باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 7225 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: ئىسلامىي تىما يوللىغۇچىلارغا(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-14 18:38

ئىسلامىي تىما يوللىغۇچىلارغا(ھەمزە)

                                     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ رۇزى ھېيتىڭلارنى تەبرىكلەيمەن. ھەممىڭلارنىڭ ئۇلۇغ رۇزھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

مەن مۇنبەرگە كىرمىگىلى  خېلى كۇنلەر بۇپ قاپتۇ.گەرچە بىر نەرسە يوللىمىساممۇ ۋاختىم چىقسىلا تىما ئىنكاسلارنى ئاساسەن كۇرۇپ تۇرۋاتىمەن.
بۇ  مۇنبەرگە ئىسلامىي تىما يوللايدىغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ خېلىلا كۆپىيىپتۇ. بۇ ياخشى ئەھۋال. ئىسلامىي يىتەكچىلەر قانچە كۆپ بولسا ئىسلامنى چۇشۇنىدىغانلارمۇ شۇنچە كۆپ بۇلىدۇ. ئەمما بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز ئىسلامىي تىمىنىڭ پايدا زىينى بىلەن ھىسابلاشمايلا زامان،ماكان،شارائىت دىگەنلەربىلەن قىلچە ھىسابلاشماي مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئىختىلاپ تېرىيدىغان تىمىلارنىمۇ يوللاۋېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ كاللىسى بۇيىچىلا ئىنكاسلارنى يېزىۋېرىپتۇ. يا ئايىغى چىقماپتۇ. تىما ئىگىسى بولسا ئىسلامنىڭ مەقسىتىنى تۇلۇق چۇشەندۇرمەكتە يوق غىپپىدە تىكۋېتىپتۇ.
بىز ئويلىشىمىز كىرەككى؛ بىزنىڭ تۇرۋاتقان يىرىمىز قانداق يەر؟
بىز يازماقچى بولغان تىمىنى ئۇقۇيدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسلامىي چۇشەنچىسى قانچىلىك؟
ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ سەۋسىيى قانداق؟
بىز يازماقچى بۇلۋاتقان تىما ئىختىلاپ تېرامدۇ يوق؟ ئەگەر ئىختىلاپ بۇپ قالسا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرەلەمدۇق؟
بىز يوللىماقچى بولغان تىمىنىڭ باشقىلارغا پايدىسى يىتەمدۇ ياكى زىينىمۇ؟
....................



ئىسلام دىنى ئورتىھال مۆتىدىل دىن. ھەرقانداق ئىشقا ئورتىھال يول تۇتىدۇ. ئىسلامدا چېكىدىن ئاشۇرۋېتىش ھارامدۇر.
پەيغەمبىرىمىزمۇ ھەرقانداق ئىشنىڭ ئورتىھال بولغىنى ياخشى دىگەن.
بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزئىسلام دۇنياسىدىمۇ ئىنىق بىر تەرەپكە ئايرىلمىغان نازۇك مەسىلىلەرنى(بەزى قېرىندىشىمىز ئۇچ تالاقنىڭ ھۆكمى ،مۇسۇلمانلارغا مەزھەپ كىرەكمۇ،) بۇ مۇنبەرگە سۆرەپ ئەكىرىپتۇ. ئاللاھ خالىسا نىيتىڭىز ياخشى. ئەمما سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزنىڭ مۇسۇلمانلارغا يەتكۇزىدىغان پايدىسىدىن زىينى كۆپرەك بۇپ قېلىشى مۇمكىن.


چۇنكى بۇ مەسىلە ئىسلام دۇنياسىدا نادىر مەسىلىلەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغان. ھەم بىرلىككە كىلەلمىگەن. ئەمما ھەر ئىككىلىسى ئۇچۇن ئۇچۇق دەلىللەر بار. يەنى بىر لەپزىدە دىيىلگەن ئۇچ تالاق بەزىلەرنىڭ نەزرىدە ئۇچ تالاق. يەنە بەزىلەرنىڭ نەزرىدە بولسا بىر تالاق. بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇچۇن دەلىللەر بار.
بۇ بىزلەر تالاش تارتىش قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس. ھەم بىزلەرنىڭ ئۇ مەسىلە توغۇرلۇق بىر نەرسە دىيشىمىزگە سالاھىيتىمىز يوق. بىز دەيمىزكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئەگىشىمىز دەيمىز.
 قېرىنداشلار بۇنداق تىمىلارنى مۇنبەرگە بۇلۇپمۇ بۇ كەڭ ساي مۇنبىرىگە ئەكىرمەيلى. بۇ ئىسلامىي مۇنبەر ئەمەس.
ھەم بىزنىڭ پىقھى مەسىلىلەر ئۇستىدە ئىزدىنىشىمىزگە تېخى بالدۇر.
بىزنىڭ مۇھىم ئىشىمىز ئەقىدە ئىتقادنى توغۇرلاش.  ئەگەر ئەقىدە ئىتقاد توغرىلانمايدىكەن ھېلىغۇ ھازىرقى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ھۈكمى ئىكەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھۈكىمىگىمۇ ئەمەل قىلىش قىيىنغا توختايدۇ.

ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا تۇلۇق ئىتائەت قىلىش بارلىق مۇسۇلمان تەخەللۇسىنى قوللىنىۋالغانلارغا پەرزدۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن <مۇسۇلمان> پەقەت تىلىدىلا قەپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن بۇ مۇنبەرگە ئىسلامىي تىما يوللايدىغان قېرىنداشلار باشقىلارغا پايدىلىق بولغان تىمىلارنى يوللىساڭلار...

قايسى كۇنىسى قارسام <بىزنىڭ دىنىمىز قانداق دىن، بىز مۇسۇلمانمۇ...> دىگەندەك بىر قۇرلا كىلىدىغان ئىبارىلەر بىلەنمۇ تىما يوللاپتۇ. باشقۇرغۇچىلارمۇ كەڭ قۇرساقلىق بىلەن تەستىقلاۋېرىپتۇ. بىز سۇئال سورغانكەنمىز ئەلۋەتتە جاۋابىنىمۇ يېزىشىمىز كىرەك.
ئەگەر مەقسىتىڭىز ئىسلامنى چۇشەندۇرۇش بۇلىدىغان بولسا ھەممىلا ئادەم چۇشۇنەلەيدىغان ئاممىباب تىل بىلەن چۇشۇنۇشلۇك،ئىخچام قىلىپ يوللاڭ.
ئەگەر سىزنىڭ سەۋەبىڭىز بىلەن بىر ئادەم ئىسلامنى چۇشەنسە ۋە توغرا يولدا ماڭسا قىيامەت كۇنى سىزگە ھۆججەت بۇلۇپ كىلىدۇ.
پەيغەمبىرىمىزمۇ ئەلى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازىي بولسۇن)نى بىرجەڭگە ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: سەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كىيىن ئۇلارنى چىرايلىقچە ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلغىن. سەن ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئىسلامغا كىرشى سىنىڭ جەڭدىن قىزىل تۈگىلەرنى غەنىمەت ئېلىپ كەلگىنىڭدىن ئەپزەلدۇر دىگەن. (ئەرەپلەرنىڭ نەزرىدە قىزىل تۇگە ئەڭ ياراملىق مال ھىسابلىنىدىكەن).
سىز تىما يازماقچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن شۇ تىمىڭىزنى ياخشى تەھلىل قىلىپ بېقىڭ. پايدىسى كۆپمۇ ياكى زىينىمۇ؟ سىزنىڭ تىمىڭىز ھەگىزمۇ مۇسۇلمانلار بىرلىشەلمەيدىغان مىللەت دىگەن ئۇقۇمنى كەلتۇرۇپ قويمىسۇن. ھەم مۇشۇ مۇنبەردىكى بەزىلەرگە بۇپ  بىرىدۇ.دە ئىسلامىي تىما چەكلىنىشكە مەجبۇر بۇپ قالىدۇ. 


كەڭ ئىسلامىي تىما يازىدىغان قېرىنداشلىرىمغا دەيمەنكى
1. ئىسلامىي تىما يوللاشتا پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۇچۇنلا يوللاڭ. ئۇنداق بولمىغاندا سىز رىيا ئەمەل قىلغان بۇلىسىز. رىيا شىرىككە ئېلىپ بارىدۇ. شىرىك دەۋزەختە مەڭگۈ يىتىشقا سەۋەبچى بۇپ قالىدۇ. ئاللاھ بىزنى دەۋزەختىن ساقلىسۇن.
2. ئىسلام دۇنياسىدا ئختىلاپقا ئۇچۇرغان بەزى تىمىلارنى يوللىماڭ. بىرلىكنى ساقلاش پەرز. پىتنە تېرىش ئادەم ئۆلتۇرۇشتىنمۇ ياماندۇر. مەسلەن قەسىر ناماز ئۇقۇغاندا سۈننەتنى قەسىر قىلامدۇ ياكى قەسىر قىلمامدۇ ۋە ياكى سۇننەتنى ئۇقۇمامدۇ.... دىگەنگە ئوخشاش .
3.ئىسلام دىننى تار مەنىدە چۇشەندۇرمەڭ. ئىسلام دىنى تار مەنىدىكى دىن ئەمەس. پەيغەمبىرىمىزمۇ ئىككى ئىشقا دۇچ كەلىسە گۇناھ بولمايدىغانلا بولسا ئىشنىڭ ئاسانراقىنى تاللايتتى. ھەم رەسۇلۇللاھمۇ ئاسانلاشتۇرۇڭلار.تەسلەشتۇرمەڭلار.كىشىلەرنى ھۈركىتىۋەتمەڭلار.تەتۇر قارشىۋالماڭلار ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بۇلۇڭلار دەپ مۇسۇلمانلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى نامايەن قىلىشقا بۇيرىغان.
4.سىزنىڭ تىمىڭىز ئىسلامنى يىڭىدىن چۇشۇنۇشكە باشلىغانلارغا مەدەتكار بولسۇن. ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ كاللىسىدا سۇراق بەلگىلىرىنى قۇيۇپ قويمىسۇن. ئۇلارنىڭ نەزرىدە ئىسلام دىنغا ئىتقاد قىلغانلىقىغا پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بولسۇن.

5.مەزھەپ مەسىلىرىنى قەتئىي مۇنبەرگە سۆرەپ كىرمەيلى. مەزھەپ مەسىلىرى يىڭى ئىسلامنى چۇشىنىۋاتقانلارغا بەكمۇ پايدىسىز. ئۇلارنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇپلا قۇيىدۇ.

 مەزھەپ پىشۋالىرىنى باشقىلارغا يامان كۆرسىتىدىغان ئىش بۇپ قالمىسۇن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرى. ھەممىسى ئىسلام دىنى ساھاسىدە ئۇتۇق قازانغان كىشىلەر. مەزھەپ مەسىلىرىنى بۇ يەرگە ئەكىرىشتىن بۇرۇن شۇ مەزھەپنىڭ پىشۋاسىنى ياخشى تۇنۇۋالايلى. ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ قۇيۇشتىن ساقلىنايلى. چۇنكى بىر ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلەشكە بۇيرۇلغان.
ئاللاھنىڭ نەزرىدىمۇ كىشىلەرنىڭ ھۆرمەتلىكراقى ئاللاھقا تەقۋادار بولغان كىشىلەردۇر. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە،ئىمام شافىي،ئىمام مالىك،ئىمام ئەھمەد قاتارلىقلار ئاللاھنىڭ تەقۋا بەندىلىرى. ئۇلار ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن كىشىلەر.

6.ئىسلام مۇنبەرلىرىدە يوللانغان تىمىلارنى بۇ مۇنبەرگە ئەكىرمەڭ. چۇنكى ئىسلام مۇنبىرىدكىلەر بىلەن بۇ مۇنبەردىكىلەرنىڭ سەۋيەسى ئوخشىمايدۇ.
بۇ مۇنبەرگە پەقەت ئەقىدە ئىتقاد،ئىمان،ئىبادەت... توغۇرلۇق تىمىلارنى يېزىڭ. ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئىمان ئىسلام ئەقىدە ئىتقاددا تۇلۇق مەلۇماتقا ئىگە بولغاندا ئاندىن پىقھى مەسىلىلىرى بىلەن تۇتۇشقىنىمىز ياخشى.ئىختىلاپىق ئىشلاردىن يىراق بۇلۇڭ.

قۇرساق ئاچقاندا ئاۋال تاماق يىيىش كىرەك. تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن ئادەم ئۇسسۇزلۇق ھىس قىلىدۇ ئاندىن سۇ ئىچىش كىرەك.
ئەگەر ئاچ قۇرساق ھالەتتە سۇ ئىچسىڭىز ئاشقازاننى بۇزۇپ ئاشقازان ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭمۇ يېنىپ كىتىشىگە سەۋەپ بۇپ قالىدۇ .


ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ بۇ سۈزىنى ئۇنتىماڭ.

ئى مۆمىنلەر! اﷲ غا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا اﷲ غا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ (يەنى اﷲ نىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر (سۈرە نىسا 58.ئايەت)

ھەممىڭلار اﷲ نىڭ ئاغامچىسىغا (يەنى اﷲ نىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، اﷲ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، اﷲ نىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، اﷲ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ(سۈرەئالئىمران 102.ئايەت)
مەنبە_______________  ھەمزە





[ hamzaتەرىپىدىن2010-09-14 19:56قايتا تەھرىرلەندى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1293
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 94
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە94دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 1025 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-29
ئاخىرقى: 2011-02-24

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،سىزنى ئىككى قولۇمنى تەڭ كۆتۇرۇپ قوللايمەن،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!!
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1191
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1111
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1111دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 12324 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-09-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-14 19:08

ئاللا گۇناھلاردىن خالى قىلسۇن ....ياخىشى گەپ بوپتۇ
كەچۇرۇڭلار ئۇرۇشمايمەن!!!!
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1524
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1524دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 16967 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-09-06
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-14 19:15

مەنمۇ سىز دىگەندەك قاراشتا
    شۇڭا ئىسىڭىزدە بولسا ، <دۇئانى مۇنداق قىلسا بولامدۇ؟>   دىگەن تىمىدىكى ئىنكاسىڭىزنى كورۇپ ،ئايرىم تۇرۇپ ئىيتىدىغان سوز ئىكەنتۇق دەپ خىيال قىلىپ قالغان ئىدىم،
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-14 19:17

ئىشلىتىش
引用第3楼fatih204于2010-09-14 19:15发表的 :
مەنمۇ سىز دىگەندەك قاراشتا
    شۇڭا ئىسىڭىزدە بولسا ، <دۇئانى مۇنداق قىلسا بولامدۇ؟>   دىگەن تىمىدىكى ئىنكاسىڭىزنى كورۇپ ،ئايرىم تۇرۇپ ئىيتىدىغان سوز ئىكەنتۇق دەپ خىيال قىلىپ قالغان ئىدىم،

مەنمۇ ئەسلى شۇنداق قىلاي دىگەن. مۇنبەرداشلارنىڭ كۈچلۇك تەلىپىگە ئاساسەن ئۇچۇق يېزىشقا مەجبۇر بۇپ قالدىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 882
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 135 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-07
ئاخىرقى: 2011-03-07
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-14 19:45

ئاللا سىزگە رەخمەت قىلسۇن !!! مەنمۇ سىزنىڭ خېلىدىن بىرى يۇقاپ كەتكىنىڭىزگە دىققەت قىلغان ، ياخشى تېما يوللاپسىز ،
ئەڭ ياخشىسى ئىنچىكە مەسىلىلەرنى ئۆز ئەتراپىمىزدىكى ئۆلمالاردىن سورىساق ،  بىر بىرىمىزنى قوللىساق ، بىر بىرىمىزنى ھۆرمەتلىسەك ، بىر بىرىمىزدىن  ئەيىپ ئىزدىمىسەك !   ئىختىلاپلاشمىساق !!!! نىمە دىگەن  .. ياخشى بولاتتى  ،      ئاللا ھەممىمىزنى  ھىدايەت قىلسۇن !!! ئامىن !!!
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1524
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1524دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 16967 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-09-06
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-14 20:01

بىر ئادەمنىڭ ئويىنى چىۋىن بىسىپ كەتتى ،ئۇ ئادەم پالاق تۇتۇپ چىۋىن ئولتىرۋاتىدۇ،دەيلى مەسلەنگە ، تۇيۇقسىز ئۇ ئادەمنىڭ ئويىگە ئوت كىتىپ قالسا ،ئۇ ئادەم داۋاملىق چىۋىن ئولتىرىشى كىرەكمۇ ياكى ،ئوتنى ئوچىرۋىلىشى كىرەكمۇ ؟ كاللىسى بار ئادەم ئەلۋەتتە ئوتنى ئۇچىرىشى كىرەك دەپ جاۋاپ بىرىدۇ ،
   خوش ، بۇگۇنكى كۇندە ئىسلام نىمىنى چەكلىسە كوپىنچى كىشىلەردە شۇ نەرسىلەر تىپىىلىدىغان بۇلۇپ قالدى ، كىشىلەرنىڭ ئىسلامى ئىڭى سۇسلىشىپ قالدى ،ئەقىدە ئىتىقاتلىرىمىزغا زىت ئىقىملار ھە دەپ كىرمەكتە ،قىسقىسى يۇرتىمىزدىكى ئىسلامنى ،ئەگەر ئوخشىتىش مۇمكىن بولسا بىر كاتتا ئىمارەتكە ئوخشاتساق ، بۇ ئىمارەتكە ئوت كەتكىلى خىلى بولدى ، بىز بولساق ئۇيىگە ئوت كەتسە كارى يوق چىۋىن قوغلاپ يۇرگەن ئادەم مىسالى  ئامىننى ئۇنلۇك دەمدۇق ئىچىمىزدە دەمدۇق   دىگەندەك ئىشلارغا ئىسىلۋىلىپ ئىختىلاپنىڭ پاتقاقلىرىغا پىتىپ يۇرۇپتىمىز،    
        بۇرادەرلەر بىز ئاۋال ئوتنى ئۇچىرەيلى ،   ئاندىن ئاللاھ نەسىپ قىلسا چىۋىننى ھەم خاتىرجەم ئۇلتىرىمىز
   ئەگەر چىۋىن ئولتىرىش  بىلەن قېلىپ بۇ ئوينى زادى بىر تازلاي دىسىڭىز،   سىز چىۋىننى ئولتۇرگىچە سىزنىڭ تازلايدىغان ئويىڭىز  كۇيۇپ كۇل بولىدۇ،
      بۇ تىما ھەقىقەتەن كوڭلۇمدىكى گەپنى قىلىپتۇ،
     ئاخىرىدا بارلىق بۇرادەرلەرگە ئىنساپ تەۋپىق ئىمان ھىدايەت تىلەيمەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1402
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-01
ئاخىرقى: 2011-11-24
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-14 23:43

شۇنداق ئېسىل تېما يوللاپسىز ، بايا تېخى يىڭىدىن ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان دوستومغا مۇنازىرە تور بىكەتلىرىدىن ئىسلام دىنى توغرىلىق مەسىلىلەرنى كۆرگەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئېيتقان ئىدىم .
كوگەن كۇنۇڭنى ئۇنۇتما شىرچورۇقۇڭنى قۇرۇتما
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 911
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 259
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە259دانە
ئۆسۈش: 280 %
مۇنبەر پۇلى: 2981 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2012-03-22
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-15 00:20

توغرادەيسىز
دوستلىشىش
تاھىربەگ
يا بولغۇنۇڭ كەبى كۆرۈن، يا كۆرۈنگىنىڭ كەبى بول
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2837
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2837دانە
ئۆسۈش: 5890 %
مۇنبەر پۇلى: 34646 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-09-04
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-15 00:48

ۋەئەلەيكۇم _ئەسسالام ھەمزە ئاكا   ،  تىمڭىزغا رەخمەت ..   چ چ   دا پەقەت ئۇچراتمايمەنغۇ سىزنى ؟  سورايدىغان سۇئالىم باتى......  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ