باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 16398 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ((ئۆزبەك-ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىگە  ))دىكى  بەزى سوزلەرگە رەدىيە
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1614
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 405
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە405دانە
ئۆسۈش: 1640 %
مۇنبەر پۇلى: 5763 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-07
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-14 12:14

((ئۆزبەك-ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىگە  ))دىكى  بەزى سوزلەرگە رەدىيە

1348-يىلى تۇغلۇق تۆمىرخان ئاقسۇدا خان بولدى ،بۇ چاغدا ئۇيغۇر ئېلى يەنى شەرىقى چاغىتاي خانلىقى ئۇيغۇر ئېلىنى ئۈچكە بۆلىنگەن،
1. مۇغۇلىستان ----بۇ رايون شەرىقى تەرەپى ئالتاي تېغىدىن غەرب تەرەپى تالاس دەرياسىغىچىە ،شىمالى تەرەپى تارغاباتاي تېغى،بالقاش كۆلىدىن جەنۇپتا تەڭرى تاغلىرىغىچە ئىدى.
2. ئۇيغۇر رايونى----بۈگىنكى قۇمۇل، تۇرپان ،قارشەھەر،كورلا،كۇچا،باي،تاكى ھازىرقى ئاقسۇنىڭ جام يېزىسىغۇچىلىك بولغان جايلار ئۇيغۇر رايونى دەپ ئاتتىلاتتى(بۇ رايون ئاسەسەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسلامدىنىغا كىرمىگەن ئۇيغۇرلار كۆزدە تۇتۇلغان)
3.ماڭلاي سۈيەر رايونى(يەنى ئاپتاپلىق رايون)------ئاقسۇ،ئۈچتۇرپان،قەشقەر،يەكەن،خوتەن،پەرغانە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.(يەنى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار رايونلىرىدۇر،ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى كاپىر ئۇيغۇرلاردىن ئۆزىنى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇسۇلمان دىگەن نامنى قوللانغان )
1432 يىللىرى ئۇيرات مۇڭغۇللىرى باش كوتۈرۈپ ئالتاي تېغىغا كېڭىيىپ كەلگەندە سۇلتان ئۇۋەيىسخان پايتەختىنى ئالمالىققا كۆچىرگەن.
سىز كەشمىر پادىشاھى مىرزا مۇھەممەت ھەيدەركوراگان ازغان (( تارىخى رەشىدىيە)) دىگەن كىتاپنىڭ يۇرتلار ھەققىدە يېزىلغان بابىنى كۆرسىڭىز ھازىر قى چەكسىز كەتكەن تارىم ۋادىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى دەپ بۆلۇپ بەرگەنلىەىنى كۆرسىز.
سىز ئەلشىر ناۋايىنى شائىرلارنى تۇنۇشتۇرۇپ يازغان كىتاۋىدا(ئىسىمىنى ئۇنتۇپ قالپتىمەن) 17 ياش ۋاقتىمدا ئۇقىغان ) داڭلىق شائىر،ئۇستازى لۇتپىنى ئۇيغۇر قەۋمىدىن ئىدى،ئۆزىنى ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئىدىم دىگىنى ناھايىتى ئېنىق.
ئۇزبەك ئاتالغۇسى كىتاپلاردا ئەمىر تېمۇر زاماننسىدىن باشلاپ يەنى 1370 -يىلنىڭ ئالدى -كەينىدە ئۇچراشقا باشلىدى،ئۇ چاغلاردا پەرغانە، بۇخارا ،سەمەرقەنتتە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزبەك نامى بىلەن سالاھىتلىنىشنى خوپ كۆرمەييتى ،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزبەكلەر ياغى ئىدى.
بۇ سىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارى مۇغۇلىستان دەپ ئاتىلاتتى ،ئۇيغۇر ئتالغۇسى سوۋىتلەر دەسلەپكى دەۋرىدە چىققان دىگەن گېپىڭىزگە رەدىيە....
مەن كېيىنكى ماقالەمدە مۇغۇلىستان ۋە مۇغۇل ھەققىدە توختىلمەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7362
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 23
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە23دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 230 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-12
ئاخىرقى: 2012-02-09
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-24 11:07

  تۈركىي ئولۇسلار قېرىنداشلىقىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئارزۇسى بىلەن << تۈركىي تىللار دىۋانى>>نى يېزىپ قالدۇرغان بۈيۈك ئالىم، شاھزادە مەخمۇت قەشقەرى دەۋرىدىن بىرقانچە ئەسىر كېيىن ئەينى دەۋردىكى غەربى قاراخانىيلار زىمىنىنى تۆمۈرىيلەرجەمەتى سورىدى.تۆمۈرىيلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىدىن بابۇر شاھنىڭ ۋاقتىغا كەلگەندە (بابۇر ئۆزىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان-<بابۇرنامە>گە قاراڭ) ھازىرقى ئۆزبەكىستاننى مەركەزلىك دائىرە قىلغان زىمىنلار تۈركلەشكەن موڭغۇل ئەۋلادى-ئۆزبېكنىڭ پۇشتى شايبانىخان تېرىپىدىن بېسىۋېلىندى(بابۇر ئىلاجىسىز جەنۇپقا سۈرۈلۈپ، بابۇرىيلار سۇلالىسى-ئاتالمىش ھىندىستان موغۇل خانلىقىنىڭ ئاساسىنى تىكلىدى) .بۇ زىمىنلاردىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساسلىق تەركىپ قىلغان قەبىلە-ئولۇسلارشۇندىن تارتىپ شايبانىخاننىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى ئۆزبېكنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
بىر تورداش ناھايىتى جايىدا ئېيتىپتۇ:سەلتەنەت سۈرگەن مانجۇلار خەنزۇلارغا سىڭىپ كەتكەندەك، ئوغۇز دالاسى(قىپچاق دالاسى)دىن كەلگەن ئۆزبېكلەرئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان خەلقلەر تەرىپىدىن ئاسسىملاتسىيە قىلىنغان. تۈرىختا ئۇلارنىڭ ئۆزبېك دىگەن نامىلا قالغان.

بەزى ئۆزبېك قېرىنداشلارنىڭ گەپلىرىگە سۈكۈت قىلىش كېرەك ئىدى. بىراق...

<بۇ مەينەت مەندە تۇرماس، ئۇ دۆلەت سەندە >دىگەن گەپ بار. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ كەتمەڭلار.

ئاللا خالىسا،  قېرىنداشلىق تارىخىمىزنى سىلەر يازىدىغان، بۇنداق قىلىشنى ھوزۇر ھىس قىلىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىدۇ.