查看完整版本: [-- تەمبۇر شاھىنىڭ قىسقىچە ھاياتى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> داڭلىق شەخسلەر -> تەمبۇر شاھىنىڭ قىسقىچە ھاياتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kangsay 2010-09-18 19:17
[attachment=2726]
     

    
تۇرسۇنجان (چاڭ) ئوغلى مەرھۇم نۇرمەھەممەت تۇرسۇن 1957-يىلى 1-ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچى ھەربىي سەنئەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئاتىسى تۇرسۇن (چاڭ)1951-تىلدىن باشلاپ ئۆلكىلىك ھەربىي رايۇن سەنئەت ئۆمىكىدە چاڭچى بولۇپ ئىشلەپ،1958-يىلى ئىلىغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن ،ئىلى ئوبلاسلىق تىياتىردا چالغۇچى ھەم چالغۇ ئەسۋاپ ياسىغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.1979-يىلى 20-ماي يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 5تە 60 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
مەرھۇم نۇرمەھەممەت تۇرسۇن  5يىشىدىن 19- يىشىغىچە ئاتىسىنىڭ ئىزچىل تەربىيىسىدە بولۇپ، دۇتتار،تەمبۇر،ساتار،راۋاپ قاتارلىق چالغۇلارنى ئۈگەنگەن .
1976-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلوق ئوپىرا ئۆمىكىگە ساتار كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان،ھەمدە 1992-يىلغىچە شۇ ئورۇننىڭ كەسپى چالغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇقام گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ نوتىغا سىلىش ئىشلىرىغا قاتناشقان.بۇ چاغدا مەرھۇمنىڭ  ئالاھىدە ئەستە تۇتۇش قابىليىتى بۇ خىزمەتنىڭ تېز ئاخىرلىشىشىدا زور رول ئوينىغان.1982-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت مىللىي مۇزىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ،تەمبۇر كەسپى بويىچە1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ھەمدە مەركىزىي مۇزىكا ئوركىستىرى بىلەن بىرلىشىپ ئورۇنلىغان بىر قانچە خەلىق ئاھاڭى لىنتىغا ئىلىنغان،بۇ چاغدا ئۇ يەردىكى مۇزىكا مۇتەخەسىسلىرى مەرھۇمنى <<تىلسىم ئادەم>> دەپ تەرىپلەشكەن.شىنجاڭدا <ياشلار بۇلبۇلى> دەپ ئاتىلىپ ،گىزىت-ژورناللاردا تونۇشتۇرۇلغان.
1986-يىلى ۋە 1998-يىللىرى پاكىستان،قازاقىستان ،ئۆزبەكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان.شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسى ئاۋازغا ئالغان ،مەرھۇم تەمبۇر ۋە ساتتار بىلەن ئورۇنلىغان خەلىق  ئاھاڭلىرى مۇقاپ مەرغۇللىرى ۋە ئىجادىي ئاھاڭلار نۇرغۇن بولۇپ ،سانى ھازىرغىچە ئىنىق ئەمەس.
"چىمبۇلاق" "ساتار كۈيى" "كۈن ۋە تۈن" "تەمبۇر شاھى" "دىل كۈيى" "ئەجەپ يىللار " "مۇناجەت" "تەمبۇرۇم"قاتارلىق ئۈن-سىن پىلاستىنكىلىرى  نەشىر قىلىنغان،يۈزگە يېقىن ئۈن-سىن لىنتىلىرىغا تەمبۇر،ساتار، دۇتتار كىرىشتۈرۈلگەن.
 "ساتار كۈيى " ،"خەت يازماي ئۆزۈڭ كەلگىن "، "ئاتا قەدرى" ،"رازى بول ئانا" ،"يەنە كۆڭلۈم سىنى دەيدۇ"قاتارلىق30 غا يېقىن ئاھاڭ ئىجات قىلغان.
  مەرھۇم ئۆزىنىڭ سىھرىي كۈچكە تولغان مۇزىكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ يۈكسەك باھاسىغا ئىگە بولغان سازەندە ئىدى.2004-يىلى 19-دىكابىر يەكشەنبە ئەتىگەن سائەت 4.30  دا يوشۇرۇن يۈرەك كىسىلى بىلەن 47 يىشىدا ئۈرۈمچىدە ئۇشتۇمتۇت ئالەمدىن ئۆتتى.
   مەنبە:مەرھۇمنىڭ نەزىرىدە تارقىتىلغان تەرجىمالىدىن ئىلىندى. 

adiham 2010-09-18 19:33
ياخشى تېما يوللاپسىز .بىز ئۈچۈن يوللىغان تېمىڭىزغا رەھمەت.

alim916 2010-09-18 19:57
مەرھۇمنىڭ چالغان مۇزىكىسىنى ھەر كۈندە دىگۈدەك ئاڭلاپ تۇرىمەن تەمبۇر دىگەننى ئالامەت چەپ قوياتتى بۇندىن كېيىن يەنە مۇشۇنداق تەمبۇرچىلارمۇ چىقارمۇ

salamgulja 2010-09-19 13:56
اللە ياتقان جايى جەننەتتە بولغاي!!!!

huxdil 2010-09-19 22:24
خەلىق ياخشى كۆرگەن ئادەملەرنىڭ كۆپۈنچىسى ياش  تۇرۇپ كىتىپ قالدى دىسە

520ahsa 2010-09-20 23:51
ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن چوڭ يۇقۇتۇش بولدى .مەن بىلەن ئىسمداش ئىكەن .مەنمۇ بىر مۇزكانىت بۇلىشنى ئارزۇقىلاتىم ھيھيھيھھھھھھھھھھھھھھي   

fatih204 2010-09-21 11:34
ھازىرقى ياش تەمبۇرچىلار  بۇ ئادەمنىڭ ئىزىدىن بېسىپ چىقىۋاتىدۇ ،
  بۇ كىشىنىڭ چىقارغان پۇراقلىرى تەمبۇر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئوگىنىش ئوبىكتى،
ئوزگىچە پۇراق چىقىرىۋاتقانلارمۇ بار    ،،،،   لىكىن كوپىنچىسى ئىككىلا ئاڭلىسا زىرىككۇدەك پۇراقلار      ،،،   مانا بۇ رەھمىتىنىڭ 1999-يىلى سىڭلىسى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ <ئوتلۇق كىچىلەر>ناملىق پىلاستىنكىسىدا چالغان ئەجەم مۇزىكىسىدىكى پۇراقلار ، بۇپمۇ   مۇزىكا ئاخىرىدا چىقارغان پۇراق  تا ھازىرغىچە  ئەجەم چىلىنسا تەقلىت قىلىنىۋاتىدۇ،  مانا ئون يىل بوپتۇ     تىخى سىھرى كۇچىنى يوقاتقىنى يوق،،،،،          
        يەنە بىرى بۇ كىشى ھايات ۋاقتىدا چىلىپ نەشىر قىلىشقا ئۇلگىرەلمىگەن خىلى كوپ مۇزىكىلىرى بار ئىكەن،   ھەي شۇ مۇزىكىلار نۇمۇسسىز دەي ئوغۇرلىرىنىڭ قولىغا چۇشۇپ كەتكۇچە تىزراق نەشىر قىلىنسا بولاتتى دەيمەن

turditohti 2010-09-27 23:05
ھەقىقەتەن ئەل سويگەن سەنئەتكار ئىدى،مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي.

saidula 2010-09-28 12:36
ا للا  ئەجېرڭېزنې بەرسۇن.

saderden 2010-10-08 22:57
خەلىقنى سۇيگەنلەر ،خەلىق قەلبىدە مەڭگۇ ياشايدۇ، قىرىنداشلار

abdul 2010-10-10 20:33
ياخشى تېما يوللاپسىز .بىز ئۈچۈن يوللىغان تېمىڭىزغا رەھمەت.

sepnes 2010-10-14 23:20
ياش كېتىپ قالدى... ... ...

abdul 2010-10-28 03:58
قولىڭىزغا دوت يەتمىسۇن

salur 2010-11-02 15:15
ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن چوڭ يۇقۇتۇش بولدى .

mahmood 2010-11-10 11:16
20يىلغىچە بۇنداق تەمبۈرچى چىقمايدۇ

xahruh 2010-11-10 11:18
ئاڭلىسام ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ داڭقى بار ئىكەندۇق ،،،،،،،،

avam0507 2010-12-09 00:26
مەن  ئۆزۈم كىچىك بولساممۇ مەرھۇمنىڭ چالغان مۇزىكىلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن (كۈندە ئاڭلايمەن ، دىل كۈيى ، ئەجەم ،،،)
ئۆزۈم كىچىك بولساممۇ دېيىشىمدە نۇرغنلىغان مەڭە ئوخشاش ياش دوسلار مۇقام ، خەلىق ناخشىسى ، مۇشۇنداق مىللىيچە مۇزىكا دېگەنلەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدىكەن ، لېكىن مەن دەل ئەكسىچە....

aksu 2010-12-19 00:28
ھەقىقەتەن كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چەككىدەك مۇزىكىلارنى ئاجايىپ ماھىرلىق بىلەن ئۇرۇنلىغان ئىدى دە،ئەپسۇس بەك ياشلا كېتىپ قالدى،مەرھۇم.

uyghur1 2011-01-03 00:09
مەرھۇم ئۆز ئۆمرىدە تەمبۇر مۇزىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان .
ئۇ چالغان سازلار ئۆلمەيدۇ !

albax 2011-02-12 12:24
بىر ئىنىسى بۇلىدىغان ، ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتاتتى ، تەمبۇرنىمۇ ياخشى چالاتتى . ئىلى ناخشىلىرىغا ئاۋازى بەك ياخشى كىلەتتىكەن .

ئالىم 2011-03-18 00:17
ئۇنداق كىشىدىن يەنە بىرى چىقىشى تەس جۇمۇ! ھەقەقەتەن مۇزىكىنى بەك ياخشى چالاتتى .

batuq 2011-03-18 00:31
مەرھۇمنى ھەربىر ئۇيغۇر مەڭگۈ ياد ئىتىدۇ.

كەپتەر 2011-05-17 22:59
ھەقىقەتەنمۇ تەمبۇر شاھلىرنىڭ شاھى ئىدى مەرھۇم ، ياتقان يىرى جەننەت بولسۇن .
بۇنداق يەنە بىر خەلىق سەنئەتكارنىڭ بولۇپمۇ تەمبىر چىلىشتىكى ماھارىتىدە ئوخشاش بىرسنىڭ چىقىشى  ھەي    

بىناۋا 2011-07-09 14:49
ئۇنىڭ دائىم رەتلىك،پاكىزە كىيىنىپ يۇرۇشىمۇ بىر سەنئەت  ئىدى.

بىناۋا 2011-07-16 15:20
نۇرى تۇرسۇننىڭ ئاتىسىمۇ <<3 ۋىلايەت ئىنقىلابى>>دا بىر قولىغا مىلتىق ئېلىپ،دۇمبىسىگە تەمبۇرنى تېڭىپ جەڭگە كىرگەن ۋە ئۇرۇش ئارىلىقىدىكى قىسقا جىمقىتلىقتا جەڭچىلەرگە مۇزىكا چېلىپ بېرىپ،روھىنى كۆتەرگەن،شېھىدلەر ئۈچۈن ماتەم مۇزىكىسى چالغان ئىكەن.
    مانناپ قادىرى(دىرامماتورگ ۋە پىداگوك)  ئەسلەپ شۇنداق دېگەن ئىدى.

turkizat 2011-07-16 16:11
مەرھۇمنىڭ ئۇرۇندىغان ئۇلمەس مۇزىكىلىرى خەلىق قەلبىدىن مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.

سىرلىقيار 2011-07-16 20:06
مەنمۇ مەرھۇم ئاكىمىزنىڭ چالغان مۇزىكىللىرىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. بولۇپمۇ كۈن ۋە تۈن دىگەن مۇزىكىسىنى. تەمبۇرنى باشقىلارمۇ چالىدۇ، مەسىلەن خالمۇرات ئاكا چالىدۇ، يەنە مەرھۇمنىڭ ئىنىسى چالىدۇ، يۇقارقى ھەر ئىككەيلەن خىلى ياخشى چالىدىغانلاردىن ئەمما نۇرمۇھەممەت ئاكىنىڭكىكدەك يۈرەكنى تىترەتمەيدۇ.
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي!~

بىناۋا 2011-07-19 09:39
نۇرى ھەقىقەتەن ياش كېتىپ قالدى.

yawuz2 2011-07-31 15:49
  تارىختىن بۇيان بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان مەشھۇر كىشلەرنىڭ ھايات مۇساپىسى ناھايتىمۇ قىسقا ،ئالغان مۇكاپاتىدىن ئىرىشكەن ئازابى كۆپ بولغان .مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولغاي !

بىناۋا 2011-09-16 06:46
<<ئادەم مۇزىكا ئارقىلىقمۇ ئەڭ ئالى ھۆرلۈككە ئېرىشەلەيدۇ.>>

                                  چىڭغىز ئايتماتوف

بىگان 2011-12-11 19:58
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

007ئەركەك 2012-01-03 01:14
ئا جا يىپ ئادەمتى رەھ مەتلىك

unqa 2012-01-05 00:10
مەرھۇمنى تۇنۇيدىغانلار مۇنبىرىمىزدە خېلى كۆپكەن ، ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ھاياتىنى ياخشى قىلىپ بەرگەي.

نەزەرشاھ 2012-01-23 18:49

oglan 2012-01-23 23:04
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي....

ئابدۇخېلىل 2012-02-21 19:50
مەنمۇ ھەركۈنى دىگۈدەك بۇ مەرھۇم تەمبۇر پىشۋاسى ئۇرۇنلىغان مۇزىكىلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن،مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولغاي ئامىن.

سايىۋەن2 2012-06-18 12:53
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى salamgulja نىڭ 2010-09-19 13:56 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
اللە ياتقان جايى جەننەتتە بولغاي!!!!

تەمبۇر بىلەن جەننەتكە كىرگىلى بولسا ئىدى ھە؟

.boran 2012-06-18 13:40
مىنىڭ  ئالىشىمچە  قاتناش ۋەقەسىدە  قازا قىپ دەپ ئاڭلىغان ئەسلىدە يۇرەك كېسىلى  بىلەن تۇگەپ كىتىپتۇ دە  رەھمەتلىك
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتە بولغاي  

تەۋىپىق 2012-08-26 11:00
مەرھۇمنىڭ مۇزىكا كېچىلىەىنىڭ پىلاستىنكىسى  تېزراق نەشىر قىلىنسا بولاتتى دەيمەن!

nuzukum 2012-08-27 23:52
    مەرھۇمنىڭ چالغان مۇزىكىلىېىدا بار مەنمۇ شۇنداق ياقتۇرىمەن


查看完整版本: [-- تەمبۇر شاھىنىڭ قىسقىچە ھاياتى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.059142 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us