باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 13870 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: <مەن بەك يالغۇز> ئسلامى نەسىر
دوستلىشىش
قۇتلان
ئۈمۈت بىلەن ياشىغن ھەركۇن......
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 326
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 112
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە112دانە
ئۆسۈش: 905 %
مۇنبەر پۇلى: 1698 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-17
ئاخىرقى: 2012-09-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-28 01:27

<مەن بەك يالغۇز> ئسلامى نەسىر

ئەسكەرتىش: بۇ يازما hamza تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-10-04)
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئسمى بىلەن باشلايمەن

مەن بەك يالغۇز قالدىم، دېدىم.
مەن ساڭا بەك يېقىن، دېدىڭ. [بەقەرە:186]
شۇنداق، سەن ماڭا يېقىن، لېكىن مەن سەندىن يىراق، كاشىكى مەنمۇ ساڭا يېقىن بولالىغان بولسام، دېدىم.
پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە - ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، دېدىڭ. [ئەئراف:2005]
بۇمۇ سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن بولىدۇ، دېدىم.
ئاللاھنىڭ سىلەرنى مەغپىرەت قىلىشىنى خالىمامسىلەر؟ دېدىڭ. [نۇر:22]
ئەلۋەتتە مېنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى خالايمەن، دېدىم.
ئۇنداق بولسا پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، دېدڭ. [ھۇد:90]
گۇناھىم بەك كۆپ، بۇنچىلىك گۇناھلار بىلەن مەن نېمە قىلاي؟ دېدىم
ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ... ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى تېخىچە بىلمىدىمۇ؟ دېدىڭ. [تەۋبە:104]
نەچچە قېتىم تەۋبە قىلىپ، تەۋبەمنى بۇزدۇم، ئەمدى يۈزۈم قالمىدى،دېدىم.
ئاللاھ غالىب ۋە بىلگۈچىدۇر، ئۇگۇناھلارنى كەچۈرگۈچى ۋە بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، دېدىڭ. [غافىر: 1،2]
گۇناھىم ھەدسىز، قايسىبىرىگە تەۋبە قىلاي؟ دېدىم.
ئاللاھ ھەقىقەتەن پۈتكۈل گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، دېدىڭ. [زۇمەر:53]
مەن يەنە كەلسەم مېنى مەغپىرەت قىلامسەن؟ دېدىم.
ئاللاھىم، سەن نېمىدگەن مېھرىبان! سېنىڭ سۆزلىرىڭنىڭ ئالدىدا ئىرىشكە باشلىدىم، مەن سېنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن، دېدىم.
شۈبھىسىز ئاللاھ تەۋبە قىلغان ۋە گۇناھلاردىن پاكلانغانلارنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدىڭ. [بەقەرە:222]
ئى پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ سەندىن باشقا كىمىم بار؟ دېدىم.
ئاللاھ بەندىسىگە كۇپايە قىلمامدۇ؟ دېدىڭ. [زۇمەر:36]
پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى شۈنچىلىك ياخشى كۆرىسەن ۋە ماڭا بۇنچىلىك ياخشىلىق قىلىسەن، مەن نېمە قىلاي؟ دېدىم.
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار. ئۇنىڭغا ئەتىگەن - ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا (يەنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە) چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە رەھمەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مۆمىنلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر، دېدىڭ. [ئەھزاب: 41-43]

مەن ئۆز ئۆزۈمگە: ئاللاھىم! سېنى ناھايىتى بەك سۆيىمەن، دېدىم.
بۇ سانلارنى ئوقۇپ بېقىڭلار قېنى:
0-1-2-3-4-5-6-7-8-9
ئەگەر <<9>> جېنىڭ بولغان بولسىمۇ،
ئۆلۈمدىن ئەڭ كۆپ <<8>> قېتىم قاچالايتتىڭ.
بىلىڭكى، <<7>> ئىقلىمغا سولتان بولسىڭىزمۇ،
يەرنىڭ <<6>> (ئالتي) سىزگە ماكان بولىدۇ.
ئەڭ جېق<<5>>مىتىر رەخ ئېلىپ كېتەلەيسىز، ئاخىرەتكە
كۆزىڭىزنى <<4>> ئاچسىڭىزمۇ، يۇمۇسىز مەجبۇر.
بۇ دۇنيا <<3>> كۈنلۈك دۇنيا،
ئەزرائىلنىڭ ئالدىدا <<2>> موك بولۇپ يالۋارسىڭىزمۇ پايدىسى يوق.
ئەلۋەتتە <<1>> كۈنى ئۆلىسىز،
ئەنە شۇ چاغدا ھەممە نەرسە <<0>> دىن باشلايدۇ.
چۈنكى ئۆلۈم بىر يوقۇلۇش ئەمەس،
يېڭىدىن تۇغۇلۇشتۇر.





ئەمدى ھەممىنى ئوقۇپ بولدىڭىز قىنى ئەمدى ئويلىغىنىڭىزنى بىر سۆزلەپ بىقىڭە قىنى ،،،،، نىمىلەرنى ھىس قىلالىدىڭىز ؟؟؟ .





















[ قۇتلانتەرىپىدىن2010-09-28 01:56قايتا تەھرىرلەندى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+3(akram) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 876
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە876دانە
    ئۆسۈش: 1670 %
    مۇنبەر پۇلى: 10634 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-08
    ئاخىرقى: 2012-09-10
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-28 19:00

    ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن !
    كىم بىلەر يۈرەكتە ئويۇغان قاننى،
    كىم بىلەر قانىتى سۇنغان ئىمكاننى.
    ھور باسقان ئەينەكتىن كۆرگەن
    كۆز نۇرۇم كەينىدە قاتقان توماننى..