باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1455 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى ( 1)
ظاللا مىەربان ...
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1193
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 210
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە210دانە
ئۆسۈش: 1830 %
مۇنبەر پۇلى: 3373 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-05-14
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-06 00:16

مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى ( 1)

مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى ( 1)


كامال ھېسامىدىنۇف (قازاقىستان)



ئاپتورنىڭ 1993- يىلى نەشرى قىلىنغان «شىپالىق يۈز ئون گىياھ» ناملىق كىتابتىن تەييارلىغۇچى ئابلىز ئۇرخۇن



تەسۋى




تېخى دىنىي ئىشلارغا كەڭچىلىك ئېلىپ بېرىلىشى ھېچكىمنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگەن چاغدا مەن ناماز ئوقۇشنىڭ سالامەتلىكنى مۇستەھكەملەشتە قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ، تالاي - تالاي زامانداشلىرىمنى قايىل قىلغانىدىم. ھازىر ئۇ شۇ يولدىن قايتقىنىم يوق. چۈنكى بۇ بىرىنچىدىن، «تەن ھەرىكىتى». موسكۋادا نەشر قىلىنىدىغان «زدوروۋيې» (سالامەتلىك) «كرېستيانكا» (دېھقان ئايال)، «رابوتنىتسا» (ئايال ئىشچىلار) ژۇرناللىرى ۋە «سېميا» (ئائىلە) ناملىق گېزىتتە تازىلىقنىڭ ئادەم ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا، قىزلار قانداق، ئوغۇللار قانداق يۇيۇنسا بولىدۇ، شۇ ھەقتە تۇراقلىق يېزىپ مەسلىھەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ، بىراق بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كېيىنكى ئەۋلادتىن دەل شۇ كۆرسەتمىگە ئەمەل قىلىۋاتقان ئادەمنى ھازىرغا قەدەر كۆرمىدىم. بۇ مەسىلىگە دىن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. نامازغا تەييارلىق كۆرۈش قائىدىسىدە روشەن ئېيتىلغان. يەنى تەقۋادارلار كۈنىگە بەش قېتىم يۇيۇنىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانداق تەشۋىق ۋە كۆرسەتمە كېرەك ئەمەس. ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى، يەنى سائەت ئالتىدىن ئون بەش، سائەت يەتتىدىن ئون بەش مىنۇت ئۆتكەندە مەخسۇس مۇزىكا چېلىنىپ، بىر ئادەم ئومۇمىي خەلقنى تەن ھەرىكىتىگە تەكلىپ قىلىدۇ. تېلېۋىزوردىمۇ تەن ھەرىكىتى ئەستىن چىقىرىلغىنى يوق. مېنىڭچە بولغاندا مۇسۇلمانلار ئارىسىدىن بۇنىڭغىمۇ ئەمەل قىلىۋاتقانلار ساناقلىق بولسا كېرەك. بۈگۈن ھەممە ئىش جەريانلىرى مېخانىكىلاشتۇرۇلغان، ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان، ترانسپورتمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇلغان دەۋردە ئىنسان ئۈچۈن تەن ھەرىكىتى ھاۋادەك لازىم. لېكىن ئۇنى ئويلاۋاتقان ئادەم يوق. ھەممە پەقەت تىرىكچىلىك كويىغا چۈشۈپ كەتكەن. ئىشتا ئولتۇرۇپ ئىشلەيمىز، ئۆيگە كېلىپ تېلېۋىزور ئالدىدا قېقىپ قويغان قوزۇقتەك ئولتۇرىمىز. ھەتتا ئاش - تاماقنىمۇ شۇ تېلېۋىزورغا تىكىلىپ ئولتۇرۇپ ئىچىمىز. مېھمان كەلگەندىمۇ تېلېۋىزورىمىز سايراپ تۇرىدۇ. تەقۋادارلاردا يەنە تىنىم يوق. ئۇلار يۇيۇنۇپ - چايقىنىپ كۈنىگە بەش قېتىم قازا قىلماي ناماز ئوقۇيدۇ. ھەرىكەتلىرىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭا؟ مۇشۇ كۈنلەردە مۇبادا دوختۇرخانىغا بارسىڭىز ناماز ئوقۇپ يۈرگەن چوڭلارغا نىسبەتەن ياشلار كۆپ. بىرىنىڭ ئۇ، بىرىنىڭ بۇ يېرى ئاغرىۋاتقان.


ئاساسىي ماۋزۇدىن سەل چەتنەپ كەتتىم، ئەمدى تەسۋى كېلەيلى. ۋەتەن ئۇرۇشىغىچە قەدەر ناماز ئوقۇيدىغان مويسىپىت بوۋايلارنىڭ تەسۋى تاشلىرىنى سانىغاندەك ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆپ كۆرگىلى بولاتتى. كېيىن ئۇ تىرىكچىلىك تۈپەيلى تامامەن ئەمەلدىن قالغان. دىنغا كەڭچىلىك بېرىلگەن بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇمۇ يەنە جانلاندى. مېنىڭچە بولغاندا، ئۇ تېخى دېگەندەك تەرەققىي ئەتمىدى. بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال، ئەلۋەتتە. نېمىشقا دەيسىز دەڭ؟ مەن يۇقىرىدا ئادەم سالامەتلىكىنى مۇستەھكەملەشتە پاكىز يۈرۈشنىڭ، تەن ھەرىكىتىنىڭ نەقەدەر مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدىم. بۇ جەھەتتىن تەسۋىمۇ كېيىن قالمايدۇ. مەسىلەن، كېيىنكى يىللىرى نېرۋىسى ئاجىز ۋە ئاغرىق كىشىلەرگە كەشتە بېسىش، تور توقۇش ئىشلىرىنى بىۋاسىتە تەكلىپ قىلىپ، شۇ ئارقىلىق داۋالاۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇسۇلدا نېرۋا ئاجىزلىقىنى بىر تالمۇ دورا ئىستېمال قىلماي داۋالاشقا بولىدىغانلىقى ئىلمىي تەكشۈرۈرشلەر ئارقىلىق ئېنىقلاندى. بۇ ئۇسۇل جارى قىلىنمىغىنىدا بەل، پۇت ئاجىزلىقى تۈپەيلى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بىمارنىڭ ئىچ پۇشۇقىدا نېمە بولۇشىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ كۆرۈڭ. بۇ ئۇسۇلنى ئويلاپ ئاخىرىغا چىققان ئادەمنىڭ ئاتىسىغا رەھمەت!


تور توقۇش ياكى كەشتە بېسىشنى مۇسۇلمان ئەرلەر پەقەت ئايال - قىزلارغىلا خاس تىرىكچىلىك دەپ ھېسابلايدۇ. شۇنداق تور توقۇپ، كەشتە باسقۇسى كەلمەيدىغان بىمار ئەرلىرىمىزنىڭ نېرۋىسىنى نېمە بىلەن داۋالىشىمىز مۇمكىن؟ يا ئۇلار شۇ ئىلگىرىكىدەكلا قوپال، توڭ، سىركىسى سۇ كۆتۈرمەيدىغان، چېچىلاڭغۇ يۈرۈۋەرسۇنمۇ؟ ياق، دۇنيادا ئادەمدىن قىممەت ھېچنەرسە يوق. ئۇنداق بولسا تور توقۇشنى خالىمايدىغان ئەرلىرىمىزنىڭ نېرۋىسىنى قانداق مۇستەھكەملەش مۇمكىن؟ ئۇنىڭغا ئادەم ئورگانىزمىغا ئەكسىنچە تەسىر قىلمايدىغان دورا ياكى ھەرىكەت بارمۇ؟ بۇنىڭغا شەخسەن مەن «بار» دەپ ئىشەنچلىك ئېيتالايمەن. بۇ بولسىمۇ تەقۋادارلىرىمىزنىڭ قولىدىكى تەسۋى.
تەسۋىنىڭ شىپالىق خىسلىتىنىڭ بارلىقىنى باشقىلاردىن مىسال ئىزدەپ ئاۋارە بولماي، ئۆز ھاياتىمدىن ھېكايە سۆزلەپ بېرەي.


مۇبادا خاتالاشمىسام بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرىغۇ دەيمەن، ئۆيدە ناھايىتى قاتتىق خاپا بولدۇم. نېمىشقا، ھازىر ئەسلىيەلمەيمەن. ئۈستى - ئۈستىگە تاماكا چەكتىم. تالاغا چىقىمەن، ئۆيگە كىرىمەن. قوللىرىم، پۇتلىرىم غال - غال تىترەيتتى. دەل شۇ دەقىقىدە ئۆيدە ماڭا بىرەرى لام دەپ ئېغىز ئاچتىمۇ بولدى، ئېغىز چىشىمغا ئېلىپ چاينىۋېتىشىم ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. تالادىن كىرىپ نېمىشقىدۇر پەس ئىشكاپنىڭ تارتمىسىنى قوپاللىق بىلەن تارتىپ ئېچىپ يېپىۋاتىمەن. بىر تارتمىدا تەسۋى يېتىپتۇ. يۈز بىر دانە تېشى بار چوڭ تەسۋى. ئۇنى ئالدىم - دە، ياتاقخانىمىزغا كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن ئىلىۋالدىم. قولۇمدا تەسۋى، موللىلارنىڭ ئۇنىڭ ھەربىر تېشىنى نېمە دەپ سىيرىيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم! دېدىم - دە، ئاندىن تاشلارنى بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت، بەش دەپ ساناشقا باشلىدىم. خاتالاشمىسام ئون قېتىمغۇ دەيمەن، ساناقنى بىردىن باشلىدىم، ئاندىن كېيىن يۈزدىن تۆۋەنلىتىپ بىرگىچە، كېيىن يۈزدىن - بىرگىچە توختىماي ئۆتكۈزدۈم. يىگىرمە قېتىمدىن ئوشۇقراق قىلغان بولسام كېرەك، بىر ۋاقىتتا ئۆزۈمنى شۇنداق تىڭشاپ كۆرسەم، پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمدا بىر يېنىكچىلىك، تەمكىنلىك ھېس قىلدىم. بايا ۋۇجۇدۇمدا قاينىغان غەزەپ بېسىلىپ، نېرۋىلىرىم خۇددى ئورنىغا چۈشكەندەك كۆرۈنىدۇ. ناھايىتى قاتتىق ئۇخلاپتىمەن، ئەتىگەنلىكى ئورنۇمدىن يېنىك تۇردۇم.
بۇ ئۇسۇلنى ئون كۈندە ئاخشىمى يالغۇز ئولتۇرۇپ داۋاملاشتۇردۇم ۋە دوپپامنى ئالدىمغا قويۇپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم سورىدىم. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ھەرقانداق شارائىتتا ئۆزىنى تۇتۇشقا، ئەرزىمەيدىغان نەرسىگە چېچىلىشقا يول قويماسلىققا تىرىشىپ يۈرىمەن. سالامەتلىكىم يامان ئەمەس.
بۇنىڭغا ئوخشاش شىپابەخش تەسۋىنى ھەركىمنىڭ ئۆزى بىمالال ياسىۋىلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ كۈچ، ئەمگەك ۋە مەبلەغمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ. تەسۋىنىڭ يۈز بىر تال بولۇشىمۇ شەرت ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈچۈن يوغان ئاددىي مۇنچاقتىن ئەللىك بىر تال كۇپايە. يىپقا ئۆتكۈزۈڭ - دە، پايدىلىنىڭ.
تەجرىبىدىن كۆرۈشىمىزچە، بۇ ئادەم ئۈچۈن ھېچقانداق زىيىنى يوق، پەقەت سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىلىق ئۇسۇلدىن تۇراقلىق پايدىلىنىلسا، ئادەم ئۈچۈن شۇنچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى ھايات ئىسپاتلىدى. مۇشۇ كۈنلەردە نېرۋا جەھەتتىن تەلتۆكۈس ئادەمنى تېپىش ناھايىتى تەس. شۇڭا، بۇرادەرلەرگە ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە ئاخشىمى ئېرىنمەي تەسۋى تارتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن..



قارا كىشمىش



كىمدۇر بىرى «خەلق - ئۇ بىر خەزىنە» دېگەنىكەن. لېكىن شۇ خەزىنىنى دەمال بىلىۋەرمەيمىز. ئادەملەر بىلەن پات - پاتلا ئۇچراشسىڭىز، سۆھبەتلەشسىڭىز ئېچىلمىغان ساندۇق، كۆمۈلۈپ ياتقان سىرنىڭ تولىلىقىغا كۆزىڭىز يېتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، نى - نى قىزىق، ئىبرەتلىك گەپلەرنى، ئىشلارنى ئاڭلايسىز. تېبابەتتىمۇ خۇددى شۇنداق. بىراق، ئېچىنارلىق يېرى شۇكى، دەل بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇلارنى تېرىپ تەپچىپ يېغىۋاتقان، توپلاپ كېيىنكى ئەۋلادقا قالدۇرۇش مەقسىتىدە تەر تۆكۈۋاتقان بىرەرىنى كۆرمەيسىز.
مەن تا كېيىنكى يىللارغا قەدەر كىشمىش دېگەن ئۆيگە پەقەت مېھمان كەلگەندە، توي - تۆكۈن، چايلاردا جوزىنى بېزەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسە دەپ چۈشۈنەتتىم. ئۇنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيىتىنىڭ بارلىقى ھەتتا چۈشۈمگىمۇ كىرمەپتىكەن. ھەر نەرسىنى پەقەت بېشىڭغا كەلگەندىلا بىلىپ، قەدرىگە يېتەمسەن نېمە؟
يېقىندا تاشكەنسازغا مىسرەت ئىسىملىك شىرەم تۇغقان بىلەن بىللە باردۇق. خەلق تېبابەتچىلىكىدىن ئاز - تولا بىلگىنىم ئۈچۈن يەتمىشكە تاقاپ قالغان بۇ ئادەم مېنى گەپكە تۇتتى، ئاغرىق داۋالاشنىڭ خىلمۇخىل ئۇسۇللىرى، ئامىللىرى توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. قېيناتا ئاغرىپ ياتاتتى. «باھانىدىن - باھانىغا سىز بىلەن بىللە بېرىپ بوۋاينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قوياي. بىر ساۋابلىق ئىش بولسۇن» دېدى ئۇ.


- كامال مۇنۇ بوۋاينىڭ بېشىنى پۈركىۋېلىپ ھېچ نېمىنى ئېيتقۇسى كەلمەيدىكەن، - دېدى مىسرەت ئاكا مەن ئۇنى ئۇزىتىپ تالاغا چىققاندا، - ئەمما بايقىشىمچە ئۇنىڭ بېغىرى (جىگىرى) ئاغرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل ئىلگىرى مېنىڭمۇ بېغىرىم ئاغرىپ، ئاغىنىلەردىن بىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن قارا كىشمىش قاينىتىپ ئىچىپ، ياخشى بولۇپ قېلىۋىدىم.
- نورمىسى، قاينىتىش تەرتىپى يادىڭىزدا بارمۇ؟!
- بولمايچۇ، بىر كىلوگرام كىشمىشقا بىر كىلوگرام سەۋزە، سوغۇق سۇدىن چاغلاپ ئالىسىز. ئەپلىكرەك بولسۇن دېسىڭىز يېرىم كىلوگرام كىشمىش بىلەن يېرىم كىلو سەۋزىنى بىر قاينىتىپ ئىچكۈزۈڭ. ئىچىش نورمىسىدا چەك يوق.
مىسرەت ئاكا كەتتى. مەن ئويلاشقا قالدىم. قارا كىشمىشمۇ، سەۋزىمۇ ئادەم يېسە ئۆلىدىغان نەرسە ئەمەس. ھەر ئىككىسى ئوزۇقلۇق مەھسۇلات. راست سەۋەب بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. سەۋزىغۇ ئۆيدە بار، بىر كىلوگرام كىشمىش دېگەن نېمە؟ ئالمۇتىنىڭ كۆكتات بازىرىدا كۆپ. ئەتە بېرىپ دەررۇ ئەۋەتىپ بېرەي، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورا دېگەننىمۇ نورما بىلەن مەلۇم بىر ۋاقىتتا ئىچكەن ياخشى. ئۆيدىكىلەرگە شۇلارنى چۈشەندۈرۈپ يولغا سالاي.
يەكشەنبە كۈنى تاشكەنسازدىن ئۇتتۇر بازارغا كەلدىم-دە، بىر كىلوگىرام قارا كىشمىشنى ئېلىپ ئۆيگە كەلدىم. ئۆيدىكىلەرگە ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ يولغا سالدىم. قارا كىشمىش بىلەن سەۋزە قايناتمىسىدىن كۈنىگە تۆت مەزگىل تاماقتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى ۋە ئاخشىمى يېتىش ھارپىسىدا 75 گراملىق ئىستاكاندا بىر ئىستاكاندا بىر ئىستاكاندىن ئىچىشكە تىرىلىدۇ.مۇبادا ئۇسساپ قالدىم دېسە، سۇنىڭ ئورنىدا بەر. بوۋاي بەرىبىر كۆپ ئىچمەيدۇ.


ئومۇمەن سەۋزە بىلەن كىشمىشنىڭ ئادەمگە قۇۋۋەت بېرىدىغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭدىن تاشقىرى قاننى تۈزەيدۇ، قاننىڭ پائالىيىتىنى ئوڭشاشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇ مېنىڭ چۈشەنچەم.ئىككىسى بىرلەشسە بېغىردىكى ، بۆرەكتىكى، سۈيدۈك يولىدىكى توسالغۇلارنى ئېچىپ، سوغۇق تەگكەن يەرلەردىكى زەخمىنى قايتۇرسا كېرەك. شۇنداقلا ئادەم ئىچىنى بوشىتىش خۇسۇسىيتىمۇ بار. شۇڭا بۇ دورىغا كۆپ ئۈمىد باغلىدىم.
ئۆيدىكىلەر بىر ھەپتىدىن كېيىن قايتتى. ئېيتىشلىرىغا قارىغاندا بوۋاينىڭ چىرايىغا قان يۈگۈرۈپتۇ. تالا-تۈزگە چىقىشىمۇ نورماللاشقان ئوخشايدۇ.
- قىزىم، مەن ياخشى، ئەمدى ئۆيىڭىزگە بېرىڭ، تىرىكچىلىكىڭىزگە ئىگە بۇلۇڭ، دەپ قايتۇرىۋەتتى، - دېدى ئۆيىدىكىلەر مېنىڭ سۇئالىمغا جاۋابەن، - ئۇنى ئۆزىمۇ سوراپ ئىچىۋاتىدۇ. يەنە بىر كىلوگىرام كىشمىش ئەۋەتىپ بەرسەم نېمە دەيسىز؟
- گەپمىكەن شۇ،ئەۋەت، بولمىسا ئۆزۈڭ ئاپىرىپ بېرىپ كەل.
بۇ يەردە مۇنداق بىر لەتىپە ئېسىمغا چۈشىۋاتىدۇ.ئۇنى دېمەي مۇمكىن ئەمەس. ئېيتىشلىرىغا قارىغاندا يەھۇدىيلار- مەن ئەتىگىچە ئاغرىپ قالىدىغاندەك قىلىۋاتىمەن. بۈگۈن دوختۇرغا باراي، دەپ كېتەرمىش. رۇسلار بولسا بۈگۈن ئاغرىپ قېلىۋىدىم، دەپ دوختۇرنىڭ ئالدىدا ھازىر بولار ئىكەن. بىزنىڭ مۇسۇلمانلار دوختۇرنىڭ ئالدىغا ئۆز ۋاقتىدا ئەمەس، ئاغرىق ئوبدان جاندىن ئۆتكەندىلا يۈگۈرەيدۇ. مۇبادا «بېغىرىڭىز قاچاندىن بېرى ئاغرىيتتى؟» دەپ سورىسىڭىز. بەزىلەر ئۈچ - تۆت كۈننىڭ، بەزىلەر ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىتنى ئېيتىدۇ. «بۈگۈن بولمىسا ئەتە توختاپ قالار» دەپ ئاغرىقنى راسا كۈچەيتىۋالىمىز. «قانداق قىلىمىز تىرىكچىلىك!» دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلىغۇسى كېلىدۇ. قېيناتىنىڭمۇ ئاغرىقى خۇددى شۇنداق ئۇزاق يىللىق ستاژغا ئىگە ئاغرىقلاردىن. شۇڭا قارا كىشمىش بىلەن سەۋزە قانچە يۆلەكچىلىك قىلسىمۇ، ئاغرىق بىلەن كۈچ ئېلىشىش تەس. كونىنىڭ كونىلىقى بار. ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا داۋالانغاندا ئاغرىق ئۇنىڭ بوينىغا مۇنچىلىك مىنىۋالماس ئىدى..


ناسۋال



بەزىلەرنىڭ «بۇ ئادەم خىيالىغا كەلگەنلا نەرسىنى يېزىۋېرىپتۇ - دە!» دېيىشى مۇمكىن. بىراق، مەن خىيالىغا كەلگەننىلا قەغەزگە چۈشۈرۈشنى ئەمەس، ھېچبولمىغاندا بىرەر ئادەمنىڭ جېنى ئارام ئالسۇن، دېگەن پىكىردە بولدۇم. بەلكى يازغانلىرىمدىن بىرەر - يېرىمى بەزىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقماسلىقىمۇ مۇمكىن.
ھاكىمجان ئىسىملىك بىر يىگىتنىڭ ھەر ئىككى كۆزى كۆزگە ئاق چۈشۈش ئاغرىقى بىلەن تۇتۇلۇپ قالدى. قەددى - قامىتى كېلىشكەن، قاۋۇل يىگىتنىڭ بۇ پاجىئەسى خېلى - خېلىسىنى ئېچىندۇردى. ئاغرىقخانىلاردا ياتتى. تېۋىپلارغا كۆرۈندى. لېكىن ھېچنەرسە داۋا بولمىدى. كېيىنكى يىللىرى موسكۋادا ئەنە شۇنداق بىمارلارنى داۋالاش بويىچە مەخسۇس كلىنىكىلىق ئاغرىقخانا ئېچىلىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ بىچارە ئۈمىد بىلەن موسكۋاغا قاراپ يول ئالدى. ھاكىمجانلار «موسكۋاغا بېرىپ كەپتۇ» دەپ ئاڭلاپ، ھال سوراش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردۇق.


- دوختۇرلىرى تولىمۇ سىلىق، مېھرىبان ئادەملەردىن ئىكەن، - دەيدۇ ھاكىمجان مىننەتدارلىق بىلەن، - ناھايىتى جىددىي، ئېرىنمەي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزدى. مېنىڭ قان بېسىمىم يۇقىرى. شۇ باھانە بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
- باشقا دورا بەرمىدىمۇ؟
- كۈل ئىلەشتۈرۈلمىگەن ناسۋال بىلەن سۇمبۇل (ۋالېرىئانا) يىلتىزىنى ئارىلاشتۇرۇپ يۇمشاق ئېزىپ پۇرا، دېدى.
ھاكىمجان چوڭ ئۈمىد باغلىغان دوختۇرلارنىڭ گېپىنى دەسلەپ چۈشەنمىدىم. ئۆيگە كېلىپ ئۇزاق ئويلاندىم. ھەممە پەرەزلەر بىلەن تەخمىنلەرنى تەھلىل قىلدىم. ناسۋالمۇ، سۇمبۇلمۇ بۇرۇندىكى شىللىق پەردىگە يەتكەندە ئادەم مەجبۇرىي يوسۇندا چۈشكۈرىدۇ. ئادەم ئۇنىڭسىزمۇ چۈشكۈرىدىغۇ. كۆپ ئويلىدىم، ھەممىگە مەلۇمكى، چۈشكۈرگەندە ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئورگانىزىمى كۈچلىنىدۇ. قاتتىق چۈشكۈرۈش تۈپەيلى ھەتتا بەزىلەرنىڭ بۇرنىدىن قان چىقىپ كېتىشىمۇ ئېھتىمال. بەزىدە كۆزدىن ياش چىقىپ كېتىدۇ. دېمەك، گلائۇكۇما بىلەن ئاغرىۋاتقان ئادەم ئۈچۈن بۇ جەريان پايدىلىق بولسا كېرەك. قاتتىق ۋە يېنىپ - يېنىپ چۈشكۈرگەندە قان تومۇرلىرى، كلېتكىلار ھەرىكەتكە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تومۇرلار ئېچىلىدۇ. ياش بولسا يوللاردىكى «ئەخلەتلەرنى» ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ، قېتىپ قالغان نېرۋا تالالىرى ھەرىكەتكە كېلىشى چوقۇم.
ئۇغۇ شۇنداق. بىراق كۈل ئارىلاشتۇرماي تەييارلىغان ناسۋال قانداق؟ زادى ئەقلىم يەتمەيدۇ. چۈنكى مەن بالا مەزگىلىمدە بوۋامنىڭ قازاق ئاغىنىلىرىنىڭ ئۆيىدە ناسۋال ياساش جەريانىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. ئۇ بوۋايلار تاماكا يوپۇرمىقىنى ھاۋانچىدا سوقۇپ تالقانلاپ، ئاندىن چاكاندىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى ئارىلاشتۇراتتى. بۇ بىرىنچى سورتلۇق ناسۋال ھېسابلىناتتى. ئۇنداق بولسا كۈل ئارىلاشتۇرماي ياسالغان ناس قانداق بولىدۇ؟


نۇرغۇن پېشقەدەملەر بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشتىم. كۆپچىلىكى ناسنى قانداق ياسايدىغانلىقىنى كۆرمىگەن ئىكەن. ئاخىرى 50-يىللارنىڭ بېشىدا ئۆمۈرلۈك جۈپتى ناس ياساپ ساتقان بىر موماينى تاپتىم:
- ھەي ئۇكام، ئۇ ئاسانلا ئىشقۇ، - دېدى موماي مىيىقىدا كۈلۈپ، - تاماكىنى ھاك سۈيىگە چىلاپ، ئاندىن قۇرۇتۇپ سوقسا، ناسۋال تەييار بولىدىغۇ. مانا سىزگە كۈل ئارىلاشتۇرمىغان ناسۋال. ھاكىمجانغا مەن بۇ ئۇسۇلنى سۆزلەپ بەردىم. لېكىن شەھەردىن ناسقا كېرەكلىك ماتېرىيالنى تېپىپ بېرىش قولۇمدىن كەلمىدى. ئىككى كۆزى كۆرمىسە ئۆزى نەدىن تاپسۇن. ئەمدىلا 50 نىڭ قارىسىنى ئالغان ئادەم ئۆيگە يىپسىز باغلىنىپ ئولتۇرىدۇ..




توخۇ ۋە توخۇ تاشلىقى



توخۇ گۆشى بىلەن شورپىسىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيىتى توغرىسىدا مەن كىتابلاردىن ئازدۇر - تولا ئوقۇغان. زامانىۋى ئىلمىي تېبابەتچىلىك بولسا، توخۇ گۆشى بىلەن شورپىسىنى سىڭىشلىق يېنىك غىزا، دەپ ھېسابلايدۇ. ئومۇمەن تۇرمۇشتا توخۇ شورپىسى تولىراق ئىچنى بوشىتىش، تازىلاش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن بۈگۈن تۇرمۇشىمىزدا شورپا قاينىتىش ئۇسۇلىمىزنىڭ ئاتا - بوۋىلار ئۇسۇلىغا ھېچ يانداشمايدىغانلىقىنىي تەكىتلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بەزىلەر «مەن توخۇ شورپىسى ئىچىپ بىر راھەتلەندىم» دېسە، ئىككىنچى بىرلىرى «مەن ئۆيدىكىلەرگە توخۇ شورپىسى قاينىتىپ قوي دېدىم. تاماكا تاشلىغانىدىم. شورپا بىلەن ئىچىمنى تازىلىماقچىمەن» دەپ ماختىنىدۇ. توغرا، نۇرغۇن مۆتىۋەرلەردىن ئاڭلىشىمغا، ئاتامدىن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىمگە قارىغاندا، بۈگۈن بىز قاينىتىۋاتقان شورپا ئۇ پەقەت غىزا ئۈچۈنلا، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسىدىكى شىپالىق خۇسۇسىيىتى تۆۋەن. بىزنىڭ ئائىلىدە ئاتام ئۈچۈن توخۇ شورپىسى تۆۋەندىكىچە تەييارلىناتتى:


ئانام قازانغا سۇ قۇيۇپ، توخۇ گۆشىنى سالاتتى. كېيىن قازانغا قاسقىنى كۆيۈپ، ئۇۋىلىپ چۈشۈپ تۈگىگەن كونا جىمبىلنى قوياتتى. ئۇنىڭ ئۈستىدە كىچىك چىنە بولاتتى. شۇ تەييارلىقتىن كېيىنلا ئوچاققا ئوت تۇتاشتۇرۇلاتتى. قازان ئاستا قاينايتتى. قازان قاينىغانسېرى ئۇنىڭدىن كۆتۈرۈلگەن ھور بېرىپ تۇۋاققا تېگىدۇ ۋە سۇ بولۇپ چىنىگە چۈشىدۇ. بىر توخۇ گۆشىدىن ئوتتۇرا چىنە شورپا ئېلىناتتى. بۇ شورپا ئادەمنىڭ ئىچىنى بوشىتىپلا قالماي، ئۆت خالتىسى، بۆرەك، دوۋسۇنىدا پەيدا بولغان تاشلارنىمۇ ئېرىتىپ سۈيدۈك بىلەن سىرتقا چىقىشنى چاپسانلاشتۇرىدۇ، ئاشقازانغا قۇۋۋەت بېرىدۇ.
- بۇرۇنقى زاماندا داڭلىق بىر تېۋىپ قىز چىققان ئىكەن، - دەپ ئاتام سۆزلەپ بەرگەن ھېكايە تا مۇشۇ كۈنگىچە يادىمدا، - ئۇ ساقايتالمايدىغان ئاغرىق يوق ئىكەن. بىر كۈنى قىزنىڭ دادىسى ئاغرىپ قاپتۇ. ئۇ پۈتۈن كۈچىنى سېلىپ بار ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپتۇ. بىراق ئاتىسىغا قىلغان دورىسى ھېچ داۋا بولماي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. قىز ئەجەبلىنىپتۇ. ئاخىرى ئاتىسىنىڭ ئىچىنى يېرىپ، ئۆلۈش سەۋەبىنى ئېنىقلاپتۇ. ئوپېراتسىيە قىلغاندا ئاتىسىنىڭ ئىچىدىن كىچىك تۇخۇم چوڭلىقىدا تاش دېسە تاش ئەمەس، گۆش دېسە گۆش ئەمەس، بىر نەرسە چىقىپتۇ.ئۇنى سۈتكە سالسا ئېرىمەپتۇ.پىچاق بىلەن كەسسە كېسىلمەپتۇ.بولقا بىلەن ئۇرسا ئېزىلمەپتۇ. قىزنىڭ بېشى قېتىپتۇ. ئاخىرى ئۇنى توخۇ شورپىسىغا سېلىپ قويۇپتۇ. ئەتىسى قارىسا، ھېلىقى نەرسە مىچچىدە ئېرىپ كېتىپتۇ. شۇندا قىز ئاتىسىغا توخۇ شورپىسىنى بەرمىگىنىگە ناھايىتى ئېچىنغان ئىكەن.


بۇ لەتىپە مەنتىقىغە توغرا كېلىدۇ. ئاتامغا تەييارلانغان شورپىدىن ئۆزۈممۇ ئىككى - ئۈچ قېتىم ئىچىپ كۆردۈم. ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن ئادەم ئۆزىنى ھەقىقەتەنمۇ يېنىك ھېس قىلىدىكەن.
كېيىنكى يىللىرى بەزىلەر ئۆت خالتىسىدا، بۆرەكتە ۋە دوۋسۇندا تاش پەيدا بولغاندا ئۇنى چۈشۈرۈش مەقسىتىدە توخۇ تاشلىقى ئىچىدىكى يۇپقا پەردىنى قاينىتىپ، ئىچىپ يۈرگىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ۋە ئۆزۈممۇ باشقىلارغا شۇنى سىناپ كۆرۈشنى ئېيتتىم. ۋ. ئىسىملىك ئەللىكتىن ئەمدىلا ھالقىغان بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئۆت خالتىسىدا تاش پەيدا بولغانلىقىنى ۋە دوختۇرلارنىڭ ئوپېراتسىيىگە يات دەۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قورقۇپ قېچىپ يۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. مەن بۇ ئۇسۇلنىڭ ئادەم ھاياتىغا دەخلى يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى، ئۆتى ئوپېراتسىيە يولى بىلەن ئېلىۋېتىلگەن بەزىبىر تونۇشلىرىمنىڭ سەكسەن يىلدىن ئوشۇقراق ھايات كۆچۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردىم. لېكىن ئۇ ئوپېراتسىيىگە زادى رازى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. شۇڭا قولۇمدىكى توخۇ تاشلىقىدىن بەردىم - دە، تۆت قېتىم قاينىتىپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم، تاماقتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى ئوتتۇز گرامدىن ئىچىشنى چۈشەندۈردۈم.
- سىز دېگەندەك تۆت كۈنلا ئۇدا ئىچىۋىدىم، ئاغرىپ يېتىپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن توختىتىپ قويدۇم، - دېدى ئۇ بىر كۈنى.


مەن ئۇنىڭغا تاشنىڭ تېز پارچىلانمايدىغانلىقىنى ۋە ئاسان چىقىپ كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم. تاش ئۇۋىلىنىپ سىرتقا قاراپ ماڭغاندا، ئەلۋەتتە ئادەمنى بىئارام قلىدۇ، ئاغرىيدۇ. شۇنداق ۋاقىتتا سۇلۇ پاخىلى بولسا، ئۇنى قاينىتىپ ياكى ئاددىي سۇنىڭ ئۆزىنى قاينىتىپ ئىلمان ۋاننا (يېزىلاردا شەھەردىكىدەك ۋاننىسى يوق ئۆيلەردە تەڭنىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ) ئېلىش كېرەك. ئۇ تاشنىڭ چىقىشىنى تېزلىتىدۇ.
توخۇ تاشلىقى پەردىسى قايناتمىسى ئۆت خالتىسى، دوۋسۇن ۋە بۆرەكتىكى تاشنى ئۇۋىتىدۇ، ئېرىتىپ چىقىرىدۇ، دېيىشىمدىكى سەۋەب، توخۇ سويغاندا تاشلىقنى يارسىڭىز، ئىچىدىن قۇم ۋە ئەينەك پارچىلىرى چىقىدۇ. دېمەك، تاشلىق تاش قۇملارنى ئېرىتىپ ئۇلاردىن توخۇ ئورگانىزمىغا لازىملىق ماددىلارنى چىقىرىپ بېرىش تۈگمىنى. مۇبادا ئۇنىڭ توخۇغا بىرەر پايدىسى بولمىسا، توخۇ ئۇلارنى شۈبھىسىز ئىستېمال قىلماس ئىدى. يەنە بىر نەرسە توخۇلار دانلاپ بولۇپ، تام تۈۋىدە تۇرىدۇ - دە، بوينىنى سوزىدۇ ۋە ئۇياقتىن - بۇياققا تولغىنىدۇ. شۇندا توخۇ تاشلىقىدىكى تاشلارمۇ، ئەينەكلەرمۇ ئۇۋىلىنىدۇ. شۇنىڭغا قاراپ مەن ئىشەنچلىك ھالدا ئۆت خالتىسىدىكى تاشنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن، توخۇ تاشلىقى پەردىسىنى قاينىتىپ ئىچىشكە بەرگەنىدىم ۋە ھەر كۈنى بېلىنى بەش - ئون مىنۇت تولغاپ ھەرىكەتلەندۈرۈشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدىم.


مېنىڭ پەرەز قىلىشىمچە، ئۇ تاشلىق پەردىسى قايناتمىسىنى ئىككىنچى قېتىم ئىچكەندىن كېيىن ئوڭ بىقىنىنىڭ قاتتىق ئاغرىپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئىچىشنى توختاتقان ياكى ئۇ تاشلىق قايناتمىسىنى ئۆزىنى سەل ياخشى ھېس قىلغاندىن كېيىن ئاخىرىغا يەتكۈزمەي توختاتقان. چۈنكى، كېيىنكى ئۇچرىشىشتا ئۇ ئوڭ بىقىنىم يەنە ئاغرىپ تۇرىدۇ، دېگەنىدى. كەسپىي دوختۇرلارنىڭ تەكىتلىشىگە قارىغاندا ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەن ئۆت خالتىسى، دوۋسۇن ياكى بۆرەكتىن كەتكەن تاش ئورنىدا يەنە تاش پەيدا بولار ئىمىش. شۇڭا دوختۇرلار ئوپېراتسىيە قىلغان بىمارنى ئاغرىقخانىدىن ئۆيىگە چىقارغاندا شۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بىر يىلغا يېقىن سۈيدۈك كۆپەيتىدىغان شىپالىق گىياھلار قايناتمىسىنى ئىچىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. ۋ. غا مەن ئۇنىمۇ ئېيتقانىدىم. ئەگەر ۋ. ئۇنىڭ ئوڭ بىقىنى يەنە ئاغرىپ يۈرگەن بولسا، ئۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان چارىلەرنىڭ بىرىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى ياخشى بولۇپ قالدىم دەپ ئاچچىق - چۈچۈكلەردىن ئۆزىنى تارتمىغان.
بەزىلەر توخۇ تاشلىقى پەردىسىنى ھەتتا ئاشقازان راكىغىمۇ ئىشلىتىپ، نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالتە دانە توخۇ تاشلىقى پەردىسىنى قۇرۇتۇپ تۆمۈر ھاۋانچىدا سوقۇپ تالقانلاپ، سەككىز قېتىم كاپ ئەتكۈدەك دورا ياساش لازىم. ئۇنى كۈنىگە بىر قېتىم، تاماقتىن بىر سائەت ئىلگىرى سەل سوۋۇغان قايناق سۇ بىلەن ئىچىش تەكلىپ قىلىنىدۇ.
بۇ ئۇسۇلنى ئاڭلىغىنىم بىلەن تۇرمۇشتا سىناپ كۆرمىدىم. پايدىلىنىپ سىناپ كۆرۈش كېرەك. يۇقىرىدا ئېيتىلغان مىقداردا ئىچسە، ئۇنىڭ ئادەم ئورگانىزمىغا زىيىنى يوق..



قازان قورۇمى



بىزدىكى تاماق (بوغۇز) ئاغرىغىغا ئىلمىي تېبابەتچىلىكتە ئانگىنا، تانزىلىت ياكى يۇقىرى نەپەس يوللىرىنىڭ ياللۇغى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى كىرىدۇ دېسەم لاپ بولماس بەلكى.چۈنكى ھەممىسىنىڭ تومۇرى بىر. سوغۇق تېگىشتىن يۈز بېرىدىغان ئاغرىقلار.ئۇ ھەممىگە مەلۇم. بۇلاردا شىپالىق گىياھلاردىن غاڭزىگۈل، تىكەنگۈل،ئېۋكالىپت دەملەنمىسى بىلەن غارغار قىلىپ داۋالانسىمۇ بولىدۇ.ئۇ توغرىسىدا«شىپالىق يۈز ئون گىياھ»دا خېلى تەپسىلىي يېزىلغانىدى. شۇڭا ئۇنى تەكرارلاپ ئولتۇرۇشنى مۇناسىپ كۆرمىدۇق.
بۇ يەردە پەقەت قازاننىڭ قۇرامى توغرىسىدا ھېكايە قىلىشنى كۆزدە تۇتتۇم. مېنىڭچە، بولغاندا ئانگىناغىمۇ،تانزىلىتقىمۇ ئۇنىڭدىن ئۈ نۈملۈكرەك دورا يوقمىكىن دەپمۇ ئويلايمەن.ئۇنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە مۇنداق بىر پاكىتنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. بۇنىڭدىن خېلى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى، بىر كۈنى كەچكى تاماقتىن كىيىن، گېزىت ئوقۇپ ئولتۇراتتىم،چوڭ قىزىم:
-دادا، ئوغلىڭىزنى سوراپمۇ قويمايسىزغۇ؟-دەيدۇ.
-ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇدەك؟-دېدىم.
-ئىككى كۈن بوپتۇ، بېشىنى كۆتۈرمەي ياتقىنىغا، بىر يۇتۇم سۇمۇ ئىچمەپتۇ، ھەتتا پاراڭمۇ قىلالمايدۇ.
-توۋا!-دېدىم-دە، ئورنۇمدىن تۇردۇم،بالا-چاقا بىلەن ئۈچ ئېغىز ئۆيدە بىللە تۇرىمىز. ئوغلۇم بالا-چاقىسى بىلەن ئاشخانا يېنىدىكى بىر بۆلمىدە.ئاش-تامىقىمىز بىر.ئەمما مەن كەلگەندە ئۇ ئىشتا بولاتتى، مەن ئىشقا ماڭغاندا ئۇ ئۇخلايتتى.قانداق قىلىسەن، تىرىكچىلىك!
ئىككىنچى بۆلمىگە چىقسام، راست، ئوغلۇم بېشىنى پۈركەپ يېتىپتۇ.نېمە بولدۇڭ دېسەم، گەپ قىلالماي تامىقىنى كۆرسەتتى.تەرلەپ تۇرىدۇ. مېھمانخانىغا چىقتىم. بۇ يەردە ئۇنى-بۇنى قويىدىغان جاي بار ئىدى.قازاننىڭ قۇرامى سېلىنغان قۇتام شۇ يەردە تۇراتتى. ئۇنى تاپتىم-دە، ئوغلۇمنى باشلاپ ئاشخانىغا چىقتىم.قورۇمىدىن ئاق قەغەزگە ئازراق تۆكۈپ سەرەڭگە تۇتاشتۇردۇم.ئوغلۇم دېرىزە ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى.كۆرسەتكۈچ بارمىقىم ۋە ئوتتۇرانچى قۇلۇمنىڭ بارمىقى بىلەن بېسىپ قۇرۇمنى ئەزدىم.بارماقلىرىم قاپقارا بويالدى. ئاندىن ئوغلۇمنىڭ شىلىملىشىپ تۇرغان ئاغزىنى ئاچقۇزۇپ، تامىقىنى بارماقلىرىم بىلەن ئۈچ نۆۋەت كۆتۈردۈم.ھەر قانداق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكى مەلۇم. ئوغلۇمنىڭ پېشانىسىدىن مونچاق-مونچاق تەر چىقىپ كەتتى.
شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزدۇم ۋە مومامنىڭ ئۇسۇلى بويىچە تامنى غۇلاچلاتتىم.ئاندىن ھاجەتخانىغا كىرگۈزۈپ،ئورنىغا ياتقۇزۇپ قويدۇم. ئارىدىن يېرىم سائەتتىن ۋاقىت ئۆتۈپ ئاشخانىغا چىقسام ئوغلۇم تاماكا چىكىپ ئولتۇرۇپتۇ.
-ئەھۋالىڭ قانداق؟-دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
-ياخشى. تامىقىم خېلى قويۇپ بەردى.
-تاماكاڭنى سەل توختىتىپ تۇرساڭ بولاتتى بالام، ئاز جاپا تارتمىدىڭغۇ.
-ئۇنىڭ دورىسى ئاسان ئىكەنغۇ، بىلمەپتىمەن.ئەمدى ئۆزۈمگە ئۆزۈم دورا قىلىمەن،-دېدى كۈلۈپ.شۇنىڭدىن بۇيان ئۇزاق يىللار ئۆتتى،لېكىن ئوغلۇمنىڭ بوغۇزۇم ئاغرىۋاتىدۇ،دەپ ياتقىنىنى كۆرمىدىم. بەزىلەر يىرگىنەمدۇ،يا كۆزىگە ئىلغۇسى كەلمەمدۇ بىلمەيمەن،داۋالاشنىڭ بۇ ناھايىتى ئاددىي ئۇسۇلىدىن پايدىلانماي،دوختۇرغا يۈگۈرۈشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ.دوختۇرنىڭ ئالدىغا بارما،دەپ ئېيتالمايمەن.ئاساسى نەرسە،ۋاقىت ئۆتكۈزمەي ئۆيدە چاپسانراق داۋالان، دېمەكچىمەن. بەزىلەر «بىز شەھەردە تۇرساق، قازاننىڭ قورۇمىنى نەدىن تاپىمىز؟...» دەپ بۇنى چوڭ بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرىدۇ. مۇشۇ كۈندە شەھەر ئاھالىسىدىن يېزا بىلەن تامامەن مۇناسىۋىتى يوق بىرەر ئائىلىنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس دېسەم لاپ بولماس، بەلكى. قەلەي چۆمۈچ بىلەن قازاننىڭ تۈۋىنى قىرساڭ قۇرۇم چۈشىدۇ، ئۇنى بىر قۇتىغا قۇيۇپ ئېلىپ قويساڭ تۇرىدۇ، سېنىڭدىن نانمۇ، چايمۇ سورىمايدۇ، خالىغان چاغدا ئىشلىتىسەن.
بەزىلەر: «بۇ ئىش پەقەت ئاتا - بوۋىسى شۇنىڭ بىلەن ھەپىلەشكەن ئادەملەرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. ئۇ ئۇدۇم تالىشىدۇ» دېگەن پەتىۋاسىنى ئېيتىشىدۇ. بىكار گەپ. ئۇنداق دېيىشىمگە سەۋەب، مومام رەھمىتى راست، داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىناتتى. لېكىن ئۇ تىل سېلىپ كۆزگە چۈشكەن ئەخلەتنى ئالمايتتى. بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ چوڭ قىزى تۈگمەن يېزىسىدا كۆزگە چۈشكەن ئەخلەتنى تىل سېلىپ ئالغۇچى بىردىنبىر ئادەم. قېنى ئۇدۇم تالاشقىنى؟
مېنىڭچە بولغاندا، ئادەم قىلغان ئىشنى ئادەم چوقۇم قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئادەمدە ھەۋەس، تىرىشچانلىق بولۇشى كېرەك.
مومام مەريەمخان رەھمىتى تامىقىغا قاپارتقۇ چىققان ئادەمنىمۇ داۋالايتتى. قولىنى يەنىلا شۇ قازان قۇرامى بىلەن مايلاپ قاپارتقۇنى يېرىپ، ئىچىدىكى قان - يېرىڭنى چىقىرىۋېتەتتى. بىراق ئۇنىڭغا ئوبدانراق سەپسېلىۋالمىدىممۇ ياكى ئۇنتۇپ قالدىممۇ، ئۇ مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ.شۇڭا مۇبادا ئۇنداق ئاغرىقى بار بىمار ئالدىمغا كەلسە، ئېۋكالىپىت دەملەنمىسى بىلەن چايقاشنى تەكلىپ قىلىمەن. ئۇ تېپىلمىغان تەقدىردە، غاڭزىگۈل قايناتمىسى بىلەن چايقىسىمۇ بولىدۇ. يېقىندا بىر قىزىق ئىش بولدى. قوشنىمىز كىرىپ:
¬- ئوغلۇمنىڭ (ئۈچ يېرىم ياشتا) تامىقى ئاغرىپ، دوختۇر بەرگەن دورىنى ئىچىپ، تامىقىنى چايقىغىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ. سىزدە بۇنىڭغا دورا يوقمۇ؟ - دەيدۇ. مەن قازاننىڭ قۇرۇمىدىن ئازراق بېرىپ، مومامنىڭ ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ قويدۇم. ئەتىسى قوشنىمىز:
- ئاكا، دورىڭىز ئاجايىپكەن، ئوغلۇمنىڭ تامىقىدىكى قاپارتقۇنى بېسىۋىدىم، ئىچىدىن يېرىڭ دېگەن ئېتىلىپ چىقتى. جېنىم بالام، شۇنىڭدىن كېيىن ياخشى، - دەپ رەھمىتىنى ئېيتتى.
خەلق ئارىسىدا ئانگىنا، تانزىلىت ئومۇمەن بوغۇز ئاغرىقىنى زەمچە دەملەنمىسى بىلەن چايقاش ئادىتى بار. مەن ئۇنىمۇ سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ كۆردۈم. ئەمما بۇ كۈنلەردە ئۇنى تېپىش تەس. زەمچىدىن دەملەنمە تەييارلاش ئۇسۇلى: ئارا چىنىدە ئوتتۇرا قايناق سۇ ئېلىپ، زەمچىنى شۇنىڭغا سالىمىز ۋە قوشۇق بىلەن ئارىلاشتۇرىمىز. تاماقنى كۈنىگە تۆت - بەش قېتىم چايقايمىز.
بەزىلەر «تاماق ئاغرىسا يىلان شورپىسى بىلەن بوغۇزنى چايقىسىمۇ ياخشى تەسىر قىلغۇدەكقۇ. بۇنىڭغا سىز قانداق قارايسىز؟» دەپ سورايدۇ. توغرا، تەجرىبىدە كۆرۈلۈشىچە تاماق ئاغرىقىدا ئۇمۇ ياخشى تەسىر قىلىدىكەن. تامىقىڭىزدا چايقىغان شورپىنى يۇتۇۋالسىڭىزمۇ زىيىنى يوق. ئۇ بوغۇزنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىن سوغۇق تەگكەن يەرلەرگىمۇ، ئىچىڭىزدىكى باشقا ئاغرىقلارغىمۇ ياخشى تەسىر قىلىدۇ. لېكىن، يىلاننى مۇشۇ كۈنلەردە شەھەردە تۇرماق يېزىدا تېپىشمۇ تەس.
ماگىزىنلاردا ئالما سىركىسى سېتىلىپ تۇردى. ئۇنى ھەركىمنىڭ ئۆزىمۇ ياسىۋېلىشى مۇمكىن. مۇبادا قازان قۇرۇمىغا مىلانغان قولىڭىزنى ئاغزىڭىزغا سېلىشقا كۆڭلىڭىز تارتمىسا، بوغۇزىڭىزنى شۇ سىركە بىلەن داۋالىسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، بىر ئىستاكان قايناق سۇغا (ئېغىز كۆيمىگۈدەك) چاي قوشۇقتا بىر قوشۇق ئالما سىركىسى ۋە بىر قوشۇق ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ تاماق چايقىسىڭىز. تاماق چايقالغان دورىنىڭ ھەممىسىنى بولمىسىمۇ، يېرىمىنى ئېچىۋېتىڭ. ئۇ قىزىلئۆڭگەچتىكى سوغۇق تەگكەن يەرلەرنىمۇ داۋالاپ، ئۈگىلەرگە يىغىلىپ قالغان تۇزنى ئېرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە....


http://www.merifet.net/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=1099
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5420
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 100
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە100دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1010 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-02
ئاخىرقى: 2012-09-07

        
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1736
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1736دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 18357 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-07-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-16 14:27

رەخمەت تېمىڭىزغا !
اللا