查看完整版本: [-- <مەن بەك يالغۇز> ئسلامى نەسىر --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> <مەن بەك يالغۇز> ئسلامى نەسىر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قۇتلان 2010-09-28 01:27
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئسمى بىلەن باشلايمەن

مەن بەك يالغۇز قالدىم، دېدىم.
مەن ساڭا بەك يېقىن، دېدىڭ. [بەقەرە:186]
شۇنداق، سەن ماڭا يېقىن، لېكىن مەن سەندىن يىراق، كاشىكى مەنمۇ ساڭا يېقىن بولالىغان بولسام، دېدىم.
پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە - ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، دېدىڭ. [ئەئراف:2005]
بۇمۇ سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن بولىدۇ، دېدىم.
ئاللاھنىڭ سىلەرنى مەغپىرەت قىلىشىنى خالىمامسىلەر؟ دېدىڭ. [نۇر:22]
ئەلۋەتتە مېنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى خالايمەن، دېدىم.
ئۇنداق بولسا پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، دېدڭ. [ھۇد:90]
گۇناھىم بەك كۆپ، بۇنچىلىك گۇناھلار بىلەن مەن نېمە قىلاي؟ دېدىم
ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ... ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى تېخىچە بىلمىدىمۇ؟ دېدىڭ. [تەۋبە:104]
نەچچە قېتىم تەۋبە قىلىپ، تەۋبەمنى بۇزدۇم، ئەمدى يۈزۈم قالمىدى،دېدىم.
ئاللاھ غالىب ۋە بىلگۈچىدۇر، ئۇگۇناھلارنى كەچۈرگۈچى ۋە بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، دېدىڭ. [غافىر: 1،2]
گۇناھىم ھەدسىز، قايسىبىرىگە تەۋبە قىلاي؟ دېدىم.
ئاللاھ ھەقىقەتەن پۈتكۈل گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، دېدىڭ. [زۇمەر:53]
مەن يەنە كەلسەم مېنى مەغپىرەت قىلامسەن؟ دېدىم.
ئاللاھىم، سەن نېمىدگەن مېھرىبان! سېنىڭ سۆزلىرىڭنىڭ ئالدىدا ئىرىشكە باشلىدىم، مەن سېنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن، دېدىم.
شۈبھىسىز ئاللاھ تەۋبە قىلغان ۋە گۇناھلاردىن پاكلانغانلارنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدىڭ. [بەقەرە:222]
ئى پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ سەندىن باشقا كىمىم بار؟ دېدىم.
ئاللاھ بەندىسىگە كۇپايە قىلمامدۇ؟ دېدىڭ. [زۇمەر:36]
پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى شۈنچىلىك ياخشى كۆرىسەن ۋە ماڭا بۇنچىلىك ياخشىلىق قىلىسەن، مەن نېمە قىلاي؟ دېدىم.
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار. ئۇنىڭغا ئەتىگەن - ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا (يەنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە) چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە رەھمەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مۆمىنلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر، دېدىڭ. [ئەھزاب: 41-43]

مەن ئۆز ئۆزۈمگە: ئاللاھىم! سېنى ناھايىتى بەك سۆيىمەن، دېدىم.
بۇ سانلارنى ئوقۇپ بېقىڭلار قېنى:
0-1-2-3-4-5-6-7-8-9
ئەگەر <<9>> جېنىڭ بولغان بولسىمۇ،
ئۆلۈمدىن ئەڭ كۆپ <<8>> قېتىم قاچالايتتىڭ.
بىلىڭكى، <<7>> ئىقلىمغا سولتان بولسىڭىزمۇ،
يەرنىڭ <<6>> (ئالتي) سىزگە ماكان بولىدۇ.
ئەڭ جېق<<5>>مىتىر رەخ ئېلىپ كېتەلەيسىز، ئاخىرەتكە
كۆزىڭىزنى <<4>> ئاچسىڭىزمۇ، يۇمۇسىز مەجبۇر.
بۇ دۇنيا <<3>> كۈنلۈك دۇنيا،
ئەزرائىلنىڭ ئالدىدا <<2>> موك بولۇپ يالۋارسىڭىزمۇ پايدىسى يوق.
ئەلۋەتتە <<1>> كۈنى ئۆلىسىز،
ئەنە شۇ چاغدا ھەممە نەرسە <<0>> دىن باشلايدۇ.
چۈنكى ئۆلۈم بىر يوقۇلۇش ئەمەس،
يېڭىدىن تۇغۇلۇشتۇر.





ئەمدى ھەممىنى ئوقۇپ بولدىڭىز قىنى ئەمدى ئويلىغىنىڭىزنى بىر سۆزلەپ بىقىڭە قىنى ،،،،، نىمىلەرنى ھىس قىلالىدىڭىز ؟؟؟ .






















akram 2010-09-28 01:35
نىمدىگەن گۈزەل تېما بۇ

zulayha 2010-09-28 02:03
يا رەببىم....مەن تور دۇنياسىدا بۇنىڭدىنمۇ ئېسىل يەنە بىر تېما كۆرمىدىم. دىلىمنى يورۇتقان بۇ تېما ئىگىسىگە ئەجىرلەر ئاتا قىلغايلا...امىن!

adsl0997 2010-09-28 09:05
ئېسىل تېمىكەن .....  

esyankar 2010-09-28 10:13
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
قۇتلان بۇرادەر ، ماقالىدە << قازىننى ئالساڭ تۇۋىقىنى قوي>> دىگەن گەپ بار . مەن بۇ ئەسەرنى تىخى ئاخشام ئىككى سائەت ۋاقتىمنى چىقىرىپ يامان تەستە يوللىغان ، تىخى ھاردۇغۇممۇ تۇزۇك چىقمايلا ،،،،،،،،، بۇ يەردە كۆرۇپ  بىر قىسما بولۇپ قالدىم . ھىچ بولمىغاندا ، ئاپتۇر بىلەن مەنبەسىنى ئىنىقراق ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭزمۇ ھاردۇق چىقاتتى . ئاپتۇرنى ئەسكەرتكىڭىز كەلمىسىمۇ مۇشۇ تىمىنى ئەكەلگەن مۇنبەرنى ئىنىقراق دەپ قويسىڭىزچۇ ،،،،،،،،،،،  توۋا توۋا خۇدايىم قاتتىق توۋا ،،،،،، ئۆزىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى ئۆزىمىز قىلايلى قىرىندىشىم.

fatih204 2010-09-28 11:58
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
          ئىسيانكار   بۇرادەر سىزگە سەبىر تىلەيمەن ،   دەرۋەقە كىشى ئەجىر قىلغان نەرسىسىنىڭ روخسەتسىزلا بۇ يەردە ئىلان قىلىنىشى ئادەمگە ھار كىلىدۇ،  بۇنى بۇ يەرگە ئەكەلگەن بۇرادىرىمىز پەقەت مەنبەنىلا ئەسكەرتىپتۇ،  مىنىڭچە سىزمۇ بۇ نەسىرنى كىشىلەر ئوقىسا دىلى ئرىپ ياخشى يوللارغا مىڭىشىغا ئاللاھ سەۋەپ قىلىپ قالسا ، شۇ سەۋەپ بىلەن ئاللاھ ئەجىر بەرسە دەپ يازىسىز ،   بۇيەرگە ئەكەلگەن تورداشمۇ ھەم شۇ نىيەت بىلەن ئەكەلگەن بۇلىشى مۇمكىن ،   شۇڭا سىزگە سەبىر تىلەيمەن  ،  مەن ئويلايمەن مۇشۇنچىلىك ياخشى ئەسەرگە ئىتىقادىڭىز، كۇچىڭىز يەتكەن ئىكەن ، مىنىڭچە سىز كىشىلەرنىڭ ئاجايىپ يىزىپتۇ دەپ ماختاشلىرىغا مۇھتاج ئەمەسسىز ، ساختا ئابرويلاردىن يىراقسىز   ئەجىرنى ئاللاھتىنلا  كۇتىدىغان كىشىسىز  دەپ ئويلايمەن  ،  ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن،  
         بولسا    بۇ توربەتلەرگىمۇ ئىلان قىلىپ تۇرۇڭ ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى ، ئەگەر سىز يازمىغان بوسىڭىز ئەۋەتىپ تۇرۇڭ ياخشى ئەسەرلەرنى ،  

pigan 2010-09-28 13:20
نادىرلىۋەتسە بولغىدەك بۇتىمىنى

ھەمزە 2010-09-28 14:08
ئىسلامىي تىمىلارنىڭ نەشىر ھۇقۇقى پۇتۇن مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ.
ئاللاھتىن ئەجىر تىلەيلى بۇرادەر.

zubayir 2010-09-28 17:01
بۇرا  دىرىم   اللە  سىزگە    سەبرى    ئاتا  قىلسۇن ،  

era13 2010-09-28 19:00
ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن !

rayhan 2010-09-28 19:19
رەھمەت مەن يىغلاپ تاشلىدىم ...اللەنىڭ سوزى قاراڭغۇ دىللررنى يۇرۇتقۇچى،قېتىپ كەتكەن دىلنى يۇمشاتقۇچى ،ئولگەن ئومۇتلەرنى تىرىلدۇرگۇچىدۇر ...يازغۇچىغا ھەم يولىلىغۇچىغا .مۇشۇنداق ياخىشى ئەسەرلەرنى كۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان بىكەت قۇرغۇچىسىغا ھەمىڭلارغا اللەنىڭ مەخپىرىتى بولسۇن !!!

rayhan 2010-09-29 14:26
شۇنداق ياخشى تىمىغا ئىنكاس يازىدىغانلار يوقما؟.....

فەرى 2010-10-03 01:53
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! بۇ تىمىنى ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي .

wijdanim 2010-10-03 02:06
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

almas5555 2010-10-04 10:39
ئاللاھ ھەرئىككىڭلارغا ئەجىر بەرگەي

kukbura 2010-10-07 11:20
   /read.php?tid=3157#15961    بۇنىڭغا قوشۇلىمەن!

kadrdan 2010-10-08 23:52
بەك ياخشى تىمىكەن ،ئاللا رەخمەت قىلسۇن .

sawapkar 2010-10-31 19:15
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان تىما ئىكەن ئەسلى مەنبەسى نەدە بولغىيدى....

ئەلى 2010-10-31 19:23
مەنبەسى  بولمىسا تەستىقلىماسلىق  كېرەك  زادى  تېمىنى~~~~

sawapkar 2010-10-31 20:03
ياخشى يېزىلىپتۇ

hikimat 2010-11-03 13:10
اللا   سېزگە ىدايەت اتا قېلسۇن قېرېندېشم   امن

tanhayigt 2010-11-09 13:30
ئاللاھ ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا  قىلسۇن !

xarifa 2010-12-12 17:51
ئاللاھ  رەخمەت قىلسۇن! ناھايتى  ياخشى تېما  يوللاپسز.  
داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز.

rayhan 2010-12-14 23:25
اللەنىڭ مۇشۇ سوزلىرى مېنىڭ يالغۇز قەلبىمگە تەسەللىي

muslima32 2011-02-14 02:07
قۇتلان قېرىندىشىم يوللىغان تىمىڭىزغا تەشەككۇر  يەنىلا دەيدىغنىم ئەجىرىڭىزنى ئاللاھ ئىگەم بەرسۇن نىمە دىگەن پاساھەتلىك تىما بۇ،ئەسلى ئاپتۇرىغىمۇ ئاللاھ كۆپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن .........ئامىن

天山的野花 2011-05-17 19:33
مۇشۇنداق تېمىلار دللارغا ھوزۇر ئاتا قىلدۇ.

jappar 2011-06-01 09:30
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم يوللىغان تىمىڭىز بەك ياخشى تىمىكەن ئاللاھ ھەسىزگە رەھمەت قىلسۇن!
تىمىنى توپلىغان قىرىندىشىمىزمۇ سەۋىر قىلىڭ. چۈنكى: ئاللاھ سىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى رەتلەپ چىققىنىڭىزغا گەرچە ،ئۆزىڭىز يوللىمىغان بولسىڭىزمۇ كاتتا ئەجىر بىرىدۇ.  ئاللاھ ھەممىمىزنى دائىم ئاللاھنى ياد ئىتىپ تۇرىدىغان  گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىدىغان ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان تەقۋادارلاردىن قىلسۇن !  ئامىن!

تۈرۈك183 2011-06-05 18:24
  اللا  ھەممىدىن ۇلۇخدۇر  

ناخشا 2011-07-16 20:03
 بىر قىتىم ئوقۇپ باقتىم،يەنە ئوقۇماقچى ، تەۋبىلىرىمىزنى ئاللاھ قوبۇل قىلغاي .....ئامىين!

ay-turk 2011-08-04 16:56
يۈرەكنىڭ بىغىشىغا تىگىدىغان ئىسىل تىما.....!!!

ئۆزتۈرك 2011-08-04 18:01
ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن !

zulayha 2011-11-03 11:03
شۇنچە ئېسىل تېمىنى يەنە بىر كۆرۈپ چىقتىم . تېما ئىگىسىگە تەشەككۈرلىرىم بولسۇن .

sirajidin114 2012-02-06 15:07
مەنمۇ   ئنكاس   ئارقئلئق   ساخلاپ   قۇياي  


查看完整版本: [-- <مەن بەك يالغۇز> ئسلامى نەسىر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.065942 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us