بەك ياخشىكەن ....ھەمزە ،،،نەدىنمۇ تاپىدىغانسىز بۇنداق ياخشى فىلىملەرنى ،،،،،،
قارىغاندا بىرەر مۇسۇلمان دۆلەتلىرى تېلۋېزىيە قاناللىرىنىڭ ئوتتتۇرىلىدا چىقىدىغان ئېلاندەك بىر
كۆرۈنۈش ئو خشايدۇ ...
بەزىدە مەنمۇ خىيال قىپ كېتىمەن ،،،تەڭتۇشلىرىمنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇ ئىسلام ئەللىرىدىكى
مۇسۇلمان بالىلىرىدەك ناماز ئۆتەيدىغان بالىلار بولسا ،،،ئوينىغاندا بىرگە ئوينىساق ،بىرگە ناماز
ئۆتىسەك ...ھاراق شاراپتىن يىراق بولساق ....چامدامدا بىر مەسچىتلەر بولسا ...قىرائەت ئاۋازلىرى
قۇلاققا ئاڭلىنىپ تۇرسا ،،،،،،،
لېكىن ئەپسۇس ...كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئەزان ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ باققاننى ھېساپقا ئالمىغاندا
خېلى بىر ۋاقىتلار بوپتۇ ،ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغىلى ...مەسچىتقۇ بار ،،،،لېكىن ئاڭلىيالمايمەنغۇ تاڭ .....
بىزدە مۇنداق ياش بالىلارنىڭ ناماز ئۆتەيدىغان كۆرۈنۈشلىرى ئاز ئۇچرايدۇ ،خۇددى ناماز ئۆتەش
قېرىلارنىڭلا ئىشىدەك ،جۈمەگە بارسىڭز 10ئادەمنىڭ 9ى ياشانغانلار ،ئىپتارغا بارسىڭز تېخىمۇ شۇنداق .....
باشقا ئەللەردە ناماز ئۆتىمىگەنلەرگە ھەيران قالسا بىز ئۇيغۇرلار ناماز ئۆتەيدىغانلارغا ھەيرانلىق
بىلەن قارايمىز ،چۈنكى ئۆتىمەيدىغانلار ئۆتەيدىغانلاردىن كۆپ ......كۈچ قۇۋىتىمىزنىڭ بارىدا
ئۆتىمەيمىز يۇ قېرىپ پۇت قولدا ماغدۇر يوق جان ھەلقۇمغا كەلگەندە ئاندىن ئاخىرەتنى ئېسىمىزگە
ئالىمىز ......ھەمىشە ۋەزىيەتتىن ئاغرىنىپ ناماز ئۆتىمەسلىككە باھانە ئىزلەيمىز ...خۇددى
بىرسى ئېغىز بۇرنىنى تېڭىپ پۇت قوللىرىنى چۈشەپ قويغاندەك ....
ئىشقىلىپ تەتۈر ئىشلا بەك جىق جۇمۇ بىزدە .......
[ xahruhتەرىپىدىن2010-09-14 20:10قايتا تەھرىرلەندى ]