باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 17444 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاتتىق بىر مۇنازىرىلىشىپ باقايلى
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 819
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە819دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9551 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-03-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-01 22:35

قاتتىق بىر مۇنازىرىلىشىپ باقايلى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-10-06)
مۇنازىرىلىشىپ باقايلى

       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،  كەڭرى زىمىندا قىسىلىپ ياشاۋاتقان كەڭ ساي ئەھلى!
       گەرچە بۇ مۇنبەرنىڭ ئىسمى << مۇنازىرە مۇنبىرى >> بولسىمۇ، ئەمما مۇنبەرگە  قاراپ باقسام، ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان ھەقىقىي مۇنازىرە خارەكتىرىدىكى تىمىلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىكەن. شۇڭا سىلەر بىلەن مۇنداق بىر زۆرۈر ھەم ئالاھىدە تىما ئۈستىدە مۇنازىرىلەشمەكچىمەن:
       مەن ئويلايمەنكى، بۇ مۇنبەرگە كىرىۋاتقان ھەممىمىز مۇسۇلمان. شۇنداق بولغانىكەن، ھەممىمىز ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ۋە بىرلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىمىز ئېنىق. ئەمما بۇ ئىشىنىشنىڭ دەرىجىسى ئوخشاشمايدۇ. بەزىلىرىمىز بۇنى دىلىمىزدا ھەم تىلىمىزدا تەستىق قىلىپ، ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىلىدىكى ئىشەنچىسى تازا كۈچلۈك بولمىغانلىقتىن، ئېغزىدا ئېيتىقىنىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشمايۋاتىدۇ. 
       مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئىمانىڭىز  كۈچلۈك بولسۇن ياكى ئاجىز بولسۇن، سىزنىڭ بىر ئىمانلىق ئادەم بولغانلىقىڭىز سىزنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىڭىز. سىزنىڭ بىر ئېغىز ئىمان كەلىمىسىنى ئېيتقانلىقىڭىزنىڭ ئۆزىلا، پۈتۈن زىمىندەك كېلىدىغان ئالتۇن كۈمۈشتىنمۇ قىممەتلىك.شۇڭا ئۆزىڭىزنى ئىنتايىن بەخىتلىك ۋە باي دەپ بىلىڭ. شۇ سەۋەپتىن،  بىزنى مۇشۇ كەلىمىنى ئېيتىيالايدىغان كىشلەردىن قىلىپ، ئاشۇنداق زور بايلىققا ئېرىشتۈرگەن ئاللاھقا چەكسىز رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!
     يۇقىرىكىدەك زور بايلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن يەنە نەچچە ھەسسە كۆپ بايلىققا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلامسىز؟  ئەگەر ئارزۇ قىلسىڭىز بۇنىڭ بىردىنبىر يولى __ ئىمانىڭىزنى مۇستەھكەملەش.  ئىماننى مۇستەھكەملەشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ياراتقۇچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تۇنۇش. ياراتقۇچىنى ھەقىقىي رەۋىشتە تۇنۇشنىڭ مۇھىم بىر يولى __ كائىناتتىكى مەخلۇقاتلاردىكى قانۇنىيەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش.
   مانا مەن بۇ يەردە دەل مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ھەر بىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە تەپەككۇر يۈرگۈزمەكچىمەن. شۇڭا، ھەر بىرىڭلارنىڭ، مېنىڭ بۇ ئىشىمنى قوللاپ بېرىشىڭلارنى، ئۆزۈڭلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش دەرىجىسىنى سىناپ بېقىشىڭلارنى، بۇ ئارقىلىق چۈشەنچەڭلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېلىشىڭلارنى، ئەگەر چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولساڭلار چۈشەنچىسى كەمچىل كىشلەرنىڭ بىلىۋېلىشى ئۈچۈن پىكرىڭلارنى تارتىنماستىن بايان قىلىپ بېقىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
      
      سوئال:بىز ياشاۋاتقان بۇ كائىناتتىكى مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى زات بارمۇ؟
       ئەگەر بار بولسا، ئۇ زات كىم؟ 
       ئۇ زات بىرمۇ ياكى بىردىن ئارتۇقمۇ؟

         تەپەككۇرىڭىزنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز قېنى مۇنازىرىگە مەرھەمەت:

     ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ مۇنازىرىدە باشتىن ئاخىر ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز. يەنى، قۇرئاندىن ياكى باشقا كىتابلاردىن نەقىل كەلتۈرمەستىن، ئۆزىمىزنىڭ كاللىسىدا بار بولغان چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز، تەپەككۇرىمىزنى بايان قىلىمىز.
    تارماق ئەسكەرتىش: بۇ مۇنازىرە داۋامىدا، مەن باشتىن -  ئاخىر بىر دىنسىزنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىمەن.  بۇ ئارقىلىق چۈشەنچىمىزنى بارا-بارا چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئەمما مەن دىنسىز ئەمەس!
[ بۇ يازمىنىoylinish 2011-04-21 09:32قايتا تەھرىرلىد ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+5(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1993
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 100
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە100دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 1120 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-16
    ئاخىرقى: 2012-01-25
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-02 03:06

    1-بار . ئۇنىڭ ئەقىلى دە لىلى مەسلەن بىر تال تۇخۇنىڭ تۈكىنى 100 يىل . ھەتتا نەچچە 1000 . يىل بىر يەردە قويسىڭىز ئۇ ئىچكى ۋە تاشقى كۈشنىڭ تەسىرسىز ئۆز ئورىندىن بىر سانتى مىتىرمۇ يۆتكىلىپ قالمايدو . مانا بۇ ھازىرقى تەرەققى يات نىڭ پىشۋالىرى ئىتراپ قىلغان قانۇنيەت ، ئەجبا ئاشۇ ئاسمانلاردىكى ئاجايىپ ھەركەتلە ، ۋە زىمىندىكى ھەرخىل ئۆزەىرىشلەر ئۆزلىكىدىن بوپقالارمو ؟ ئەقىلنى جايدا ئىشلەتكەن ئادەم ھەرگىز ئۇنداق قارمايدۇ ، ئادەم راستنلا ئۆزەگىرىشچان مەخلۇق بولدىغان بولسا ماۋۇ سۈرتىمىز دىن باشقا بىر شەكىلگە كىرىپ قالغان بۇلاتتۇق .  بۇ كۆز قاراش خاتا، ئادەم نىڭ تۇپراقتىن يارالغانلىقىغا ئەڭ ئاددى بىر دەلىل تۇپراق تىن چىققان نەرسىلەرنى يەيمىز ۋە تۇپراققا ئايلىنىمىز ، يەنە بىز نىڭ ئەڭ چوڭ ئاسا سىمىز  قۇلمىزدا  قۇرئان ۋەھەدىس بار ، مانا بۇ پۈتۈن ھەممىنىڭ چىر تىيوسى ، قېنى سىز  دىگەن ئاشۇ جانسىز تەبىئەت بۇنىڭ ئوخشىدىن بىرەر سوزنى مەيدانغا ئېچىقىپ باقسون ؟
    2- ئۇ ، ئاللاھ ،  ئەمسە ئۇ قېنى دەمسىز  .  ئۇنى بۇ ئاددى كۆزبىلەن كۆرەگىلى بولمايدو چۈنكى بىز يارال غۇچى
    ئاۋۋال سىز ئۈزڭىزدىكى ، جاننى ، ئەقىلنى ، ۋە ھاۋەنى ، بىزگە كۆرسىتىڭ ئاندىن بىز سىز گە ئاللا نى كۆرسىتىپ بىر مىز،
    3- ئۇزات بىر دۇر  ، بولمىغان بولسا ، كائىناتنىڭ ئاجايىپ ھەركىتى قالايىمقان لىشىپ كەتكەن بۇلاتتې ،  
    بۇ  جاۋاپنى ناھايتىمۇ قىسقار تىپ يازدىم  كەڭ دائىردە چۈشنىۋېلشىڭ لارنى ئۈمىت قىلمەن
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1993
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 100
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە100دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 1120 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-16
    ئاخىرقى: 2012-01-25
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-02 03:16

    كەچۈ رىڭ قېرىندىشىم مەن سالام قىلىشنى ئۇتۇلۇپ قاپتىمەن ،  ۋەئەلەيكۇم ئەسسلام