بىر ئۆتكەلدىن ئۆتكەندىن كېيىن چىققان شەھۋانى كۆرۈنۈشتىن ھوزۇر ئېلىپ يۈزلىرىنى قىزارتىپ ھاسىراپ ئولتۇراتتى .ئۇنىڭ ھالىتىدىن ئەگەر پاھىشە ئوينايدىغان پۇرسەت بولسا ئۆزىنى ئىككىلەنمەي ئاتىدىغانكەك چىقىپلا تۇراتتى .دىمەك شەيتان مۇشۇ ئويۇن ئارقىلىق ئۇنىدا ھارام زىنانى ئىلغىمايدىغان ھالەت شەكىللەندۇرۇ بولغان ئىدى.
ھازىر مودا بولىۋاتقان نۇرۇغۇن تور ئويۇنلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتىپ ئومومەن ئايال پىرسۇنازنى يېرىپ يالىڭاچ قىلىپ سىزىدىكەن .
قانخۇمارلىق ۋە ئۇرۇشخۇمارلىق تەشۋىق قىلىنىدىكەن .ياكى غەلىتە بەدبەشىرە دۇنيا تەسۋىرلىنىدىكەن .
شۇنداق قىلىپ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەندىم .شەيتان ئادىمى شەيتانلارنىڭ قولى بىلەن ھازىر ئىبلىس قولىنى تور ئويۇنلىرىغا سۇنغانلىغىنى سىزىۋاتقانسىزمۇ ؟بۇ تور ئويۇنلىرىنى قانچىلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى قىلىقسىز ،ئىتىقاتسىز ،ئىقتىدارسىز قىلىپ تەربىلەۋەتقانلىقىنى ئىتىراپ قىلغۇڭىز كىلىۋاتامدۇ ؟ھازىر شەھەردىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىنى زەھەرلەۋاتقان تۆت نەرسىنىڭ يەنى شەھۋانى فىلىم ،روك موزىكىسى ،<فېيجولىيو > ۋە تور ئويۇنلىرى ئىكەنلىكىنى بەلكىم نۇرغۇن ئاتا ئانىلار بىلمەسلىكى مۇمكىن .
شەيتاننىڭ بۇ قەدەر ئىدىيىۋى كۆرەشكە ئاتلىنىشى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئويلاندۇرىشى كىرەك ئىدى .
ئەگەر سىز ئاتا بولسىڭىز ئوغلىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە دىققەت قىلىپ قويۇڭ .ئۇكا سىڭىللىرىمىزنىڭ يۈرۈش تۇرۇشلىرى ۋە پىسخىك ئۆزگىرىشلىرىگە دىققەت قىلىپ قويايلى ھەمدە ئۇنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەپ تىگىشلىك چارە قوللىنايلى . بولمىسا ئۇلارمۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن پاجىئەنى تەربىيە قىلمىغان بىزگە ئارتىپ يۈرمىسۇن .
تەڭرىتاغ توردىكى بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ قويايلى ھازىر خەنزۇ يولداشلارمۇ تور ئويىنىنىڭ ياشلارغا ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنىنى ئىتىراپ قىپتۇ .ئۇنداق بولسا بىزچۇ ؟
http://www.xjts.cn/v/content/2009-12/07/content_4624980.htm