查看完整版本: [-- ئەلەم --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ھىكايە پوۋىسىتلار -> ئەلەم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

almas5555 2010-10-06 00:31
قار ھىچ  توختاي دىمەيتىتى .بوۋاي بارغانسىرى ئە دەۋاتقان قارغا قاراپ  نەۋرىسىنى  ئالدىرتاتتى :چاپسانراق ھەيدە ئوغلۇم . تىزراق ماڭمىساق ،يول يىراق كەچ كىرگۈچە بېرىپ كەپ بولالماي قالىمىز .  كەچ قالساق ئاكامنىڭكىدە يېىتىپ قالامىز يا. ياق ،ئوغلۇم،  كەچتە ئۆيگە يېنىپ كەلمىسەك قوي ئاچ قالىدۇ.  قوينى ئەتىگەن ئۆلتۈرۈپ بولدۇڭغۇ؟   ۋاي ئىسىم قۇرسۇن.قېنى ئاۋۋال بېرىپ باقايلى  قونۇپ كىتىڭلار دەپ قالسا شۇ ۋاقىتتا بىر گەپ بولار.-ئاكام قونۇڭلار دىسىمۇ ئاچام ئۇنىماسلىقى مومكىن ئۇنداق دىمە ئوغلۇم ،ئۆگەي  بولسىمۇ ئۆزئاناڭغا ئوخشاش .داداڭ ئۆزبولغاندىن كىيىن ،بۇندىن كىيىن دادا -ئانا دەپ چاقىر غىن  داداڭمۇ سىنى شەھەردىكى مەكتەپتە ئوقۇتىمەن دەۋاتقانتى.   بالا جمىپ قالدى .شەھەردىكى مەكتەپتە ئوقۇش خۇشاللىقى ئۇنى بىر تەرەپتىن خۇشال قىلسا ،يەنە بىر تەرەپتىن بوۋىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى ئاڭلاپ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولدى  ئۇلاربىرھازا يۈرگەندىن كىيىن بوۋىسى نەۋرىسىدىن سوردى .-توڭلىدۇڭمۇ؟_ھەئە.بوۋاي دەرھال جۇۋىسىنى ئېلىپ نەۋرىسىگە كەيگۈزۈپ قويدى.لىكىن نەۋرىسىنىڭ يىرتىق ئاياغ كىيگەن يالاڭ ئاياغ كىيگەن يالاڭ پۇتلىرى يەنىلا يۆگەلمەي قالدى.     داداشەھەرگە ئەتە قار توختىغاندا بارساق بولماسمىدى ؟-تۇيۇقسىز سورالغا بۇ سۇئال بوۋاينى خۇرسىندۇرۇپ قويدى. بۈگۈن قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنجى كۈنى.قائىدە بويىچە بۈگۈن ئوغلۇم مىنى يوقلاپ كىلىشى كىرەك ئىدى. لېكىن ئۇلار بەك ئالدىراش ئوخشايدۇ. روزاھېيىتتىمىۇكىلەلمىدى   شۇڭابۇ ھېيتتا ئۆزۈم يوقلاپ بارمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ      بوۋاي گەپنىڭ ئاخىردا ئېغىر ئۇھ تاتتى  پايىتمىسى سۆرلۈپ قالسىمۇ،نامرات بولسىمۇ ئاتا_دە،ئەمما بوۋاي ئوغلى ئۆيلەنگەندىن بۇيان ئۆزىنى ئوغلىنىڭ ئالدىدا ئاتىدەك سىزىپ باقمىدى،بەلكى بارغانسىرى بالىغا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى .ئۇ بارمىسا ئوغلى كېلىپ قوياي دىمەيتى. نىمىلا بولمىسۇن ياتلىشىپ كەتمەسلىك كىرەك  ئىدى بوۋاي بىلەن نەۋرىسى قاراڭغۇ چۈشۈپ شەھەرنىڭ چىراغلىرى يانغاندا شەھەر ئىچىدىكى<<جەننەت>>تەك <<بالىغا شۇنداق تۇيۇلدى>> بىر مەھەلىنىڭ  ئىچىدىكى بىر بىنا نىڭ تۆتىنجى قەۋىتىدىكى ئۆينىڭ ئىشكنى چەكتى ،  _ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باللىرىم ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، تىنىچ _ئامان تۇردۇڭلارمۇ؟ئشىكنى ئاچقان كىلىننىڭ بوۋاينى كۆرۈش بىلەن چىرايى ئۆڭۈپلا كەتتى ، ھەم ئارقىغا بۇرلۇپ  ماڭغاچ ئىرىنى توۋلىدى_  سادىر، دادىڭىز كەپتۇ.     ئۆيدىن ئالدىراپ چىققان ئوغۇل بوسۇغىدا تۇرۇپ قالغان دادىسىنى كۆرۈپ ئوڭايسىز ھالەتتە ئۆيگەباشلىدى  مىھمانخانا ئۆيدە كىلىننىڭ ئاتا_ئانىللىرى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرى غىزالىنىۋاتاتتى. بوۋاينىڭ ئۇلارغا قىلغان سالىمى ۋە سۇنغان قوللىرى ئىلىكسىز قالدى.  ھېچكىم ئورنىدىن قوپمىدى. بوۋاي خىجالەتتە نەدە ئولتۇرۇشنى بىلەلمەي قالغان شۇ پەيىتتە ئوغلى ئۇنى ئىچكىردىكى ئۆيگەباشلىدى بوۋاي بىلەن نەۋرىسى ياتاق ئۆيدە خېلى ئولتۇردى،يا كىلىن _يائوغۇل كىرەي دىمىدى .  تاشقىرى ئۆيدىن <<ئېلىڭلار_بېقىڭلار >>دىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى . بوۋاي ئۆزىنى شۇ تاپتا شۇنچىلىك خورلانغاندەك سەزدى. ۋە كۆزىگە كەلگەن ياشنى تەسلىكتە بېسىپ ،نەۋرىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئورنىدىن تۇردى  _رەھمەت باللىرىم ،تىنىچ -ئامان تۇرۇۋىتىپسىلەر ئەمدى مەن قايتاي .بۇ ئەللىك يۇەن پۇلنى ھېيتلىق قىلاسىلەر.بوۋاي پۇلنى مىۋە شۆپەكلىرى  گوش سۆڭەكلىرى بىلەن توشقان   ئۈستەلگە قويۇپ ئشىكتىن چىقتى  شۇنداق تەسلىكتە چىققان پەللەمپەيدىن  چۈشكىچە كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ تۆكۈلۈپ  كەتتى،  ئوغلىنىڭ،<<دادانەگە بارسەن؟>>  دىگەن گىپىمۇ قۇلقىغاكىرمىدى_    ئاتا ھارۋا يوقتۇردۇ!؟  نەۋرىسىنىڭ ئەنسىز ئاۋازى بىلەن تەڭ بوۋاينىڭ يۈركى جىغغىدە قىلىپ قالدى ھەم ئەتراپقا ئەنسىرەپ قاردى .ھارۋا ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى   بوۋاي كۆزىدىكى ياش يۇقىنى  نەۋرىسىنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى  ئۈچۈن قوللىرى بىلەن  ئېيىتقاچ يېڭىلا ياققان قار ئۈستىدىكى ھارۋا ئىزىنى بويلاپ نەۋرىسىنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە ھارۋۇسىنى ئىزدەپ يۈگۈرگەندەك مېڭىشقا باشلىدى.   بارغانسىرى ئەدەۋاتقان  قار ھارۋىنىڭ چاق ئىزىنى كۆمۈپ تاشلىماقتا ئىدى ...........  ئاپتۇرى چەرچەن ناھيە باغ ئېرىق باشلانغۇچ مەكتەپتە  مالىك مۆمىن      

huxdil 2010-10-06 02:25
چوشقا باقماپتىكەن ،بالسى چوشقىدەك چوڭ بوپتۇ . چوشقا بولمىسا ئىشەك ئوخشايدۇ .ئەستەغپۇرللا نىملا دىسەم بۇ شوۋاقۇلاققا دەل تەگمەيدىغان ئوخشايدۇ .
كەڭ سايدا ئادەم تىللاش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيدىغان قېرىنداشلىرىم ،ما بوۋاينىڭ  نىجاسەتتىن بولغان ئوغىلىنى ئەمدى تىللىساڭلار  بەكمۇ ئورۇنلۇق ئىش بۇلاتتى .
ئۇيقۇم كىلىپ تۇراتتى ،ئوقۇپ بۇلۇپ ئۇيقۇممۇ ئېچلىپ كەتتىيا ،تىما ئىگىسگەرەخمەت .

tvnlirikisi 2010-10-06 10:16
نېمە دىيىشىمنى بىلمىدىم، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ  قالدى.    تېما ئېگىسىگە رەھمەت.
دىئالوگ،پەش،چېكىت لەرگە تازا دېققەت قىلماپسىز، شۇنداقتىمۇ ئەسەر ياخشىكەن. نادىرلىۋەتتىم ئەممىسە...

era13 2010-10-06 11:11
ھەر بىر پەرزەنىت ئۇقۇپ بىقىشقا تىگىشلىك ياخشى ئەسەركەن ، يۇرەكنى ئەزگۈدەك !

ئەلى 2010-10-06 17:22
ئىبرەت  ئالساقلا  كۇپايە  ،تىلاپ  نېمە  كەپتۇ..............
دېمىسىمۇ  مۇنداق  كىشىلىرىمىز  يەنىلا  ئارىمىزدا  بار ..........

fatih204 2010-10-13 23:08
مانا بۇ خورلۇققا ئىنسان چىدىمايدۇدە ،،   ئۇيقۇمنى ئىچىپلاۋاتتىغۇ بۇ ھىكايە

tengriqut 2010-10-15 18:03
ھېكايەمۇ ياكى راسىت بولغان ئىشمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئ

kaklik0999 2010-10-21 11:50
چۇشەندىم

kukbura 2010-10-21 23:42
   خۇدا ساقلىسۇن، بىزلەرنىڭ شۇنداق كۇنلەرگە قىلىشىمىزدىن!!!

uran0999 2010-10-27 17:48
yahxikan

otukan 2010-10-27 23:39
تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر.

uran0999 2010-11-11 17:51
ياخشى  يېزىپسىز

uran0999 2010-11-25 16:34
ئاللاھ ئۆز پاناھىڭىزدا  ساقلاڭ   ھەقىقى ۋەقەنى  يېزىپتۇ   بۇنداق ئىشلار ئارىمىزدا  99%بار   كۆزلىرىمدىن ئىسسىق  ياش ئاقتى،كېيىكى ئۆمۇرىمىزدە ھالىمىزدىن ياخشى  خەۋەر ئالىدىغان  ياخشى  ئىمانى ئىنسابى بار بالا ئاتا قىلغايسىز  ئۇلۇغ  ئاللا  بۇ كۈنلەر  ھەرقانداق ئادەمنىڭ  بېشىغا كېلىشى مومكىن   قېرىنداشلىرىم   بالىلارغا  ئىنساپ ئىمان  ھايا  تىلەيلى  ئامىن  تېما  ئىگىسى   يۇرەك  پارەمدىكى  ئەسەر يېزىپسىز  ھارماڭ  رەخمەت  سىزگە

hikimat 2010-11-25 17:19
ئۇلۇق  ئاللا باللىرىمىزگە ئىنساپ،دىيانەت ،كويۇم  ئادا  قىلسۇن.
نىمە  تېرىساڭ  شۇنى ئالۇرسەن.
شۇ بالاۋە كېلىن   .......................................................................

ئۆرتەنىم 2011-06-17 09:58
ئاللاھ ساقلىسۇن ئۇنداق قىلمىشلاردىن....ئاتىلار  يەنىمۇ ئاز جاپا چەكمىدى،ھەي شۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى ،كاپراتسىيە   

balgun 2011-11-17 14:11
بۇ توقۇلما ھىكايە بولسا  بۇنچىلىك باھا  بېرىپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق ، ئەگەر رىئاللىقتىكى ئىش بولسا ئىبرەت ئالساقلا بولدى ،تىللاش كەتمەيدۇ.


查看完整版本: [-- ئەلەم --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.049923 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us