باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 17669 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تەمبۇر شاھىنىڭ قىسقىچە ھاياتى
دەرىجە: *
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: *
ئومۇمىي يازما: *
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە*دانە
ئۆسۈش: * %
مۇنبەر پۇلى: * سوم
تۆھپىسى: * كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
گۇرۇپپا: kangsay
تىزىملاش: *
ئاخىرقى: *
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-18 19:17

تەمبۇر شاھىنىڭ قىسقىچە ھاياتى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما oglan تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-09-18)

     

    
تۇرسۇنجان (چاڭ) ئوغلى مەرھۇم نۇرمەھەممەت تۇرسۇن 1957-يىلى 1-ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچى ھەربىي سەنئەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئاتىسى تۇرسۇن (چاڭ)1951-تىلدىن باشلاپ ئۆلكىلىك ھەربىي رايۇن سەنئەت ئۆمىكىدە چاڭچى بولۇپ ئىشلەپ،1958-يىلى ئىلىغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن ،ئىلى ئوبلاسلىق تىياتىردا چالغۇچى ھەم چالغۇ ئەسۋاپ ياسىغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.1979-يىلى 20-ماي يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 5تە 60 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
مەرھۇم نۇرمەھەممەت تۇرسۇن  5يىشىدىن 19- يىشىغىچە ئاتىسىنىڭ ئىزچىل تەربىيىسىدە بولۇپ، دۇتتار،تەمبۇر،ساتار،راۋاپ قاتارلىق چالغۇلارنى ئۈگەنگەن .
1976-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلوق ئوپىرا ئۆمىكىگە ساتار كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان،ھەمدە 1992-يىلغىچە شۇ ئورۇننىڭ كەسپى چالغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇقام گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ نوتىغا سىلىش ئىشلىرىغا قاتناشقان.بۇ چاغدا مەرھۇمنىڭ  ئالاھىدە ئەستە تۇتۇش قابىليىتى بۇ خىزمەتنىڭ تېز ئاخىرلىشىشىدا زور رول ئوينىغان.1982-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت مىللىي مۇزىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ،تەمبۇر كەسپى بويىچە1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ھەمدە مەركىزىي مۇزىكا ئوركىستىرى بىلەن بىرلىشىپ ئورۇنلىغان بىر قانچە خەلىق ئاھاڭى لىنتىغا ئىلىنغان،بۇ چاغدا ئۇ يەردىكى مۇزىكا مۇتەخەسىسلىرى مەرھۇمنى <<تىلسىم ئادەم>> دەپ تەرىپلەشكەن.شىنجاڭدا <ياشلار بۇلبۇلى> دەپ ئاتىلىپ ،گىزىت-ژورناللاردا تونۇشتۇرۇلغان.
1986-يىلى ۋە 1998-يىللىرى پاكىستان،قازاقىستان ،ئۆزبەكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان.شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسى ئاۋازغا ئالغان ،مەرھۇم تەمبۇر ۋە ساتتار بىلەن ئورۇنلىغان خەلىق  ئاھاڭلىرى مۇقاپ مەرغۇللىرى ۋە ئىجادىي ئاھاڭلار نۇرغۇن بولۇپ ،سانى ھازىرغىچە ئىنىق ئەمەس.
"چىمبۇلاق" "ساتار كۈيى" "كۈن ۋە تۈن" "تەمبۇر شاھى" "دىل كۈيى" "ئەجەپ يىللار " "مۇناجەت" "تەمبۇرۇم"قاتارلىق ئۈن-سىن پىلاستىنكىلىرى  نەشىر قىلىنغان،يۈزگە يېقىن ئۈن-سىن لىنتىلىرىغا تەمبۇر،ساتار، دۇتتار كىرىشتۈرۈلگەن.
 "ساتار كۈيى " ،"خەت يازماي ئۆزۈڭ كەلگىن "، "ئاتا قەدرى" ،"رازى بول ئانا" ،"يەنە كۆڭلۈم سىنى دەيدۇ"قاتارلىق30 غا يېقىن ئاھاڭ ئىجات قىلغان.
  مەرھۇم ئۆزىنىڭ سىھرىي كۈچكە تولغان مۇزىكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ يۈكسەك باھاسىغا ئىگە بولغان سازەندە ئىدى.2004-يىلى 19-دىكابىر يەكشەنبە ئەتىگەن سائەت 4.30  دا يوشۇرۇن يۈرەك كىسىلى بىلەن 47 يىشىدا ئۈرۈمچىدە ئۇشتۇمتۇت ئالەمدىن ئۆتتى.
   مەنبە:مەرھۇمنىڭ نەزىرىدە تارقىتىلغان تەرجىمالىدىن ئىلىندى. 
[ بۇ يازمىنىsirik 2012-06-18 13:01قايتا تەھرىرلىدى ]
كەلگەن جايى: 新疆 چوققا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2383
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 25 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-27
ئاخىرقى: 2010-11-25
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-28 12:36

6(fatih204)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

ا للا  ئەجېرڭېزنې بەرسۇن.