باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5924 قېتىم كۆرۈلدى
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1598
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 122
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە122دانە
ئۆسۈش: 1420 %
مۇنبەر پۇلى: 2290 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-07
ئاخىرقى: 2012-03-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-06 00:31

ئەلەم

ئەسكەرتىش: بۇ يازما tvnlirikisi تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-10-06)
قار ھىچ  توختاي دىمەيتىتى .بوۋاي بارغانسىرى ئە دەۋاتقان قارغا قاراپ  نەۋرىسىنى  ئالدىرتاتتى :چاپسانراق ھەيدە ئوغلۇم . تىزراق ماڭمىساق ،يول يىراق كەچ كىرگۈچە بېرىپ كەپ بولالماي قالىمىز .  كەچ قالساق ئاكامنىڭكىدە يېىتىپ قالامىز يا. ياق ،ئوغلۇم،  كەچتە ئۆيگە يېنىپ كەلمىسەك قوي ئاچ قالىدۇ.  قوينى ئەتىگەن ئۆلتۈرۈپ بولدۇڭغۇ؟   ۋاي ئىسىم قۇرسۇن.قېنى ئاۋۋال بېرىپ باقايلى  قونۇپ كىتىڭلار دەپ قالسا شۇ ۋاقىتتا بىر گەپ بولار.-ئاكام قونۇڭلار دىسىمۇ ئاچام ئۇنىماسلىقى مومكىن ئۇنداق دىمە ئوغلۇم ،ئۆگەي  بولسىمۇ ئۆزئاناڭغا ئوخشاش .داداڭ ئۆزبولغاندىن كىيىن ،بۇندىن كىيىن دادا -ئانا دەپ چاقىر غىن  داداڭمۇ سىنى شەھەردىكى مەكتەپتە ئوقۇتىمەن دەۋاتقانتى.   بالا جمىپ قالدى .شەھەردىكى مەكتەپتە ئوقۇش خۇشاللىقى ئۇنى بىر تەرەپتىن خۇشال قىلسا ،يەنە بىر تەرەپتىن بوۋىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى ئاڭلاپ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولدى  ئۇلاربىرھازا يۈرگەندىن كىيىن بوۋىسى نەۋرىسىدىن سوردى .-توڭلىدۇڭمۇ؟_ھەئە.بوۋاي دەرھال جۇۋىسىنى ئېلىپ نەۋرىسىگە كەيگۈزۈپ قويدى.لىكىن نەۋرىسىنىڭ يىرتىق ئاياغ كىيگەن يالاڭ ئاياغ كىيگەن يالاڭ پۇتلىرى يەنىلا يۆگەلمەي قالدى.     داداشەھەرگە ئەتە قار توختىغاندا بارساق بولماسمىدى ؟-تۇيۇقسىز سورالغا بۇ سۇئال بوۋاينى خۇرسىندۇرۇپ قويدى. بۈگۈن قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنجى كۈنى.قائىدە بويىچە بۈگۈن ئوغلۇم مىنى يوقلاپ كىلىشى كىرەك ئىدى. لېكىن ئۇلار بەك ئالدىراش ئوخشايدۇ. روزاھېيىتتىمىۇكىلەلمىدى   شۇڭابۇ ھېيتتا ئۆزۈم يوقلاپ بارمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ      بوۋاي گەپنىڭ ئاخىردا ئېغىر ئۇھ تاتتى  پايىتمىسى سۆرلۈپ قالسىمۇ،نامرات بولسىمۇ ئاتا_دە،ئەمما بوۋاي ئوغلى ئۆيلەنگەندىن بۇيان ئۆزىنى ئوغلىنىڭ ئالدىدا ئاتىدەك سىزىپ باقمىدى،بەلكى بارغانسىرى بالىغا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى .ئۇ بارمىسا ئوغلى كېلىپ قوياي دىمەيتى. نىمىلا بولمىسۇن ياتلىشىپ كەتمەسلىك كىرەك  ئىدى بوۋاي بىلەن نەۋرىسى قاراڭغۇ چۈشۈپ شەھەرنىڭ چىراغلىرى يانغاندا شەھەر ئىچىدىكى<<جەننەت>>تەك <<بالىغا شۇنداق تۇيۇلدى>> بىر مەھەلىنىڭ  ئىچىدىكى بىر بىنا نىڭ تۆتىنجى قەۋىتىدىكى ئۆينىڭ ئىشكنى چەكتى ،  _ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باللىرىم ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، تىنىچ _ئامان تۇردۇڭلارمۇ؟ئشىكنى ئاچقان كىلىننىڭ بوۋاينى كۆرۈش بىلەن چىرايى ئۆڭۈپلا كەتتى ، ھەم ئارقىغا بۇرلۇپ  ماڭغاچ ئىرىنى توۋلىدى_  سادىر، دادىڭىز كەپتۇ.     ئۆيدىن ئالدىراپ چىققان ئوغۇل بوسۇغىدا تۇرۇپ قالغان دادىسىنى كۆرۈپ ئوڭايسىز ھالەتتە ئۆيگەباشلىدى  مىھمانخانا ئۆيدە كىلىننىڭ ئاتا_ئانىللىرى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرى غىزالىنىۋاتاتتى. بوۋاينىڭ ئۇلارغا قىلغان سالىمى ۋە سۇنغان قوللىرى ئىلىكسىز قالدى.  ھېچكىم ئورنىدىن قوپمىدى. بوۋاي خىجالەتتە نەدە ئولتۇرۇشنى بىلەلمەي قالغان شۇ پەيىتتە ئوغلى ئۇنى ئىچكىردىكى ئۆيگەباشلىدى بوۋاي بىلەن نەۋرىسى ياتاق ئۆيدە خېلى ئولتۇردى،يا كىلىن _يائوغۇل كىرەي دىمىدى .  تاشقىرى ئۆيدىن <<ئېلىڭلار_بېقىڭلار >>دىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى . بوۋاي ئۆزىنى شۇ تاپتا شۇنچىلىك خورلانغاندەك سەزدى. ۋە كۆزىگە كەلگەن ياشنى تەسلىكتە بېسىپ ،نەۋرىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئورنىدىن تۇردى  _رەھمەت باللىرىم ،تىنىچ -ئامان تۇرۇۋىتىپسىلەر ئەمدى مەن قايتاي .بۇ ئەللىك يۇەن پۇلنى ھېيتلىق قىلاسىلەر.بوۋاي پۇلنى مىۋە شۆپەكلىرى  گوش سۆڭەكلىرى بىلەن توشقان   ئۈستەلگە قويۇپ ئشىكتىن چىقتى  شۇنداق تەسلىكتە چىققان پەللەمپەيدىن  چۈشكىچە كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ تۆكۈلۈپ  كەتتى،  ئوغلىنىڭ،<<دادانەگە بارسەن؟>>  دىگەن گىپىمۇ قۇلقىغاكىرمىدى_    ئاتا ھارۋا يوقتۇردۇ!؟  نەۋرىسىنىڭ ئەنسىز ئاۋازى بىلەن تەڭ بوۋاينىڭ يۈركى جىغغىدە قىلىپ قالدى ھەم ئەتراپقا ئەنسىرەپ قاردى .ھارۋا ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى   بوۋاي كۆزىدىكى ياش يۇقىنى  نەۋرىسىنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى  ئۈچۈن قوللىرى بىلەن  ئېيىتقاچ يېڭىلا ياققان قار ئۈستىدىكى ھارۋا ئىزىنى بويلاپ نەۋرىسىنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە ھارۋۇسىنى ئىزدەپ يۈگۈرگەندەك مېڭىشقا باشلىدى.   بارغانسىرى ئەدەۋاتقان  قار ھارۋىنىڭ چاق ئىزىنى كۆمۈپ تاشلىماقتا ئىدى ...........  ئاپتۇرى چەرچەن ناھيە باغ ئېرىق باشلانغۇچ مەكتەپتە  مالىك مۆمىن      
[ almas5555تەرىپىدىن2010-10-06 00:52قايتا تەھرىرلەند ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3069
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
ئۆسۈش: 990 %
مۇنبەر پۇلى: 1176 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2010-10-21
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-21 11:50

چۇشەندىم