باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 17368 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاتتىق بىر مۇنازىرىلىشىپ باقايلى
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 694
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە694دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9551 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-03-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-01 22:35

قاتتىق بىر مۇنازىرىلىشىپ باقايلى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-10-06)
مۇنازىرىلىشىپ باقايلى

       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،  كەڭرى زىمىندا قىسىلىپ ياشاۋاتقان كەڭ ساي ئەھلى!
       گەرچە بۇ مۇنبەرنىڭ ئىسمى << مۇنازىرە مۇنبىرى >> بولسىمۇ، ئەمما مۇنبەرگە  قاراپ باقسام، ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان ھەقىقىي مۇنازىرە خارەكتىرىدىكى تىمىلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىكەن. شۇڭا سىلەر بىلەن مۇنداق بىر زۆرۈر ھەم ئالاھىدە تىما ئۈستىدە مۇنازىرىلەشمەكچىمەن:
       مەن ئويلايمەنكى، بۇ مۇنبەرگە كىرىۋاتقان ھەممىمىز مۇسۇلمان. شۇنداق بولغانىكەن، ھەممىمىز ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ۋە بىرلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىمىز ئېنىق. ئەمما بۇ ئىشىنىشنىڭ دەرىجىسى ئوخشاشمايدۇ. بەزىلىرىمىز بۇنى دىلىمىزدا ھەم تىلىمىزدا تەستىق قىلىپ، ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىلىدىكى ئىشەنچىسى تازا كۈچلۈك بولمىغانلىقتىن، ئېغزىدا ئېيتىقىنىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشمايۋاتىدۇ. 
       مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئىمانىڭىز  كۈچلۈك بولسۇن ياكى ئاجىز بولسۇن، سىزنىڭ بىر ئىمانلىق ئادەم بولغانلىقىڭىز سىزنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىڭىز. سىزنىڭ بىر ئېغىز ئىمان كەلىمىسىنى ئېيتقانلىقىڭىزنىڭ ئۆزىلا، پۈتۈن زىمىندەك كېلىدىغان ئالتۇن كۈمۈشتىنمۇ قىممەتلىك.شۇڭا ئۆزىڭىزنى ئىنتايىن بەخىتلىك ۋە باي دەپ بىلىڭ. شۇ سەۋەپتىن،  بىزنى مۇشۇ كەلىمىنى ئېيتىيالايدىغان كىشلەردىن قىلىپ، ئاشۇنداق زور بايلىققا ئېرىشتۈرگەن ئاللاھقا چەكسىز رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!
     يۇقىرىكىدەك زور بايلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن يەنە نەچچە ھەسسە كۆپ بايلىققا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلامسىز؟  ئەگەر ئارزۇ قىلسىڭىز بۇنىڭ بىردىنبىر يولى __ ئىمانىڭىزنى مۇستەھكەملەش.  ئىماننى مۇستەھكەملەشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ياراتقۇچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تۇنۇش. ياراتقۇچىنى ھەقىقىي رەۋىشتە تۇنۇشنىڭ مۇھىم بىر يولى __ كائىناتتىكى مەخلۇقاتلاردىكى قانۇنىيەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش.
   مانا مەن بۇ يەردە دەل مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ھەر بىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە تەپەككۇر يۈرگۈزمەكچىمەن. شۇڭا، ھەر بىرىڭلارنىڭ، مېنىڭ بۇ ئىشىمنى قوللاپ بېرىشىڭلارنى، ئۆزۈڭلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش دەرىجىسىنى سىناپ بېقىشىڭلارنى، بۇ ئارقىلىق چۈشەنچەڭلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېلىشىڭلارنى، ئەگەر چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولساڭلار چۈشەنچىسى كەمچىل كىشلەرنىڭ بىلىۋېلىشى ئۈچۈن پىكرىڭلارنى تارتىنماستىن بايان قىلىپ بېقىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
      
      سوئال:بىز ياشاۋاتقان بۇ كائىناتتىكى مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى زات بارمۇ؟
       ئەگەر بار بولسا، ئۇ زات كىم؟ 
       ئۇ زات بىرمۇ ياكى بىردىن ئارتۇقمۇ؟

         تەپەككۇرىڭىزنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز قېنى مۇنازىرىگە مەرھەمەت:

     ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ مۇنازىرىدە باشتىن ئاخىر ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز. يەنى، قۇرئاندىن ياكى باشقا كىتابلاردىن نەقىل كەلتۈرمەستىن، ئۆزىمىزنىڭ كاللىسىدا بار بولغان چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز، تەپەككۇرىمىزنى بايان قىلىمىز.
    تارماق ئەسكەرتىش: بۇ مۇنازىرە داۋامىدا، مەن باشتىن -  ئاخىر بىر دىنسىزنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىمەن.  بۇ ئارقىلىق چۈشەنچىمىزنى بارا-بارا چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئەمما مەن دىنسىز ئەمەس!
[ بۇ يازمىنىoylinish 2011-04-21 09:32قايتا تەھرىرلىد ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+5(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
    دوستلىشىش
    جىمجىت~
    ھاياتنىڭ پەيزىسى ئەگرى-توقايلىقتا.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10147
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 2
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-12-22
    ئاخىرقى: 2012-02-20
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 15:52

    بىر ۋاراق قەغەزنى ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولدى دېسە، كىم ئىشىنىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇ چوقۇم مەلۇم بىرىنىڭ ئۈجمە يوپۇرمىقىنى قېتىملاپ پىششىقلاپ ئىشلىشىدىن پەيدا بولغان. ئۇنداقتا مۇشۇنچىۋالا كەڭ جاھاننى، مىليون يىللاپ ئايلانسىمۇ ئۆز ئوربىتىسىدىن مەڭگۈ چىقىپ كەتمەيدىغان پىلانېتلارنى، سىزنى ۋە مېنى ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولغان دېسە، قايسى بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ ئەقلىگە سىغىدۇ؟؟؟
    يەنە بىر گەپ: قايسى بىر تاغدا ئىككى يولۋاس تەڭ ياشايدۇ؟ قايسى دۆلەتنى ئىككى پادىشاھ شېرىكلىشىپ تەڭ باشقۇرىدۇ؟؟؟
    يەنە قانداق دەلىل لازىم؟؟؟
    قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان مۈشكۈلچىكىكتىن بەھرىمان بولۇڭ!