ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم ھۆرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇسىلەر كەمىنە خىيالىمدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام
يۇقىرقى تىمىنى يوللىشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەپ بولسا كەڭساينىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزدىكى
يىڭى يورۇق يۇلتۇز بولۇشى ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ ئويلىغان بەزى بىر تەكلىپ پىكىرلىرىمنى مۇنبەرداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن
مەركۇز تىمىنى يازدىم ، قىنى بولسا ئەستايىدىل ئوقۇپ كۆرسەڭلار .
تور بىر قىتىم تاقىلىپ يەنە قايتا ئىچىلغاندىن كىيىن تورداشلارنىڭ بىخەتەرلىك ئىڭى يەنىمۇ بىر بالداق كۆتۈرۈلدى ، بىكەت باشلىقلىرىنىڭمۇ ھەم شۇنداق ، مۇشۇنداق ئىشلار قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن يەنە كەڭساي مۇنبىرىنىڭ ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى يورۇق يۇلتۇز بولۇشى ئۈچۈن بىر قاتار تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرمەكچىمەن .
1 - مۇنبەرنىڭ خاسلىقىنى ساقلاش :
ھازىر ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ ئىچىدە بۇرۇندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە تۈگىتىش تەس بولىۋاتقان بىر ناچار خاھىش بار ، ئۇ بولسىمۇ كۆچۈرمىكەشلىك يەنە باشقا مۇنبەرلەردە تورداشلار قان تەرى بەدىلىگە يىزىپ چىققان تىما دەرىسلىكلەرنى ئوغۇرلۇقچە مۇنبەرگە ئۆزىنىڭ نامىدا يوللاپ مۇنبەرنى پاخاللاشتۇرۇش .
تورداشلار بۇنداق كۆچۈرمىكەشلەر جىق مۇنبەرنى زىيارەت قىلغاندا يىڭىلىنىشى يوق ھەم بۇنداق كۆچۈرمە يازمىلارنى ھەم يىڭىلىق يوق مۇنبەرلەرنى بىر كۆرۈپلام زىرىكىدۇ ھەم قايتا كىرمەيدۇ ، بۇنداق قىلغاندا مۇنبەرنىڭ ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
بەزى يازمىلارنىڭ ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ھەممە بىكەتتە تەشۋىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ ، بۇنداق يازمىلارنى شۇ مەنبەنى ئەسكەرتكەن ئاساستا مۇنبەرگە يوللاش لازىم .
2 - ئىملا خاتالىقى :
بىزنىڭ بىر چىرايلىق ئۇيغۇر يىزىقىمىزنى بەزى تورداشلار قالايمىغان ئالدىراپلام يوللاپ ئىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلمايدۇ ، ھەم بەزى مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ ئىلىپ كەلگەن تىمىلارنى ئۆزىمۇ قاراپ قويمايدۇ ، مۇنبەردىن تىما ياكى باشقا خەتلەرنى كۆچۈرگەندە ھەرخىل قالايمىغان كودلار قوشۇلۇپ قالىدۇ ، مۇشۇ قالايمىغان كودلارنى تازلاشنىمۇ قىلماي ئۇدۇللا يوللايدۇ ، بولسا مۇشۇ ئىملاغا قاتتىق دىققەت قىلسا دەيمەن ، يىزىقىمىزنى قەدىرلەيلى .
3 - مىدال پاخاللىقى :
مۇنبەرنىڭ مىدال تۈزۈمى ئىچىۋىتىلگەندىن باشلاپ تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرلۈپ ھەرخىل نادىر تىمىلارنى يوللاندى ھەم شۇلارغا قارىتا بىكەت باشلىقى مۇۋاپىق مىداللار بىرلەن ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى ھەم كۆتۈرۋاتىدۇ ، مىنىڭ كۈزىتىشىمدە باشقا مۇنبەرلەردە مىدال پاخاللىقى بەك ئىغىركەن ، كەڭسايدا بولسا ھەر ھالدا بولىدىكەن بولسا بۇندىن كىيىن مىدال پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ مىدالنىڭ رولىنى تىخىمۇ جارى قىلدۇرساق .
4 - ماس سەھىپە تاللاش :
سىز يوللىغان تىمىغا ماس سەھىپىنى تاللاپ يوللىسىڭىز 1 - باشقىلارنىڭ تىپىشىغا 2 - باشقۇرغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلەتكەن بولىسىز ھەم زىيارەت قىلىۋاتقان تورداشلارمۇ بىرەر تىما ئىزدىمەكچى بولسا ھەم ئەپلىك ھەم مول مەزمۇنلۇق كەڭسايغىلا كىلىپ ئىزدەيدۇ .
5 - ئارخىپ تولدۇرۇش :
تورداشلار تىزىملاتقاندىن كىيىن ئارخىپلىرىنى تولۇق تولدۇرسا ئەزالار تىمىنى كۆرۈپ سىز بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسا تىزلا ئالاقىلىشالىسا باشقۇرغۇچىلار تىخىمۇ شۇنداق قىلسا .
6 - مۇنبەر پۇلىنى ئىشلىتىش :
مۇنبەردە تورداشلارنىڭ ئازدۇر كۆپتۈر مۇنبەر پۇلى بار ، بۇنى بولسا توغرا ئىشلەتسە بەزى تىمىلار ھەقىقەتەن باھالاشقا تىگىشلىك بولسا مۇشۇنداق تىمىلارنى ۋاقتىدا باھالىساڭلار ، بولسا كەڭسايغا بۇرۇنقى سەلكىن مۇنبىرىدەك مۇنبەر پۇلى ئىشلىتىش سورۇنى ھازىرلانسا .
مىنىڭچە مۇشۇ ئۇسۇللارنى قوللانساق كەڭساينىڭ تەرەققىياتىغا ئازدۇر كۆپتۈر پايدىسى بولار .
قىنى تورداشلار سىلەرمۇ كاللاڭلاردىكى پىكىرلىرىڭلارنى دەپ كەڭساي مۇنبىرىگە ئازدۇر پىكىر بىرىپ قويۇڭلار ، بولسا باشقۇرغۇچىلار مىنىڭ بۇ پىكىرلىرىمنى ياخشىراق ئوتلىشىپ باقسا .
ھۆرمەت بىلەن :
كەڭساينىڭ سادىق ئەزاسى خىيالىم