بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى hakanxp نىڭ 2010-09-15 22:16 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھەي ئەخمەقلەر، ياقۇپبەگ ئەزەلدىن چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشمىغان، زو زۇڭتاڭ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى باشلاپ كەلگەندە، ياقۇپبەگ ئەسكەرلىرىگە ئۇرۇشماي چىكىنىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ياقۇپبەگ يۇرت سورىغان مەزگىللەردە يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمىگەن، قول ئاستىدىكى ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆزىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئىدى. ياقۇپبەگ ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن باج سېلىقنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ، خەلقنى قاخشاتقان.
خوتەندە چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ 30 مىڭ ئۇيغۇرنى قىرىۋەتكەن، ياقۇپبەگنىڭ ئەسكەرلىرى خوتەندە بىگۇناھ خەلقنى ئۆلتۈرۈپ ھېرىپ قالغاندا باشقا يۇرتتىن خوتەنگە كىلىپ قالغانلارغا ۋە خوتەنلىك قاسساپلارغا ئىش ھەققى تارقىتىپ ئادەم ئۆلتۈرگەن.