1348-يىلى تۇغلۇق تۆمىرخان ئاقسۇدا خان بولدى ،بۇ چاغدا ئۇيغۇر ئېلى يەنى شەرىقى چاغىتاي خانلىقى ئۇيغۇر ئېلىنى ئۈچكە بۆلىنگەن،
1. مۇغۇلىستان ----بۇ رايون شەرىقى تەرەپى ئالتاي تېغىدىن غەرب تەرەپى تالاس دەرياسىغىچىە ،شىمالى تەرەپى تارغاباتاي تېغى،بالقاش كۆلىدىن جەنۇپتا تەڭرى تاغلىرىغىچە ئىدى.
2. ئۇيغۇر رايونى----بۈگىنكى قۇمۇل، تۇرپان ،قارشەھەر،كورلا،كۇچا،باي،تاكى ھازىرقى ئاقسۇنىڭ جام يېزىسىغۇچىلىك بولغان جايلار ئۇيغۇر رايونى دەپ ئاتتىلاتتى(بۇ رايون ئاسەسەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسلامدىنىغا كىرمىگەن ئۇيغۇرلار كۆزدە تۇتۇلغان)
3.ماڭلاي سۈيەر رايونى(يەنى ئاپتاپلىق رايون)------ئاقسۇ،ئۈچتۇرپان،قەشقەر،يەكەن،خوتەن،پەرغانە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.(يەنى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار رايونلىرىدۇر،ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى كاپىر ئۇيغۇرلاردىن ئۆزىنى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇسۇلمان دىگەن نامنى قوللانغان )
1432 يىللىرى ئۇيرات مۇڭغۇللىرى باش كوتۈرۈپ ئالتاي تېغىغا كېڭىيىپ كەلگەندە سۇلتان ئۇۋەيىسخان پايتەختىنى ئالمالىققا كۆچىرگەن.
سىز كەشمىر پادىشاھى مىرزا مۇھەممەت ھەيدەركوراگان ازغان (( تارىخى رەشىدىيە)) دىگەن كىتاپنىڭ يۇرتلار ھەققىدە يېزىلغان بابىنى كۆرسىڭىز ھازىر قى چەكسىز كەتكەن تارىم ۋادىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى دەپ بۆلۇپ بەرگەنلىەىنى كۆرسىز.
سىز ئەلشىر ناۋايىنى شائىرلارنى تۇنۇشتۇرۇپ يازغان كىتاۋىدا(ئىسىمىنى ئۇنتۇپ قالپتىمەن) 17 ياش ۋاقتىمدا ئۇقىغان ) داڭلىق شائىر،ئۇستازى لۇتپىنى ئۇيغۇر قەۋمىدىن ئىدى،ئۆزىنى ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئىدىم دىگىنى ناھايىتى ئېنىق.
ئۇزبەك ئاتالغۇسى كىتاپلاردا ئەمىر تېمۇر زاماننسىدىن باشلاپ يەنى 1370 -يىلنىڭ ئالدى -كەينىدە ئۇچراشقا باشلىدى،ئۇ چاغلاردا پەرغانە، بۇخارا ،سەمەرقەنتتە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزبەك نامى بىلەن سالاھىتلىنىشنى خوپ كۆرمەييتى ،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزبەكلەر ياغى ئىدى.
بۇ سىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارى مۇغۇلىستان دەپ ئاتىلاتتى ،ئۇيغۇر ئتالغۇسى سوۋىتلەر دەسلەپكى دەۋرىدە چىققان دىگەن گېپىڭىزگە رەدىيە....
مەن كېيىنكى ماقالەمدە مۇغۇلىستان ۋە مۇغۇل ھەققىدە توختىلمەن