جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە بىر يەرلىك قەبىلە بار بولۇپ، ئۇلار‹‹قېنىنى سۈمۈرۈپ، جەسەتنى يەۋىتىدىغان ››بىر خىل قۇرنۇنچلىق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىكەن.بېرىخون دەپنە مۇراسىمىدا ئۆلگۈچىگە ئاتاپ ئەپسۇن ئوقۇيدىكەن ھەم بىر تال بامبۇك نەيچىنى جەسەتكە سانجىپ قۇيىدىكەن. ئۆلگۈچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى پىرىخونغا ئەگىشىپ ناخشا ئېيتىپ،ئۇسسۇل ئويناپ، نۆۋەت بىلەن قۇمۇش نەيچە ئارقىلىق جەسەتنىڭ قېنىنى شورايدىكەن . ئۇلار بۇنداق قىلغاندا ، ئۆلگۈچى تۇغقانلىرى بىلەن مەڭگۈ بىللە ياشايدۇ، دەپ قارايدىكەن. ئۇلار ئۆگۈچىنىڭ قېنىنى شوراپ بولغاندىن كېيىن ، جەسەتنى ھايات ۋاقتىدا تۇرغان كەپىسىگە ئەكىرىپ ئولتۇرغۇزۇپ قۇيىدىكەن ۋە كەپە ئەتراپىدا كۈزەتتە تۇرۇپ، جەسەت قۇرۇپ كەتكۈچە ھەمراھ بولىدىكەن. جەسەت قۇرىغاندىن كېيىن جەسەتنى يانجىپ ، تالقان قىلىپ، تاماققا ئارلاشتۇرۇپ يەۋىتىدىكەن.