غەزەل
نىيازئەلى ئادىل (تۈن لىرىكىسى)
بىر كۈلۈپ باققاندا سەن يار، بۇ جان لەھەتكە تاشلىنار،
ۋۇجۇدۇمدا سۆيگۈ ئوتى، قەلبىمدە ھىجىران جاللىنار.
نازبىلەن باققان سىياقىڭ مىسالى چۆچەك پەرىسى،
شۇگۈزەل ھۆسنى جامالىڭ ئاشىق دىلىمغا باغلىنار.
مەن ئۈچۈن ئوتلۇق لىرىكا، سىنىڭ پىنھان پىچىرلىشىڭ،
يار لىرىكاڭ مۇڭ بولۇپ،مىسكىن دىلىمنى ئويغۇتار.
يەتتە ئىقلىم بەس ھەۋەستە،كۆكتە چولپان، ھىلالمۇ ھەم،
ياد ئىتىپ گۈلدەك جامالىڭ باغلاردا بۇلبۇل سايرىشار.
سەن گويا رەيھان مىسالى،ياق...!خۇش پۇراق قىزىل گۈلۈم،
شۇ بىھىش خۇشبۇي ھىدىڭ ئەتمەكتە كۈن-تۈن بىقارار.
كۈندۈزى ئەس خىيالىم، ئاخشاملىرى چۈشىمدىسەن،
ئاي كەبى نۇرلۇق يۈزۈڭنى كۆرمەككە بولدۇم ئىنتىزار.
پاك سۆيگۈ ئىزھار ئېتىپ، باقسام كۆزۈڭگە تەلمۈرۈپ،
ئوق ئېتىپ ئاھۇ كۆزۈڭدىن ئەتمە يۈرەكنى خارۇزار.
2009-يىلى 31-ئاۋغۇسىت دۈشەنبە
غۇلجا مۇڭغۇلكۈرە شوتا يېزىسى
ئەسكەرتىش: ئەسەرلىرىمنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ!