باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1227 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەن قېنى؟
kimki qilichning qara destisini tutushni halimisa uning utkvr tighigha duch kilidu.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 216
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 2 %
مۇنبەر پۇلى: 3 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-08
ئاخىرقى: 2010-06-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-08 20:42

مەن قېنى؟

مەن قېنى؟ <<مۇكاپاتلىق ئەسەرگە ئاتاپ>>

 چاغرىتېكىن

ياشاش بۇ كۈنلەردە
 ئاسىيلىقتىنمۇ ئېغىر كىلىۋاتىدۇ.
رەزىللىك دىگەن تۈكلۈك مەخلۇق،
غۇرۇر دىگەن قىزىمغا باسقۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
ئۇقوللىرىنى سىلكىپ ،
دادىسىنى چاقىرىۋاتىدۇ.
مەن تۇرمۇشنىڭ زەنجىرىدە باغلاغلىق،
خىزمەت،تۇرمۇش ۋاز كەچ قېنى دەپ،
مىنى مەسخرە ئىتىۋاتىدۇ.
مەن ئىزدەيمەن ئۆزۈمنى،
مەن قېنى؟
كىچىك ۋاختىمدا،
چوڭ ئادەمگە ھەۋەس قىلاتتىم.
دادامنىڭ بوينىغا مىنىۋىلىپ،
ئۇنىڭدىن ئىگىز تۇرىۋالاتتىم.
ئانامغا قاراپ كۆز-كۆز قىلىپ،
پۇخادىن چىققۇچە كۈلىۋالاتتىم.
مەن يەتمىش كىلۇلۇق ئەر،
ئەمدى دادام كۆتىرەلمەيدۇ.
بۇرۇتلىرىم بار،
ئەمدى ئاناممۇ سۆيەلمەيدۇ.
ئانا!
جىنىم دادا!
مەن قېنى؟
تەڭتۇشلىرىم،بالىلىقىم…
كەتتىڭلار قاياق؟
مەن تۇساتتىن كەتتىم چوڭ بۇلۇپ.
قىزلار ئەمدى بىز بىلەن مۈكۈشمەك ئوينىمايدۇ،
ئانا بولدى ئۇلارمۇ تۇغۇپ.
بىز ئىگىپ ئوينىۈان چىۋىق نوتىلار،
كەتتى يۇغان بىر دەرەخ بۇلۇپ.
ھەربى دۈشمەن ئوينىغان يەرلەر،
كەتتى ئەمدى ئۆيلەرگە تۇلۇپ.
چانىمىزنىڭ تۆمۈرلىرى داتلاشتى،
رەگەتكىگە تاللىغان ئاچا،
باراقسان بوپ كۆككە تاقاشتى.
بىزنى قوغلايدىغان تۇرسۇن مەزىن يوق،
شۇنداقتىمۇ،
ئەمدى يالىڭاچ سۇغا چۈشەلمەيمىز.
ئۆلۈپ كەتتى قۇشاقچى يانتاق،
ئايەم ئاخشىمى،
‹‹ئايەم كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ ،
قارا قۇيماق قۇيدۇڭلارمۇ››-دەپ
ئاڭا جۇر بۇپ توۋلىيالمايمىز.
بېشىمىزغا سۇ سىپىۋەتكەن مۇمايلار كەتتى،
ئىشىك ئىشككە رامىزان تولاپ،
ئەمدى ھېچقايسىمىز بارالمايمىز.
چىلگە پۇراپ باغمۇ باغ ئارا،
ئىگىز تاملاردىن ئاتلىيالمايمىز.
شاخ تېگىدىن تۇخۇم ئوغۇرلاپ،
لەڭپۇڭ بىلەن تىگشەلمەيمىز.
مەن تۇساتتىن كەتتىم چوڭ بۇلۇپ،
جاۋاپ بەرگىن قۇشلار دەرەخلەر.
مىنى كۆرگەن چوڭ كىچىك خەقلەر.
مەن قېنى؟
مەن ئۆزۈمگە ئوخشايتىم بۇرۇن،
روھىمدا يوق ئىدى كەچقۇرۇن.
ئەمدى،
بۇسۇغامدا تۇرمۇش ۋە غۇرۇر،
سۇئال قۇيار ئۇزۇندىن ئۇزۇن.
روھىمىزنى يەپ كەكەن قارا،
قىستىماقتا ھازىرمۇ مىنى ،
تىز پۈكۈشكە ئىگىشكە بۇيۇن.
دۇنيا پاكلىنىشقا مۇھتاج….
قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى بۇلغىغان،
 شاتۇتىلار ئۆلۈپ كەتسۇن.
نۇتىلارنى بوغقان،
 ياماشقاقلار كۆيۈپ كەتسۇن.
كىم ئۇ تەلۋىلەردەك سۆزلەۋاتقان.
-ئۇ مەن
-ئۇسەن ئەمەس.
ئۇنداق بولسا مەن قېنى؟
كىم ئۇ جان بىقىش يۇلى دەپ،
نىجاسەتتىن ئاتلاپ ئۆتىۋاتقانلار.
سۇئال قويدۇم ئۆزۈم-ئۆزۈمگە،
-ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرى ماڭا ئوخشامدۇ نىمە؟
-ياق سەن ئەمەس،
-ئۇنداق بولسا ئۇ كىم ؟
مەن قېنى……؟؟؟
2007-يىل4-ئاي
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 76
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 86
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە86دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 633 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2012-03-30

ھەجەپ ئىسىل شئركەن.
دۇلدۇلۇڭ ھىرىپ قالمىسۇن.
ئەخلاق ئادەم زىننىتى .
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 92
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 258
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە258دانە
ئۆسۈش: 668 %
مۇنبەر پۇلى: 1367 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-01
ئاخىرقى: 2011-09-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-08 22:26

چاغېرتېكىن يەنە چاچما شىئېر يېزىشنى باشلىدۇقمۇ ؟ ئىككىمىزيەنە  ئۇچراشتۇق . ئەسەرلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرغايسىز .
كىبىر ئەقلى كەمتۈك كىشلەردە ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان بىر خىل كېسەللىك .