باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1217 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى (2)
ظاللا مىەربان ...
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1193
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 210
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە210دانە
ئۆسۈش: 1830 %
مۇنبەر پۇلى: 3363 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2011-06-26
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-06 00:20

مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى (2)

مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى (2)


تۇخۇم


تۇخۇمنىڭ ئىنسان ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭ – كىچىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيىتىنىڭ بارلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىۋەرمىسە كېرەك، دەپ ئويلايمەن.
تۇخۇم پەقەت مومام مەريەمخان ئىشلەتكەن دورا ئەمەس. ئومۇمەن ھەممە ئىشلىتىپ يۈرگەن نەرسە. مەسىلەن، بالىلىق ئانىلار يىراق سەپەرگە ماڭسا، بىر تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى قەغەزگە تۆكۈپ، نارەسىدىنىڭ بېشىنى چېكىلەيدۇ. بۇ بالىنىڭ مېڭىسى چايقىلىپ كەتمىسۇن، دېگەنلىك. ياكى بالا يىقىلىپ چۈشسىمۇ تەجرىبىلىك ئانىلار بالىسىنىڭ بېشىنى تۇخۇم بىلەن چېكىلەيدۇ. چۈنكى بۇمۇ بالا مېڭىسىنىڭ چايقىلىپ كېتىشىگە قارشى دورا، ھەممىسى توغرا. بۇلارنىڭ بىرىنىمۇ ئىنكار قىلالمايمىز ھەم زىيىنى يوق ئادەتلەر.
ياكى مەسىلەن، بەزىدە ئۆزىڭىز بىپەرۋالىق قىلىپ پۇتىڭىزغا قايناق سۇنى تۆكۈۋالدىڭىز دەيلى. ئۇنى دەرھال داۋالىغۇدەك دورىمۇ يوق، شۇنداقتا نېمە قىلىش كېرەك؟ دەررۇ بىر تۇخۇم چېقىپ ئۇنىڭ ئېقىنى ساقىتىۋېتىپ، سېرىقىنى كۆيگەن يەرگە سۈركەڭ. ئاغرىق چاپسان بېسىلىدۇ ۋە چاپسان ساقىيىدۇ.
باش ئاغرىقى دەيمىز. ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايلا ئانالگىن ياكى تسىترامون ئىزدەيمىز. بۇ توغرا ئەمەس. باش ئاغرىغاندا، ئۇنىڭ تېگى – تەكتىنى ئىزدەپ تېپىش لازىم. بەزىدە باش قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن ئاغرىشى ئېھتىمال. دوختۇرغا بارسىڭىز ئۇنى بىردەمدىلا ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ يەردە تەجرىبىدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرەي. ئۇيغۇرلار ياشايدىغان يېزىلارنىڭ بىرىگە بارسام، خېلىلا ياشانغان بىر ئادەمنى قاتتىق ئاغرىۋاتىدۇ دېيىشتى. سالام بەرگەچ ھالىدىن خەۋەر ئالاي، دەپ ئۆيىگە باردىم. قان بېسىمى 220گە يېتىپ، دوختۇرخانىدا يىقىلغىلى تاستاماس قاپتۇ. ئوكۇل سالدۇرۇپ، ئۆيىگە تېخى يېڭىلا كېلىپ ياتقانىكەن.
- تۇخۇم بارمۇ؟ - دەپ سورىدىم بىرىدىن.


- بىزنىڭ ئۆيدە ئۇنداق نەرسە يوق. ئۆيدىكىلەرنىڭ چۈشلۈك تاماققا كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى. شۇ كەلگەندە قوشنىلاردىن ئېلىپ چىقمىسا، - دېدى ئۇ. شۇ گەپلەرنى ئېيتىشنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئۈچۈن نەقەدەر مۈشكۈل بولۇۋاتقانلىقى چىرايىدىنلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەن ئورنىدىن قوزغالماسلىقىنى ئۆتۈندىم. مەن ئالدىرىماي ھەممىنى چۈشەندۈرۈۋاتقاندا ئاغىنىنىڭ ئايالى چۈشلۈك تاماققا كېلىپ قالدى. ئۇنىڭغا ئېيتتىم.
- كەڭلىكى تۆت – بەش سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى باش ئورىغىدەك لاتا ئېلىڭدە، بىر تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى شۇنىڭغا سۈركەڭ، دۇكاننىڭكىگە قارىغاندا، ئۆينىڭ تۇخۇمى ياخشىراق. ئاندىن لاتىنى مانا مۇنداق: قاشنىڭ ئۈستىدىن باشلاپ باشقا ئوراڭ. بىر قېتىمدىلا قان بېسىمى تۆۋەنلەپ، باش ئاغرىقى توختايدۇ. ئەمما ئۇنى ئۈچ كۈن ئۇدا تەكرارلاش كېرەك.
ئارىدىن ئىككى – ئۈچ ئاي ئۆتۈپ، بۇ يېزىغا يەنە يولۇم چۈشۈپ قالدى – دە، ئاغىنىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ ئۆيىگە يەنە بېرىشقا توغرا كەلدى.
- مەسلىھەتىڭگە ئاپىرىن، - دېدى ئۇ.
- نېمە بولدى؟
- شۇ كۈنىگىچە بىز ئەخمەقلەر تۇخۇمنىڭ قۇدرىتىگە كۆز يۇمۇپ يۈرۈپتىمىز، - دېدى ئۇ مىيىقىدا كۈلۈپ، - ئۇنى پەقەت ئوزۇق قاتارىدا بىلىپ، شىپالىق خۇسۇسىيىتى يوق، دەپ يۈرۈپتىمىز. سەن دېگەندەك بىرىنچى كۈننىڭ ئەتىسىلا ئەسلىمگە كەلدىم. شۇنىڭدىن بۇيان مانا ئىككى ئايدىن ئوشۇقراق ۋاقىت ئۆتتى. قان بېسىمىم ئۆرلىمىدى. خۇدايىم، بىر جېنىڭغا مىڭ جان بەرسۇن.


بۇ تاسادىپىي نەرسە ئەمەس. چۈنكى بۇ ئۇسۇل بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆز جېنىغا ئارام تاپتى.
تۇخۇم توغرىسىدا سۆزلىگەندە خېلى گەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بەزىلەر، ئېغىر يۈك كۆتۈرۈپ، بېلىنى چىم قىلىۋالغاندىمۇ تۇخۇم سېرىقى ياردەم بېرىدۇ. بەزىلەر تەرتىزنى ھاۋانچىدا سوقۇپ تالقانلاپ، بىر قوشۇق تالقاننى بىر تۇخۇم سېرىقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بەلگە چاپلايدۇ. بەزىلەر قارىمۇچ بىلەن ھەسەل، تۇخۇم ئۈچىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىكەن. قارىمۇچ بىلەن تۇخۇم سېرىقى ئارىلاشتۇرۇپ بەلگە چاپلىغاندا، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە بولدۇم. ئۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: تۇخۇم سېرىقى، قارىمۇچ(چوڭ قوشۇقتا سىيپاپ بىر قوشۇق) ھەسەل(بىر قوشۇق) بىلەن ئارىلاشمىسىنى تۆت قاتلانغان قول ياغلىققا مايلاپ، بەلنىڭ دەل ئاغرىيدىغان يېرىگە قويىمىز ۋە ئۈستىنى بىر نەرسە بىلەن تارتىپ باغلىۋالىمىز. بۇ ئۇسۇل كېچىسى يېتىش ئالدىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئەتىگەنلىكى ئىشقا ماڭغاندا ئۇنى ئېلىۋېتىمىز. دەسلەپكى ئۈچ كۈننىڭ ئۆزىدىلا ئادەم ئۆزىنى تېتىك ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. مېنىڭچە بولغاندا داۋالاشنى ئۈزۈلدۈرمەي بىر ھەپتە قىلغان ياخشى. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئېيتىپ كېتىش كېرەككى، داۋالانغان ئادەم بىر ئاي ئۆزىنى ئېغىر ئىشلاردىن تارتمىقى لازىم.
تۇخۇم يېغى. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش تىرىكچىلىكىدە غاز، ئۆردەككە قارىغاندا، توخۇ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا تېبابىتىمىزدە كۆپرەك توخۇ تۇخۇمى ئىشلىتىلىدۇ. تۇخۇم يېغىمۇ مانا شۇ توخۇ تۇخۇمىنىڭ سېرىقىدىن چىقىرىلىدۇ. ئۇنى مومام مەريەمخاننىڭ ياساۋاتقىنىنى تالاي قېتىم كۆرگەنمەن. ھېلىمۇ يادىمدا، تۇخۇم يېغى چىقىرىش ئۇسۇلى: تۇخۇمنى پۈتۈن پېتى قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئاندىن تازىلىنىپ سېرىقى ئېلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنى ئاستا كۆيۈۋاتقان ئوتقا قويسا ئېرىپ، مايغا ئايلىنىدۇ. ئۇ كۆيگەن يەرگە، ھۆل تەمرەتكىگە داۋا.
ھېلىمۇ يادىمدا، مومام رەھمىتى ئالدىغا قورسىقى ئاغرىپ، ئىچى توختىماي ماغدۇرى ئۈزۈلگەن بالىنى ئېلىپ كەلسە، بىر پارچە كىگىزگە(تولىراق قارا قوينىڭ كىگىزى ئىشلىتىلەتتى) بىر تال تۇخۇمنى چېقىپ قۇيۇپ، ئاغرىق نارەسىدىنىڭ ئىشتىنىنى يەشكۈزۈپ شۇنىڭغا ئولتۇرغۇزاتتى. 10-15 مىنۇتتىن كېيىن بالىنى كۆتۈرۈپ ئالاتتى. شۇندا قارىغۇدەك بولسىڭىز، تۇخۇمنىڭ ياكى سېرىقى، ياكى ئېقى يوق بولۇپ چىقاتتى. مەن ھەيران بولۇپ بىردەم كىگىزگە، بىردەم مومامغا قارايتتىم.
- بۇنىڭ ئەجەبلىنىدىغان ھېچ نېمىسى يوق، - دەپ چۈشەندۈرەتتى مومام، - مۇبادا نارەسىدىنىڭ قورسىقى سوغۇقتىن ئاغرىسا، تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى، ئىسسىقتىن ئاغرىسا، ئېقىنى بالىنىڭ ئىچى شۈمۈرىۋالىدۇ ۋە ئۇ داۋا تاپىدۇ. مانا كۆردۈڭمۇ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى يوق، دېمەك بالىنىڭ ئىچى سوغۇقتىن ئاغرىغان.
تۇخۇمدا نارەسىدىنى قانچە كۈن ئولتۇرغۇزىدىغانلىقىمۇ يادىمدا، ئۈچ كۈن ئاخشىمى ئولتۇرغۇزۇلىدۇ. شۇندىلا بالىنىڭ ئىچى ئۆتۈش توختايتتى. ئانىلار مومامغا سوۋغا – سالاملىرىنى ئېلىپ كېلەتتى.
نارەسىدىلەر ئارىسىدىكى مۇنداق قورساق ئاغرىقلىرىنى داۋالاشتىكى بۇ ئاددىي ئۇسۇل ھازىر تامامەن ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ ئەمەلدىن قالغان. مۇبادا بالىمىزنىڭ ئىچى ئۆتۈپ قالسا، دەررۇ دوختۇرغا يۈگۈرەيمىز. دوختۇرلارنىڭ دورىسى بولسىغۇ كاشكى. دوختۇردا بەزىلەرنىڭ ئىچى ئۆتۈش توختىسا، بەزىلەرگە ھېچنەرسە كار قىلمايدۇ. ئۇنى ئۆز پەرزەنتلىرىم، نەۋرىلىرىم ۋە بەزى تونۇشلارنىڭ بالىلىرىدىنمۇ كۆرۈپ، ئۆز دورامنى ياساشقا مەجبۇر بولغانمەن.
بۇ يەردە تەجرىبىدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر ئەھۋالنىمۇ ئەسلەپ ئۆتمەي مۇمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ. مۇبادا گېموروي تېشىغا چىقىۋالسا، ئۈچ كۈن ئۇدا، ھەر كۈنى ئاخشىمى ئىككى دانە توخۇ تۇخۇمىنى چېقىپ، بىر پاكىز لاتىغا قويۇڭ – دە، ئۈستىدە 10-15 مىنۇت ئولتۇرۇڭ. يارا ئۈچ كۈندە ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن توخۇ يېغىدا بەش كۈن داكا بىلەن تېڭىڭ..


 

يىلان



بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى ئۆزبېك تىلىدا چىقىدىغان «سائادەت» ژۇرنىلىدىمۇ ياكى «پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىمۇ بىر ئالىمنىڭ يىلان توغرىسىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇغانىدىم. ئالىم ماقالىسىدە يىلاننىڭ شىپالىق خۇسۇسىيتى بارلىقى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى «بىمەنە گەپ»دەپ،يوققا چىقىرىدۇ. مەن شۇندا ئۇ ئالىمنىڭ ئۆزىنى بىمەنە گەپ قىلىدىغان ئادەم ئىكەن دېدىم. چۈنكى مەن ئۇ توغرىسىدا سەل كېيىنرەك ھېكايە قىلىمەن. يىلاننىڭ شىپالىق خۇسۇسىيتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئادەممەن.كېيىنكى يىللىرى تۇغقان يوقلاش مەقسىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىغا بارغىنىمدا ئۈرۈمچى،ئاقسۇ،قەشقەر ۋە خوتەن بازارلىرىدا تىرىك،قۇرۇتۇلغان،بوتۇلكىلارغا قاچىلانغان يىلانلارنىمۇ(ئەپسۇس بۇ جانىۋارنىڭ قانداق ئاغرىقلارغا قوللىنىلىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەپتىمەن)ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.بۇ پاكىتلار ئۇيغۇر تېبابىتىدە يىلاننىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئورنى بارلىقىنى ئىسپاتلىسا كېرەك.
تەپسىلاتقا بېرىلمەي،ئېنىق پاكىتلارغا تايىنىپ كۆرەيلى.
1946-يىلى ئالدىدا ئىسسىق قوتۇرغا مۇپتىلا بولغانىدىم.كىيىن ئۇ تۇرۇپلا سوغ قوتۇرغا ئايلىنىپ كەتتى.پۇت-قوللىرىمنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىمۇ،پۈتكۈل بەدىنىمدىمۇ شەلۋەرەپ،قىچىشىپ ئارامىمنى قويمىدى.ئولتۇرۇپ-قوپۇش مېنىڭ ئۈچۈن مۈشكۈل ئىش بولدى. ئۆزىمىز يىپ ئېگىرىپ توقۇپ، كىيىۋالغان ئىشتان-كۆڭلەككە چاپلىشىپ قالاتتى-دە،ئورنۇمدىن تۇرساملا جېنىم قاقشاپ كېتەتتى.چۈنكى بىر پارچە يەرنىڭ تېرىسى سويۇلۇپ چىقاتتى.دوختۇرغا كۆرۈنۈۋىدىم.سېسىقتىن-سېسىق دورا بەردى.قانچە ئىخلاس قىلىپ ئىشلەتسەممۇ،ئۇنىڭدىن بىر تىيىنلىق پايدا بولمىدى.


ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن دەرستە پارتىغا جەينەك تىرەپ ئولتۇرسام،رۇس تىلى مۇئەللىمى ئولتۇر،دەپ بۇيرۇق بەردى.ئولتۇرىۋاتىمەن،مۇئەللىم،دېدىم.لېكىن ئۇ ماڭا مىختەك قادىلىپ تۇرىۋالدى.ساۋاقداشلار ئالدىدا ھەممىنى ئوچۇق ئېيتىش مۇمكىن ئەمەستە.چۈنكى سەككىزىنچى سىنىپتا ئۆزۈمنى يىگىت ھېسابلاپ يۈرگەن بالىلارنىڭ بىرىمەن.سىنىپتا قىزلار ئولتۇرىدۇ.شۇڭا خۇددى سوغۇق سۇدا يۇغۇرۇلغان خام ناندەك بېزىرىپ تۇرىۋالدىم.مۇئەللىم مېنى سىنىپتىن چىق دېدى. ئىلاج قانچە،چىقىشقا توغرا كەلدى.تەنەپپۇستا بالىلار مېنى ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئىزدەۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى يەتكۈزدى.رۇس تىلى مۇئەللىمى دەرستىن كېيىن ئىلمىي مۇدىرغا مېنىڭ «تەرتىپسىزلىكىمنى» ئېيتىپ شىكايەت قىلغانىكەن. ئۇمۇ ئەر، مەنمۇ ئەر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ھېچ نەرسىنى يوشۇرماي ئوچۇق ئېيتتىم.
- بۇ يامان بوپتۇغۇ، - دېدى ئۇ مېنىڭ ھالىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، - بىرەر موماي، بوۋايلاردىن مەسلىھەت سوراپ كۆرمىدىڭمۇ؟ مۇنداق يۈرگىنىڭ بولمايدۇ. ئۆزۈڭگە نېمىشقا ئىچىڭ ئاغرىمايدۇ، - دېدى ئىلمىي مۇدىر.
شۇ دەقىقىدە بىردىن بوۋام رەھمىتى ھايات چاغدا ئارىلىشىپ يۈرگەن ئاپئاق ساقىلى تۆشىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئەرشىدىن ئىسىملىك بوۋاي يادىمغا كەلدى، ئۇ كىشى چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدىكى شۇ يىللاردىكى چوڭ گۆش دۇكىنىنى تۇتاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئۆيى مەكتەپ ياتاقخانىسىغا يېقىن ئىدى. شۇ بوۋاينىڭ ئالدىغا كىردىم ۋە ئەھۋالىمنى ئېيتتىم. بۇ ياز ئايلىرىنىڭ باشلىرى ئىدى.
- ئوغلۇم، بىر يىلان تۇتقىن – دە، بېشىنى كېسىۋال، بوتۇلكىغا قاچىلاپ يەرگە كۆم. ئون كۈن بولغاندا ئاچساڭ، يىلان ئېرىپ مايغا ئايلىنىدۇ، شۇ مايدا بەدىنىڭنى ئۇدا بەش كۈن مايلاپ، ئاندىن مۇنچىغا چۈش، ئاغرىقىڭ مۇنچىدا قالىدۇ، - دەپ مەسلىھەت بەردى ئەرشىدىن بوۋاي. يىلان ئېرىپ چىققان ماي سېسىق بولغىنى ئۈچۈن دەرستىن كېيىن ياتاقخانىمىز نېرىسىدىكى ئەسكى تام ئىچىگە كىرەتتىم – دە، پۈتكۈل كىيىم – كېچىكىمنى يېشىۋېتىپ مايلايتتىم ۋە دەرس تەييارلاپ ئولتۇراتتىم.
ئالتىنچى كۈنى كەچ مۇنچىغا بېرىپ يۇيۇنۇپ قايتتىم. ئەتىسى قارىسام بەدىنىمدە بىئارام قىلغۇدەك نەرسە قالماپتۇ.
قىسقىسى،شۇنىڭ بىلەن قوتۇردىن مەڭگۈ خوشلاشتىم. ئەرشىدىن بوۋاينىڭ ياتقان جايى ئىلاھىم جەننەتتە بولسۇن! يېقىندا قوشنىمىز مەخسۇت دېگەن كىشى كىرىپ كەپتۇ. چاي ئۈستىدە قىلمىغان گېپىمىز قالمىدى. مەن ئەرشىدىن بوۋاينىڭ دورىسى بىلەن قانداق ساقايغانلىقىمنى سۆزلەپ بەردىم.
- توغرا ئېيتىسىز،-دېدى ئۇ بىردىن سۆزۈمنى قۇۋۋەتلەپ،- بۇنىڭدىن خىلى يىل ئىلگىرى ئاغرىقخانىغا چۈشۈپ قالدىم. مېنى ئورۇنلاشتۇرغان بۆلمىدە چوڭ ياشتىكى بىر كىشىمۇ بار ئىكەن. ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە تەمرەتكىدەك قىچىشقاق يارا بار ئىكەن. ئوكۇل ئۈستىگە ئوكۇل، دورا ئۈستىگە دورا ئېلىۋاتىمىز. بىراق، قىلغان دورىلار ئۇ كىشىگە ھېچ تەسىر قىلمىدى. مېنى ئاغرىقخانىدىن چىقىرىدىغان بولدى. شۇندا ھېلىقى كىشى:
- ئۇكا، سەن ئۆيۈڭگە چىقىپ كېتىپ بارىسەن، گېپىڭگە قارىغاندا يېزا بىلەن ئالاقەڭ خېلى چىڭ ئوخشايدۇ. ئوغۇل بالىلىق قىلىپ، ماڭا ئىككى تال يىلان تېپىپ بەرگىن. خىزمىتىڭ بىكارغا كەتمەيدۇ، ماڭا ئوخشاش ئاغرىقى بار بىر كىشى بۇ كاساپەت كېسەلدىن شۇ يىلاننىڭ گۆشىنى يەپ ساقىيىپ كېتىپتۇ، - دەپ نالە قىلىپ تۇرىۋالدى. مەن ئاتام دېمەتلىك بۇ چوڭ ياشلىق كىشىنىڭ گېپىنى يىرالمىدىم. رەھمىتى تا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە كۆرگەنلا يەردە رەھمەت ئېيتىپ، مۈرەمگە قاقاتتى. چۈنكى يارىسى شۇ يىلان گۆشىنى يېگەندىن كېيىن ساقىيىپ كېتىپتۇ.
يىلاننىڭ پەقەت مېيىلا ئەمەس، شۇنداقلا گۆشىنىڭ قىچىشقاققا شىپالىق ئىكەنلىكىنى مۇشۇ ئىككى پاكىت ئىسپاتلاپ تۇرسىمۇ، دەرد تارتىۋاتقانلار ئاڭلاپ قالسۇن، دېگەن ئويدا يەنە بەزى نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىشكە قارار قىلدىم.


بەزىلەر يىلاننى تىرىكلا بوتۇلكىغا سولاپ، ئاغزىنى ھىم ئېتىپ ياز بويى ئاپتاپقا قاقلاپ قويىدىكەن. جانلىق نەرسە بولغىنى ئۈچۈن يىلان بوتۇلكا ئىچىدە ھاۋا يېتىشمەي، ئالدىدا كۆپۈپ، ئاندىن يېرىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇياش نۇرىدا پەيدىنپەي ئېرىپ ماي ھاسىل بولىدىكەن. يىلاننىڭ بۇ مېيى ئاساسىەن بەل ئاغرىقلىرىغا ئىشلىتىلىدىكەن. يىلاننىڭ بېشى كېسىلمىگەنلىكتىن ماي زەھەرلىك بولۇپ، ئېچىشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن پەلكۈچ ياساپ، ئۇنى قويۇق سۈركىمەي، بەلكى ئىككى ياكى ئۈچ سىزىقچە تارتىپ قويۇشنىڭ ئۆزى كۇپايە ئىكەن. ئادەم چىدالماي قالىدۇ، دەيدۇ بىلگەنلەر. چونجا ئاپتوبۇس پاركى شوپۇرلىرىنىڭ بىرى بىلەن يولدا يولداش بولۇپ قالدىم. ئۇ ماڭا تۆۋەندىكىلەرنى ھېكايە قىلىپ بەردى.
ئۇنىڭ 8- سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئىنىسى زىققا بىلەن ئاغرىپتۇ. ئوقۇشنىمۇ تاشلاپتۇ. ياتمىغان ئاغرىقخانىسى، يېمىگەن دورىسى، سالمىغان ئوكۇلى قالمىغان. ئاخىر ئۇ مېنىڭ ئەرشىدىن بىر ئاقساقال بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ – دە، سۆزىدىن سۆز چىقىپ قېرىندىشىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
- بىر پارچە يېڭى كالا گۆشىنى تاپ، - دەپتۇ ئۇ، -ئۇنى بىر تال يىلان گۆشىگە ئارىلاشتۇرۇپ، راسا چاناپ، بىر ئاپقۇر چۆچۈرە ئەتكۈزۈپ ئىنىڭغا ئىچكۈز. ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن ئېسىل دورىنى تاپالمايسەن. شوپۇر بۇرادەر بوۋاينىڭ دېگىنىنى ئىشلەپتۇ. شۇ كېچىسى ئىنىسى دۇنيادىن بىغەم ئۇخلاپتۇ. راسا تەرلىگەن بولسا كېرەك. ئەتىسى يۆتەلمۇ كەسكىن ئازىيىپتۇ. بالا ئۈچىنچى كۈنى ئۆزىنى ئوبدانلا ھېس قىلىپتۇ. كىيىن بىمار ئاكىسىدىن نېمە بەرگىننى سوراپتۇ.ئاكىسى «گۆشكە بىر موللا بوۋايغا دۇئا قىلدۇرغانىدىم،خالاس»دەپ تىرەجەپ تۇرىۋاپتۇ. ئەمما،بۇ جاۋاب بالىنى قانائەتلەندۈرەلمەپتۇ:
- ئاكا،سەن ئوچۇقىنى ئېيتقىن،جېنىمغا ئارام بېرىۋاتىدۇ.ئۇنىڭدىن يىرگەنگىنىم يوق؟قورقما!-دەپتۇ بىمار. بىمار ئەتىسى قوشنىسىنىڭ ئېشىكىنى سوراپ مىنىپ،باھار يېزىسى تەرەپكە بېرىپ،ئۆز قولى بىلەن يەنە بىر يىلان تۇتۇپ چۆچۈرە ئەتكۈزۈپ يەپتۇ.
- شۇنىڭ بىلەن ئىنىم سەللىمازا ساقايدى.ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ تۈگەتتى.ئارمىيگىمۇ بېرىپ قايتتى.مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ ئىككى پەرزەنتنىڭ ئاتىسى،-دەپ شوپۇر ھېكايىسىنى ئاياغلاشتۇردى.


مۇشۇلارنى ھېكايە قىلىۋاتقاندا خىيالىمغا رېئاللىققا يېقىن بىر رىۋايەت كەلدى.ئۇنى قاچان،كىمدىن ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە يوق.بىر كىشىنىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ،ئۇ زىققا بىلەن ئاغرىۋاتقان ئىكەن.ئاتىنىڭ ئوغلىنى ئاپارمىغان يېرى قالمىغان بولسا كېرەك.يېقىنلىرىدىن بىرى پالانچى مەھەللىدە قالتىس بىر تېۋىپ باركەن.ئۇ زىققىنى ئاسانلا ساقايتار ئىمىش،دەپتۇ.ئاتھارۋىنى قوشۇپتۇ-دە،سەپەرگە چىقىپتۇ.ئاتا-بالا ئۇزاق يول مېڭىپتۇ.بىر يەرگە كەلگەندە،كۈن ئولتۇرۇشقا يېقىنلىشىپتۇ.يول چۆلدىن ئۆتىدىكەن.يول بويىدا يالغۇز ئۆي بولۇپ،ئۇنىڭدا بىر بوۋاي ياشايدىكەن.بوۋاي مېھمانلارنى ئىللىق قارشى ئېلىپ،ئۆيىگە باشلاپتۇ.
ساھىبخان كۆپنى كۆرگەن ئادەم ئىكەن.‹كەلگۈچە مېھمان،كەلگەندىن كېيىن ئۆي ئىگىسى ئۇيىلىدۇ›غۇ.ساھىبخان قەدىر ئەھۋال ياشايدىكەن.مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويغۇدەك ھېچنەرسىسى يوق.دۇنيالىقتا يالغۇز ئۆچكىسى ئىكەن.ئۇنى سويماي دېسە،مۇنۇ مېھمانلار ئالدىدا سەت،سوياي دېسە،ئۇ قورسىقىنى شۇ ئۆچكىنىڭ سۈتى بىلەن بېقىۋاتقانلىقىنى ئويلاپتۇ.ساھىبخان ئاخىر مېھمانلارنىڭ دۇئاسىنى ئاپتۇ-دە،تىرىكچىلىكتىكى يالغۇز ئۆچكىسىنى سويۇپ،پارچىلاپ قازانغا ساپتۇ. بوۋاينىڭ ئۆيى ئالدىدا بىر تۈپ چېقىر جۈجەم دەرىخى بولۇپ،ئوچاق شۇنىڭ ئاستىدا ئىكەن.ئۆچكە گۆشى خۇددى شۇ ئوچاقتىكى قازاندا قاينايدۇ.ساھىبخان قازان قاينىغاندا،ئۈستىدىكى كۆپۈكنى ئېلىپ،تۇۋاقنى قىيا ئوچۇق قويۇپ مېھمانلىرى ئالدىغا كىرىدۇ.گۆشنى قازاندىن ئۇسۇش مەقسىتىدە ئاخىرقى قېتىم چىقىپ تۇۋاقنى شۇنداقلا كۆتۈرسە،قازان ئىچىدە ئارغامچا كېسىمى ياتقۇدەك.ساھىبخان ئۇنى تاياققا ئېلىپ چىقىرىپ قارىسا،يىلان،ساھىبخان نېمە قىلارىنى بىلمەي ھاڭ بېقىپ تۇرۇپ قاپتۇ.چۈنكى گۆش بىلەن شورپىنى تۆكىۋىتەي دېسە مېھمانلارغا بەرگۈدەك ھېچ نەرسە يوق.كۆزنى يۇمۇپ گۆشنى مېھمانلار ئالدىغا قوياي دېسە،مۇنۇ ئەھۋال.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆچكىنى سويۇپ قازانغا سالغاننى مېھمانلار كۆردى.ئەگەر ھەق گەپنى ئېيتسا،مېھمانلارنىڭ ئىشەنمەسلىكىمۇ مۇمكىن.ھەتتا ساھىبخاننى «بۇ راسا پىخسىق ئادەم ئىكەن»دېيىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.


- بۇمۇ خۇدايىمنىڭ بىر بۇيرۇقىدۇر، - دەپ، ساھىبخان گۆشنى قازاندىن چىقىرىپ، مېھمانلارغا ئېلىپ كىرىدۇ. ئۇزاق يولدىن ھېرىپ – ئېچىپ كەلگەن ئاتا – بالا مېھمان گۆش يەپ، شورپا ئىچىپ قورساقلىرىنى ئوبدان تويغۇزۇپ راھەتلىنىدۇ. بىراق، تاڭ ئاتقۇچە تالاغا يۈگۈرەيدىغان بالا ناھايىتى خاتىرجەم ئۇخلايدۇ. ئاتىمۇ، بالىمۇ بۇ يولدا ھېرىپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى دەپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تېۋىپ بالىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ:
- بالىڭىزنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق ئاغرىقى يوق. مېنى ئەخمەق قىلغىلى كەلدىڭلارمۇ؟ - دەپ ناھايىتى خاپا بولىدۇ.
بالىنىڭ ئاتىسى ئاللا نامى بىلەن قەسەم ئىچىدۇ – دە، ئوغلىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىدۇ. ئۆيگە كەلگەندىن كېيىنمۇ بالا خۇددى ھېچقاچان ئاغرىمىغان ئادەمدەك يۈرىدۇ. خۇدانىڭ بۇ كارامىتى ئاتىنىمۇ، بالىنىمۇ ئويلاندۇرۇپ قويىدۇ.
- دادا، - دەيدۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇل، - تا ھېلىقى چۆلدىكى بوۋاينىڭ ئۆيىگە يەتكۈچىلىك مەن ئاغرىق ئىدىم. شۇ بوۋاينىڭ ئۆيىدە قونغان كۈنىدىن باشلاپ خاتىرجەم ئۇخلىدىم. تېۋىپ توغرا تاپتى. ھازىر مېنىڭدە ھېچقانداق ئاغرىق يوق. شۇ بوۋاي ماڭا دورا بېرىپ ساقايتتى. شۇ كىشىنىڭ ئالدىغا بارماي زادى بولمايدۇ.
- ئوغلۇم ئىككىمىزنىڭ ئويى بىر يەردىن چىقىۋاتىدۇ. ئەتە ئاناڭ نان ياقسۇن. ئۆگۈنلۈككە يولغا چىقايلى.
ساھىبخان ئالدىدا ئىللا – بىللا مەن ھېچنەرسە بەرمىدىم، دەپ يېقىن كەلمەيدۇ. ئەمما ئاتا – بالا مېھمانلار قادىلىپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ساھىبخان بولغان ۋەقەنى باشتىن – ئاخىر تەپسىلىي ھېكايە قىلىپ بېرىدۇ.
- قېرىنداش، - دەيدۇ ئاخىرىدا بالىنىڭ ئاتىسى، - ھەر ھالدا پېشانەمگە پۈتكەن يالغۇز ئوغلۇم سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە داۋا تاپتى. مۇنۇ ئىككى ئۆچكە سىزگە قىلغان سوۋغىمىز بولسۇن، بوپتۇ دېسىڭىز يۇرتىمىزغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ، ئۆي – جايلىق قىلىشمۇ قولىمىزدىن كېلىدۇ.
- شۇنداق قىلىپ، چۆلدە ياشاۋاتقان بوۋاي ئويلىمىغان يەردىن تۇغقان تېپىپ، ئادەملەرگە كېلىپ قوشۇلغانىكەن.
بۇغۇ رىۋايەت، ئەمدى ئۆز تەجرىبەم توغرىسىدا ئىككى ئېغىز گەپ. ئېغىر زىققىنى ساقايتىشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا «شىپالىق يۈز ئون گىياھ» ناملىق كىتابىمنىڭ «غەندىغەرە» قىسمىدىنمۇ ئاز – تولا گەپ قىلغانىدىم. زىققىغا بېرىلىدىغان دورىنى مۇنداق تەييارلىدىم: ئوتتۇز گرام ياۋايى غەندىغەرە يىلتىزىنى يېرىم لىتىردىن كۆپرەك سۇدا ئاستا كۆيۈۋاتقان ئوتتا ئون مىنۇت قاينىتىپ، ئاندىن غەندىغەرە يىلتىزى قايناتمىدىن چىقىرىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا قۇرۇتۇلغان يىلاننىڭ تۆتتىن بىر قىسمى سېلىنىپ، قاينىتىلىدۇ. بۇ قايناتما زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەمگە كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن يىلمان بېرىلىدۇ. ئىچكەندە ھاپلا قىلىپ كۆتۈرۈۋەتمەي ئاز – ئازدىن ئىچكەن مەقسەتكە مۇۋاپىق، ئۇ قىزىلئۆڭگەچنى يۇيىدۇ.
قايناتما ئاغزى بۇراپ ئېتىلىدىغان بوتۇلكىغا قاچىلىنىپ توڭلاتقۇدا ساقلىنىدۇ.
بەزىلەر ئىككى، بەزىلەرگە تۆت بوتۇلكا قايناتما لازىم بولىدۇ.
بىرسىنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك، ئادەم ئۈچۈن دورىغا يىلان تۇتقاندا سۇ يىلىنى ئەمەس، بوز يىلىنى لازىم. چۈنكى سۇ يىلىنى شورپىسى بوز يىلىنى شورپىسىغا نىسبەتەن قۇۋۋەت جەھەتتىن تۆۋەن. بۇ مېنىڭ پىكىرىم، سىناپ كۆرمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى..




كىندىك لاتا ۋە بەش تىيىن



ئۇيغۇر خەلق تېبابىتى توغرىسىدا يېزىۋاتقىنىمغا قاراپ بەزىلەرگە ھەممىنى بىلىدىغان ئەۋلىيادەك كۆرۈنىۋاتقاندىمەن. لېكىن ئۇنداق ئەمەس. ياراتقان ئىگەم، ھەر ھالدا ماڭا خېلىلا پۇختا ئاڭلاش، كۆرۈش، تەھلىل قىلىش، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى بەرگەن ئوخشايدۇ. شۇ تۈپەيلى پەقەت ئويلىغانلىرىمنى خاتىرلەپ، ئاز – تولا تەجرىبەمنىلا ئاق قەغەزگە چۈشۈرۈۋاتىمەن. قىسقىسى مېنىڭدە ھېچقانداق ئەۋلىيالىق يوق دېمەكچىمەن. مۇبادا ئەۋلىيالىق بولغىنىدا، بىر ياش ئانىنىڭ «قۇچىقىمدىكى بالا ئۈچ ئايلىق بولۇپ قالدى. بىراق ئۇنىڭ كىندىكى پولتىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭغا بىر نەرسە دەپ بېرەلەمسىز؟» دەپ مۇراجىئەت قىلغىنىدا، تۈكۈرۈكۈمنى يۇتۇپ، يەرگە قاراپ ئولتۇرماس ئىدىم، راستقۇ؟
بىلمىگەن نەرسىنى بىلىمەن دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇش ئەخمەقنىڭ ئىشى. ياش ئانىنىڭ بۇ سوئالىغا جاۋابنى مۇشۇ يېقىندا ئويلىمىغانلا يەردىن تاپقاندەك بولدۇم.
قېرىنداشلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەقسىتىدە ئەمگەكچى قازاق ناھىيىسىنىڭ تاشتىقارا يېزىسىغا بارغانىدىم. گەپتىن – گەپ چىقىپ يەنە شۇ خەلق تېبابەتچىلىكى توغرىسىدا سۆز بولۇپ قالدى – دە، يېشى ئاتمىشقا ئۇلىشىپ قالغان سىڭلىم جەننەتبۈۋىگە:
- قېرىنداش سەن ئالتە – يەتتە بالىنىڭ ئانىسى، ئون بەشكە يېقىن نەۋرىنىڭ مومىسى بولغان ئانسەن. تۇرمۇشتا كىندىكى چىقىپ قالغان نارەسىدىنى كۆردۈڭمۇ؟ - دەپ سورىدىم.
- نېمىشقا ئۇچراشمىسۇن؟ - دېدى ئۇ، - مەسىلەن، تۇنجى ئوغلۇم (سىڭلىمنىڭ بۇ ئوغلى ھازىر قىرىقنىڭ بوسۇغىسىغا باراي دەپ قالدى) ئىككىمىزنى تۇغۇتخانىدىن ئۆيگە ئېلىپ چىقتى. ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپلا ئۇنىڭ ئىچى سانجىغاندەك قىلىپ يىغلايدۇ، بىئارام بولىدۇ. قېينانام دەم سالاتتى، ئاشلايتتى، بىراق، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى بولۇپ كېتەلمىدى. كېيىن قېيناتام ئۆرنەكتە تۇرىدىغان تۈركمۇ، ئەزەربەيجانمۇ، ھازىر يادىمدا يوق، بىر موللا مومايغا ئېلىپ بېرىڭلار، دېدى. ئۇ موماي بىر ئاي داۋالىدى. ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ مەنپەئەت بولمىدى. شۇ ئارىدا ئۇيغۇر ناھىيىسىدىن ئۆزۈمنىڭ تۇغقان ئانام كېلىپ قالدى. ئۇ بالامنى كۆرۈپ:
- ۋاي، ئەخمەق قىز، بۇنىڭغا كىندىك لاتا تۇتماپسەنغۇ، - دېدى.


قېينانام بىلمىگەن نەرسىنى ياش، تەجرىبىسىز مەن نەدىن بىلەي؟ ئاپام ئۇنى ئۆز ئاپىسىدىنمۇ ياكى قېينانىسىدىن ئۆگەندىمۇ بىلمەيمەن، ھەر ھالدا نەۋرىسىگە كىندىك لاتا تەييارلاتتى. بىر قوشۇق كالىنىڭ تازا سېرىق يېغىنى تەلەپ قىلدى. بۆشۈكنى تەييارلاپ قويۇپ بالىنى قۇچىقىدا ئوڭدا ياتقۇزۇپ قوشۇقتىكى سېرىق ياغدىن كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئېلىپ، نەۋرىسىنىڭ كىندىكىنى مايلىدى ھەم ئۇۋۇلىدى.
ئاخىرىدا بۆشۈككە ياتقۇزۇپ، پۇتلىرىنى باغلىغاندىن كېيىن بالىنىڭ كىندىكىنى كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئاستا بېسىۋىدى كىندىك «غىچ» قىلىپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. شۇندا ئاپام يانچۇقىدىن مىستىن ياسالغان بىر دانە بەش تىيىننى ئېلىپ كىندىك ئۈستىگە قويۇپ كىندىك لاتا بىلەن چىڭ قىلىپ باغلاپ، ئوراپ، بالىنى بۆلىدى. بۇ ئۇسۇل ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرۇلدى. تىيىننى ئىشلەتمىگىنىم بىلەن كىندىك لاتىنى بالا تا بىر ياشقا تولغىچە تاشلىمىدىم. ئەۋزىلى مۇشۇ كۈنلەردە كېلىنلىرىممۇ، قىزلىرىممۇ بالىنى بۆشۈككە سالغاندا كىندىك لاتىنى ئەستىن چىقارمايدۇ.
قېرىندىشىمنىڭ ھېكايىسىدىن كېيىن مەن ئويلىنىپ قالدىم. چۈنكى، بۈگۈنكى ياش ئانىلار ئىپارخان، نۇزۇگۇم، گۈلەمخان قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئارزۇلۇق قىزلىرىمىز چوڭ بولغان ئۇيغۇر بۆشۈكىنى بالىمىز مايتۇق – سايتۇق ئۆسىدۇ، دەپ مەنسىتمەي، بالا ھارۋىسىدا بېقىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. بالا ھارۋىسىدا باققان بالىدا نەدىن كىندىك لاتا بولسۇن! كىندىك لاتا تۇتقان تەقدىردىمۇ ئۇ بۆشۈكتىكىدەك چىڭ تۇتمايدۇ، توختىمايدۇ. شۇڭا بۈگۈنكى نارەسىدىلەر ئارىسىدا گرىجا كۆپ. كىندىك پولتىيىپ چىقىپ قالغىنى كىندىك چىقىش ئىكەن. شۇ تۈپەيلى ياش ئانىلار ئوقۇشنى بىلىدىغان رۇس مومايلارنى ئىزدەپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرىدۇ. بۆشۈك، بىرىنچىدىن، ئانىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ يېرىمىنى بۆلۈشۈۋالىدىغان نەرسە. بۆشۈكتە ياتقان بالىلار ئارىسىدا ئۆپكىسىگە سوغ تېگىش ئاغرىقى بۆشۈكتە ياتمىغان بالىلارغا نىسبەتەن ئاز بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۆشۈكتە ياتقان بالىغا كىندىك لاتا لازىم بولىدۇ – دە، كىندىك چىقىش ئاغرىقىغا يېقىن بولمايدۇ.


بوپتۇ، بۆشۈكنىڭ، كىندىك لاتىنىڭ شۇنداق مۇھىم ۋەزىپىسى بار دەيلى. خەلق تېبابەتچىلىكىدە سېرىق ياغ ئىسسىقلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، دەپ تەكىتلىنىدۇ. ئۇمۇ توغرا. دېمەك، كىندىك چىقىش سوغدىن بولىدىغان ئاغرىق. سېرىق ياغ، بىرىنچىدىن، كىندىكنى يۇمشاتسا، ئىككىنچىدىن، سوغ تەگكەن كىندىكنى داۋالاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە. مىستىن ئىشلەنگەن بەش تىيىنچۇ؟ بۇ مېنىڭ بېشىمنى ئوبدان قاتۇردى. شۇ ئارىدا 1946- يىلىنىڭ كەچ كۈزدە يۈز بەرگەن بىر ۋاقىئە يادىمغا چۈشتى.
ئاتامنىڭ ئېلى ئىسىملىك ئاغىنىسى بولۇپ، ئۇ ئىككى ئوغلىنى بىللە خەتنە قىلدۇرۇپتۇ. ئاقسۇدىن كەلسەم ئانام كاۋا، ياڭيۇ، كىچىك چىنىدە بىر قورۇلغان كۆممىقۇناق بەردى – دە، شۇ بالىلارنى مۇبارەكلەپ قايتىشىمنى تاپشۇردى. ئېلى ئاكىلارنىڭ ئۆيى ئالدىدا يوغان قارا ئىت ياتاتتى. مەن ئۆيگە كىرىپ كېتىپ بارغاندا ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ياقتۇرمايۋاتقان ھالدا ئۈنچۇقمىغان. قايتقىنىمدا مېنى ئېلى ئاكىنىڭ جىيەنى ئۇزىتىپ چىقتى. شۇنداقلا مېڭىشىمغا قارا ئىت يۈگۈرۈپ كەلگەن پېتى مېنىڭ ئوڭ تېقىمىمغا ئېغىز سالدى. چىشلىگەن يەر كۆيۈشۈپ قالغانلىقتىن سەل قان چىقىپ تۇراتتى. ئالدىدا ئانچە بىلىنمىگەن، بارا – بارا پۇتۇمغا بىر ئاغرىق كىرىپ كەتتى، جېنىمنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالدىم.
بۇ ۋەقەنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ كىرگەن مومام ئىككى سىڭلىمنى قوشنىلارغا بەش تىيىنلىق پۇل بولسا تېپىپ كېلىڭلار، دەپ يۈگۈرتتى. ئەتىمالىم، شۇ يىللىرىمۇ بۈگۈنكىدەك پارچە تىيىن ئەتىۋار بولسا كېرەك. ئىزدەپ قويسا ئۇمۇ تېپىلمايدىكەن. سىڭىللار ئىككى ۋە ئۈچ تىيىندىن بىر قانچىسىنى تېپىپ كىرىپتۇ. مومامنىڭ ئېيتىشىچە، ئىتنىڭ چىشى پاتقان يەرگە مىستىن ئىشلەنگەن تىيىننى قويسا، زەھەرنى تارتار ئىمىش، تىيىنلار ياردەم بەردىمۇ، ھەرھالدا پۇتۇمنىڭ ئاغرىقى چاپسان بېسىلىپ، جاراھەت تېز ساقايغان. شۇنداق قىلىپ، مىس تىيىنلار ئىت چىشى زەھىرىنى تارتىدىكەن. چۈشەنچىمدە ئۇيغۇرلار كىندىك چىقىشتىمۇ زەھەر بار، دەپ ھېسابلىسا كېرەك. شەخسەن مەن مىستىن ئىشلىگەن تىيىنلار تەركىبىدە ئىت چىشلىگەن بەدەندىكى زەھەرنى تارتىدىغان قانداق ماددىلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۇنىڭ زەھەر تارتىش كۈچىنىڭ بارلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئادەممەن.
پولتىيىپ چىقىپ تۇرىدىغان كىندىك لاتىسى ۋە بەش تىيىن بىلەن قانداق داۋالاش-ئاساسەن ياش ئانىلار قۇلىقىدا تۇرىدىغان بىر مەسلىھەت. ....
مەنبە: «مىراس» ژورنىلى 2005- يىللىق 2 - ساندىن  http://www.merifet.net/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=1102
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1598
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 122
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە122دانە
ئۆسۈش: 1420 %
مۇنبەر پۇلى: 2290 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-07
ئاخىرقى: 2012-03-08
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-06 02:11

رھمەت كۆپ ئىشلارنى بىلۋالدۇق................