ئېرىمنىڭ سۆيگىنى
ھېكايە
پەرھات تۇرسۇن شەيدائى
مەن بەختىيار بىلەن ئەڭ يېقىن دوستۇم ئايچېھرەنىڭ سەۋەبى بىلەن تۇنۇشقان. دەسلەپكى شۇ ئۇچرىشىش مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئايچېھرە بەختىيارنىڭ قوشنىسى، مۇنداقچە ئېيتقاندا سىڭلىسى، مۇڭدىشى، يېقىن دوستى ئىدى. مەن بەختىيارنى تېخى كۆرمەستىلا ئايچېھرە ئۇنىڭ گېپىنى تولا قىلىپ قۇلاق-مېڭەمگە بەختىيار دېگەن بۇ ئىسىمنى قۇيۇپلا ۋەتكەنىدى.
ئۇ كۈنى ئايچېھرە مېنى مېھمان قىلىدىغان بولۇپ تاماققا چاقىرغانىدى. مەن دېيىشكەن يەرگە بارغىنىمدا بەختىيار بىلەن ئىككى چۈجە خورازلاردەك چوقۇشۇپ ئولتۇرۇپتىكەن، بەختىيار مېنى كۆرپ ئايچېھرەگە ئالايغانىدى. ئايچېھرە دېگەن پاراكەندە دوستۇممۇ پەقەت ئىككىمىزنى تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈنلا مېنى مېھمان قىلغۇسى كەپكېتىپتىكەن. بەختىيار ئۇچاغدا خىيالىمدىكىدىنمۇ قامەتلىك، كېلىشكەن، خۇشپىچىم يىگىت بولۇپ چىققانىدى. مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خىيالىمدا ئەگىپ يۈرگەن بۇ شاھزادەمنى شۇچاغدا بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم. توۋا شۇ چاغلاردىكى بەخىت تۇيغۇسى، روماتىك خىياللار، بەختىيار ماڭا ھەممىنى بەردى...
ئايچېھرە مەن بىلەن تۇنۇشقاندا ئىككىمىز بازاردىلا سوقۇشۇپ قالغانىدۇق، ئاغزى بىزەپ، كۆڭلى تۈز، باغرى يۇمشاق تەنتەك دوستۇمنىڭ مىجەزى مېنىڭ بىلەن ئوىشىشىپ كەتكەچكە، پۇتىغا دەسسىۋالغىنىمدا چالۋاقاپلا كەتتى، ئىككى قوچقارنىڭ بېشى بىر قازاندا قاينىمايدۇ دېگەندەك ھەر ئىككىمىز تاراڭ-تۇرۇڭ بولۇشۇپ جىمىپ قېلىشقانىدۇق، كېيىن ھەر ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشتۇق، كەچۈرۈم سوراشتۇق، شۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ، چۈشىنىشىپ ئاخىرىدا ئەڭ يېقىن، پاك دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. شۇ چاغلاردىن باشلاپلا ئۇ ماڭا بەختىيارنىڭ ەېپىنى تولا قىلاتتى. مەن بەختىيارغا قىزىقىۋاتقان بولساممۇ، قىزلىق غورۇرۇم بۇ ھېسياتنى چاندۇرۇشقا يول قويمايتتى. ئارىدىن بەش-ئالتە ئاي ئۆتكەندە ئايچېھرە ئەتەي ئاشۇ كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرغانىكەن.
_ھە! بەختىيار گاچا، _دەپ تۇنۇشتۇرغانىدى ئايچېھرە دەسلەپتە. _ئۆزىدە تۆگىدەك بوي بولغىنى بىلەن چاشقانچىلىك يۈرىكى يوق قورقۇنچاق، شۇڭا ھازىرغىچە بويتاق بىچارە...ھې...ھې...ھې... بۇياق بولسا جاھاندىكى جىمى گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى، ئەدەپ-ئەخلاق بېغىدىكى يەكتا غۇنچە مېنىڭ قىيامەتلىك دوستۇم پەرىشتە سۈپەت قىز گۈلنىگار. تۇنۇشۇپ قېلىڭلار، ھەر ئىككىڭلار مېنىڭ يېقىن دوستۇم، بۇنداق ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ جاھاندىن، چىشىپ قالساڭلار شاققىدە...
دەل شۇ چاغدا بەختىيار قولىدىكى يەپ يېرىملاشقان شاپتۇلنى ئايچېھرەنىڭ ئاغزىغا كەپلەپ قويغانىدى. ئايچېھرەنىڭ ككزلىرى پولتىيىپ كەتكەن. بەك قىززىق تۇيۇلۇپ ئۆزۈمنى تۇتالماي كۈلۈپ تاشلىغانىدىم. ئايچېھرە ئاغزدىكى شاپتۇلنى قولىغا ئېلىپ قېيداپ:
-ھۇ مەينەت تۆگە، گەپ قىلمىسام بوزەك قىلدىڭ...خەپ! ئەمدى ئاغىنەم ئەمەس..._دەپ تەتۈر قاراپ ئولتۇرىۋالغاندا بەختىيار:
-خاپا بولما شوك-شوك، چۈجىدەك نازۇكلىقىنى كۆرەيمۇ، سەن ئاغىنەم دېمىسەڭ بەىتىيار تۈگىدى دېگەن گەپ، چىدامسەن؟...-دەپ ئايچېھرەنى ھەم تېرىكتۈرۈپ، ھەم خۇشال قىلىپ، كۈلدۈرگەنىدى.
تاماقتىن كېيىن ئايچېھرە دېگەن ھارامزادە ئىشىم چىقىپ قالدى، -دەپ قېچىپ كەتكەنىدى. بەختىيار بىلەن مەن تاغدىن-باغدىن پاراڭ قىلىشىپ خېلى يەرلەرگە كېتىپتىكەنمىز...
شۇ كۈنى كەچتە بەختىيارنىڭ مۇلايىم، ئوتلۇق كۆزلىرى، قايرىلىپ بېقىشلىرى، گەپ-سۆزىنىڭ جايىدا پاساھەتلىكلىكى قاتارلىق بىر قاتار سۈپەتلىرى خىيالىمنى ئوغۇرلاپ، يېرىم كېچىدىن ئاشقىچە ئۇخلىيالمىغانىدىم.
كېيىن يەنە شۇ ئايچېھرە ئىككىمىزنى چېتىپ قويدى.
ئۇ ئىككىمىزنىڭ يۈزىچىلا بىرمۇنچە سۆزلىگەنىدى.
- ھەي! بەختىيار دېگەن ھاڭۋاقتى ئەبلەخ! تېخىچە ئاغىنەمگە بىرەر گەپ قىلماي يۈرۈپسەنغۇ؟
-جىق گەپ قىلدىمغۇ ساراڭ! تېخى ئۆتكەن يىلى سېنى سۇغا ئىتتىرىۋېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قالغىنىمنىمۇ دەپ بەردىم. دېققەت قىل! سۇغا چۈشۈپ كەتمە يەنە، ئەمدى كارىم يوق...
-ھوي دەججال!!! شۇنىمۇ دەپ يۈردۇڭما؟ قېلىن گاچا!!! _ئايچېھرە ئۇنىڭ ئۆشنىسىگە ئارتىلىپ تازا ئۇرغانىدى.
-توۋا!! گۈلنىگار سىز مۇنداق دەججال تۇرۇپ خەقنى دەججال دەيدىغان جادىنى كۆرگەنمۇ؟ -دەپ ماڭا ئىلتىجا قىلغانىدى بەختىيارئايچېھرەنى ئۇرۇشقا كۆتۈرگەن قوللىرى كەينىگە تىقىپ. قاچقاچ...
-توختا ھەي گاچا!!! -ئايچېھرە ئۇنى قوغلاپ تۇتالماي تەتۈرلۈك قىلىپ قېيداپ، بەختىيارنى جىق يالېۇرقان، ھەم شۇ يەردىلا _گۈلنىگارغا تەلەپ قويمىساڭ ساڭا قارىمايمەن، گەپ قىلمايمەن. - دەپ ، تەتۈرلۈك قىلىپ بەختىيارنىماڭا تەلەپ قويغۇزغانىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن بىز يۈرۈپ قالغان بولدۇق. بەختىيار گەرچە ماڭا چاقچاق قىلغاندەك تەلەپ قويغان بولسىمۇ، مەن تولىمۇ خۇشھال بولغانىدىم، يەنە كېلىپ بەختىيار شۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ھەقىقى مەسئۇل بولۇشقا باشلىدى. مەن بۇ ھالدىن بەكلا مەمنۇن ئىدىم.
بىز ئارلىشىپ بىر يىلدىن كېيىن ئايچېھرە توي قىلدى. ئايچېھرەنىڭ يولدىشى غەيرەتمۇ بىز بىلەن ئىچقويۇن-تاش قويۇن بولۇپ كەتكەنىدى. بىزنىڭ تويىمىزغا چوڭ ئانامنىڭ ۋاپاتى تاقىشىپ قالغاچقا بىز كېچىككەنىدۇق.
يىغىلىپ بىرەر يەردە ئولتۇرۇشۇپ قالساق ئايچېھرەبىلەن بەختىيارنىڭلا جېدىلىنى ئايرىيتتۇق، ئۇلار خۇددى كىچىك بالىلاردەك سوقۇشۇپ، قېيدىشىپ، ئۆزىچە ئېچىلىشىپ، سورۇننى قىزىتاتتى. بەختىيار ئايچېھرەنىڭ ھەرقانداق ئېغىر گەپ-سۆزلىرىنى كۆڭلىنىڭ قېتىغىمۇ ئېلىپ قويمايتتى. ئەمما ئايچېھرەنىڭ بەختيارنى بوزەك قىلىشلىرىغا مەن چىدىمايتتىم، بىراق نارازى بولۇشقا ئامالسىزمەن، چۈنكى ئاشۇ تەنتەك جادى ماڭا بەختىيارنى يولۇقتۇرۇپ، ئۇنىڭدەك ھەقىقى بىر يىگىتلىك ماقامىغا يەتكەن ھەمراھنى ھەدىيە قىلغانىدى. يەنە كېلىپ ئۇ ئىككىسى ئەزەلدىن شۇنداق، بۇنى توسۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بەختىيار دائىم غەيرەتكە:
-چېقىشىپمۇ بولدۇق، ماۋۇ تەنتەكنىڭ خۇيى بەك ئەسكى ئاداش، ئەمما كۆڭلى ياخشى، شۇڭا ئېغىر بول، ئالىيىپ قاراپ قويساڭمۇ تۆت كۈن ئۆلۈپ كېتىدۇ، كۆڭلىنى ئايا جېنىم ئاداش، بۇ بولمىسا مەن زېرىكىپ قالىمەن. -دەپ جېكىلەيتتى، ئۇلارنىڭ قېرىنداشلاردەك ئىجىل ھالىتىدىن غەيرەت بىلەن بىز قىزغانساقمۇ سۆيۈنمەي تۇرالمايتتۇق...
كېيىن بىزمۇ توي قىلدۇق. بۇ تويمۇ ئاشۇ دوستۇمنىڭ ئالدىرىتىشى، بەختىيارنى بىر ككرسە بىر، ئون كۆرسە ئون تىللاپ دۈشكەللەپ، چىمدىپ، قىيناققا ئېلىپ، ئاخىرى بولماي بىر قېيدىغانچە بىزنىڭ تويىمىزدا ئۇنىڭغا خۇشچىراي ئاچقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە ئەسلىدىكى پىلاندىن تكت-بەش ئاي بۇرۇن بولغانىدى. توي كۈنى ئايچېھرە بەختىيارنى قۇچاقلاپ يىغلاپ، ئۇزۇنغىچە قويۇپ بەرمەي بەك خىجىل قىلغانىدى. بەختىيارمۇ كۆزيېشى قىلغان، ئەمما مەندىن يۇشۇر ماقچى بولغانىدى. ئايچېھرە ماڭا بەختىيارنى چوقۇم قەدىرلەش، ئۇنىڭ كڭلىنى ئاغرىتماسلىق ھەققىدە تولا گەپ قىلىپ ئىچىمنى ئاچچىق قىلىپ قويغانىدى.
بىز توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بەختىيار بىلەن ئوتتۇرىمىزدا كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردى. بۇمۇ ئاشۇ تەنتەك قىزنىڭ سەھەبىدىن بولغانىدى.
مەن بەختىيارنى قولتۇقلاپ بازار ئايلىنىپ كېتىپ باراتتۇق، ئايچېھرە غەيرەت بىلەن ئۇچراپ قالدى، بىز بىللە تاماق يېدۇق، تاماق ئۈستىدە ئۇ ئىككىسى چوكا تالىشىپ سوقۇشۇپ كېتىشتى. بۇ ھال ماڭىمۇ غەيرەتكىمۇ ۇئېغىر كەلگەنىدى. بىراق چاندۇرمىدۇق، ئۇلارنىۇ خۇيىنى بىلگەندىن كېيىن ئامال يوق.
شۇ كۈنى كەچتە بەختىيار ئايچېھرە بىلەن تېلىفۇندا بەك ئۇزاق گەپلىشىپ كەتتى، بۇنىڭغا مەن چىدىماي، بەختىيارغا خاپا بولدۇم، بەختىيار مەندىن قايتا-قايتا كەچۈرۈم سورىدى، چۈشەندۈردى، مەن يەنىلا پەيلىمدىن يانمىدىم، ئەسلى مەن بەختىيارنى مېنىمۇ خۇددى ئايچېھرەنى بەزلىگەندەك بەزلەپ ئەركىلىتىپ، كۆڭلۈمنى ياسايدۇ، -دەپ ئويلىغانىدىم، ئەپسۇس، ئۇ مېنىڭ پەيلىمدىن يانمىغىنىمنى كۆرۈپ، ئاستا ھۇجرىغا كىرىپ كەتتى. مەن لەسسىدە بوشاپ قالدىم.
شۇنىڭدىن كېيىن بەختىيارنىڭ تېلىفۇنىنى ئاختۇرىدىغان، ئايچېھرەدىن تولىمۇ كۈنلەيدىغان بولۇپ قالدىم. قانداق قىلىمەن؟ قورسىقىمدا بالىسى تېپىچەكلەۋاتقان ئېرىمنى شۇنچىلىكمۇ كۈنلىمەيمۇ؟ قېرىشقاندەك ئۇنىڭ تېلىاۇنىدا ھەركۈنى نەچچە ۋاق ئايچېھرەگە تېلىاۇن قىلغان نۇمۇرلار قاتار تىزىلىپ مېنىڭ باغرىمنى ئۆرتەيتتى. مەن چىدىمايتتىم، تاپا-تەنە قىلسام، بەختىيار پېتىنى بۇزماي :
-خاتا چۈشەنمەڭ، ئۇ سىزنىڭ يېقىن دوستىڭىزغۇ؟ مېنى ئۇنداق كۈنلىمەڭ، مەن سىزگە مەڭگۈسادىق. -دەپ ئىپادە بىلدۈرەتتى. ئايچېھرەنى ئاقلايتتى. بەختىيار ئۇنى قانچە ئاقلىغانسىرى مەن ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتەتتىم. ماڭا ئەڭ ئېغىر كەلگىنى كۆزۈم يورىغان كۈنىدىكى ئاشۇ ئىش بولدى.
-گۈلنىگار، مەن سىرتقا چىقىپ كىرەي، بىرەر ئىش بولسا تېلىفۇن قىلىڭ. -دېدى بەختىيار. ئۇ ئىككى ھەپتىدىن بېرى سىرتقا تولا چىقىدىغان بولۇپ قالغانىدى. مەن دەسلەپتە گۇمان قىلىپ كەتمىگەنىدىم، ئەمما غەيرەتنىڭ ئايچېھرەنى ئىزدەپ تېلىفۇن قىلىشى مېنى ئىچىمگە بىر پارچە ئوتنى سالغاندەك قۇترىتىۋەتتى.
شۇ كۈنى مەن ئىچىمنى ئۆرتەۋاتقان ئازاپقا چىدىماي بەختىيارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم. ئويلىغىنىمدەك بەختىيار بېنادىن پەسكە چۈشۈپلا تاكسىغا ئولتۇرۇپ، ئايچېھرەلەرنىڭ ئۆيى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا ئەگەشكەن تاكسىنىڭ ئىچىدە، ئەگەر ئۇنىڭ ئايچېھرە بىلەن ناشايان ئىشلىرىنى سېزىپ قالسام، بولدى ئۇنداق پەرىشتە سۈپەت ئەردىن كەچتىم، بالامنى ئۆزۈم يالغۇز باقىمەن. -دەپ قەتئى نىيەتكە كەلگەنىدىم.
دېگەندەك بەختىيار ئايچېھرەلەرنىڭ ئۆيىگە ئەگىلىدىغان دوقمۇشتا ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئۇدۇلدىكى دورا دۇكىنىغا كىرىپ كەتتى. مەن كەينىدىن ئەگەشتىم، ئەينەكلىك دۇكاننىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسىن ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. بەختىيارنى ئايچېھرە ئورۇندۇقتا ساقلاپ ئولتۇرۇپتىكەن، بەختىيار پۇكەيدىكى ئوكۇل شىپىرىسلارنى راسلاپ، ئايچېھرەنىڭ بېلىكىگە ئۇردى. ئاندىن ئايچېھرەنىڭ يۈزلىرىنى سىلاپ ئۇزاق ئولتۇردى. مەن بۇ ھالغا پەقەتلا چىدىمىدىم، ئۈسۈپلا كىرىپ ئۇلارنىڭ رەسۋاسىنى چىقىرىۋېتىشنى ئويلىدىم، بىراق مەن يالغۇز ھېچنېمە قىلالمايتتىم، شۇڭاغەيرەتكە تېلىفۇن قىلدىم، ئۇمۇ ئايچېھرەنى ئىزدەپ ساراڭ بولاي دەپتىكەن، پالاقلاپ يېتىپ كەلدى. ئىككىمىز كەينىمىزگە يېنىپ دورا دۇكىنىغا مارىلىدۇق، ئايچېھرە بەختىيارنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلىۋالغانىدى، ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۆرلىدى، بېشىم پىرقىراپ ، قورسىقىمغا ئاغرىق كىردى، بېشىممۇ ئاغرىۋاتاتتى. ۋاي!! -دەپ يېقىلدىم، كۆزۈمنىڭ قيرىقىدا ئايچېھرەنىڭمۇ يېقىلغانلىقىنى ككرۈپ قالدىم. بۇچاغدا غەيرەت مېنى يۆلەپ ئۈلگۈرگەنىدى. دورىخانىدىن بەختىيارنىڭ ئىنتايىن ئەندىشىلىك زەئىپ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئايچېھرە!!! يېقىلما جادى!!! سەن مېنى تاشلاپ كەتسەڭ بولمايدۇ، مەن زېرىكىپ قالىمەن!!! كۆزۈڭنى ئاچ ساراڭ!!!
-گۈلنىگار، سىز تۇرۇپ تۇرۇڭ مەن بەختىيارنى چاقىراي، مېنى دۇكانغا ئېلىپ چىقىدىغان ئىككى باسقۇچلۇق پەلەمپەيگە يۆلەپ قويۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ داڭڭىدە قېتىپ قالدى. قارىسام بەختىيار ئايچېھرەنى كۆتۈرىۋاپتۇ، ككزلىرىدىن تۆكۈلىۋاتقان ياشقىلا ئەمەس، غەيرەت بىلەن ماڭىمۇ قارىماي كوچىغا يۈگۈردى-دە، تاكسى توسۇپ غايىپ بولدى. غەيرەت ئۇنى جېنىنىڭ بارىچە چاقىرغان بولسىمۇ ئاڭلىمىدى، مېنىڭ تولغاق ئازابىدا ئاچچىق ئېڭراشلىرىممۇ ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىەەنىدى.
غەيرەت مېنى دوىتۇرخانىغا ئاپاردى، ئاندىن تۇغۇت بۆلۈمىگە كىرگۈزىۋېتىپ، ئايچېھرەنى ئىزدەپ كېتىپ قالدى.
ئۆلۈمدىن ئېغىر تۇغۇتتىن كېيىن كۆزۈمنى ئاچسام بېشىمدا بەختىيار تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرى قان قۇيغاندەك قىزارغان، ياش بىلەن مەينەتلەشكەن چىرايى ساماندەك سارغايغان بولۇپ، روھى ھالىتى تولىمۇ جىددى تۇراتتى. ئۇ مېنى قۇچاقلاپ تەكرار كەچۈرۈم سورىدى. مەن شۇ چاغدا :
_خەپ! بەختىيار، ساقىيىپلا چقسام سەندىن ئاجرىشىمەن. -دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە ئەھدى قىلغانىدىم.
بەختىيار مېنى قويۋەتمەستىنلا بالنىستنىڭ ئىشىكى جالاققىدە ئېچىلىپ، غەيرەت ئۆڭسۆلى يوق يۈگرەپ كىردى. ئۇ بىر ماڭا، بىر بەختىيارغا قاراپ، كېكەچلەپ كەتتى.
- ئا..ئاي...ئۇ.... بەختىيار... سەن چىققىن، تېز ئاداش...ئۇ...سېنى... _بەختىيار غەيرەتنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنىمۇ ئاڭلىماستىن مۇزدەك ياتقان مېنى تاشلاپ قۇيۇندەك ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى. مەن ئىچىمدە بەختىيارنى مىڭنى تىللدىدىم، ئايچېھرەگە يەتتە دوزاقنىڭ ئازابىنى ھالال قىلغىن دەپ، تەڭرىدىن تىلىدىم. شۇ ىىياللار بىلەن تۇرسام، بەختىيارنىڭ دوختۇرخانىنى بېشىغا كېيىپ ۋارقىرىغان ئاۋازى خىيالىمنىبۆلدى. ئورنۇمدىن تۇرالمىدىم. بولمىسا چىقىپ ئۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگۈم بارئىدى. ئەمما تەسەۋۋۇر قىلالايمەن. ئەنە بەختىيار ھۆركىرىمەكتە، ساراڭلاردەك ھاڭرىماقتا.
-ئاي چېھرە!!! ھۇ ئەبلەخ!!! نېمىشقا بۇنداق كېتىسەن؟!!! ئورنۇڭدىن تۇر!!! مېنى گاچا دەيتىڭغۇ؟!!! شۇنچە جىق گەپ قىلدىم!!! ئورنۇڭدىن تۇر!!! كۆزۈڭنى ئاچ جېنىم چوشقا!!! ئەمدى مېنى ئاغىنەم دېمەيمەن دەپ قىينايدۇ؟!!! ئايچېھرە!!!... ياق!!! دوختۇر!!! دوختۇر دېگەن جالاپنىڭ بالىسى!!! ئايچېھرەنى نېمىشقا داۋالىيالمايسەن؟!!! بۇ يەرنىڭ نەرى دوختۇرخانا!!! غەيرەت!!! سەن چىدىدىڭمۇ؟!!! ئايچېھرەنىڭ باغرى سۇنۇق كەتتى!!! ئاھ خۇدا!!! ئادەم تېپىلمىدىمۇ؟!!! ئەزرائىل!!! پۇشايمان قىلىسەن!!! چوقۇم پۇشايمان قىلىسەن!!!... ياق!!! ئايچېھرە، كۆزۈڭنى ئاچ، مەن سەن نېمە دېسەڭ ياق دېمەيتتىم، گېپىمنى بىر قېتىم ئاڭلا!!! مۇشۇ بىر قېتىملا ئاڭلا... مەن خوش بولاي... گۈلنىگارنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن... دېگىنىڭنى قىلىمەن....غەيرەتكە قېرىندىشىمدەك مۇئامىلە قىلىمەن... خوش بولاي...كۆزۈڭنى ئاچ!!! غەيرەت!!! ئىتنىڭ بالىسى ئۇنىڭغا گەپ قىل!!! ئۇ سېنىڭ ئايالىڭغۇ؟!!! قانداق چىدىدىڭ!!!ئاھ خۇدا!!! پۇشايمان قىلىسەن خۇدا!!!... مېنى قويۋېتىش!!! ئاي چېھرى... تاتلىق چوشقام!!! تەنتەك شۇمتەك!!! ئۆلمەيدىغان جىنتەك!!!....
بەختىيارنىڭ بالىلىرىدىن ئايچېھرەنىڭ بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقىنىنى بىلدىم... بەختىيارنىڭ ئۈنى پۈتۈپ كاكىراپ قالغۇچە نالە قىلدى... ئاندىن ئۇ جىمىپ قالدى، كېيىن دوختۇرلار پالاق-پۇلۇق قىلىشىپ بىر ھازادىن كېيىن دوختۇرخانا يەنە لەرزىگە كەلدى. ئەمدى ئايچېھرەنىڭ ئانىسى ۋارقىرا ۋاتاتتى. مەن نېمىش بولغىنىنى، ئايچېھرەنىڭ نېمىشقا ئۆلۈپ كەتكىنىنى بىلەلمەي ئۈنسىز يىغلىماقتا ئىدىم، سېستىرا قىزمۇ كۆزلىرىدىكى ياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ، مېنى يوقلىغاچ تۇراتتى.
ئەتىسى بەختىيار ئاخشامقىدىنمۇ بەتتەر بولۇپ يېنىمغا كىردى. ئۇنىڭ بىر كېچىدىلا ئورۇقلاپ شۈمەكتەك بولۇپ قالغىنىنى كۆرۈپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى.
_قانداق ئەھۋالىڭىز؟ -دېدى ئۇ يىغلامسىراپ.
-ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ؟ -دېدىم مەن ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ.
-مەنمۇ ياخشى، يېنىڭىزدا بولالمىدىم، كەچۈرۈڭ.
-ھېچقىسى يوق بەختىيار، غەيرەتچۇ؟
-قەبرىگاھتا قالدى.
-سىز نېمىشقا قايتىپ كەلدىڭىز، ماڭا قارايدىغان سېستىرالار بولغاندىكىن، ئالدىرىماي ئىش-كۈشلەرنى تۈگىتىپ كەلسىڭىز بولماسمىدى.
-تۈگىدى. -ئۇ شۇنىلا دېدى. جىمىپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ گېپىگە ئىچىدىكى جىمى ھەسرىتى چڭغلانغانىدى. ئۇ گەپ قىلماي يېنىمدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئوغلۇمنى قولىغا ئېلىپ باغرىغا چىڭ بېسىپ ئۈنسىز يىغلىدى. مەنمۇ يىغلىدىم....
مەن بالنىستىدىن چىقىپ ئۇدۇل ئايچېھرەنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدىم. خۇددى ئايچېھرە ھېلى دىككىدە سەكرەپ ئالدىمغا ھېجىيىپ چىقىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ كۆزيېشى قىلدىم. بەختىيار مرنى قولتۇقلاپ جىجىت تۇراتتى. ئۇنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقىنىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.
ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن بەختىياردىن ئشنىڭ تەپسىلاتىنى سورىدىم، ئۇ يېڭىدىن ئۆگەنگەن تاماكىسىنى شورىغاچ بايان قىلدى.
ئايچېھرەنىڭ خېلى بۇرۇنلا بېشى قايىدىغان بولۇپ قالغانىدى، ئۇنىڭغا دوختۇرغا كۆرۈنگىن دېسەم، ما، ئەنە دەپ سەل قارىدى، مەن ئۇنى تەكشۈرتكىلى ئاپارغاندا قان راكى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتىكەن، ئۇ بۇنى خېلى بۇرۇنلا بىلەتتىكەنتۇق. دوختۇر بىرخىل ئوكۇلنى ئۇرۇپ تۇرسا ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ، دېگەنىدى. ئەمما كار قىلمىدى. ئۇ بۇ سىرنى غەيرەت بىلەن سىزدىن يۇشۇرۇشۇمنى، سىلەرنى ئازقالغان ئۆمرى ئۈچۈن پاراكەندە قىلغۇسىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى. ئۇ تەنتەكنىڭ دېگىنىنى قىلماي ئامال يوق تۇرسا، ئاخىرى دوختۇر دېگەن ئۈچ ئاي ئەمەس ئۈچ ھەپتىمۇ ياشىيالمىدى. ھېلىقى ئوكۇلنى كۈندە ئۇرساقمۇ پايدىسى بولمىدى. بىچارە ئاخىرغىچە غەيرەتنى دەپ تىك تۇردى. لېكىن...-بەختىيارنىڭ ئاۋازى تىتىرەپ كەتتى. -لېكىن ئۇ يەنىلا قۇتۇلالمىدى، ئۇنىڭدىن رەنجىمەسلىكىڭىزنى ئكتۈنىمەن... -بەختىيار مېنى قۇچاقلاپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. مەن ئۇنىڭ ئەزەلدىن ئارتۇق ھاياجانلانغىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن. يىغلاش ئەمەس، كۈلۈش، ئېچىلىپ كۈلۈش... ئۇ پەقەت ئايچېھرەنىڭ ئالدىدىلا ھەقىقى كۈلۈپ، يالغان ئاچچىقلايتتى، ئۇنىڭ بۇنچە ھېسياتچان، بۇنچە ئوڭاي ھاياجانلىنىدىغىنىنى مەن ئەزەلدىن ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ ئېغىر بېسىق، تەمكىن، ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا ئەڭ ماھىر، مەڭگۈ ئاچچىقلانمايدىغان، خۇشىۇي ئادەم ئىدى. بىراق ھېلىقى كۈنى دوختۇرخانىدا قىلغان نالىلىرى، شۇ تاپتا مېنى قوۋۇرغىلىرىمنى ئۇشتىۋەتكۈدەك چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ، قاتتىق سىلكىنىۋاتقان بەستىنى زورىغا چىڭىتىپ، چىشلىرىنى چىشلەپ غارچ-غۇرچ ئاۋاز چىقىرىپ خىتىلداپ يىغلاشلىرىدىن مەن ئېنىقلا ئۇنىڭ ئايچېھرەنى ھەقىقى ياخشى ككرىدىغانلىقىنى، ئۇنى ھەتتا چەكسىز ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، تىل بىلەنتەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئەلبەتتە جەزىم قىلاتتىم. بىچارە دوستۇم ئايچېھرەنىڭ نېمىشقا بەختىيارنى ماڭا، مېنى بەختىيارغا تاپشۇرغانلىقىنى، بىزنى نېمىشقا تويغا ئالدىرىتىدىغنلىقىنىڭ تېگىدىكى بەختىيارغا بولغان چەكسىز مېھىرنى ھېس قىلغاندەك بولۇپ ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتىم ئەر-ئايال ئىككىمىز ئۇزاق يىغلاشتۇق، ئوغلىمىز ئەنقەرمۇ بىزگە قوشۇلۇپ يىغلىمىغان بولسا بىز قاچانغىچە يىغلىشاتتۇقكىن تاڭ....
شۇنىڭدىن كېيىن بەختىيار ئانا-بالا ئىككىمىزگە تولىمۇ كۆيۈمچان، ۋاپادارلىق قىلىشقا باشلىدى. ئەتكەن تاماقلىرىمنى تامشىپ يەيدۇ، قوللىرىمغا ساقلىق، بەرىكەت تىلەيدۇ. ھەركۈنى سەھەردە ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن، ئوغلىمىز بىلەن مېنى سۆيۈپ قويۇشنى قەتئى ئۇنۇتمايدۇ. مېنى دۇنيادىكى بىردىنبىر سىردىشىم، بىردىنبىر يېقىن ئادىمىم. -دەپ تەرىپلەيدۇ. كەچتە ئىشتىن كېلىپ تاماق ئېتىشىمگە ياردەملىشىدۇ، تاماقتىن كېيىن مېنى تىلىۋۇزۇر ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ قاچىلارنى يۇيۇپ چىقىدۇ، ئۇنىمىسام، قەتئى ئۇنىمايدۇ. ئۆيگە قۇرۇق كىرمەيدۇ،<< قۇۋۋەت بولىدۇ،>><< سىز ئامراق ئىدىڭىز،>>، <<بالا ئىمىتىسىز، شۇڭا ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىساق بولمايدۇ>>، <<سىز ساغلام بولسىڭىز ئائىلىمىز ساغلام، مەن ساغلەم>> ، <<بۈگۈن ئانىلار بايرىمى ئىكەن>> <<بۈگۈن ئاياللار بايرىمى ئىكەن>>،<<بۈگۈن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ئىكەن>>،<<بۈگۈن ياشلار بايرىمى ئىكەن>>.... ئىشقىلىپ ئۇنىڭ ھەركۈنى ئۆيگە مەن ئەڭ ئامراق نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كىرىشى توختاپ، ياكى ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. تۇنۇش-بىلىش، دوست-دۈشمەن ھەممىسى مېنىڭ پەرىشتىدەك بىر ئېرىمنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ بەختىيار پەرىشتىدەك بىر كىشى. ئۇ ھەرقانداق بىر ئايال كۆڭۈل دېگەن نەرسىنىڭ خىيالىغا كىرگەندىن باشلاپ ئويلايدىغان ىىيالى ئوبراز... ئۇ مېنىڭ ئېرىم... مەن ھېچكىم ئېرىشەلمىگەن ئەنە شۇنداق خىيالدىكى ئاشىققا ئېرىشكۈچى بەخىتسىز ئايال...چۈنكى ئېرىم مېنى ئەزەلدىن جېنىم چوشقام دەپ باقمىدى. ئۇ ئەزەلدىن مېنى تەنتەك جۇۋاينىمەك دەپ باقمىدى... مەنمۇ ئۇنى ئەزەلدىن گاچا، ياكى ئەخمەق تۆگە دەپ باقمىدىم. ئېرىم ھېلىقى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىپ بولۇپ كومپىيۇتېرغا قارايدۇ، مەن كىتاپ ئوقۇيمەن ياكى بالىغا قارايمەن. مەن بەخىتلىكمۇ ياكى ئەمەسمۇ بىلمەيمەن، لېكىن بەختىيار ئەڭ ئاچچىق ئازاپنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ماڭا كۈلۈپ باقىدۇ، ئەڭ ئېغىر سۈكۈت ئىچىدە مېنى قەدىرلىكىم دەيدۇ. ئەڭ قاراڭغۇ يەردە تۇرۇپ مېنى قۇياشىم دەيدۇ... ئۇ قانچىلىك چىداركىن؟!!!
ئېرىم ئايچېھرەنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنى بەلكىم كېيىن بىلگەن بولسا كېرەك...ئايچېھرە ئېرىمنىڭ ئەمەلىيەتتىكى سۆيگىنى، مەن بولسام ئېرىمنىڭ سۆيگىنى ئېرىمگە ھاۋالە قىلغان سۆيۈلگۈچى، بۇ ھال مېنى قىينايدۇ، تىنىم تاپماي قىينايدۇ. ھېچكىمگە ئېيتالمايمەن. خەقلەرگە دېسەم ئېنىقلا مېنى تىللايدۇ. چۈنكى شۇنچە كۆيۈمچا، مەسئۇلىيەتچان ئېرىم بار...لېكىن مېنىڭمۇ ھېلىقىدەك تىل-دەشنەم ئىشتكۈم، ئۇنىڭغا قېيداپ، ئەركىلەپ ئۆتكۈم بار... بىراق مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. چۈنكى بەختىيارنىڭ سۆيگۈسىنى ئايچېھرە ئېلىپ كېتىپتىكەن. بەختىياردا قالغىنى ئايچېھرەگە بەرگەن ۋەدە ئۈچۈنلا ياشايدىغان پىداكار يۈرۈككەن. كاشكى، شۇ ئىشلارنى بىلمىسەم ئىدىم، مېنىڭ ئېرىم دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ بۈيۈك ئەر دەپ، مەيدەمنى تىك تۇتۇپ ئوتتەك كۆيۈپ ياشىغان بولفتتخم، ئەمما مەن ئوتتەك ئەمەس، مۇزدەك يالقۇننىڭ ئىچىدە ئېغىر بىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە يۈكلەپ ياشىماقتىمەن. دوستۇم، ئەڭ يېقىن دوستۇم، ۋە ئېرىمنىڭ سۆيگىنى ئايچېھرەنىڭ ماڭا قالدۇرغان ئامانىتى بەختىيار بىلەن بەختىيار بىلەن ئىككىمىزنىڭ رىشتىسىنى تاڭغان ئوغلىمىز ئەنقەر مېنى ئالغا قاراشقا، بەختىيارنىڭ مۇھەببىتىنى بىر ئۆمۈر قوغلاپ ياشاشقا ئۈندەيتتى.
مەن يەنە قېيداۋېرىشنى راۋا كۆرمىدىم. بەختىيارنىڭ ئېغىر بېسىق ھالىتى مېنى شۇنچە بىزار قىلغان بولسىمۇ يەنىلا سەۋرى قىلىشقا، ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ سوغۇق قان بولۇشقا مەجبۇرى ئىدىم. بەختىيار مەسئۇلىيەتچان ئائىلە باشلىقى، كۆيۈمچان ئەر، مېھرىبان دادا ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ قەيېرى مېنىڭ بۇنچە ئاچچىقلىنىشىمغا سەۋەب بولىدۇ؟ بۇ گەپنى دېسەم تولىمۇ ئۇزۇن...ئۇچاغلاردا بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالارىمىزنى بىلسەم ئىدىم، بەختىيارنىڭ ئايالى بولۇپمۇ يۈرمەس ئىدىم. مانا ھازىر بەختىيارنىڭ ئايالىلا ئەمەس، ئوغلىمىز ئەنقەرنىڭمۇ ئانىسىمەن...لېكىن...لېكىن بەختىيار يەنە قانچىلىك بەرداشلىق بېرەر... بۇنى ئويلىسام يۈرۈكۈم ئاغىدۇ، ئەمما بۇ گەپلەرنى بەختىيارغا دېگىلىمۇ بولمايدۇ. سورىغىلىمۇ بولمايدۇ. پەقەت ئىچىمدىلا توۋلاپ ئۆتۈپ كەتسەم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەختىيار <<ۋاك>>دېگەندە ئاندىن بولۇشۇم مۇشۇ، -دەپ ئولتۇرۇشۇم كېرەك، بىراق ئۇ قورقۇنۇشلۇق كەلمىشتىن مەن بەك قورقىمەن. ئۇ كۈنلەرنى مەن قوبۇل قىلالمايمەن...
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاستا ھۇجرا ئۆيگە كىرىپ كەتتىم، بەختىيار كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئادىتى بويىچە كونۇپكا تاختىسىنى تاراقلىتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئۆيدىكى كۆپ ۋاقتى ئەنە شۇ ئۆلگۈر كومپىيۇتېر بىلەن ئۆتىدۇ. مەن ئۇنى نەچچە قېتىم بۇزۇپ كويدۇم، ئەمما بەختىيار قېشىغا كەلسىلا ياپۇننىڭ كونا ساندۇقى يەنە ۋۇشۇلداپ قوزغىلىدۇ، كومپىيۇتېرنى بۇزغىلى بولغان بىلەن ئارىمىزدىكى تامنى، ياق، تولدۇرۇش مەڭگۈ مۇمكىن بولمايدىغان ھاڭنى ھەرگىزمۇ بۇزغىلى بولمايدىكەن...
تامام
2010-يىلى8-ئاينىڭ6-كۈنى
شەھىرى خوتەن
مەنبە: ئۆز ئەسىرىم