باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8455 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 3/3     Go
تېما: ئۈزىنى تۇنۇش ئۈزىنىدىن ھالقىشنىڭ ئاساسى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 317
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 92
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە92دانە
ئۆسۈش: 482 %
مۇنبەر پۇلى: 1281 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-15
ئاخىرقى: 2012-07-11
20-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-10 01:03

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى attila نىڭ 2010-12-26 21:40 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
توغرا دەيسىز .ئەگەر مۇشۇنداقلا كىتىۋەرسەك كىملكىمۇ بىزنىڭ كىملىكىمىزنى ئىسپاتلىيالماس بۇلۇپ قالىدۇ.رەھمەت قېرىندىشىم.بۇ تىمىڭىز مىنى تېخمۇ چوڭقۇر ئويلاندۇرۇپ قويدى.تورداشلارنىڭ مۇشۇ خل تېمىدىكى ئەسەرلەرنى كۆپرەك يوللاپ تۇرۇشنى،بۇ ھەقتە كۆپرەك مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ماقالىگە ياخشى باھا بارگىنىڭىزگە رەھمەت،مەنمۇ مۇشۇ ھەقتە كۆپرەك مۇنازىرە بولسىكەن دىگەن ئۈمۈتتە
دوستلىشىش
abdurrahman
قۇلاق سېلىڭلا،نىمە ئاۋاز بۇ.....ئاللاھۇ ئەكبەر.....
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10656
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 140
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە140دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 1468 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-04
ئاخىرقى: 2012-09-09
21-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-27 21:31

ئارىلىقتا بىر ئىنكاستا دىننى سۆيۈپ مىللەتنى ئۇنتىيدىغان دىگەن بىر جۈملە سۆز مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.چۈنكى بىز ئىتىقاد قىلىۋاتقان بۇ دىن،ھەقىقەتەن بارلىق دىنلارنىڭ ئىچىدە بىردىن بىر مىللەتنى سۆيۈشنى تەۋسىيە قىلىدىغان دىندۇر.چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:ئىمانغا كىرمىگىچە جەننەتكە كىرمەيسىلەر،بىربىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگىچە ئىمانغا كەلگەن بولمايسىلەر دىيىش ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى،قوۋم قېرىنداشلىرىمىزنى،جۈملىدىن مىللەتنى ۋە بارلىق ئىنسانىيەتنى سۆيۈشنى ئىمان جۈملىسىدىن قىلىپ ھىسابلىغان.نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئۆتتى،<تور موللىسى>دىسە،<كۆسەي زىيالى>دېيىشىپ باققانلار بولدى.ئەلۋەتتە،مەدىنىيەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا،بىر مىللەتنىڭ ھەممە ئىشلىرى شۇ مىللەتكە تەۋە بولۇپ،مەدىنىيەتشۇناسلارنىڭ قارىشى بويىچە،بۇ يەردە ئىشلارنى قانداقتۇر خاتا ياكى توغرا دەپ ئايرىش ئەمەس،بەلكى،تۈرلەرگە بۆلۈش ئاساس قىلىندۇ ۋە قوغدىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.بۇ ھالەتتە ئىككى خىل تۈپتىن قارمۇ-قارشى ئىشمۇ بەلكى ئىككى خىل مەدىنىيەت ھېسابلىنىدۇ.
ئەمما دىن نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا،ئىشلار بەكرەك توغرا-خاتا نۇقتىسىغا قاراپ ئايرىلىدۇ.بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا،بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە پەيدا بولغان ئىجتىمائى ھادىسىلەر ياكى ئۆرپ ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىلا توغرا بولۇپ كەتمەيدۇ.گەپكە كەلسەك:ئۆز دىنىغا ھېرىسمەن قېرىنداشلىرىمىز دەل مىللەتنى سۆيگەنلىك سەۋەبىدىن،بەزى بىر جەمىيىتىمىزدىكى خاتا ھالەتتە داۋاملىشىپ ئۆرپ ئادەت تۈسىنى ئالغان ئىشلارغا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ئۆز سۆيگۈسىنى ئىپادىلىگەن بولسا،مەدىنىيەتشۇناس قېرىنداشلىرىمىز بۇ بىزنىڭ مەدىنىيىتىمىز،قوغدىشىمىز لازىم دىيىش ئارقىلىق ئۆز سۆيگۈسىنى ئىپادىلىدى.ئەمما،ئويلايلىكى،بەدىنىمىزگە بىر ئۆسمە چىققاندا،ئۇنى داۋالاپ ئېلىۋەتكەن ياخشىمۇ ياكى ئۇنى بۇ بەدىنىمنىڭ بىر قىسمى چېقىلما دەپ دوختۇرنى توسقان ياخشىمۇ؟مىللەتمۇ دەل بىزنىڭ بەدىنىمىزگەئوخشايدۇ،ئۇنى داۋالاش كىرەك.ئالدىنقى قېتىم بىر بۇرادىرىمىز،دىننى تونۇش ئاللاھنى تونۇش ئۈچۈن،تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن، ،مەلۇم بىر تىل بولۇش كىرەك،شۇڭا دىنغا قارىغاندا مىللەت مۇھىم دەپ بىر كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان،بۇ قاراش قارىماققا توغرىدەك قىلسىمۇ،ئەمىلىيەتتە بۇ ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر ئىشنىڭ يەنە بىر ئىشتىن مۇھملىقىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ دەپ ئويلايمەن.مەسىلەن:تاماق يىيىش ئۈچۈن قوشۇق كىتىدۇ،شۇ قوشۇق بولمىسا بەلكىم تاماقنى يىيەلمەيسىز،ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن قوشۇق تاماقتىن مۇھىم ئىدى دىسەم،بۇنىڭغا قانچىڭلار قوشۇلارسىلەر؟چۈنكى بىزنىڭ ئاشىپۇزۇلغا كىرىشتىن مەقسىتىمىز قوشۇق ئىشلىتىش ئەمەس،شۇ قوشۇق بىلەن تاماق يىيىش،شۇنداقتۇ؟تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندىمۇ،ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش دىمەكلىك ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يەنى خاتا ياكى ناچار ئىشلارنى چىقىرىۋىتىپ،توغرا ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىش لازىم دىگەنلىكتۇر.شۇڭا مىنىڭ تەۋسىيەرىم ئۆزىمىزنى تونۇپ،ئۆزىمىزدىن ھالقىيمىز دەيدىكەنمىز،ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىكى خاتانى تونۇيالايدىغان بىر ئەقلى كۆز بولۇشى كىرەك.دىن بىلەن ئۇ چەكلىنىپ كەتتى،بۇ چەكلىنىپ كەتتى دەپ قايغۇرۇپ،دىندىن قىسمەن نارازى بوپقالغان قېرىنداشلار،ئەگەر دىنىڭىزنىڭ توغرا دىن ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىڭىز،قايغۇرماڭ،خۇشاللىنىڭ،چۈنكى بىر خاتالىق ئازايسا،بىر توغرا كۆپىيىدۇ ۋە شۇندىلا مىللەت ئالغا باسىدۇ.ئۆزىمىزنى تونۇيلى ئالدى بىلەن،ۋە ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلايلى ھەم، ئۆزىمىزدىن ھالقىش ئۈچۈن.تىما ئىگىسىگە تەشەككۈرلەر.