باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 17379 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاتتىق بىر مۇنازىرىلىشىپ باقايلى
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 819
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە819دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9551 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-03-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-01 22:35

قاتتىق بىر مۇنازىرىلىشىپ باقايلى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-10-06)
مۇنازىرىلىشىپ باقايلى

       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،  كەڭرى زىمىندا قىسىلىپ ياشاۋاتقان كەڭ ساي ئەھلى!
       گەرچە بۇ مۇنبەرنىڭ ئىسمى << مۇنازىرە مۇنبىرى >> بولسىمۇ، ئەمما مۇنبەرگە  قاراپ باقسام، ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان ھەقىقىي مۇنازىرە خارەكتىرىدىكى تىمىلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىكەن. شۇڭا سىلەر بىلەن مۇنداق بىر زۆرۈر ھەم ئالاھىدە تىما ئۈستىدە مۇنازىرىلەشمەكچىمەن:
       مەن ئويلايمەنكى، بۇ مۇنبەرگە كىرىۋاتقان ھەممىمىز مۇسۇلمان. شۇنداق بولغانىكەن، ھەممىمىز ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ۋە بىرلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىمىز ئېنىق. ئەمما بۇ ئىشىنىشنىڭ دەرىجىسى ئوخشاشمايدۇ. بەزىلىرىمىز بۇنى دىلىمىزدا ھەم تىلىمىزدا تەستىق قىلىپ، ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىلىدىكى ئىشەنچىسى تازا كۈچلۈك بولمىغانلىقتىن، ئېغزىدا ئېيتىقىنىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشمايۋاتىدۇ. 
       مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئىمانىڭىز  كۈچلۈك بولسۇن ياكى ئاجىز بولسۇن، سىزنىڭ بىر ئىمانلىق ئادەم بولغانلىقىڭىز سىزنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىڭىز. سىزنىڭ بىر ئېغىز ئىمان كەلىمىسىنى ئېيتقانلىقىڭىزنىڭ ئۆزىلا، پۈتۈن زىمىندەك كېلىدىغان ئالتۇن كۈمۈشتىنمۇ قىممەتلىك.شۇڭا ئۆزىڭىزنى ئىنتايىن بەخىتلىك ۋە باي دەپ بىلىڭ. شۇ سەۋەپتىن،  بىزنى مۇشۇ كەلىمىنى ئېيتىيالايدىغان كىشلەردىن قىلىپ، ئاشۇنداق زور بايلىققا ئېرىشتۈرگەن ئاللاھقا چەكسىز رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!
     يۇقىرىكىدەك زور بايلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن يەنە نەچچە ھەسسە كۆپ بايلىققا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلامسىز؟  ئەگەر ئارزۇ قىلسىڭىز بۇنىڭ بىردىنبىر يولى __ ئىمانىڭىزنى مۇستەھكەملەش.  ئىماننى مۇستەھكەملەشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ياراتقۇچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تۇنۇش. ياراتقۇچىنى ھەقىقىي رەۋىشتە تۇنۇشنىڭ مۇھىم بىر يولى __ كائىناتتىكى مەخلۇقاتلاردىكى قانۇنىيەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش.
   مانا مەن بۇ يەردە دەل مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ھەر بىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە تەپەككۇر يۈرگۈزمەكچىمەن. شۇڭا، ھەر بىرىڭلارنىڭ، مېنىڭ بۇ ئىشىمنى قوللاپ بېرىشىڭلارنى، ئۆزۈڭلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش دەرىجىسىنى سىناپ بېقىشىڭلارنى، بۇ ئارقىلىق چۈشەنچەڭلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېلىشىڭلارنى، ئەگەر چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولساڭلار چۈشەنچىسى كەمچىل كىشلەرنىڭ بىلىۋېلىشى ئۈچۈن پىكرىڭلارنى تارتىنماستىن بايان قىلىپ بېقىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
      
      سوئال:بىز ياشاۋاتقان بۇ كائىناتتىكى مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى زات بارمۇ؟
       ئەگەر بار بولسا، ئۇ زات كىم؟ 
       ئۇ زات بىرمۇ ياكى بىردىن ئارتۇقمۇ؟

         تەپەككۇرىڭىزنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز قېنى مۇنازىرىگە مەرھەمەت:

     ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ مۇنازىرىدە باشتىن ئاخىر ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز. يەنى، قۇرئاندىن ياكى باشقا كىتابلاردىن نەقىل كەلتۈرمەستىن، ئۆزىمىزنىڭ كاللىسىدا بار بولغان چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز، تەپەككۇرىمىزنى بايان قىلىمىز.
    تارماق ئەسكەرتىش: بۇ مۇنازىرە داۋامىدا، مەن باشتىن -  ئاخىر بىر دىنسىزنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىمەن.  بۇ ئارقىلىق چۈشەنچىمىزنى بارا-بارا چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئەمما مەن دىنسىز ئەمەس!
[ بۇ يازمىنىoylinish 2011-04-21 09:32قايتا تەھرىرلىد ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+5(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2587
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 32
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 191 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-02
    ئاخىرقى: 2011-06-19
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-02 20:38

    ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  قېرىنداشلار،مەنمۇ  بىلگىنىمنى  دەپ باقاي
           1.ئالەمنى ياراتقان بىر  ئاللا.....چۈنكى  ئالەمدىكى  ھەر خىل بىر-بىرى بىلەن زىدىيەتلەشمەيدىغان  قانۇننىيەتلەر  ،بىر-بىرنى  خاتالاشماي  ،توختاپ قالماي ئايلىنىۋاتقان  پىلانىتلار......ھەممىسى   ئالەمنىڭ ئاللا تەرپىدىن  يارتىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
           2.ئاللا  بىر.    ئەگەر  2-3 بولغان بولسا   ئالەم  قانۇنىيەتلىرى  قالايمىقانلىشىپ كىتەتتى.  بىرسى  يەر شارى قۇياشنى ئايلانسۇن  دىسە،يەنە بىرسى  قۇياش يەر شارىنى ئايلانسۇن دەپ  جىدەللىشەتتى.  بىرسى يەر شارىنڭ تارتىش كۇچى 9.8 مىتىر ھەر سىكىنۇت   بولسۇن دىسە،يەنە  بىرسى  4-5بولسا   ئادەملەرنىڭ  سەكرەپ تاقلاپ  ئوينىشىغا  ياخشى بولاتتى  دەپ  يەنە بىرسى  بىراقلا   20-30قلىۋىتىپ    يەرگە  چاپلىۋىتەيلى  دەيتى.
           3.ئاللا  بىر، قۇرئان  ھەقتۇر....خىرىستىيانلار   ئەيسانىڭ   ئاتىسىز   يارتىلغانلىقىغا    قاراپ  ئۇنى  ئاللانىڭ  ئۇغلى  دەپ  كاپىر  بولدى.....ئۇلار  ئاتىسىز  قانداق  بالا تۇغۇلىدۇ  دەپ  گۇمان قىلىشتى..مانا ھازىرقى دەۋىردە  بۇمۇ ئىنسانلارغا  ئاسان بولدى...كىلون  تىخنىكىسى  ئارقىلىق  دادىسى  يوق  جانىۋارلار  يىتىشتۈرلۇپ  چىقىلدى....ھازىرقى  ئەڭ يىڭى تىخنىكىدا  چىشى جانلىقنىڭ  تىنىدىن  بىر تال ھۇجەيرە ئىلىنىپ  يىتىشتۇرۇلۇپ  ئۇنۇڭغا  سىرتتىن  بىو-خىمىيەلىك ۋە فزىكىلىك  تەسىرلەرنى بېرىپ
    ئۇستۇرلۇپ چىقىلغان  جانلىقنڭ  جىنىسىنى  ئۇزگەرتىشكە بولىدىغانلىقى  ئىسپاتلاندى.

      قۇرئاندا   كۇننىڭ  بەلگىلەنگەن  جايغا قاراپ  ماڭدىغانلىقى  دىيىلگەن....ھالبۇكى  20-ئەسىرگىچە  ئالىملار  قۇياش  بىر تۇرغۇن يۇلتۇز  دەپ  بىلىپ كەلگەن.ھازىر  ئالىملار قۇياشنىڭ مەلۇم بىر  ئوربىتىنى بويلاپ  مىڭىۋاتقانلىقىنى  بايقىدى..

        قۇرئاندا   تۇمۇرنىڭ داۋۇد ئەلەيھسالامغا  چۇشۇرۇپ  بىرىلگەنلىكى  توغرىسىدا  ئايەت بار...ھازىر ئالىملار  تۇمۇرنىڭ باشقا  پىلانىتتىن  كەلگەنلىكى  توغرىسىدا  بېرلىككە كەلدى..چۇنكى  ئاتوملارنىڭ  بىرىكىپ  تۇمۇردەك  بىر ئېلىمىنىتنى  ھاسىل قىلىشى ئۇچۇن  ئىنتايىن زور  ئىنىرگىيە  كىتىدىغانلىقى  ،.ئەگەر  بۇ ئىنىرگىيە  يەر شارىدا بولسا  يەر شارنىڭ  ئېرىپ  كىتىدىغانلىقىنى  ئىسپاتلاپ  چىقتى...بۇنداق   دىسەم  بەزىلەر  تومۇر  ئىشلەپ چىقىرىش  كارخانىلىرى  ياساۋاتىدىغۇ  دەپ قالىدۇ،ئەمىلىيەتتە  ئۇلار پەقەت  تومۇرنىڭ  ئۇستىدىكى  ئەخلەت-چاۋالارنى ئېلىۋىتىپ  ساپلاشتۇرىۋاتىدۇ،خالاس
         قۇرئاندا   قىيامەتتە   دېڭىزلارنىڭ  كۇيىدىغانلىكى  توغرىسىدا  ئايەت بار...يىقىندا   چەتئەللىك  بىر  كىشى  سۇغا  تۇز  سېلىپ  ئاندىن  ئۇنۇڭغا   14مىگا گېرتىس  سىمسىز  رادىئو  دولقۇنى بىلەن  تەسىر  بەرگەندە  سۇدىكى  ھىدىروگىن  گازىنىڭ  ئاجىرلىپ چىققان...بۇ  تەجىربىنڭ  پېرىنسىپى  تۇز   سۇدىكى     ھىدىروگىن-ئوكسىگىن  بىغىنى  ئاجىزلاشتۇرغان، سىمسىز  رادىئو  دولقۇنى  ھىدىروگىن-ئوكسىگىن  مالىكۇلا بىغىنى  بۇزغان،شۇنىڭ بىلەن  ھىدىروگىن گازى  ئاجىرلىپ چىقىپ  ئوت ياققاندا  كۇيۇش ھادىسسى يۇز بەرگەن..  

            مۇشۇنداق  مىساللار  بەك  كوپ...
    باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(ئەلى)
  • دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2587
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 32
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 191 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-02
    ئاخىرقى: 2011-06-19
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-02 22:04

       ھەممڭلارغا  ئايان.11-سىنتەبىر  ۋەقەسى
      
         بۇ ۋەقە  ئۇلۇغ  قۇرئان كەرىم دە  بىشارەت  بېرىلگەن
      
        بۇ  ئىش  قۇرئان كەرىم   9-سۇرەتەۋبە  ،11- پارە  109-ئايەتتە  بىشارەتلەنگەن.
       ( بىناسىنى  ئاللانىڭ تەقۋادارلىقى ۋە رازىلىقى ئاساسىغا  قۇرغان ئادەم  ياخشىمۇ  ياكى ئۇنى يىقىلىپ قالاي دىگەن يارنىڭ گىرۋىكىگە  قۇرۇپ  ئۇزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە دوزاخ ئوتىغا ئۇرۇلۇپ  چۇشكەن  ئادەم ياخشىمۇ؟ئاللا زالىم قەۋىمنى ھىدايەت قىلمايدۇ)

    ئەمدى بۇنۇڭدىكى سانلارغا دىققەت قىلساق  9-سۇرە 9-ئاينى ،11-پارە  11-كۇننى 109- ئايەت  ئۇ بىناننڭ قەۋەت سانىغا  ماس كىلىدۇ ئەمەسمۇ؟

    مانا بۇلار  قۇرئان  مۇجىزىلىرى  ئەمەسمۇ؟
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2587
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 32
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 191 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-02
    ئاخىرقى: 2011-06-19
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-02 22:14