باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2900 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھەممىمىزگە زۆرۈر بولغان تىما (ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-29 17:37

ھەممىمىزگە زۆرۈر بولغان تىما (ھەمزە)

    

                                                     

بۇ مۇنبەردە ھەرساھەدىكى تىمىلار بار . ئەمما كىشىلەر ئەڭ مۇھتاج بۇلىدىغان ئاتا-ئانا توغرىسىدىكى تىما يوق دىيەرلىك. ئاساسەن يوق دىسەكمۇ بۇلىدۇ. شۇڭا مەن بۇ بوشلڭقنىمۇ تولدۇرۇش ئۇچۇن ئالدىراپ تىنەپ بۇ تىمىنى يېزىش قارارىغا كەلدىم.
قېنى مۇنبەرداشلار ھەممىڭلار ئاتا-ئانا توغرىسىدا بىلگىنىڭلارچە بىردىن تىما يېزىڭلار. ئاللاھ خالىسا مۇشۇ ئىشىڭلاردىمۇ كاتتا ئەجىر بار.
                               [upload=2]       
دۇنيادا <ئانا>دىگەن سۆزدىنمۇ يېقىملىق ۋە ئۇلۇغ سۆز بولمىسا كىرەك. چۇنكى ئانا دىگەن بۇ ئاددىي سۆز ئادەمنىڭ يۇرەك باغرىدىن چىقىدۇ. ئادەمنىڭ يۇرەك باغرىنى تىترىتىدۇ. ئانا دىگەن بۇ سۆز ئادەمنى يىغلىتىدۇ،كۈلدۇرىدۈ. غەزەپلەندۇرىدۇ،رەھىمدىل قىلۋېتىدۇ. مۇشۇ <ئانا>دىگەن سۆز ئۇچۇن جېنىدىن كەچكەن قەھىرمانلار قەھىرمانلارنىڭ ئەڭ نوچىسى قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئانا ئۇچۇن غەزەپلىنىلىگەنلەر ھەقىقى ئەركەك ئانا ئۇچۇن ھەممە نەرسىسىدىن كىچەلىگەنلەر ھەقىقى ئىنسان ھەقىقى ئەزمەت ھېسابلىنىدۇ.
                              

دۇنيادا ئانىنى كۆيلەپ ناخشا ئۇقىمىغان ناخشىچى،ئانىنى كۆيلەپ شىر يازمىغان شائىر،ئانىنى كۆيلەپ ماقالە يازمىغان ياغۇچى بولمىسا كىرەك.چۇنكى ئانا دىگەن بىزلەرنىڭ بۇ دۇنياغا كىلىشىمىزگە بىزنىڭ ھازىرقىدەك كۇنگە ئىرشىشىمىزگە سەۋەپچى بولغان.

ئانابىزنى شۇنچە جاپا مۇشەققەتتە ئون ئاي ئون كۇن قۇرساق كۈتۈرۈپ نۇرغۇنلىغان جاپالارغا بەرداشلىق بىرىپ يۇرۇق دۇنياغا ئۇچراشتۇرغان. بوۋىقىنى ساق-سالامەت تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن كىچىلىرى شىرىن ئۇيقۇلىرىدىن كىچىپ بوۋىقىنى  ئىمىتكەن. بوۋىقىنىڭ ھۆل قىلىپ قويغان ئورنىنى قۇرۇقداپ بوۋىقىنى ئۇخلىتىش ئۇچۇن ئۇزىنىڭ ئۇيقىسىدىن كىچىپ ئۇ بوۋىقىنى ئەللەيلەپ بوۋىقى ئۇخلاپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇزى كۆز يۇمىدۇ. بۇ قانداقتۇر بىرسىدىن قورقۇپ ياكى بىرسىدىن بىرەر نەرسە تاما قىلىپ ئەمەس ئۆز بالىسىغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ ئەڭ يۇقرى پەللىسىگە يەتكەنلىكىدىندۇر .بۇ مۇھەببەت ھەرقانداق ئانىدا ھەتتاكى ھايۋاناتلاردىمۇ مەۋجۇتتۇر.ھايۋانلارمۇ يىڭى تۇغۇلغان بالىسىنى دەسسەپ قۇيۇشتىن ئىھتىيات قىلىپ پاچىقىنى كۇتۇرۇپ تۇرۋالغانلىقىنى ئۇچار قۇشلارنىڭمۇ بالىلىرىنى قوغداپ يېنىدىن كىتەلمەي قالىدىغانلىقىنى كۈرىسىز  بۇ مۇھەببەتنى مىھىربان اللە بارلىق ئانىلارنىڭ قەلبىگە تاشلىغانلىقىدىن بولغان.                                   
ھازىر ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق كۇپۇنچە كىشىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھاقارەت قىلۋاتقانلىقىنى،ئۇلاردىن نۇمۇس قىلۋاتقانلىقىنى،ئۇلاردىن قېچۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ تۇرۋاتىمىز. بۇلۇپمۇ بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئۇزىنىڭ شاللاقلىقىنى دەپ ئاتا-ئانىسىنى نارازى قىلىپ بىراۋلار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۇرگەن ئۇلارنى خۇراپىي دەپ تىللىغان ئۇلارنىڭ ئۆلە تىرلىشى بىلەن كارى بولمىغان مۇشۇنداق ياشلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس.                                              
اللە ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا مۇنداق دىگەن{بىز ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق...}(لوقمان سۇرىسى) يەنە قۇرئاندا{سىنىڭ پەرۋاردىگارىڭ بىر اللەقىلا ئىبادەت قىلىشقا،ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدى.ئەگەر سىنىڭ يېنىڭدا ئۇلارنىڭ بىرىگە ياكى ھەر ئىككىلىسىگە قېرلىق يەتسە ئۇف دىمىگىن(يەنى ئۇلارغا مالاللىق يەتكۇزىدىغان شۇنچىلىك ئاددىي بىر سۆزنىمۇ دىمىگىن)....}(ئىسرائ سۇرىسى) يەنە اللە {اللەقا ئىبادەت قىلىڭلار ئۇنىڭغا ھېچقانداق نەرسىنى شىرىك كەلتۇرمەڭلار،ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار...}(نىسا سۇرىسى) بۇلار بولسا ئىلاھى بۇيرۇق بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئورنى دەۋزەخ. دەۋزەخ دىگەننى ھەممىڭلار بىلىسىلەرغۇ دەيمە... دەۋزەخ_ بىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان ھەممە قىيىن قىستاق ئازاپ-ئۇقۇبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.                                           
رەسۇلۇللەمۇ <جەننەت ئانىلارنىڭ قەدىمى ئاستىدا> دىگەن.
ينە رەسۇلۇللە<قانداق بىر ئادەم ئىمان كەلىمىسىنى  (يەنى بىر اللەتىن باشقا ئىلاھ يوق مۇھەممەد اللەنىڭ بەرھەق ئەلچىسى)دىسە،ناماز ئۇقۇسا ،زاكات بەرسە،روزا تۇتسا،قۇدرىتى يەتسە بەيتۇللەنى زىيارەت قىلسا پەقەت ئاتا-ئانىسىنى قاخشاتمىغان،نارازى قىلمىغانلا بولسا جەننەتكە كىرىدۇ>(بۇخارى) دىگەن.
يەنە رەسۇلۇللەھالاك قىلغۇچى گۇناھلار قاتارىدىن <ئاتا-ئانىنى قاخشىتىش> دىگەن
ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان ئايەت ۋە ھەدىسلار كەلگەن. ھەتتا ئاتا-ئانىسى ھايات تۇرۇپ ئۇلارنىڭ رەھمىتىنى ئېلىپ جەننەتنى قولغا كەلتۇرەلمىگەن كىشىگە جىبرىئىل ۋە پەيغەمبىرىمز لەنەت قىلغان.
               


دىمەك اللەنىڭ بىز بەندىلەردىن رازى بۇلىشى ئاتا-ئانىمىزنىڭ رازى بۇلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قېرىندىشىم:ئاتا-ئانىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ،ئۇلار ھايات ۋاختىدا ئۇلارنىڭ رەھمىتىنى ئېلىشقا تىرشىڭ،ئۇلارنى اللە ۋە رەسۇلۇللەدىن باشقادۇنيادىكى ھەرقانداق كىشىدىن ئۇستۇن بىلىڭ بۇ ئىنسانىي خىسلەتنىڭ ئەڭ يۇقرى تەرپى.خوتۇن بالىلىرىڭىز ياكى باشقا كىشىلەر تۇپەيلى ئاتا-ئانىڭىزغا يۇزسۇزلىك قىلماڭ.ھەم ئاتا-ئانىڭىزدىن ئۇستۇن بىلمەڭ بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەڭ بەخىتسىز ئادەمنىڭ ئىشى. قېرىندىشم سىزنىڭ بۇ دۇنياغا كىلىشىڭىزگە ئاتا-ئانىڭىز سەۋەپچى بولغان.شۇنداق بولغان ئىكەن سىزنىڭ قۇلىڭىزدىكى،ۋە ئىگىدارچىلىقىڭىزدىكى ھەممە نەرسە ئاتا-ئانىڭىزنىڭدۇر.                                     

ئۇلارنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ. ئەگەر مەندىن <بۇ دۇنيادا كىم ئەڭ بەخىتلىك >دەپ سورالسا مەن قىلچە ئىككىلەنمەيلا<ئاتا-ئانىسى بار ئادەم> دەپ جاۋاپ بىرىمەن.
خەير ئاتا-ئانا توغرىسىدا سوزلىسەم سۈزۈم تۇگەيدىغاندەك ئەمەس. ئۈزۈمنى توختىتىۋالاي. سۈزۈمنىڭ ئاخىردا مەن ئەڭ ياختۇرىدىغان تۇۋەندىكى شىئىرنى ئورتاقلاشتۇرماقچىمەن.                                  
                                     

                                      ئانا بار ئۆيلەر مۇقەددەس،ئانا بار ئۆيلەر بېھىش
                                      ئانابار ئۆيلەر چىرايلىق،ئانىلارسۈزى يىمىــــش
                                     ئانىدىن ئايرىلمىغان يەتمەس سۇزۇمنىڭ تەكتىگە
                                    ئانابار ئۆيلەردە دوستۇم غەم-قايغۇقىلسۇن نىمىش؟!

مەنبە ___________ ھەمزە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1115
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 267
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە267دانە
ئۆسۈش: 1040 %
مۇنبەر پۇلى: 3385 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-23
ئاخىرقى: 2012-02-14
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-29 19:20

تۇلىمۇ پاساھەتلىك تىيما يېزىپسىز ئۇقۇپ يىغلاپ سالدىم. ئاتا -ئانىسى بار ئادەم دۇنيادا ھەممىدىن بەخىتلىك بۇ سۆز ھەقىقەتەن توغرا دادام ھايات ۋاختىدا ئۆزۈمنى شۇنداق بەخىتلىك  ھىس قىلاتتىم ئايرىلغاندا بولسا  ئاتا -ئانىمىزنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلدىم.