ئەقىللىق ئوقۇغۇچىنىڭ جاۋابى
پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ، يىل بېشىدىن تارتىپ ئېتىقادسىزلىقنى – ھەم ئىلىم نامى بىلەن – چۈشەندۈرۈپ كەلگىنىگە غەزەپلەنگەن بىر ئىمانلىق ئوقۇغۇچى مۇنداق بىر ئويۇن بىلەن ئوقۇتقۇچىسىنى رەسۋا قىلىپتۇ . ئوقۇتقۇچىسى دەرسكە كىرىشنىڭ ئالدىدا قولغا ئالغان بور بىلەن دوسكىغا ھەيۋەتلىك بىر ئىشەك سىزىپتۇ ۋە قاق ئوتتۇرسىغا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويۇپتۇ . دەرسكە كىرگەن ئوقۇتقۇچى ، ئىسمىنىڭ دوسكىدىكى ئىشەكنىڭ ئۈستىدە يېزىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق تېرىكىپ مۇنداق دەپتۇ :
- بۇ ئىشەكنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ئىسمىمنى يازغان قايسى تەربىيەسىز ئۇ ؟
سىنىپتىن تىرىق قىلىپ ئاۋاز چىقماپتۇ . ئوقۇتقۇچى يەنە بىر قېتىم ، ۋارقىراپراق سۆزلەپتۇ :
- ئوتتۇرغا چىقسۇن بولمىسا قانداق قىلىدىغانلىقىمنى كۆرىدۇ .
ئەمما سىنىپتىن يەنە سادا چىقماپتۇ .
مۇئەللىم بۇقېتىم تېخىمۇ قەتئىي ئاۋاز بىلەن :
- ئەگەر ئۇ ئەدەپسىز ئوتتۇرغا چىقمايدىغان بولسا ھەممىڭنى مەكتەپ ئىنتىزامىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن ، دەپتۇ . بۇ تەھدىدىن كېيىن ئىمانلىق ۋە ئەقىللىق ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ دەپتۇ :
- مۇئەللىم مەن ئۇنى سىزغاننى كۆردۈم ،
- ئاپىرىن ساڭا ، قېنى سۆزلە كىمكەن ئۇ .
- ئەپەندىم ، مەن بىر ئاز ئاۋۋال دېرىزىنى ئاچقان ئىدىم ، توساتتىن كۈچلۈك بىر شامال چىقتى . شامالنىڭ تەسىرى بىلەن بور توزانلىرى ئۇچۇشتى ۋە ئىشەكنىڭ رەسىمىنى پەيدا قىلدى . ئاندىن كېيىن يەنە بىر شامال چىقتى ، بۇ قېتىم بىر تال بور شامالنىڭ تەسىرى بىلەن ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ دەل بۇ رەسىمنىڭ ئوتتۇرسىغا سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى يازىدى .
- مۇمكىنمۇ ئوغلۇم بۇنداق بىر سەپسەتە ؟
ئەقىللىق ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بۇسۆزىنى نەق غەنىمەت بىلىپتۇ .
- ئەپەندىم ، سىز بىزگە يىل بېشىدىن تارتىپ ئىنسانلارنىڭ ۋە ھايۋانلارنىڭ ئاتۇملارنىڭ تاسادىبي ھالدا بىرلەشكىنىدىن بارلىققا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ كەلدىڭىز . ئەمدىلىكتە بىر رەسىمنىڭ تاسادىبي شەكىللىنىپ قالغانلىقىنى قوبۇل قىلالماۋاتىسىز . ئەمدىن سىزدىن سوراپ باقاي ؛ شۇ قەدەر ئاددى بىر رەسىم ئۈچۈنمۇ بىر رەسسامنى ئىزدەۋاتقان ۋە بۇ رەسىمنىڭ تاسادىبىي شەكىللىنىپ قالغانلىقىغا ئىشىنەلمەۋاتقان بولسىڭىز ، ئۇنداقتا قانداقسىگە بۇ رەسىمدىن مىليونلارچە ھەسسە تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان بۇ كائىناتنىڭ ، بورنىڭ توزاندىلىرى ئورنىدىكى ئاتوملاردىن تاسادىبىيلىق نەتىجىسىدە شەكىللەنگەنلىكىگە ئىشىنەلەۋاتىسىز ؟
مەنبە:مەرىفەت تورى