نەقىل
引用楼主hakikatqi于2010-09-19 10:24发表的 4.ئەتىگىنى قۇرئان ئوقۇلۇپ قىلىنغان نىكاھ -كەچتە تويىدا قۇيۇلغان ھاراق سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالىدۇ-دە،<<خوتۇنى>>بىلەن بىرگە بولسا<زىنا>قىلغان بولىۋېرىدۇ،ناۋادا شۇ كۈنىسى <<خوتۇنى>>نىڭ بويىدا قالغان بولسا تاپقان بالىسى<ھاراملىق>بولىدۇ،شۈبھىسىزكى بۇنداق بالىدىن كەلگۈسىدە ھەم ھىچكىمگە ۋاپا كەلمەيدۇ.
بۇ گەپنىڭ ئاساسىي بار جۇمۇ، بولۇپمۇ ھاراق سورۇنىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىچە چوڭ ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىشىپ كېتىشلىرى؛ بەزى ئاتالمىش «ئەرباپ»لارنىڭ ئۆزىچە مىللىتىمىز ئۈچۈن، مىللىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات بايلىقلىرى ئۈچۈن دەپ رۇمكا سوقۇشتۇرۇشلىرىنى كۆرۈپ توۋا دەپ قالغان ئىدىم.
يۇقىرىدىكى نەقىلگە كەلسەك بۇ تۇردىشىمىز نەق گەپنى قىلىپتۇ. ئۆتكەندە مەھەللىدىكى چوڭلاردىن «شەنبىلىك بۇۋاق» دېگەن گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇنى مەن سىلەرگە سۆزلەپ بىرەي.
مۇشۇ 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ رېستۇران، قاۋاقخانا، كېچىلىك بەزمىخانىلارغا بېرىش قىزغىنلىقى قوزغالغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ئائىلەر ھاراقكەشلىك، رەڭلىك سورۇن، قاتار چايلارنىڭ تەسىرىدىن ۋەيران بولۇشقا باشلىدى، نەزەر سالساق جەمئىيەتتە ئۇنداق ئىشلار ئىنتايىن نۇرغۇن. توي-تۆكۈنلەرنى دېمەيلا قويايلى، ھەتتا بەزى ئاياللارنىڭ قاتار چايلىرىمۇ شاراپسىز ئۇزىمايدىغان بولدى. گەپنىڭ توچكىسىنى قىلغاندا، ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا مەس ھالەتتە ئۆيىگە قايتىپ، ئەر-خوتۇن بىر ياستۇققا باش قويغاندا تۆرەلگەن بالىنى «شەنبىلىك بۇۋاق» دەپ ئاتىغىنى ئىكەن، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تۇغۇلغان بالىلار (ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس، تىرىشچان، ياخشى قىز-يىگىتلەر يەنىلا ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ)نىڭ ئۆكتەم، ھورۇن، مەنمەنچى بولۇپ قېلىشىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ سورۇنپەرەسلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇرىغا قول قويدۇم. .